مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1402|ئىنكاس: 22

تۈتۈن رەڭ قان! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50478
يازما سانى: 999
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7824
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 1713 سائەت
تىزىم: 2011-8-4
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 03:05:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مېنىڭ چوغدەك يۈرۈگۈم،ساڭا دەيمەن قەپىزىڭگە پات!ھاي بېرەرسەن ھارارىتڭگە،نوچى مەن دەپ مەندىن بۆلەكلەرگەىمۇ تۇتاشقان ئوتلىرىڭغا ،ۋە سالغان ئاسارىتڭگە!مېنى كۈل قىلىپ باشقىلارنى ئېرشتۈرىدىغىنىڭ بىر لاۋا چوغ خالاس.نېمە دەۋاتىسەن ؟-ئۇ مېنىڭ قېرىنداشلىرىم،سەن ئۇلارغا غەزەپ قىلماڭچىمۇ سەن؟غەزەپ قىلما ئۇ مېنىڭ ئاكام ،ئاچام ھەم ئېنى سىڭىللرىم.ئۇلار ھەم مەن ئانامنىڭ كۆكسىدىن خام سۈت ئېمىپ سېنى يۇغانتقاندەك،ئۇلارمۇ خام سۈت ئەمگەن،ھامان بىر كۈنى ،بۈگۈن يا ئەتە ئەقلىنى تاپىدۇ،بەك بولمىسا ئاخىرقى تېنىقلىرىدا ۋە ياكى مەھشەرگاھدا.
مەن قانىدىم دەۋاتامسەن؟ ئوغۇل ،ئەر قىرىنداشلىرىمنىڭ نامەرت،بولۇمسىز،ۋە ياكى  تومۇرىدىكى قېپقىزىل قانلارنىڭ ئۆزىگىمۇ ھارارەت ئاتا قىلالمىغىنى،ئايال سىياق،خوتۇن مىجەز،چىرىگەن روھ،ۋە ياكى ئۆزىنى ئۇنتۈش،،،بوسۇغىسىدىكى شاياتۇن تۇرىقى سېنى قاناتتىمۇ؟
قىزلىرىمىزدىكى كۆرسە كۆز،سۆزلىسە ئېغىز،ئاڭلىسا قۇلاق توۋا دەيدىغان،سەزگەن يۈرەك ،گۇۋاھ زېمىن لاغ-لاغ تېتىرەيدىغان خاسسىز ،تۇسسىز تۇرۇقى،ئۆلگەن روھى ،چەكسىز بوشلۇقتا چەكسىز قېتىم ئايلىنىۋىردىغان يەر شارىنىڭ نەچچە ئەسىرلىك ۋاقىت ئوقىدا ئۆزىنىڭ 60 -70 بەك بولسا 100 يىللىق دەقىقىدە تۈگەيدىغان قىسقىغىنە ھاياتنىڭ سورىقىنى بېرەلمەيۋاتقان ھەم بېرەلمەيدىغان قىزلار،ئانىلار،،،،،لارنىڭ زايە بولىۋاتقان،ئۆز قىممىتىىنى يوقاتقان يۈرىكى ،ھايات مۇساپىسىگە قۇماندانلىق قىلالمايۋاتقان ئاشۇ كاللىسى ئۈچۈن قاناۋاتامسەن؟
