ئەرك چەشمىلەر
ئەپسۇس...
قىلغان ئىدىم بىر نادانغا ياخشىلىق،
بەردى ماڭا زەھەر بىلەن ناشتىلىق.
نېمىشقا؟
خۇشپۇراقلىق گۈل تۇرسا كۆز ئالدىڭدا،
قول سۇنىسەن نىچۈن بەتبۇي ئازغانغا؟
ھاياتلىق مىزانىم
كۆرمىسەممۇ ھېچ كىشىدىن ياخشىلىق،
ئىشلەتمەيمەن ھېچبىر ئىشقا ساختىلىق!
ئاشىق نىداسى
كۆز يېشىڭنى كۆرگىنىم،
تۈگەشكىنىم-ئۆلگىنىم.
نىگارغا
مەيلى قىسقىن قەدىرلەپ،
ياكى چەيلەپ قىل خازان.
سۇلماس چوغلۇق گۈلۈڭ مەن،
دىل قەسرىڭدە ئېچىلغان.
شېھىت بولغان سىر
مەن قۇياشتەك باقىمەن،
سەن چاياندەك چاقىسەن.
گەر بۇلۇتقا مۈكۈنسەم،
نىچۈن ئىڭراپ ماڭىسەن؟!
خارلانغان ئەقىدە
ياش تۆكۈپ يېلىندىڭ بەرگىن دەپ كۆڭۈل،
ئۆرتىدىڭ باغرىمنى، سۆيۈشكە تۈگۈل.
مەجنۇن تالغا
كەلگەچكە سەن تازىم بىلەن،
سۆيگۈڭنى مەن قىلغان قوبۇل.
ئەپسۇس مېنى قىلدىڭ بىزار،
سۆيسە شامال ئويناپ ئۇسۇل.
ۋاپاغا جاپا
ماكان بەرگەن ئىدىم دىلىمدىن،
قىلىچ تەڭلەپ قوپتۇڭ يېنىمدىن.
بىر قىزغا
ۋاپا قىلماي ۋەدەڭگە،
كەتتىڭ باقماي كەينىڭگە.
چوقۇم يېتىپ قالارسەن،
بىر كۈن مېنىڭ قەدرىمگە.
ئۆرتىنىش
سېلىپ قويدى ۋۇجۇدۇمغا مالامەت،
ۋەيران بولغان سىرلىق تۇنجى مۇھەببەت.
كۈتۈلمىگەن پۇشايمان
(بىر قىز خاتىرىسىدىن)
تاشلىۋەتسەم سېنى
ئەسكى چالما دەپ!
توۋا!!!بىرسى
ئېلىۋاپتۇ ئالما دەپ!!!
سېگنال
چىراغ ئۆچسە كۈندۈزدە،
بولماس ئالەم قاراڭغۇ.
قۇياش تۇرسا، جىن چىراغ-
ياقسا كىم، دەل-ساراڭ شۇ!
پەرمان
كىمىكى ۋەدىدە بولسا تۇراقسىز،
ھىجرانغا مەھكۇم ئۇ ھېچبىر سوراقسىز.
سۆيگۈ
بويۇن ئېگەر قامغاققا تۆگە،
بويى ئېگىز بولسىمۇ شۇنچە.
بۇلبۇل ئۈچۈن قىلىپ ناز-جىلۋە،
كېپىنەككە غادىيار غۇنچە.
تەڭرىگە خىتاب
ياراتتىڭ سەن كائىناتقا ئىنساننى،
مۇجەسسەملەپ قەلبىگە كۆپ ئارماننى.
تەقدىرداشلار ۋىسال قۇچقان تاڭلارغا،
بولماسمىدى جۈر قىلمىساڭ ھىجراننى!!؟
تەئەججۈپ
پۇلى بارلار تايىنىپ پۇل-مېلىغا،
كۈچتۆڭگۈرلەر ئىشقا سېلىپ كۈچىنى،
توۋا دەيمەن شۇنداق ھەر خىل يول بىلەن،
خېلى كۆپلەر يۈرۈشتۈردى ئىشىنى.
شۇنچە بازار تاپقان «ئەپچىل چارە»لەر،
قاچانغىچە چۆچۈتمەس ھېچ كىشىنى!!!
چوقان
ئون كۈلكىسى بولسىمۇ بىر يىغىنىڭ،
كۈندە يۈز مىڭ يىغلاپ بىرنى كۈلمىدىم.
كۈلىۋەردى بەزىلەر ھېچ يىغلىماي،
ھايات شۇنداق بولامدىكىن بىلمىدىم!
ھايات مەنتىقەم
زىمىستاندا چوكا مۇزدەك كەتمەيمەن قېتىپ،
ياش تۆكمەيمەن نەۋ باھاردا ئەگىزدەك ئېقىپ.
ياز گۈزەل، كۈز سېخىي بولسىمۇ، بىراق
قەلبىمنى رام قىلالماس ھېچ نازلىق بىر بېقىپ.
ئۆزۈمگە تەسەللىي
باقماس ئالەم ئىشلىرى،
ئەسلا سېنىڭ مەيلىڭگە.
مۈشكۈلاتقا يولۇقساڭ،
يانما ئەسلا كەينىڭگە!
قەلب ئىزھارى
كۆز يېشىڭنى كۆرگىنىم،
تۈگەشكىنىم- ئۆلگىنىم.
ئاشىقلىق
ياشىساق بىر ئۆمۈر تەكلىماكاندا،
ئۆرتەنمەس ئىدۇق ھەي... رەشىك ئوتىدا.
سۆيگۈ پەلسەپىسى
كەتكەن ئىدىڭ سەن مېنى تاشلاپ،
ماڭدى شۇئان بىر نىگار باشلاپ.
دوستلارغا
كۆڭلۈڭنى فار-فۇرغا ئەيلىسەڭ مىسال،
ئۆزگىلەر كۆڭلىنى ئەينەك دەپ بىلگىن.
فار-فۇردىن شۇنچە تېز چېقىلار ئەينەك،
يامان سۆز ئېيتىشتىن ھەزەر ئەيلىگىن.
بىۋاپا سۆيگۈ
«چىن ۋىسال، سۆيگۈ»...دەپ يۈرمە ۋالاقلاپ،
يۈرەكلەر ۋاپادىن كەتتى يىراقلاپ.
پۈتمىسەڭ سۆزۈمگە ، «سۆيگۈ»دىن پۈتكەن
«قامۇس»لار بېتىنى باققىن ۋاراقلاپ.
قەلب كۈيلىرى
دىلنى دىلغا چاتتى مۇھەببەت،
كۆڭۈل يېقىن، لېكىن يول يىراق.
تاشلاشمايمىز مەڭگۈگە ئەبەد،
نىمجان قىلىپ قويسىمۇ پىراق.
رەشىك
ئۇرۇلغانتى گۈللەر ھېدى دىماققا،
پۇچۇلاندى بۇلبۇل قەلبى پىراقتا.
ئازاب
بارچە ئازاب-بىر شامال،
ھەممىسى ياندىن ئۆتەر،
مۈشكۈلى-روھىي ئازاب،
سانچىلىپ جاندىن ئۆتەر.
ئارمان
شائىر بولۇپ قېتىلسام سەپكە،
ئۈنەر ئىدى ئىزىمدىن رەيھان.
كېتەر ئىدىم كۈلۈپ بى ئارمان،
گۈل-چېچەككە پۈركەنسە ھەر يان.
1990-يىللار، قەشقەر
(مەنبەسى: ئەركزات نەزمىلىرىدىن)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-20 11:42 PM