ئۇلار مۇشۇ دەۋىردە ياشىغان بولسا (فىليەتون)
(خەن تېيجىن)
ئەگەر غەرىپكە ساياھەت فېلىمىدىكى تاڭ سىڭ ، سۇن ۋۇكوڭ،جۇباجى، شاسىڭلار دەۋرىمىزدە بولغان بولسا، ئۇلارغا قانداق خىزمەت ۋە ئىشلار ماس كېلەر بولغىيتى؟
مېنىڭچە، ئۇلار ھازىر بولغان بولسا ، جۇباجىغا رېستۇران ياكى مەيخانا ئېچىش تولىمۇ ماس كېلەتتى ، سۇن ۋۇكۇك بىرەر ئوروننىڭ قوغدىغۇچىسى ، شاسىڭ ياۋاش ،قۇلقى يۇمشاقلىقى بىلەن ئادەتتىكى خىزمەتچى، تاڭ سىڭ پىرىنسىپاللىقى بىلەن باجگىر بولوشقا ماس كېلەتتى.
ناۋادا ئۇلار ھازىر بولغان بولسا ، سۇن ۋۇكۇڭ ئۆز ئىقتىدارى بىلەن ساياھەت يىتەكچىسى ، جۇباجى نەپسى يامانلىقى بىلەن قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى ، شاسىڭ ھاردىم - تالدىم دىمەي ئىشلەيدىغان لېكىن ئىش ھەققى نېسى قالسىمۇ ئۇندىمەيدىغان مەدىكار، تاڭ سىڭ بوۋا-مومىسى ، ئاتا-ئانىسى ئەتىۋارلايدىغان بەگزادە بولغان بولاتتى.
ئەگەر ئۇلار مەلوم مەكتەپتە بولغان بولسا ، تاڭ سىڭ ئەخلاق تەربىيە مۇدىرى ، سۇن ۋۇكۇڭ قوغداش بۆلۇمىنىڭ باشلىقى ،جۇباجى مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ زاپخوزى ، شاسىڭ بولسا جاپاكەش مۇئەللىم بولغان بولاتتى.
ناۋادە ئۇلار بىرەر ئىدارىدە بولغان بولسا، جۇباجى مالىيە بۆلۇم مۇدىرى ، تاڭ سىڭ كۇنبۇيى ئىشخانىدىن چىقماي كىتاپ كۆرۇپ ئولتۇرىدىغان كاتىپ ، سۇن ۋۇكۇڭ دەرىجە ئاتلاپ ئەرىز قىلغۇچى ئۆكتىچى ، شاسىڭ بولسا يۇگۇر يىتىم ئىشلارنى قىلىدىغان قارا ئىشچى بولغان بولاتتى...
ئەگەر ئۇلار ئەمەلدار بولغان بولسا، تاڭ سىڭ ئىقتىدارى ئانچە يۇقۇرى بولمىسىمۇ ئەمما پارە ئالمايدىغان ، خىيانەت قىلمايدىغان ، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرىدىغان ئەمەلدار، سۇن ۋۇكۇك پارىخور ئالۋاستىلارنى يوقىتىشتىكى كارامىتى بىلەن تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ،جۇباجى ئۇچىغا چىققان چىرىك ئەمەلدار ، شاسىڭ ئۇن - تىنسىز تەر تۆكۈپ ئىشلەيدىغان كەنىت باشلىقى بولغان بولاتتى.
ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ توقولما ئوبرازلار ، ئەمما ئۇلارغا ئوخشاش ئوبرازلارنى رىئاللىقتا يوق دەپ كىممۇ ئېيتالىسۇن؟
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى