«قىزىل راۋاقتىكى چۈش» رومانىدىكى بىر شېئىر*
ئۆز ۋاقتىدا بەگ غوجاملار تولغان ساراي،
غۇربەت بېسىپ قۇرۇق سۆلەت دالان بولدى.
بىر چاغلاردا بەزمە-مەشرەپ قاينىغان جاي،
گۈللەر توزۇپ، دەل –دەرەخلەر خازان بولدى.
زەر تورۇسقا ئۆمۈچۈكلەر باغلىدى تور،
گۈل پەنجىرلەر ئوت-گىياھقا ئاشيان بولدى.
ئۇپا-ئەڭلىك،خۇش پۇراقنىڭ نە ھاجىتى،
قىروۋ قوندى چاچقا، قېرىلىق ئايان بولدى.
كېچە تۇپراق ئارا كىرسە مۇردا، بۈگۈن –
ئاشىق-مەشۇق ھوجرا ئارا پىنھان بولدى.
ساندۇق-ساندۇق ئالتۇن- كۈمۈش ساقلىغانلار،
كۆز ئاچقۇچە گادايلىشىپ ۋەيران بولدى.
ئۆمرى قىسقا دەپ ئۆزگىدىن ئاھ ئۇرغانلار،
كېلىپ ئۆزى ئۇ ئالەمگە راۋان بولدى.
ئاتاسىدىن قاتتىق تەنبىھ ئالغان زاتلار،
ئېھتىمالىم، قىلمىشلىرى ئەسيان بولدى.
بايۋەچچىدىن ئۆزىگە جۈر ئىزدىگەنلەر ،
تاپقان جايى خۇنۈك چالا مەيدان بولدى!
تاجىسىنى كىچىك كۆرۈپ كىيمىگەنلەر،
كىيىپ قوۋۇق، ياتقان يېرى زىندان بولدى.
ئاخشام تېخى جۇل –جۇل توندىن غىڭشىغانغا،
بۈگۈن بەگلىك چاپىنىمۇ يامان بولدى.
بىرى تەختتىن چۈشسە،يەنە بىرى چىقتى،
ئاقىۋەتتە ماڭا يات يۇرت ماكان بولدى.
قويغىنا، بۇ ئەپسانىنى،ھەننىۋاسى-
باشقىلارغا ئاخىر تويلۇق چاپان بولدى.
__________
* «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»-جۇڭگونىڭ پىروزا ئەسەرلىرى ئىجادىيىتىدە تەرەققىياتلار ئەڭ يۇقىرى بولغان چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن داڭلىق رومان بولۇپ، بۇ شېئىر ئەنە شۇ روماندىكى ئىدىيىۋىي مەزمۇننى تولۇقى بىلەن دېگۈدەك يورۇتۇپ بەرگەن ياخشى شېئىر بولغاچقا، مەن بۇ شېئىرنى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ساقلاپ كەلگەنىدىم. مۇنبەرداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم. بەلكىم، بەزى سۆز-ئىبارىلىرىدە ئاز-تولا ئۆزگىرىشلەر بولغان بولۇشى مۇمكىن.مۇنبەرداشلارنىڭ ئىجادىي مۇئامىلىدە بولالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
(مەنبەسى: ئەينى يىللىرى ياقتۇرۇپ ئوقۇپ خاتىرەمگە كۆچۈرۈپ ساقلىۋالغانلىرىم )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-18 01:01 PM