مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1708|ئىنكاس: 17

ئەركەكلەرگە: سىز ئاتا بولدىڭىز... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33990
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4711
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2011-3-15
ئاخىرقى: 2013-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 12:25:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ئاتا بولدىڭىز، نەزىرىڭىزدە ئەتراپ بىردىنلا يورۇپ كېتۋاتقاندەك بولدى، ماڭسىڭىز بويىڭىز ئېگىزلىشىپ قالغاندەك، پۇتلىرىڭىزمۇ يەرگە تەگمەيۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ، گويا شۇ بىرلا بالىڭىز بىلەن دۇنيا تولۇپ قالدى، ھەممە كەم-كوتىڭىز پۈتكەندەك بولدى. يۈرىكىڭىزنىڭ تېگىدىن پۈتۈن جىسمىڭىزغا بىر شېرىن يايراش تارىلىدۇ. قولىڭىزدىكى بىر پارچە ئەت سىزنىڭ تەكرارىڭىزدۇر. بىر ئىدىڭىز، ئىككى بولدىڭىز. ئۇ چوڭ بولۇپ كۆپەيسە ئۈچ بولىسىز، تۆت بولىسىز.....
قاراڭ، ئىنشائاللا، سىزنىڭ نامىڭىز بىلەن ئاتىلىدىغان ئەۋلادىڭىز كارۋىنى پەيدا بولدى. بۇ چەكسىز بەخىتنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن مۇبارەك بولسۇن، ئوغلانىم! ئۆيىڭىزدە پەرزەنت ئاتلىق شېرىن <<دۈشمەن>> پەيدا بولدى، يۈرىكىڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر يىپ باغلاندى-يۇ، بۇ يىپ ئىككىنچى، ئۈچىنىچى بالىڭىزغا ئۇلاندى، كۆكسىڭىزنىڭ شۇ قىسىمى ئەمدى ھەرگىز ئۇخلىيالمايدۇ، مەيلى قەيەردە بولۇڭ، شۇ شېرىن ئاغرىق سىزنى ئۆي تەرەپكە تارتىپ تۇرىدۇ، ھامان تارتىۋېرىدۇ، بۇ يىپ ئەمدى ئۆمرىڭىزنىڭ ئاخرىغىچە سىزنى قويۇپ بەرمەيدۇ، ئوغلانىم، ششۇ تاپتا بىر پەس ئۆزىڭىزگە كېلىڭ: سىز تۇغۇلغاندا ئاتا-ئانىڭىزمۇ قانداق كويغا چۈشكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ، ئۇلارنىڭ باغرىدىكى شۇ ئاغرىق سىز ئىكەنلكىڭىز ۋە شۇ كۈنگىچىمۇ ئۇلار بۇ دەرتكە مۇپتىلا ئىكەنلكىنى ھېس قىلىڭ ۋە ئاۋۋال روھەن ئۇلارغا تەزىم قىلىپ، ئاندىن بالىڭىزغا يۈزلىنىڭ.
بالىڭىزنىڭ شېرىن تىلى ۋە شېرىن ھەرىكەتلىرىدىن سىمابتەك ئېرىگەن پەيتىلىرىڭىزدە، ئۇ ساقسىز بولۇپ قالغان چاغلىرىدا ھېلى ئۇ، ھېلى بۇ داۋانى ئىزدەپ سەرسان بولغان كۈنلىرىڭىزدە ئاتا-ئانىڭىزنىمۇ سىز تۈپەيلى شۇ ھالغا چۈشكىنىنى يادلاپ تۇرۇڭ ۋە ئۇلارنىڭ بوسۇغىسىغا باش ئۇرۇپ، ئۆزرىلىرىڭىزنى ئېيتىشقا ئالدىراڭ.
....دادام رەھمەتلىك مەرھۇم سىڭىلىم زۇمرەتخان ھەققىدىكى بىر ۋەقەنى تەكرار-تەكرار ئەسلەيتتى. سىڭلىم تۆت ياش، مەن يەتتە ياشتا ئىكەنمەن. << بىر كۈنى ساڭا پوسما ئېلىپ كەلدىم. ئۇنىڭغا يوق ئىدى(دادام ھەر قېتىم شۇ گەپنى ئېيتىۋاتقاندا لەۋلىرى تىتىرەيتتى. ئۇكاڭغا قوشۇپ ئالغىلى پۇلۇم يەتمىگەنتتى، دەپ ئالماي كەلگەچكە ئازابلىنىۋاتقىنى كۆرنۈپ تۇراتتى). <بۇنى ئاچاڭغا ئىلىپ كەلدىم> دېدىم ئۇنىڭ كۆزىگە قارىماي. ئۇ پوسمىنى كۆرۈپ چاۋاك چىلىپ، ئىنتايىن خوشھال بولۇپ كەتتى. <ۋاي دادا، نىمانچە چىرايلىق؟ ئاچامغا ئىلىپ كەلدىڭىزمۇ، ھازىرلا ئۇنى تاپىمەن، ئۇنىڭغا ئېيتىمەن، ئاچا، ئاچا!...> دېگەنچە يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى...>>
دادام ھەر قېتىم ھېكايە قىلىپ تۇرۇپ يىغلاپ كېتەر، <<ماڭا قېنى؟>> دېمىگەنىدى شۇ چاغدا، ئاھ، بالام، ئاھ بالام!>> دەپ تىزىغا شاپىلاقلاپ ئۇراتتى....
سىزمۇ ئاتا بولدىڭىز، گاھىدا بالىڭىزنى كۆڭلىڭىزدىكىدەك كىيىندۈرەلمەي، ئاشۇنداق ئېگىز-پەس ئويلىرىنى ۋە ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سىزنى دەپ نەچچە ئېزىپ، نەچچە تەزگىنىنى خاتىرىلەپ قويۇڭ.
دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر غېرىبلىق بالاڭ بالىسى بىلەن ئاۋارە بولۇپ كېتىپ، سېنىڭ بىر چەتتە ئېتىبارسىز قېلىشىڭدۇر. بىزنىڭ ئادىتىمىزدە ئومۇمەن يېنىدا ئاتا-ئانىسى بار ۋاقىتتا بالىلىرىنى ئەركىلەتمىگەن. ئويلاپ قارىسام، بۇنىڭ كەينىدە ئاجايىپ چوڭ بىر پەلسەپە بار ئىكەن:قاراڭ ، جېنىمىزنىڭ بىر پارچىسى بالىمىزغا ئۆتتى. بۇ جاننىڭ ئاغرىقى-ئەلىمى پۈتمەي تۇرۇپ بالىمىز بىز بەرگەن جاندىن ئۈزۈپ ئۆز بالىسىغا ئۆتكۈزىدۇ. ئېيتىڭچۇ، بى ئازابى ئىككى بولدى، يەنە بۇ ئازابلاردىن پارچىلىنىپ تۇرغان ئاتا-ئانىغا كەينىڭىزنى قىلىپ ئولتۇرۇپ، ئۇلارنى ئۇنتۇپ، ھەدەپ كېچە تۇخۇمدىن چىققان بالىڭىزغا بېرىلىپ كەتىسڭىز، بۇ ئادىللىقمۇ، ئوغلانىم؟
پەرزەنتىڭىز تۇغۇلدى، ئەمما ئۇنىڭ نېمىلەرگە يارىشى سىزگە باغلىقتۇر. قېنى بۇرادەر، بالىڭىزنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىنى خالايسىز؟ ئىلىملىك بولسۇن دەمسىز، چوڭ مەرتىۋىلىك بولسۇن دەيسىز ياكى پۇلدار بولسۇن دەيسىز، شۇنداقمۇ؟ خوپ، پەرىشتىلەرمۇ ئامىن، دېدى دەيلى، ھەددى-ھېسابسىز قۇربان بىرىشلەر بىلەن بالىڭىزنى شۇ مەرتىۋىگە يەتكۈزدىڭىز، لېكىن كۆڭلىڭىز ئەمدى تىنغاندا پاجىئە يۈز بېرىدۇ، بالىڭىزنىڭ تاپقان تائاملىرى تېتىمايدۇ، دۇنياسى نۇرسىزلىنىشقا باشلايدۇ؛ گۆدەك جىسمى ياخشى-يامان، گۈزەل ۋە خۇنۇك نەرسىنى دەسلەپ ئاتا-ئانىسىدىن تونۇيدۇ. ئەڭ موھىمى شۇكى، بالىلار دۇنياسىدا ئاتا-ئانىلار خاتا قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشى توغرا، دېگەن قاراش مىخلىنىپ قالغان بولىدۇ. سىز بولسىڭىز، پەرزەنتلىك بولغىنڭىزدىن كېيىنمۇ ئۆزىڭىزنى شۇنداق تۇتىۋېرىسىز. ئاتىلىققا نامۇناسىپ قۇسۇرلىرىم باردۇر، دەپ خاۋاتىرلەنمەيسىز! ئۆيىڭىزدىكى مال-دۇنيانىڭ، داستىخنىڭىزدىن تائام يەپ تۇرغان مەسۇم چۆرىلەرنىڭ ئارىسدا ئۆزىڭىزنى شىر كەبى سېزىسىز ۋە <<بالام ماڭا ئوخشىسا، يامان بوپتىمۇ؟>> دەپ كۆكرىكىڭىزگە ئۇرىسىز، شۇ دەقىقىدىن باشلاپ غەپلەت باستى. كۈلپەت باستى سىزنى ! ئارزۇ قىلىغىنڭىزدەك بالىڭىز ئوقۇمۇشلۇق بولدى، ئەمما چېكەرمەن زىيالي بولدى، بۇ چېكىش ۋە ئىچىشلەر ئۇنى ھالقىلىق يېشىدا خاراب قىلىدى، ئۇنى شۇ كەيىپكە ئۈگەتكەن ئۆزىڭىز. چۈنكى ئۇنى چېكىپ يۈرۈپ شۇ بالىنى باقتىڭىز، ئەندىزە ئۆزىڭىز بولدىڭىز ...
بالىڭىز مەرتىۋىلىك بولدى،  دەيلى... ئەمما ئەلنىڭ نەزىرىدىن قالدى. تېپىۋەردى، ئەمما تاپقىنى تۆكۈلۈپ كېتىۋەردى. بۇنىڭغىمۇ سىز ئەيىبدار، چۈنكى سىز ئىش پۈتتۈرۈش ئالدىدا كىملەرگىدۇر خىيانەت  قىلغانسىز. ئاقىۋەتتە بۇنىڭ زۇۋالى ئۆزىڭىزنى ئەمەس، بالىڭىزنى تۇتىدۇ. يىغىپ ئىيتقاندا، بالىڭىز سزدە قانداق تۇتۇم كۆرگەن بولسا، ئۆز مەنسەپ كۇرىسنى شۇنداق باشقۇرىدۇ، ئەمدى ئۆز نۆۋىتىدە بالىڭىزنىڭ زاۋالى نەۋرىڭىزنى تۇتىدۇ.
بەزىدە ئون بەش ياشتىلا ئاينىپ كەتكەن بالىڭىزدىن كايىپ يۈرىسىز، ئۇرىسىز، سۆكىسىز، مۇئەللىملەرنى ئەيىبلەيسىز، يولدىن ئازدۇردى، دەپ دوستلىرىنى قارغايسىز ! ئۇ بولسا بۇ كوچىدىن قوغلسىڭىز، ئۇ كوچىغا ئۆتۈپ ساياقلقىنى قىلىۋېرىدۇ، نىمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ دەپ داد-پەرياد سالىسىز! ئۆزىڭىزنى بېسىڭ،دەردىڭىزنى يۇتۇشقا مەجبۇرسىز ئەمدى! قېنى ئىيتڭىچۇ، ئۆزىڭىز كىمىسز؟! قانچىلغان سىرلىق قازانلارنى ئېچىلمايدىغان قىلىپ يېپىپ يۈرگىنڭىز ئۆزىڭىزگىلا ئايان، ئوڭ كەلسە، گۇۋاھ يوق چاغدا گۇناھ قىلىشقا تەييارسىز. سىرتىڭىزدىن شۇنداق زىيالىي، شۇنداق ئەدەبلىك كۆرنىسىزكى ، <<شۇنداق ئادەمنىڭ بالىسنى قاراڭ...>> دەپ ئېچىندۇ بەزىدە، ياق، بۇرادەر، ھەممە ئىشىڭىزنى قايتىمىسىز قالدۇرمايدۇ. ئالىمىنىڭ تېگىگە ئالما، بېھىنىڭ تېگىگە بېھى چۈشىدۇ، ئاتا-ئانا قېنىدا يۇشۇرنۇپ قالغان بەزى ئەيىبلەر بالىدا ئاشكارا بولىدۇ.
