|
|
|
|
بەخىتلىك ئائىلىلەرنىڭ ئۆلچىمى تەۋەلىك ھېسسىياتى:‹‹بۇ مىنىڭ ئائىلەم››دەيدىغان قاراش ھەركىمنى يالغۇز فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن رازى قىلىپلا قالماستىن،روھىي جەھەتتىنمۇ رازى قىلىدۇ.خۇشال-خوراملىقتىن ھەممەيلەن تەڭ بەھرىمان بولالايدىغان،كۆڭۈلسىزلىكنى ھەممىسى تەڭ تارتىدىغان،ئىچى پۇشقاندا كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى ئۆز-ئارا دىيىشەلەيدىغان،ئايرىلىپ تۇرغان تەقدىردىمۇ بىرەر پارچە خەت،بىرەر قېتىملىق تېلىغۇن ياكى بىر نەچچە ئېغىز ياخشى گەپ بولسىمۇ ئۆز-ئارا ،مىھرى-مۇھەببەت ئاتا قىلالايدىغان بولۇش. قوللاش ھېسسىياتى:ئائىلىدە روھىي جەھەتتىن ئۆزىنى ئازادە ھىس قىلالايدىغان،خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ،قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتە ئۆز-ئارا كۈچ-جاسارەت بېغىشلىيالايدىغان بولۇش. مەسئولىيەتچانلىق ھېسسسىياتى: ‹‹بۇ مىنىڭ ئائىلەم››دىگەننى مەركەز قىلىپ،سۆز ۋە ھەرىكەتتە بىر-بىرىنى قوغدىيالايدىغان،بىر-بىرىدىن سىر ساقلىمايدىغان،ئۆز-ئارا ئىشىنىدىغان تىنىچ،خاتىرجەم مۇھىتقا ئىگە بولۇش. كۆڭۈل ئازادىلىك ھېسسىياتى: كۆڭۈل ئازادىلىكى-تەۋەلىك،قوللاش ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق ھېسسىياتى ئاساسىدا ۋۇجۇدقاكېلىدۇ.ھوقۇقتا باراۋەر بولۇپ،بىر-بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلالايدىغان،خۇشخۇي كەيپىياتقا تولغان،بىرەر ئىشقا دۇچ كەلگەندە ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشەلەيدىغان،بىر –بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان،بىر-بىرىنى كەچۈرىدىغان بولۇش. مەنبە:شىنجاڭ مائارىپى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-20 10:57 PM
|
|
|
|
|
|