|
|
|
|
ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل قىلىپ يۇرتلىرىغا قايتىپ كېلىشى بىلەن پويىز بېلىتىنى سېتىۋېلىشى بارغانسىرى قىيىنلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ www.12306.cn مۇشۇ تور بەتكە تىزىملىتىپ كىرىشمۇ ناھايىتى تەس بوپ كېتىۋاتىدۇ، داۋامىلىق تىزىملاتساق ئادەم كۆپ بىردەم ساقلاڭ دەپ تىزىملىتىش نۇمۇرى ۋە مەخپى نۇمۇرىنى قايتا - قايتا يېزىش ئاۋارچىلىقىغا دۇچار بولىۋاتىمىز، (يۇقارقى توربەت تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ بىردىنبىر بېلەت ساتىدىغان تور بېتى ، باشقا ھېچقانداق تور بەتنىڭ بېلەت سېتىشى ھوقۇقى يوق، ئالدىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ) مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن توردىن بىر يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ قويدۇم ، ناھايىتى ئەپچىل ئاۋال سىز بىر چۈشۈرۈڭ شۇ دېتالنى چۈشۈرۈش ئادىرىسى :
http://down.qiannao.com/space/file/misran5968/-4e0a-4f20-5206-4eab/-706b-8f66-7968-81ea-52a8-767b-5f55-5668.zip/.page
بۇ دېتالنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي، بۇ دېتال مەخسۇس ئاشۇ تور بەتكە تىز سۈرئەتتە تىزىملىتىپ بېرىدىغان دېتال بولۇپ سىز ئىلتىماس قىلغان نۇمۇرىڭىزنى ئاشۇ دېتالن ئېچىپ دېتالنىڭ نۇمۇر يازىدىغان يېرىگە يېزىپ ئاندىن مەخپى نۇمۇرىڭىزنى يېزىپ ئاندىن تەستىق نۇمۇرىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن تىزىملاشنى باشلاش دېگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىز بۇ دېتال بىر سىكونتتا بىر قېتىم شۇ تور بەتكە ئاپتوماتىك تىزىملاش ئېلىپ بارىدۇ، تىزىملىتىش مۇۋاپەققىيەتلىك بولغاندا تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ تور بىتى ئاپتوماتىك ئۆزى ئېچىلىپ تىزىملىتىش نۇمۇرى بىلەن مەخپى نۇمۇر سورايدىغان يەرگە كېلىپ تۇرىدۇ، شۇ ۋاقىتتا سىز ئۇ يەرگە ھېچنىمە يازماي بىۋاستە سول تەرەپ ئۈستىدىكى بىلەت زاكاس قىلىش (预定车票 ) دېگەن يېرىنى باسسىڭىز بېلەت زاكاس قىلىش كۆزىنىكى چىقىدۇ ، ئاندىن تەرتىپ بويىچە بېلىتىڭىزنى زاكاس قىلىۋېلىڭ.
www.12306.cn بۇ توربەت تۆمۈر يول مېنىستىرلىقىنىڭ بىردىنبىر بېلەت زاكاس قىلىش تورى، باشقا ھەرقانداق توربەتتىن بېلەت سېتىۋالماڭ، كاپالەتكە ئىگە بولالمايسىز.
سەپەرگە چىقماقچى بولغان تورداشلىرىمنىڭ سەپىرىگە ئاق يول تېلەيمەن، ئامان بولۇڭلار.
ئاتۇشتىكى دوستۇڭلار مەۋلاندىن
|
|
|
|
|
|