؟؟؟؟! مېنىڭ يۈرۈگۈمسەن.ئاللاھ سېنى ماڭا ئاتا قىلغانكەن مەن سېنىڭ ھۆكمىرانىڭمەن ،قەدرىڭنى بىلىدىغان،ئەزىزلەيدىغان ھۆمىرانىڭمەن.
كۆزۈم! بىر جۈپ ئەزىزلىرىم! سىلەرگە نېمە بولدى؟سىلەرمۇ قان يىغلاپسىلەرغۇ؟ مەن سىلەردىن زەرچىلىك ياش ئاققۇزمايمەن دەپ ئۆزۈمگە ۋەدە بەرگەن،سىلەرنىڭمۇ يىغلايدىغان ،ئەمما <سېغىنىپ ،سېغىنىپ يىغلايدىغان> ۋاقتىڭلار بار ئەمما تېخى بالدۇر ئېدىغۇ؟ سىلەر ھازىر ھەقنى،ھەقىقەتنى ،ئادالەتنى ،كامالەتنى ،كائىناتنى ،گۈزەللىكنى ،،،،كۆرىدىغان مېنىڭ ئەركەم ئېدىڭلارغۇ؟؟؟
  چۈشەندىم ،ئەمدى چۈشەندىم ،سىلەر ھەقىقەت بويلاپ مېڭىپ ناھەقنى، ئادالەت ياقىلاپ بېرىپ ،ئادالەتسىزلىكنى،گۈزەللىك ئىزلەپ قۇم چېچىلىپ ،،،،،،،ياخشىنى كۆرۈش ئۇرنىغا ياماننى كۆرۈپ قىلىپ قىيامەت سورىقىدىن كۆرگەنلىرىڭلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن يىغلاپسىلەر....گۇناھ ،گۇمراھ،تەكلىماكان پاجىئەسى،ئېغىرلاشقان تېنىقلار،تېتىرەپ تۇرغان تەنلەر ،قان تامچىغان يوللار،گۇناھلىق ئىزلار،،،،،،،،بىر بىرلەپ سىلەرنى قورقۇتۇپتۇ،،،ھەقلىقسىلەر،كۈندە بىر توۋا دېگۈزىدىغان ساپسىرىق ،ئالا -يېشىل،ھەسەن -ھۆسەن چاچلار،چاپلاپ ياماپ كىيگەندەك مودا كېيىملەر ئىچىدىكى سۆسۈنرەڭ تۇيغۇلۇق قىزلار،چىرايىدىكى ھاھاھاھالىق كۈلۈشلەردىن بىلگىلى بولمايدىغان ئەبجەش تۇيغۇ.،،،،
  يىلان چېقىۋالسىمۇ بۇنچىلىك تولغانماستىم .......مەن يۈرىكىمنى قانىتىپ، كۆزلۈرۈمدىن قان ئاققۇزۇپ يەنە قانچىلىك زەھەردەك ئاچچىق تۇيغۇ ئىچىدە ئۆتەرمەن؟ بولدى قىل ئۆزۈم!!!!!

مەنبە : ئۆزۈم.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   赛乃木江 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-19 10:27 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
رىشتەم + 50 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

[img][/img]تېۋىنىپ ياشىغان مىڭ يىل ئۆمۈردىن،مىڭ ئەلا دولقۇنلاپ ئۆتكەن بىر نەپەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72867
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3056
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-1-10
ئاخىرقى: 2012-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 03:48:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنەمجان بۇ تىمىڭىز ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ،،،،،،،،،بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ نادىر تېمىلارنى يوللاپ تۇرۇڭ،،،،،،،:qiray4

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72867
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3056
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-1-10
ئاخىرقى: 2012-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 03:48:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنەمجان بۇ تىمىڭىز ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ،،،،،،،،،بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ نادىر تېمىلارنى يوللاپ تۇرۇڭ،،،،،،،:qiray4

مەن سۆيگەن ياشلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32264
يازما سانى: 1255
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 35318
تۆھپە نۇمۇرى: 1053
توردا: 3101 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 04:39:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بىلىمەن سەنەمجان، يۈرىكىڭ يىغلاۋاتىدۇ، ياق، ياق قاناۋاتىدۇ. ئىسلانغان ئېكولوگىيەدە چۆللىشىش ئېغىرلاشقان تەكلىماكاننىڭ يۈرىكىدىن چىققان ئىسلار بىلەن يۈرىكىڭدىن چىققان قانلار تۈتۈن رەڭگىنى ئالماقتا. تۈتۈن رەڭ قان! تۈتۈن رەڭ تۇرمۇش! تۈتۈن ئۇپۇق تەكشىلىكىدە نازلىنىپ پۈتۈنسۈرۈك ئىجتىمائىي گەۋدىنى، يەرشارىنى چىللىماقتا. كۆزلىرىدىن شەھۋەت ياغقان ئۇپۇق مىسال، يەتكىلى بولمايدىغان، شۈكرىنىڭ چەكلىمىسى بولمىسا ئۆزىنى ئاللىقاچان نابۇت قىلىشقا تەييار تۇرغان ماددىي ۋە مەنىۋىي تېڭىرقاشلار ئىچىدىكى بىر توپ ئادەملەر جەمئىيەت ھاۋاسىنى تۈتۈن رەڭگىگە كىرگۈزمەكتە. يېڭىدىن تۇغۇلغان سەبىيلەر تۈتۈن رەڭ ئوكسېگىندىن نەپەسلىنىپ كۆنمەكتە.
   زەھەرنى تىلغا ئېلىپ قالدىڭ سەنەمجان. بىلىمەن، ئىنسانلاردىكى تويماسلىق، سەمىمىيەتسىزلىك ۋە پۈتمەس شەخسىيەت بىر-بىرى ئۈچۈن زەھەر ئىشلىمەكتە. تاۋۇس ئەللەين سىياقىدىكى بىر توپ ئەمەلدارلارنىڭ نەپسى كۈرمىڭلىغان تاۋۇس ئەللەينلەر ئۈچۈن يول ئاچماقتا. ئەمما بىرى يەنە بىرىنىڭ رەڭلىك مومىسىنى يېسە، بىرى يەنە بىرىنىڭ سۈنئىي ئىشلەنگەن تۇخۇملىرىنى يەپ زەھەرلەنمەكتە. مەن سېنى زەھەرلىدىم دەپ خۇش چىراي ئاچقاندا، گېلىغا كىرىپ بولغان بىر بۇردا ئۈچۈن ئەنسىرەپ، ئىچىدە زەھەر بارمىدۇ دەپ گۇمانلانماقتا. ساقچى شەپكىسى، تارتمىلاردا يوشۇرۇن ساقلىنىدىغان تامغىلار ۋە باغلام-باغلام پۇللار جەمئىيەت تەقدىرىنى بەلگىلىمەكتە. كۆزلىرىڭ بەلكىم ئامال بار چوڭراق ئېچىۋېتىشكە، باشقىلارنىڭ كۆزىگە ئۆزىنىڭ ەۈزەل بەدەنلىرىنىڭ ئوچۇق قىياپىتىنىڭ كۆپرەك قىسىمىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىپ قىسقىراپ كېتىۋاتقان كىيىملەرگە قاراپ تۈتۈن رەڭ ياش تۆكىدىغاندۇ. ۋە ياكى ئەتىدىن كەچكىچە لاغايلاپ يۈرۈپ، قورساق ئاچقاندا كىملەرنىڭدۇر يانچۇقىنى كوچىلاۋاتقان قوللارنى كۆرۈپ ياش تۆكىدىغاندۇ.
     كۈلرەڭ ياشلار مۇنبەردىن ئاستا-ئاستا سىرتقا قاراپ ئېقىۋاتىدۇ، بىلەمسەن سەنەمجان. ئۇ مۇنبەر سىرتىدىكى كۈلرەڭ ھاۋا بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ قانداق بىر رەڭ تۈزۈلۈشى ھاسىل قىلاركىن، قالدىسى خۇداغا ئامانەت.
   

جىممىدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ قېتىدا ھېكمەتلىرى.شادلىقى ئوچۇممۇ چىقماس بىر تاغار قىسمەتلىرى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1841
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 14861
تۆھپە نۇمۇرى: 1243
توردا: 2614 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 05:00:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹جاللات› نىڭ ئايالچىسى سىزمۇ-يا!؟

دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50478
يازما سانى: 999
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7824
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 1713 سائەت
تىزىم: 2011-8-4
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 05:10:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا دەيسەن روھزاد،چىداپ يېگەن ،چىلاپ يېگەن گالدىن ئۆتكەن ،ھالالدىن كەچكەن،مىنۇتسىرى ئۇپۇققا پاتقان قۇياشنى قاراپ تۇرۇپ شەرىق-غەرىپ دەپ بېرەلمەي كېكەچلەپ يۈرۈپ يېگىنى ئەقىلگە پۇتلاشقان بۈگۈنكى ۋە ئەتىكى مەنزىل ھەممە جانلىقنىڭ جاھالەتلىك ‹ئوكسگىنسىز ›‹زەھەرلىك›‹قۇرغاق ›‹ھاۋا›  دۇر.
-----يۈرەكنى قاماللاپ ،ئەقىل كۆزلىرىنى توسۇپ ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشماقتا،بىزلەر ھەم -----نىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشاننى تولۇق ئشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىقمىز بىلەن كۈچ قوشماقتىمىز .
نېمىنى يوقىتىپ نېمىگە ئىرشكىنىمز بىلەن كارىمىز بولمىدى ،بۇ نېمە دېگەن ‹سېخى،مەرت›لىك ھە!

[img][/img]تېۋىنىپ ياشىغان مىڭ يىل ئۆمۈردىن،مىڭ ئەلا دولقۇنلاپ ئۆتكەن بىر نەپەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50478
يازما سانى: 999
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7824
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 1713 سائەت
تىزىم: 2011-8-4
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 05:13:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Danggal يوللىغان ۋاقتى  2012-1-19 12:00 PM
‹جاللات› نىڭ ئايالچىسى سىزمۇ-يا!؟

جاللات ئابدۇرىشىتنى دەمسىز ؟
  
مەن ئۆز ئالدىمغا جاھالەتكە جاللات.ئۇممۇ ئۆزىگە تەۋە .

[img][/img]تېۋىنىپ ياشىغان مىڭ يىل ئۆمۈردىن،مىڭ ئەلا دولقۇنلاپ ئۆتكەن بىر نەپەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12658
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 05:17:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېمىغا قاراپلا، روھزادنىڭ يازغان شېئىرىمىكىن دەپ كىرسەم، سەنەمجان سىز يازغان نەسىركەن ئەمەسمۇ، ھازىرقى دەۋىر ياشلىرىمىز ئۈچۈن، قانىغان يۈرەكلەر، ئېقىۋاتقان قان-ياشلار سىزنىڭ قلەم كۈچىڭىزدە بەك ئوبرازلىق ئىپادىلىنىپتۇ، ئوقۇپ بىر خىل بولۇپ قالدىم، نەسرى ئەسەرلەرنى ياخشى يېزىپ قويىدىكەنسىز، يەنە داۋاملىق كۆرۈپ تۇرساقكەن دىگەن ئۈمىتتىمىز.

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

مەن سۆيگەن ياشلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32264
يازما سانى: 1255
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 35318
تۆھپە نۇمۇرى: 1053
توردا: 3101 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 05:23:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazigul8 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-19 05:17 PM
مەن تېمىغا قاراپلا، روھزادنىڭ يازغان شېئىرىمىكىن دەپ  ...

   شۇنداقمۇ؟! قانداق قىلىپ كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغانسىز ھە؟! يېقىندىن بۇيان شەۋقىي مۇنبىرىدە ماڭ رەڭ كېرەك دېسەم، بىر دوستۇم ساڭا كۈلرەڭ يارىشىدۇ دېگەنىدى. رەڭ ۋە جەمئىيەت مەسىلىلىرى ئارىسىدىكى خىياللار كاللامدا ئۇزاق بولدى ئەگىپ يۈرگىلى. بۈگۈن قارىسام بۇ تېما.....داۋامى بار  تېلېفۇن ئېلىۋالاي

جىممىدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ قېتىدا ھېكمەتلىرى.شادلىقى ئوچۇممۇ چىقماس بىر تاغار قىسمەتلىرى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22176
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3261
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 5724 سائەت
تىزىم: 2010-12-13
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 05:32:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوغدەك يۈرەكلەردىن ئوتلۇق ھارارەتلەر،تۇتاش قەلىبلەردىن:-تۇتاش قەلىبلەرگەئۆتكەي.تاكى ئوخشاش ھارارەتكەيەتكۈچە.بارچە كۆزلەر گۈزەل ئەخلاق زەمزەملىرىدە ياشنىغان ئەشۇ گۈزەل كارتىنىلارنى سەيلە قىلىپ تالغۈچە:qiray146:qiray146        

نەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ھارمىغايسىز:qiray12:qiray12

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش