ئويلان
ئويلان ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر دېگەن ئىسمىڭ بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر  مەدىنيىتىڭ ، تىلىڭ  بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر يېزىقىڭ بىر  ،  دىنىڭ بىر  .
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .
 
بىر شىنجاڭدا شەھەر ئايرىپ يۈرىسەن ،
بىر ئىسلامدا مەزھەپ ئايرىپ يۈرىسەن ،
ھەتتا گاھى جەمەت ئايرىپ يۈرىسەن ،
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .
 
ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇرلاردىن قاچىسەن ،
مەنپەت ئۈچۈن مىللىتىڭنى ساتىسەن ،
ئۆزۈڭ ئۈچۈن بالاڭدىنمۇ تانىسەن ،
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .
 
ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتتى مۇناپىق ،
ئۈنلىگەرەك كۈلەلمەيدۇ خالايىق ،
نىمە ئۈچۈن يوقالمايدۇ نادانلىق ،
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .
 
ئويلاپ باققىن ئويلاپ باققىن  ئولتۇرۇپ ،
ھەممە ئۇيغۇر ھەممە ئۇيغۇر جەم بولۇپ ،
ئۇيغۇر سەندە كۆپ بىرلىكلەر بار تۇرۇپ  ،
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .
مىليونىر