ئاتا بولدىڭىزمۇ ، دەرھال ھەممە گۇناھلىرىڭىزغا توۋا قىلىڭ. شۇ پۈرسەتتىن باشلاپ ئىشىڭىزدىمۇ، گىپىڭىزدىمۇ ياخشلىق، توغرىلىق ۋە پاكلىق بولسۇن، ئىنشائاللا، بالىڭىزدىن باشلاپ نەسلىڭىز تۈزۈلۈپ كېتىدۇ! يەنە بىر گەپ، ئايالىڭىز جىسمۇ جېنىدىن بالا ياسايدۇ، چۈنكى ھالاك بولۇپ ياسىغان بالىسى <<پالانچىنىڭ بالىسى>> دەپ سىزنىڭ ئىسمڭىز بىلەن ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆستىگە يەنە بۇ يېرىم جان بىلەن بالىنى بېقىش، ئاياغقا تۇرغۇزۇشمۇ كېرەك. ئاتا بولغاچقا سىزگە ھەرقانداق ۋاقىتتا يېقىش-ياقماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئايالىڭىزنى پەرۋىش قىلىڭ(بولۇپمۇ بالا تۇغۇلۇپ بىر يىلىغىچە). بۇ پەيىتلەر ئاياللار ئۈچۈن ئەڭ چارىسىز يىللاردۇر. ئانا بولغان ياكى بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئايالنىڭ تېۋىپى ئۇنىڭ جۈپتىدۇر. بۇ مۇقەددەس بۇرچىڭىزنى چۈشەنمسىڭىز، يەنە زاۋالغا ئۇچراۋېرىسىز.
سىز ئاتا بولدىڭىز ... قاغا جېنىدا بالىلىرى ئۈچۈن ياڭاق كۆمۈپ غەملەيدۇ، ئالىمخانچۇ! چۈمۈلىنىڭ چېكىۋاتقان رىيازىتىنى قاراڭ! قارلىغاچنىڭ بالىسى ئۈچۈن لاي توشۇشنى قاراڭ! سىز بولسىڭىز ھەزرىتى ئىنسانسىز ! چۈمۈلىنىڭ ئالدىدا سىزنى دىۋە دېسە بولىدۇ. خوش، ئاتا بولۇش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى قانداق تەييارلىدىڭىز؟! بالىچاقا بېقىشقا يارامىسز؟ ئايالىڭىز ۋە بالىڭىز سىزنى نىجاتچىسى دەپ بىلىدۇ-نىجاتچى بولماققا تەييارمۇسىز؟
سىز دېگەن بۈيۈك شەرق ئوغلانى! بالىنى ئاياغقا تۇرغۇزۇش، ھۆنەرلىك قىلىش ئاتىنىڭ بۇرچىدۇر. بۇ ئىشلارنى ئايالغا يۈكلەپ قويۇش سىز ئۈچۈن خائىنلىق بولسۇن!
ئايىغىڭىز يۈرۈپ، قولىڭىز تۇتۇپ تۇرۋاتقان پەيىتتە ئايالىڭىزنىڭ پۇلى بىلەن قازان قاينىتىش سىز ئۈچۈن ھاقارەت بولسۇن!
ئايالىڭىزنىڭ بازاردىن سەۋزە-پىياز توشۇشى سىز ئۈچۈن نۇمۇس بولسۇن!
بالىنىڭ رىزقىدىن شىلىپ قىمارغا تىكىش، ئىچىش، ناقابىل يوللارغا يۈرۈش سىز ئۈچۈن شەرمەندىلىك بولسۇن!
سىز ئاتا بولدىڭىز، پاك بولسىڭىز، پۈتۈن ئەۋلادىڭىز تازىدۇر. بولمىسا، ئاتا-بوۋىلىرڭىزنىڭ نۇرلىق روھلىرى ھەمشە چىرقىراپ ياتىدۇ، ھوشىيار بولۇڭ، ئەركەكلەر..........

