قاردىكى سېغىنىش
ە
كەيدۈرۈپتۇ زىمىنغا لىباس،
سەھەر ياققان قېلىن ئاپپاق قار.
كەلدى شۇئان كۆزۈم ئالدىغا،
ئاق خالاتلىق ھالىتىڭىز يار.
ە
ئىسمىڭىزنى يازدىم چىرايلىق،
ئاياق ئىزى چۈشمىگەن يەرگە.
يېزىلىپتۇ ئەسلى نامىڭىز،
يەرگە ئەمەس ئۇشبۇ يۈرەككە.
ە
قار ئۇچقۇنى چۈشسە بېشىمغا،
يار چېچىمنى سىلىدى دىدىم.
يۈزلىرىمدە ئىرىگەندە قار،
يارنىڭ ئوتلۇق تەپتىدىن دىدىم.
ە
ماڭدىم قارنىڭ ئۈستىدە غىچ-غىچ،
مەقسەت قەستەن ئاۋاز چىقارماق.
بۇ نىيەتنى بىلگەيمۇ بىراۋ،
چۈنكى يارىم شۇنىڭغا ئامراق.
ە
يەنە بىرگە ئوينىيالمىدۇق،
شوخ كۈلۈشۈپ قارلار ئېتىشىپ.
لىكىن تەسكىن تاپار كۆڭلىمىز،
سېغىنىشلىق سالام ئېيتىشىپ.