قۇتلۇق ھاجى شەۋقىي
قۇتلۇق ھاجى شەۋقىي 1876-يىلى قەشقەر شەھرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر مەرىپەتپەرۋەر يەرلىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ قەشقەر مۇدەرىسلىرىدە دەسلەپكى مەلۇماتنى ئالغاندىن كېيىن، 1908-يىلىدىن باشلاپ مىسىردىكى ئەزھەر دارىلفۇنۇندا، ئىستانبۇلدىكى ئالىي ئوقۇش يۇرتلىرىدا ۋە بۇخارا مۇددەرىسلىرىدە ئوقۇپ، ئۇزاق مۇددەت ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن ئۆز دەۋرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مۆتىۋەر ئالىملىرىدىن بولۇپ يېتىشكەن.
چەتئەللەردىكى سەپىرىدە كۆرگەن ھەر خىل ئەھۋاللار ، ئوقۇش ھاياتىدىكى تەسىراتلار، ياش قۇتلۇق ھاجىنىڭ ئىددىيىسىدە تەرەققىيپەرۋەرلىك روھىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەل-يۇرتنىڭ خانىۋەيرانچىلىقى، نادانلىق ۋە خۇراپاتلىق كىشەنلىرىگە چىرمالغان خەلقنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتى ئۇنىڭدا غەپلەت ئاستىدا قالغان خەلقنى ئويغۇتۇش ۋە ئاقارتىش ئىدىيىسىنى كۈچەيتىپ، «شەۋقىي» تەخەللۇسى بىلەن ئىجادىيەت قىلىشقا باشلايدۇ.
ئىلىم مەرىپەتنى خەلقنى ئويغىتىش ۋە قوزغېتىشنىڭ ياخشى قۇرالى دەپ ھېساپلانغان شائىر 1933-يىلىدىن باشلاپ «ئەركىن ھايات» ناملىق گېزىت نەشىر قىلىپ، ئىلغار تەشۋىقاتچىلىق ھەركىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.
قۇتلۇق ھاجى شەۋقىي يەنە ئاتاقلىق تارىخشۇناس ئالىم سۈپىتىدە مەكتەپلەردە تارىخ دەرىسى ئۆتكەندىن تاشقىرى، ئۆزىنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدىكى «يېڭى ھايات» گېزىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا دائىر نۇرغۇن بىلىملەرنى تۇنۇشتۇرىدۇ ھەمدە «قەشقەر تارىخى» ناملىق يىرىك ئەسەرنى يېزىپ قالدۇرىدۇ.
ۋەتەنپەرۋەر ئالىم ۋە شائىر قۇتلۇق ھاجى شەۋقىينىڭ ئىنقىلابى پائالىيەتلىرىدىن قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنى كۆزدىن يوقۇتۇشنىڭ كويىغا چۈشۈپ، تەقىپ ئاستىغا ئالىدۇ، 1937-جاللات شېڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىگە تاشلىنىپ، 61 يېشىدا پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلىدۇ.
تۆۋەندە ئالىم ئىجادىيەت تامچىلىرىدىن «قەشقەر» ناملىق غەزىلى ھوزۇرۇڭلاردا:
قەشقەر
كۆرمىگىل قەشقەرنى كەم، بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر،
ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغرايۇ خاقانلار ياتۇر.
خەلق ئۈچۈن قۇربان بولۇپ، دۈشمەن بىلەن قىلغان كۈرەش،
ئول شەھىدۇ قەھرىمان ئالىپ ئارسىلانخانلار ياتۇر.
نۇر چېچىپ «قۇتادغۇبىلىك» خەلقنى قىلغان بەختىيار،
خاس يۈسۈپ ھاجىپقا ئوخشاش ئەھلى ئېرپانلار ياتۇر.
يادىگەر ئەيلەپ جاھانغا يازدى «دىۋانۇ لۇغەت»،
مەھمۇدىل كاشىغەر كەبى ئەھلى شەرەپشانلار ياتۇر.
ئەيلىگەن شەۋقىينى مەپتۇن ئەل ئۈچۈن نۇرلار چېچىپ،
بۇ شەھەردە كۆپلىگەن خەلق ئوغلى ئىنسانلار ياتۇر.
مەنبە: شەۋقىي تورى (shewqiy.com)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-21 12:02 AM