ئامېرىكا نېمشقا جىم تۇرمايدۇ؟
(ئوبزور)
ئاپتورى:پەرھات ئەمەت كۈچلەن
يېقىندا ئامېرىكا ئىران مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ قالدى.ئىرانلىقلار ئامېرىكىغا قارىش نامايىش قىلىشى بىلەن ئىراندىمۇ يادۇرو ئالىملىرىنىڭ كەينى كەيىندىن ئۆلتۇرلىش ۋەقەسى پەيدا بولۇپ قالدى.ئىلىگىرى ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ئارسدىكى ئىش پەقەت يادۇرۇ مەسلىسى بولغان بولسا ھازىر بۇنىڭ ئەكسىچە ئامېرىكىنىڭ بۇرۇنلا پىلانلاپ قويغان ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش شۇم غەرىزى بولغان بىر قېتملىق ئۇرۇش پارتىلاش ئېھتىمالى بولدى .. بۇنداق يامان مۇناسىۋەتنىڭ پەيدا بولۇشىغا نېمە سەۋەبچى بولغاندۇ؟ ئىران راستىنلا ئامېرىكا تەرەپ ئېيتقاندەك يادورۇ تەھدىتى پەيدا قىلىۋاتامدۇ؟ يېقىنقى خەۋەرلەردە ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمەدى نىجاد لاتىن ئامېرىكىسدىكى دۆلەتلەردە دوستانە دۆلەت زىيارىتىدە بولدى. ئارگىنتىنا قاتارلىق ئامېرىكىغا قارىشى كەيپىيات يۇقىرى بولغان بۇ دۆلەتلەر ئۇنى قىزغىن قارشى ئالدى. شۇ چاغدا ئەھمەدى نىجاد ئوچۇق قىلىپ "بىز بىرەر جايغا ھۇجۇم قىلدۇقمۇ؟ بىز نېمە ئىش قىلدۇق؟ دېگەن سۆزنى قىلدى..ئۇنىڭ بۇ سۆزى ئىراندا ھېچقانداق مەسىلە يوق ئىكەنلىكىنى سەمىميلىك بىلەن ئەسكەرتىش بولدى. لىكىن ئامېرىكنىڭ يامان غەرىزى بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئىران ھەربىي تەرەپ بۇ قېتىم تولۇق تەييارلىق كۆردى. ئىران راستىنلا ئىككىنچى ئىراق بولۇپ قالامدۇ؟دېگەن سۆز دۇنيا خەلقنىڭ ئەندشىسى بولۇپ قالدى.لىكىن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش ئۇنداق ئاسانغا توختمايدۇ.چۈنكى ئىران ھەرگىز ئىراققا ئوخشمايدۇ.
بىرىنچىدىن ئىران مەيلى ھەربىي جەھەتتە بولسۇن ئىقتسادى جەھەتتە بولسۇن ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈچلۈك دۆلەت.ئىراننىڭ ئۆز ئالدىغا كەشىپ قىلغان بەزى ئىلغار قوراللىرى بار،بۇلارنى يېقىندىن بۇيان رەسىمى ھالدا سىناق قىلىپ ئىشلتىشكە تاپشۇردى . ئىراندا ئىراقتەك مەزھەپلەر تالاش تارتىشى ھوقۇق كۈرىشى يوق. ئىرانلىقلارنىڭ تارىختىن بىرى مىللىي روھى كۈچلۈك .سىرتقى تاجاۋۇزچىلارغا ھەرگىز قاراپ تۇرمايدۇ. مۇھىمى ئىران خەلقى ھوقۇق يۈرگۈزۋاتقان ئىران ھۆكۈمەتىنى قوللايدۇ. بۇ جەھەتتە ئامېرىكا ئىراققا قوللانغان پارچىلاش، ئۆز ئىچىدىن ھاكىميەتكە قارشى گۇرۇھ پەيدا قىلالمايدۇ. ئىران ئىراق ،لىۋىيە ۋە سۈرىيە ئەمەس .ئىراندا قالايىمقانچلىق پەيدا قىلىپ ھاكىميەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش مۇمكىن ئەمەس .
ئامېرىكا نېمشقا جىم تۇرماي ھە دىسلا ئوتتۇرا شەرققە ھۇجۇم قىلدۇ؟ چۈنكى بۇ يەردە ئىسىرائىليە بار. ئىسرائىليە توختماستىن ئەرەبلەر دۇنياسنى ھالاك قىلماقچى بولىدۇ . ئامېرىكا ئىسرائىليە ئەتراپىدا ھېچقانداق بىرەر كۈچلۈك دۆلەتنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرىشنى خالىمايدۇ. شۇڭا ئىران ئاخىرقى نېشان بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشتا يادورو دەستىكى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.تەپسلى ئېيتقاندا پەلەستىن- ئىسرائىليە مەسىلىسى سەل پەل ئاجىزلىشىپ قالغان ھامان ھەم ئىران بۇ ئىشقا بىۋاستە ئارلاشمىغاچقا ئامالىسىز يەنە بىر باھانە تېىپىشى كېرەك بولۇپ قالدى شۇنىڭ بىلەن ئىراننىڭ تىنچلىق ئۇچۈن يادرو ئىنىرگيسدىن پايدلنىشى قالتىس بىر باھانە بولۇپ بەردى. بۇ خۇددى تۈركىيە ئالبىننىسى يېيشكە باھانە ئىزلگەنگە ئوخشايدۇ. ئۇ باھانە قىلىپ تۇرۇپ ئوتتۇرا شەرقتە تولۇق ھوقۇقلۇق نوپۇزىغا ئىگە بولماقچى.. ئامېرىكنىڭ جۇغراپىيلىك ئورندىن ئالغاندىمۇ ئۇ ئايرىم بىر قىتئەگە جايلاشقان دۆلەت، ھەم ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشدىن كېىين خەلقئارادا نوپۇزلۇق ئورنىنى تىكلىگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كەلدى.چۈنكى ئامېرىكا دۇنيانىڭ سىياسى سەھىنسىدە رول ئالماقچى ئۇنىڭ دۇنيانىڭ باشقۇرغۇچىىسى بولۇش ئارزۇسى ھېلھەم يوقالغىنى يوق. شۇڭا ھېلى ئۇيانغا ھېلى بۇيانغا تەسىر كۆرستىپ ئۆزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرمەكچى، ھالبۇكى بۇنداق ھەربىي ھالەتتە ئۇزاق تۇرۇش بىر دۆلەتنى چارچتىپلا قالماي ئامېرىكىنى ئاخىرى دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق دۈشمىنگە ئايلاندۇرىدۇ خالاس.
يىغىپ ئېيتقاندا ئامېرىكا جىم تۇرمايدىكەن ئىرانمۇ قاراپ تۇرمايدۇ. مەيلى قانداق ئاقىۋەتكە قېلىشدىن قەتئىينەزەر بۇ قېتملىق ھۇجۇم باشلانسا ئامېرىكا ئويلىغىندەك نەتىجىگەئېرشەلمەسلىكى مۈمكىن.
مەنبە : ئىلى دىيارى تورى
2012.1.19 يېزىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-25 07:58 PM