چاغانلىق چەك تارتىپ مۇكاپاتقا ئىرىشىىش پائالىيىتى
كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى،چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ.مۇكاپات بۇيۇملىرى خىلى كاتتىدەك قىلىدۇ .تەلىيىڭىز كىلىپ قالسا كاتتا مۇكاپاتقا ئىرىشىپ قىلىشىڭىز مۇمكىن.....
پائالىيەت ۋاقتى:1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە.
پائالىيەت مەزمۇنى پائالىيەت مەزگىلىدە پائالىيەت رايونىغا كىرىپ چەك تارتسىڭىز بولىدۇ، پائالىيەت رايونىدىكى چەك تارتقۇچ خوتىنى چەكسىڭىز 3 پارچە قىزىل بولاق رەسىمى كۆرۈنسە 4599 يۈەن قىممىتىدىكى بىردانە سەنشىڭ i9108 تېلېفونىغا ، 2 پارچە ياكى بىر پارچە قىزىل بولاق رەسىمى كۆرۈنسە سىناق كەسىپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىسىز. تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز قىسقا ئۇچۇر تىجارەتخانىسىغا چىقىپ «红包» ياكى «HB» نى ئۇچۇر مەزمۇنى قىلىپ 10086 گە يوللىسىڭىز بولىدۇ.
پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۇسۇلى.
1.ئالدى بىلەن تۈۋەندىكى ئادىرىسقا كىرىمىز.:http://www.xj.10086.cn/uyghur/app
2.كىرىپ بولغاندىن كىيىن تۈۋەندىكىدەك توربەت ئىچىلىدۇ.
3.ئابونېتلا تىزىملىتىش كۆزنىكىگە تىلفۇن نۇمۇرى ۋە مەخپى شىفىرنى كۇرگۈزىمىز،(ئەلۋاتتە دەلىللەش كودىنى توغرا كىرگۈزۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭ)
4. تىزىملىتىپ بولغاندىن كىيىن بەت يۈزىنىڭ ئوڭ ياكى سول تەرپىگە قارىسىڭىز <<چاغانلىق سەرخىل مۇكاپاتلار سىزنى كۈتمەكتە>> دىگەن ئىلان خەتنى كۈرىسىز،شۇنى چىكىمىز. ئاندىن تۈۋەندىكىدەك تور بەت ئېچىلىدۇ.
5.ئاۋۇ ئۇماق ئەجدىرھانىڭ قېشىدىكى خۇتنى باسىمىز. بىردەم تەخىر قىلساق بىزنىڭ قانداق مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلىكىمىزنى دەپ بىرىدۇ.
مەن 3ئايلىق يان تىلىفۇن گىزىىتىگە ئىرىشتىم......سىناپ بېقىڭ ئىشقىلىپ قۇرۇق قول قالمايسىز. <<سىزگە ئامات تىلەيمەن.......!>>
سەمىمى ئەسكەرتىش 1. مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن ئابونېنتلار چوقۇم شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىشى تور تىجارەتخانىسىغا چىقىشى كېرەك.
2. ئابونېنتلار تور تىجارەتخانىسى ۋە قىسقا ئۇچۇر تىجارەتخانىسىنىڭ ھەر قايسىسىدىن بىردىن قىزىل بولاققا ئېرىشەلەيدۇ. 3. يان تېلېفون مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئابونېنتلار مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تور تىجارەتخانىسى مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش رايونىغا كىرىپ مۇكاپات تاپشۇرۇۋالسا بولىدۇ، 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن مۇكاپاتىنى ئېلىۋالمىغانلار ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچكەنلەر دەپ قارىلىدۇ. 4. يان تېلېفون رەڭدار تۇرمۇش گېزىتىنىڭ 3 ئايلىق سىناق كەسپى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئابونېنتلار ئېرىشكەن قىسقا ئۇچۇر مەزمۇنىغا ئاساسەن كەسىپنى ئاچقۇزسا بولىدۇ، بۇ كەسىپنىڭ ھەقسىز سىناق ۋاقتى كەسىپنى ئاچقۇزغان ۋاقىتتىن باشلاپ كەسىپ ئىشلەتكەن ئۈچىنچى ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە بولىدۇ، سىناق ۋاقىت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سىستېما ئاپتوماتىك قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىپ ئەسكەرتىدۇ، قىسقا ئۇچۇر مەزمۇنىغا ئاساسەن كەسىپنى توختىتىشقا بولىدۇ، داۋاملىق ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ھەر ئايلىقى ئۈچۈن 5 يۈەن ئېلىنىدۇ،ئەگەر بۇ كەسىپنى ئىلگىرى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز قايتا ئېچىپ بېرىلمەيدۇ. 5. شىنجاڭدىكى قىزىل تىزىملىك، ئاممىۋى تېلېفون، تېلېفونخانا، بوشلۇقتا قىممەت تولۇقلاش ئورنى ئابونېنتلىرى بۇ پائالىيەتكە قاتنىشالمايدۇ. 6. بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلار پائالىيەتنىڭ بارلىق قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىشى ھەمدە چوقۇم جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ قانۇن نىزاملىرى ۋە باشقا ئالاقىدار پائالىيەتنىزاملىرىغا رىئايە قىلىش كېرەك. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى شىنجاڭ شىركىتى قانۇن يولغا قويغان ئەھۋال ئاستىدا پائالىيەت قائىدىلىرىگە قارىتا مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. مەنبە:ئاكاش520 ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-20 02:16 AM
|