|
|
|
|
شاڭخۇ يېزىسى شاڭخۇ كورلا شەھىرى ھازىرقى شاڭخۇ يېزىسىنىڭ ۋە شۇ ئورۇندا بىنا قىلىنغان ئۈستۈن شاڭخوۋە شاڭخو،تۆۋەن شاڭخو كەنتلىرىنىڭ نامى .يېزىلىق ھۆكۈمەت تۆۋەن شاڭخو كەنتىدە بولۇپ،شەھەر بىلەن ئارىلىقى 14كىلومېتىر كېلىدۇ.شاڭخۇ يېزىسى كورلا شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا توغرا كېلىدىغان بۇلۇپ،جۇغراپىيىلىك تۈزۈلىشىدىن ئېيتقاندا،تاغ تاشقىنلىرىدىن ھاسىل بولغان،يەلپۈگۈچسىمان چۆكۈندە تۈزلەڭلىكىنىڭ شىمالىي قىسمىغا توغرا كېلىدۇ،ئۇنىڭ شىمالىدا تەڭرىتاغنىڭ تارمىقى بولغان خانقورا تېغى بار.
چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇڭشۈ يىللىرىغىچە بۇ جاينىڭ ئەسلى نامى ‹‹قار بۇلاق››بۇلۇپ،نەچچە 10ئائىلە ياشىغانلىقى مەلۇم،چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈ يىللىرىدىن كېيىن،شاڭخۇ دېگەن نام ئوتتۇرغا چىققان.ئەسلىدە ‹‹شاڭخو››دېگەن نام- خەنزۇچە نام بولۇپ،چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ يىللىرىدا بۇرۇنقى تىم (دادۇڭزا)مەھەللىسىگە سۇ ئۆتىدىغان كىچىك ئېرىققا پاراللېل قىلىپ،بۇ ئېرىقنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىگە بىر ئېرىق (ئۆستەڭ)چېپىلغان،بۇ ئېرىقنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىدە،بىر ئائىلىلىك خەنزۇ بۇلۇپ،(بەزىلەر خۇيزۇ ئائىلىسى دەيدۇ)كىشىلەر بۇ ئائىلىكنى ئۇلارنىڭ تىلى بويىنچە ‹‹شاڭخو››(ئۈستۈنكى ئائىلە)دەپ ئاتىغان ئىكەن،چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇڭشۈ يىللىرىدا بۇ ئورۇندا چېپىلغان ئۆستەڭ نامى شۇنىڭ بىلەن شاڭخو ئۆستىڭى بولۇپ قالغان.كېيىن دۇربىل ،تىم كەنتلىرىدىكى ئاھالىلەر بۇ ئۆستەڭ بويىدا مەھەللە بىنا قىلغاندا،بۇ مەھەللە نامى ‹‹شاڭخو مەھەللىسى ››دەپ ئاتالغان.مىنگۇنىڭ 35-يىلى (1946-يىلى)بۇ مەھەللە شاڭخو كەنتى دەپ ئاتىلىپ،كورلا ناھىيسىنىڭ 3-يېزىسىغا قارىغان.1950-يىلى شاڭخو ،دۇربىل،دادۇڭزا،چەرچى كەنتلىرى ئاساسىدا يېزا قۇرۇلغاندا،يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىسمى شاڭخو يېزا دەپ ئاتىلىپ،4-رايۇنغا قارىغان،1958-يىلى گۇڭشى قۇرۇلغاندا،چارباغ يېزىسى بىلەن شاڭخۇ يېزىسى قوشۇلۇپ‹‹تەڭرىتاغ گۇڭشى››دەپ ئاتالغان،1963-يىلى گۇڭشىلارنىڭ مەمۇرىي دائىرسى تەڭشەلگەندە،دۇربىل،شاڭخو،دادۇڭزا كەنتلىرى قۇشۇلۇپ،‹‹شاڭخو خەلق گۇڭشىسى››دەپ ئاتالغان.1984-يىلى كورلا ناھىيسى كورلا شەھىرىگە قۇشۇۋىتىلگەندە،گۇڭشى نامى ئەمەلدىن قېلىپ،شاڭخو يېزىسى دەپ ئاتالدى.ھازىر يېزا بازارغا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ،‹‹شاڭخو بازىرى››دەپ ئاتىلىدۇ.
مەنبە:ئابدۇمىجىت ھەسەن قۇربانىنىڭ ‹‹باشئەگىم دىيارىدىكى قەدىمقى مەدەنىيەت››دېگەن كىتابتىن ئېلىندى،
مۇنبەردىكى دوستلار،بۇ يېزا مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يېزا،تۈنۈگۈن مەھەلىمىزگە قار ياغقان ،بۈگۈن مەھەللىمىزنىڭ قار ياغقاندىكى مەنزىرسىنى رەسىمگە تارتتىم.مۇنبەردىكى دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم،كۆرۈپ باققايسىلەر::qiray18
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-21 12:04 AM
|
|
|
|
|
|