|
|
|
|
ئىسرائىلىيە ئىرانغا ئۇرۇش قوزغايدىغانلىقنى ئىنكار قىلدى
جۇڭگو ئاخبارات تورى 18-يانۋار خەۋىرى:چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرا ئىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى 18-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دىگەن :« ئىرانغا ئەسكەر قوزغىتىش تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ، بىز تېخى بۇ تەرەپلەردكى مەسىلىلەرنى ئويلاپ باقمىدۇق.ھەم پات يىقىندا بۇ مەسىلە توغرىلىق ھېچقانداق كۈن تەرتىپ ئورۇنلاشتۇرىشى قىلىنمىدى. »
يېقىندا، يادرو مەسىلىرى ۋە يادرو قوراللىرى مۇتەخەسسىسىنىڭ قەستكە ئۇچراش ۋەقەسى ئىسرائىلىيە بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ كۈنسېرى جىددىي بولىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى .ئىسرا ئىلىيە بىر قانچە قېتىم داۋراڭ سېلىپ،ھەربىي ۋاسىتە ئارقىلىق ئىرانغا زەربە بېرىدىغان مۇمكىنچىلىكنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى شۇنداقلا بۇ خىل مۇمكىنچىلىكىنىڭ تېخى چوڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى .
ئىسرا ئىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئىلگىرى چىقارغان خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلگەن :« ئىسرا ئىلىيە باش مىنىستىرى نىتانىياخۇ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن بىرلىكتە كابىنېت ئەزالىرىنى ئىرانغا ھۇجۇم قوزغاشقا ماقۇل كىرگۈزۋاتىدۇ. »
ئىسرا ئىلىيەزۇڭتۇڭى پېرىس ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ،بۇ خەۋەرنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بارلىقىنى ئېيتقان. پېرىس يەنە ئىسرا ئىلىيە تەرەپنىڭ پۇختا تەييارلىق كۆرۈپ ھەربىي ۋاسىتە ئارقىلىق يادرو مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى بارلىقىنى ئېيتقان.
مەنبە:تېڭشۈن تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-19 06:29 PM
|
|
|
|
|
|