كېسەل تېۋىپ
تەرلىرىڭدە ئۆلۈپ قالار ھەتتا مۈشۈك،
كۆزلىرىڭدىن قاچار بەلكىم ئىككى تۆشۈك.
سۆزلىرىڭدىن قورقار يەنە تەشۋىشلىنىش،
مۈشۈك ئۆلسە خوجايىندۇر پىستە كۈچۈك.
قاراپ باقماي كۆزلىرىمنىڭ نۇرلىرىغا،
دەيسەن تېخى پەرۋىشسىزكەن سەندە بۆرەك.
توۋا دېدىم ،قىش پەسلىدە توڭلىماس كىملەر،
چاغلىمغىن مېنى ئۇنداق ئاجىز گۆدەك .
كېسەلنى كۆرسەتسەم سورىدىڭ كىم دەپ،
بىلمىدىم ، سوراققا كۆندۈم ئاخىرى.
سۈرىلەر ئوقۇيسەن قولدا تاماكا ،
ساقايماس كېسەلكەن دېدىڭ ھەم مېنى.
زۇكامغا داۋا ئىزدەپ كەلگىنىم راس،
ئىشتىھايىم ياخشى بولغاچ تەن سەمىرگەن.
سۇنۇقنىڭ دورسىن سۇنغاندا ماڭا ،
چۈشەندىم دوستۇمنى قانداق ئەپلىگەن.
سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ ،
شۇ ۋەجىدىن كەلگەنىدىم مەن قېشىڭغا.
چاپاقلىرىڭ ئوراپ ئاپتۇ كۆزلىرىڭنى،
ئاپئاق گەزلەر دۇكان ساپتۇ بىل تىلىڭغا.
2012-1-19 ئەركيار بېيجىڭ