                                                             _________ياشاش تىلسىمىدىن

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mosajan0997 + 100 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ھەرۋاقىت مىللەتنىڭ  كەلگۈسىگۈسىگە كۆڭۈل بۆلەيلى !!!

ئاتۇش ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16888
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9115
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 872 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 02:00:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرنىڭ ، ئەركەكلىكنىڭ شۇنداقلا ئاتا دىگەن نامنىڭ ۋەزنى ئاسماندىن ئىگىز ، دېڭىزلاردىن چوڭقۇر ، تاغلاردىن ئېغىر بولۇدىكەن .

1 - ئىلىملىك بولماي تۇرۇپ ماختانما ...
2 - ئۆزۈڭدە بىر چېلەك سۇ بولغاندا ، ئاندىن كىشىگە بىر چىنە سۇ بېرەلەيسەن ... !
3- ئۆزۈڭدىن ھالقى ، بۈيۈكلۈككە يەت ...

cahil insanin yaninda kitab gi

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25101
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7997
تۆھپە نۇمۇرى: 905
توردا: 6372 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2013-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 03:04:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرزەنتلەر ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن ئامانىتى. بالىلارنىڭ تەربىيە ھوقۇقلىرى ئاتا - ئانىلارنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتتۇر .  ۋەتەن ۋە مىللەتكە ياراملىق بالا تەربىيلەش ئاتا -ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيتىدۇر.شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار شۇنىڭغا كۆز يۇمماسلىقى كىرەككى ، ئەقىدە، ئىبادەت، ئەدەپ -ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيلەش، بالىلارنىڭ جىسمانىي، پىسخىك، ئىجتىمائىي، سەھىيە، مەدەنىيەت ۋە تەن ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىش،  قاتارلىق بالا تەربىيىلەشنىڭ نۇرغۇن تەدبىرلىرى بار، بالا تەربىيلەشمۇ  بىر پەن ۋە ماھارەت بولۇپ بۇنى ھەر بىر ئاتا - ئانا ئۆگىنىش كېرەك.
بەزى ئاتا -ئانىلار تەربىيىلەش ئۇسۇللىرىنى بىلمىگەنلىكتىن بالىلىرىنىڭ يارامسىز ئادەم بولۇپ قىلىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ.ئۇلار بالىلىرىنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن قاقشايدۇ، ھەتتا بەزىلەر بالىلىرىدىن بىزار بولۇپ سەندەك بالىنى تاپقىچە بالىسىز ئۆتۈپ كەتكەن بولسامچۇ دەيدىغانلارمۇ يوق ئەمەس.
بەزىلەر بىلىمسىزلىك ياكى بالىدىن يىراقتا تۇرغان سەۋەپلىك بالىلىرىنى ياخشى تەربىيلىيەلمىگەن بولسا يەنە بەزىلەر خىزمەت ۋە پۇل تېپىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكتىن بالىلىرىنى تەربىيىلەشكە ۋاقىت ئاجرىتالمىغان. نەتىجىدە بالىلىرى تەربىيىسىز چوڭ بولۇپ قالغان.بۇنىڭ بىر مىسالى:ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ بىرىدە ئىشلەيدىغان بىر ئادەم خىزمەتدىشىغا ئۆزىنىڭ ۋەتىنىگە قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خىزمەتدىشى ھەيران بولۇپ، نېمىشقا شۇنداق يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتنى تاشلاپ كېتىدىغانلىقىنى سورىغاندا:ئۇ ، مەن بۇ يەردە بالىلىرىمغا ياخشى تۇرمۇش ۋە ئوقۇش شارائىتى يارىتىمەن دەپ جاپا تارتىپ ئىشلەپ يۈرۈپتىمەن، بىر بالام مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمىغانلىقتىن ھەيدىلىپتۇ، يەنە بىرسى زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قاپتۇ، دەپتۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىمۇ نۇرغۇن........
ئەلۋەتتە، بالىلارغا ماددىي شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەرگەننىڭ ئۆزىلا ياخشى تەربىيە قىلغانلىق ھېساپلانمايدۇ.
شۇڭا ھەر بىر ئاتا - ئانا بالىلىرىنى دىنىي، ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن تەربىيلەش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى لازىم.  روھى جەھەتتىكى تەربىيەلەشكە سەل قارالغاندا بالىلار بالا بولماي ئاتا-ئانىسىنىڭ بېشىغا " بالا "بولىدۇ  . ئاللا بۇنداق بالالاردىن ساقلىسۇن! ئاللا ھەممىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزنى ئەقىدە-ئىتقاد ، ئەدەپ-ئەخلاق جەھەتتە ساغلام تەربىيەگە ئىگە قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن! ئامىين!!!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ay-turk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-20 03:06 PM  


دوست ئىزدىسەڭ ئاللاھ يىتەر دۈشمەن ئىزدىسەڭ نەپسىڭ يىتەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 737
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11294
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 8133 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 04:10:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ھەرقانداق ئەر ئۆزىنىڭ ئاتا بولغانلىقىنى ھەقىقى تۇنۇپ يەتكەندىلا بۇ دۇنيا گۈزەل تۇيۇلىدۇ ھەم گۈزەل بۇلىدۇ .
  ئاغزىمغا يەنە بىر نەرسىلەر كەلگەنتى . توختاپ قالدىم . يەنە ئۆزىمىزنى سۈكىدىغان خەق .... بۇلۇپ قالغىم كەلمىدى . ھەي ، ھازىرقى ئاتىلار ..........

ئاياللار كيۇ كيۇ توپى:216013264
جىگەر كېسەللىكلىرى توپى:219711309
http://www.uqur.cn/html/754649.shtml
سەككىز ئات كەشتىسى سېتىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26338
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10290
تۆھپە نۇمۇرى: 710
توردا: 2108 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2013-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 04:26:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىھرىبان  ئاللاھتىن سېغىنىپ تىلەيمىز   : ئى ئاللاھ   بىز يىگىتلەرگە  ئاشۇنداق  ئاتا بولىدىغان پۇرسەتنى بەرگىن ،  شۇنداقلا  ئىنسانىي ئەدەپ - ئەخلاق  ،  ۋىژدان  ، نۇمۇس قاتارلىق سۈپەتلەر ھەم تېپىلىدىغان  ئاتا بولىشىمىزغا نىسىپ قىلغىن   ، ئامىن !  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71953
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3372
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 220 سائەت
تىزىم: 2011-12-26
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 04:41:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىر ئاتا بولغۇچى، ئانا بولغۇچى، ۋە ياكى قېيىنئاتا قېيىنئانا بولغۇچى ھەم شۇنداقلا قىز- يىگىتلەرگە ئاتاپ يېزىلغان كىتابلىرى بار بۇ شائىرە، ئەخلاقشۇناس، يازغۇچى تۇرسۇنئاي سادىقوۋا(ئۆزبىك)نىڭ ، قېرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. تىلى ئىنتايىن يېقىشلىق، كىتابلىرىدىكى تەربىيە نەسىھەتلەر ئىبرەتلىك ھىكايەتلەر بىلەن تېخىمۇ جۇلالىنىپ تۇرىدۇ! ھەقىقەتەن بەك ئېسىل ئەسەرلەر، تېما ئىگىسىنىڭ قولىغا دەرت كەلمىسۇن!

ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشىدۇر!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63062
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3994
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 856 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2013-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 05:01:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنغۇ تېخى ئاتا بولمۇدۇم لىكىن جەمىيىتىمىزدىكى بەزى  ئاتىلرغا ھەقىقەتەن ئېچىنىمەن....

بىر ئايالنىڭ غورورى بىر ئەر كىشىنى  يامان يولدىن توسسا ،
بىر ئەرنىڭ غورورى قىرىق ئايالنى يامان يولدىن توسۇپ قالالايدۇ .
ئاياللار ھېيىققۇدەك ئەرلەر قالمىغاچقا ، ئاياللار ھايا پەردىلىرىنى يىرتىپ تاشلىماقتا .................

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 1601
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9876
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3312 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2013-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 05:08:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يائاللا تىما بولار ،بۇ توغرىسىدا مۇشۇنچىلىك بۇلار ....
شۇنداق ياخشى يىزىۋېتىپسىز ،خۇددىي چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر پىروگىراممىسىدا زىيارەت قىلىنغاندەك...دىگەنلىرىڭىز بەرھەق ،ئاساسلىرىڭىز كىشىنى قايىل قىلىدۇ...
مانا مەنمۇ بۇ نوقتىنى چۈشىنىپ يەتكەن ،ھەم ئاجرىشىش ئالدىدا بالامدىن باشقا ھەممىدىن كەچكەن .........بىراق ئاتا-ئانامدىن ،بىر ئوماق بالامدىنلا كىچەلمىگەن ....
بىراق ئاپىسى بىر مىنىڭدىن باشقا تالاشمىغان ھىچ نەرسىسى قالمىدى،بىر ئۆمۈر تالاپ تويمايدىغان چىراي...،ئاشۇنداق تويماس بالا نەپسىلىرىڭدىن پاناھ بەرگەيسەن...
بالىلىرىنى  ھەر قانداق سەۋەبلەر بىلەن تاشلىۋېتىپ ،كارى بولمايدىغانلارنىڭ  دىلىغا ئىنساپ بەرگەيسەن...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26338
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10290
تۆھپە نۇمۇرى: 710
توردا: 2108 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2013-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 05:35:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26338
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10290
تۆھپە نۇمۇرى: 710
توردا: 2108 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2013-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-20 05:49:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇپ شۇنداق تەسىرلەندىم     تىما ئىگىسى ئەسىرىڭىزنى  لاھىيەلەپ قويدۇم  ، باشقىچە  پىكرىڭىز يوقتۇ ؟  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش