ئاللاھ
ئىنساننىڭ پاكلىقى ، يۇلتۇزى ئاللاھ ،
قاراڭغۇ زۇلمەتنىڭ ، كۈندۈزى ئاللاھ ،
ھەقىقەت يولىغا ، تامچىغان قاننىڭ ،
مەدەت ھەم ئالقىشى ،سەۋرىسى ئاللاھ .
。
ناپاكلىق يولىنىڭ ، قامچىسى ئاللاھ ،
قۇرىغان زىمىننىڭ ، تامچىسى ئاللاھ
يىلتىزداش ، قېرىنداش ، مىھىرداشلارنىڭ
ساداقەت زەنجىرى ، ئەلچىسى ئاللاھ .
。
يىتىمنىڭ – ئاجىزنىڭ ، قۇياشى ئالاھ ،
مۇڭ باسقان قەلىپنىڭ ، جۇلاسى ئاللاھ ،
بارلىق ماۋجۇدات ، بارچە جىسىمنىڭ ،
ھاياتلىق تۈۋرۈكى ، سىماسى ئاللاھ .
。
تاغ – دەريا، ئىدىرىنىڭ ، بارلىقى ئاللاھ ،
ئەدەپ ۋە ئەخلاقنىڭ ، يارلىقى ئاللاھ ،
قايغۇغا جۆر بولغان ، تاتلىق كۈلكىنىڭ ،
مىھىرلىك جىلۋىسى ، شاتلىقى ئاللاھ .
。
رەڭگارەك گۈللەرنىڭ ، جىلۋىسى ئاللاھ ،
جاپا ھەم مۈشكۈلنىڭ ،.مىۋىسى ئاللاھ .
ھاياتقا رەڭ قوشقان ، ئاق ھەم سېرىقنىڭ ،
ئايىرلماس بىرلىكى ، رىشتىسى ئاللاھ .
。
شان – شەرەپ ئالقىشنىڭ ، بەركىتى ئاللاھ ،
ساپ – ئەجىر مىھنەتنىڭ ، شەۋكىتى ئاللاھ ،
گۇناھى – ئىللەتكە ، پاتقان قەلىپنىڭ
ۋاقىتلىق سەۋرىسى ، رەھمىتى ئاللاھ
。
مول –ھوسۇل خاماننىڭ ، بەركىتى ئاللاھ ،
‹ئىشلىگەن – چىشلەيدۇ› ، ھىكمىتى ئاللاھ ،
مىللەت دەپ چاڭقىغان ئوتلۇق يۈرەكنىڭ ،
تېپىلماس ساپ گۆھەر ، شەربىتى ئاللاھ ،
مەنبە---- تاڭنۇر < خەيرۇللا قۇربان > بۆرتالا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-19 04:54 PM