ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىز تورداشلار، ھەممىڭلار سالامەت تۇردۇڭلارمۇ؟ قېرى مۇنبەردىشىڭلار مۇسىلىنەدىن ئېگىلىپ تۇرۇپ ئوتلۇق سالام،ھەممىڭلارنىڭ تېنى سالامەت بولسۇن، ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولسۇن، چېھرىڭلاردىن كۈلكىلەر ئۆچمىسۇن،باسقان قەدىمىڭلاردىن گۈللەر ئۈنسۇن.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك ، مۇنبەر كەيپىياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان ئاساستا مۇشائىرە قىلىشايلى دېگەن مەقسەتتە بۇ مۇشائىرە سورۇنىنى ھازىرلىدىم،قېنى ،مۇشائىرەگە مەرھەمەت قىلايلى...
قاشلىرى بەرگى قىياقتۇر ئۇيغۇر قىزى،
كۆزلىرى ئويناق بۇلاقتۇر ئۇيغۇر قىزى،
شەرمى –ھايا ،ئەدەپ –ئەخلاق بابىدا،
نۇزۇگۇمدىن ئۇدۇم ئالغان ئۇيغۇر قىزى.
خەۋەرسىزسەن بەلكىم ئۇشبۇ ھالىمدىن،
ئىشقى ئوتۇڭ ئەقلىمنى قىلماقتا لال.
ئاھ،يۈرىكىم شۇندا كېتەرمۇ يېرىلىپ،
قۇچاق ئېچىپ بىر رەت باقسا ۋىسال،
يولۇڭغا تەلمۈرۈپ ئېرىدى قارچۇق،
يۈرەكنى ئۆرتىدى بىر تالاي پىراق.
ئۇچۇرۇڭنى ئەۋەت تەلمۈرتمەي،
گەرچە ئارىلىق بولسىمۇ يىراق.
ئەسكەرتىش : يۇقارقى ئۈچ كۇبلىت شېئىرلار مەزمۇن باغلىنىشى يوق ئايرىم –ئايرىم شېئىرلار، مۇشائىرە قائىدىسى كۇبلىتلارنىڭ ئاخىرقى مىسراسى باش مىسرا قىلىنىپ باشلىنىدۇ،ئەگەر باشقا شەكىل،باشقا مەزمۇندىكى شېئىرلارنى يېزىپ بېقىشنى خالايدىغانلار بولسا ئۇنىڭغىمۇ مەرھەمەت،چۈنكى مۇنبەر ھەركىم ئۆزىنىڭ كۆڭۈل ئۈنچىلىرىنى چاچىدىغان سورۇن.....
قېنى ئەمسە ، مەرھەمەت...مېنى نائۈمىتتە قويمىغايسىلەر.....
مەنبە : كۆڭۈل ئۈنچىلىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-19 11:23 PM