|
|
|
|
سۆز ئويونى(م ھەرپى بىلەن باشلانغان ) مەملىكىتىمىز دىكى مىلەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيتى مەكەممەللىشىپ مەدەنىيەت مۇنبىرىدە ماددى،مەنىۋى مۇكاپاتقا مىڭىۋاتقان مەزگىلدە، مەملىكىتىمىزنىڭ مەلۇم مەھەللىرىدە مۇھەببەتنىڭ ماھىيىتىنى مۇقۇملاشتۇرالماي،مۇناسىۋەتلىرىنى ماسلاشتۇرالماي، مىھرى-مۇھەببەتنىڭ مەيدانىنى مۇۋاپىقلارشتۇرالماي، مائارىپ مەنبەلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەت مەسلەھەتىنى مەڭسىتمەي ،مۇھەببەت مەجبۇرىيىتىدە ماددى مەنپەئەتنى مۇكاپاتلاپ ماختايدىغان، مەنىۋىي مىھرىبانلىقنى مۇشلاپ مىجىقلايدىغان، مايمۇن مىجەز مۇھەببەت مەستانىلىرى ماكانلاشماقتا. مۇھەببەت مەستانىلىرى مۇھەببەت مۇناسىۋىتىدە مەرتىۋە-مەنسەپنى، مۇقىم مائاش مەنپەئەتىنى ، مۇستەقىل مال-مۈلۈك مەنبەنى ، ماياقتەك ماددىي مۇكاپاتنى مۇھەبەتنىڭ مەقسىدىگە مۇقۇملاشتۇرۋالغان.مۇشۇنداق مەقسەتنىڭ مەجبۇرلىشىدا .مۇھەببەت مۇساپىسىدە موزايدەك مۆرەپ ،مۈشۈكتەك مىياڭلاپ ،مايمۇندەك ماراپ، مومايدەك ماكىلداپ، ماياقتەك مىدىرلاپ ، ماددىي مەنپەئەتنى مەيدىسىگە ماگىنىتتەك مىخلاپ، ماڭقىسىنى مارجاندەك مارىتىپ،مۇھەببەتنىڭ مەڭگۈلۈك مەشئىلى_ مىھرى-مۇھەببەتنىڭ ماي مەنبەسىنى مۇزلىتىۋەتتى. مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيتىدىكى مۇقەددەس مىھرى-مۇھەببەت مۇشۇنداق مۇناسىۋەتتە مىڭىۋەرسە، مەدەنىيەت مەنبەلىرىمىز مەينەتلىشىدۇ. مىنىڭ مەسلەھەتىم : مىسرانىم مۇنبىرىدىكى مۇدىرلار ،مۇھەررىرلەر ، مۆتىۋەرلەر مەملىكەت مىقياسىدىكى مائارىپچىلارنى ، مەكتەپلەردىكى مەسئۇلىيەتچان مۇئەللىملەرنى،مەدەنىيەت مۇنبىرىدىكى مۇھەررىرلەرنى ،مەھەللىلەردىكى مېھرىبان،مويسىپىت مەسلەھەتچىلەرنى،مومايلەرنىڭ مال-مۈلىكىنى مارلاپ مۈگدەۋاتقان مىراسخورلارنى مائارىپ مۇناسىۋىتىدە ماسلاشتۇرۇپ ، مۇھەببەت مەنبەلىرىنى مۇۋاپىقلاشتۇردىغان مۇنازىرلىق مۇھاكىمە ماقالىرىنى ماقۇللاپ، مەھەللە-مەھەللىلەرگە ماڭدۇرۇپ ،مۇھەببەت مەستانىرىلىنىڭ مىڭىسىنى مەرىپەت مىۋىلىرىنىڭ مىغىز مايلىرىدا مايلاپ ، مىڭىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى مۇستەھكەملەپ مىللىي مەدەنىيەتنىڭ مۇھاببەت مۇناسىۋىتىدىكى مىھرى -مۇھەببەت مەشئىلىنى مەڭگۈلۈك مەنزىلگە ماڭدۇرايلى. مەلۇمكى ماشىنا موتۇرغا مۇھتاج. موتور مايغا مۇھتاج ....مۇشۇنداق مۇناسىۋەت مىسرانىم مۇنبىرىگە مۇھتاج. مەنبە: مەخەتجان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-20 07:48 PM
|
|
|
|
|
|