ھامىنى بار بىر ئۆلۈم مۇناپىق دەپ ئاتىلمىغىل ،
ياكى سەن تاشلاپ بالاڭنى يىراق-يىراققا قاشمىغىل ،
ئۇيغۇرۇم قوللار سېنى بۈيۈك جەڭلەرنى باشلىغىل ،
ھىممىتىڭدىن، غەيرىتىڭدىن ئۆل، لېكىن ئايرىلمىغىل،
ھەقلىقىن بىلگەن يولۇڭدىن جاننى بەر، قايرىلمىغىل.
ئاتا-ئاناڭ زۇلۇم  تارتتى سۈكۈت قىلماي ئالغىن قىساس ،
ئەۋلادلىرىڭ راھەت كۆرسۇن جېنىڭ بىلەن سالغىن ئاساس ،
ئويغىندىغان ۋاقىت كەلدى كۆزۈڭنى ئاچ قىلغىن قىياس ،
مانىئىڭ كۆپ بولسىمۇ، قورقماي ئۈزۈپ ئالدىڭغا باس،
تاغۇ تاش، دەريا ئۇلۇغ سۆزلەرگە سەن تاڭ قالمىغىل.
مۇنقەرىز  بولغانىدىن  ئۆلگەن ياخشى يۇتۇپ زەھەر ،
ئارمانىم قالماس ئىدى ھۆرلۈك ئۈچۈن ئۆلسەم ئەگەر ،
سانجىلسىمۇ يۈرەكلەرگە  تۈمەن دۈشمەندىكى نەشتەر ،
ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە، يا غەرق بول، يا تاپ گۆھەر،
شىر نە يولۋاس كەبى باسقان ئىزىڭدىن  يانمىغىل.
دۈشمىنىڭ تۈلكە بولۇپ سېنى قاشىمگە كەل دېسە ،
مۇناپىق بول دەپ سېنى شىرىن شېكەردەك سۆزلىسە ،
ئاقمىسا ھىلە مىكرى ئۆلتۈرىمەن دەپ ھۆكىرىسە ،
تۆت تەرەپ ياۋ ھۇۋلىشىپ، سەككىز تەرەپ تىغ تەڭلىسە،
ئېلىشىپ قانغا بويال، نومۇسنى ھەرگىز ساتمىغىل.
 
بېكارغا كەتمەس ھەرگىز جەۋرى جاپانى چەككىنىڭ ،
ۋەياكى يۈرەكىڭدىن ئىسسىق قانلارنى تۆككىنىڭ ،
ئادالەت ھۆرلۈك ئۈچۈن ھەتتا جېنىڭدىن كەچكىنىڭ ،
كىمكى ھەق تولغا قەدەم قويسا ئۇتۇق مۇتلەق شۇنىڭ،
بۇ نېچۈك بولغاي كېيىن دەپ، توق خىيالغا قالمىغىل.
بۈگۈن تەرگەن گۈللىرىڭ  ئەتە خۇشپۇراق  چاشقۇسى ،
كېرەك ئەمەس بولسۇن ساڭا يۇرت ھەم مىللەتتى باشقىسى ،
ئەنە شۇنداق  ئويلىساڭ گەر گۈزەل كېلەچەك بولغۇسى ،
سەن ۋە ۋەتەن، مىللەت دېسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسۇر، ئالىي نىشان، كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل.
ياشىغىن ئەي ئۇيغۇرۇم ياخشى يامانلارنى بىلىپ ،
كەلمىسۇن پۇشايماندا يۈرىدىغان كۈنلەر كېلىپ ،
كۆزۈڭنى ئېچىپ ياشا  جەڭگە ھازىر تەييارلىنىپ  ،
ئابدۇخالىقنىڭ سۆزى دەپ ئېتىبار قىلماي قېلىپ،
ئۇشبۇ ۋىجداننى كېيىن پۈتمەس ئازابقا سالمىغىل.
ئاپتورى : مىليونىر
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   MILYONIR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-18 09:51 PM