قىز قەلبى
(ئايچىن)
قىز قەلبى مىسالى تىمتاس لېرىكا،
ياڭرايدۇ ئۇندىن قايغۇ ھەم شادلىق كۈيىمۇ،
ھەتتا ئوت بولوپ يانسا قىز قەلبى،
تەپتىدە كۈل بولوپ يۈتەر ھىجرانمۇ!
قايغۇ زەخمىگى چەكسە دىلتارىنى،
شەھلا كۆزلەردە سىرغىن ئەگىزلەر،
ئايغا قاراپ سۆزلەپ سىرىنى،
نە ئاخشام بىقارار ھەتتا سۈبھىلەر!
قىز قەلبى گويا ئۇ تېنىچ كۆل ئۆزى،
مەيىن شامال ئىلكىدە جىلۋە قىپ تۇرغان،
چىن ئەقىدە مېھىر ھەم چىن ۋاپا ئۇچۇن،
خۇددى گۈلخان تەپتىدە ئوت بولوپ يانغان!
قىز قەلبى ۋىسالىنى ئىزلىمەك بولساڭ،
ۋاپا گۈلشەنىدە پەرۋىشكار بولغىن،
خۇددى لەيلىنىڭ مەجنۇنى كەبى،
چىن ئاشىق قىسسسىنى يارىتار بولغىن!!
مەنبە: ئايچىن يازمىلىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-19 09:29 PM