قـىـزىـم يـاخـشى چـۈش كـۆرۈڭ
گۈلباھار ئەزىز
قىزىم شۇ تاپ، كارۋىتىڭىزدا يىنىك تىنىپ ئۇخلاۋاتىسىز، سىزنىڭ سەبى كۈلكىلەر غۇۋا مارىلاپ قالغان چېھرىڭىزدە، شۇنچە تېنىچ، غەمسىز بىر ھالەت سوزۇلۇپ ياتاتتى. مۇشۇ تۇرقىڭىز بىلەن سىز گويا كىچىك پەرىشتىلەرگىلا ئوخشاپ قالغان ئىدىڭىز. سىز تۇرۇپ نىمىلەرنىدۇر دەپ غۇدۇراپ قويسىڭىز، تۇيۇقسىز ئۈمچۈيۈپ كېتەتتىڭىز، سىز غۇدۇراپ چۈشىنىكسىز سۆزلەرنى قىلىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، كەپسىز قىزىم چۈشىدىمۇ شوخلۇق
قىلىۋېتىپتۇ دەپ قىزىقسىنىپ قاراپ كەتسەم، سىز ئۈمچەيگەندە، چۈشەكەپ يىغلىغاندا، سىزنى گويا بىراۋلار بوزەك قىلىپ كەتكەندەك ،باغرىمغا مەھكەم بېسىۋالاتتىم. شۇ تاپ سىزنى تۇنجى كۈنى مەكتەپكە ئاپارغان ئاشۇ ۋاقىت
كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى. مەن قۇلىڭىزدىن مەھكەم تۇتۇپ يىتىلەپ كىتىۋاتقانىدىم. مەكتەپ دەرۋازىسى
ئالدىغا كەلگەندە، چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋىلىپ سىزگە قاردىم -دە:« قىزىم، بىز بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
دەپ ئوڭ پۇتىمىزنى ئېلىپ، مەكتەپ قوروسىغا كىرەيلى» دىدىم. سىز مىنىڭ بۇ ئارقىلىق نېمە دىمەكچى ئىكەنلىكىمنى بەك چۈشىنىپ كەتمىدىڭىز، ئەمما مېنىڭ دىگىنىمدەك قىلدىڭىز، بىز شۇنداق قىلىپ دادىل قەدەم بىلەن، مەكتەپكە كىردۇق. مەنمۇ تۇنجى قېتىم مەكتەپكە كىرگەندە ئانام شۇنداق دىگەنىدى، بۇ سۆزنىڭ ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشتا، بىسمىللاھ دەپ باشلاش كېرەك بولغىنى ئۈچۈن بەلكىم شۇنداق دەرمەن دەپ چۈشەندىم. كېيىن ھايات مۇساپىسىدە مەن نۇرغۇن نېمە ئۈچۈنلىرىم ھەم شات كۈلكىلىرىمنىڭ ئاشۇ بىسمىللاھدىن باشلانغىنىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا بۇ بۇيرۇققا ھەم نەسىھەتكە ئوخشاپ كىتىدىغان سۆزۈمنى يەنىلا شۇ سەبى كاللىڭىزدىكى ئاددى چۈشەنچە ھەم سوئال بىلەن قالدۇرۇشنى مۇۋاپىق كوردۈم. سىز بىرىنجى سىنىپقا قۇبۇل قىلنىش ئۈچۈن بىر تال قېرىنداش بىلەن بىر تال ئۇچلۇغۇچىڭىزنى كۆتۈرۈپ، مەن گويا سىزنى تاشلاپ كىتىپ قالىدىغاندەك، قىيالماي قاراپ قۇيۇپ ئىمتاھان مەيدانىغا كىرىپ كەتتىڭىز. ھازىر بىز ئۇقۇغان چاغدىكىدەك تۇخۇنىڭ پۇتى قانچە، توشقاننىڭچۇ؟ دەپ سۇئال سورىمايتتى. دەل مۇشۇنداق خېلى قاتتىق تۈزۈم بىلەن ئىمتاھانغا قاتنىشىش ھەم لاياقەتلىك بۇلىش كېرەك ئىدى. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئارسىدا، ئۆزىمنىڭ راستلا ئانا بولغىنىمنى چەكسىز بەختىيارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ سىزنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتەتتىم. مېنىڭ بۇ تۇرقۇم، ئۆزىمنىڭ ئالى مەكتەپكە ئىمتاھان بەرگەندە، دادام-ئاناملارنىڭ مېنى كۈتۈپ سىرىتتا تۇرغان ئاشۇ ۋاقتىغا بەكمۇ ئوخشايتتى. شۇنداق قىلىپ سىز بۇنداق ئۆتكەللەردىن سالامەت ئۈتۈپ مەكتەپكە كىردىڭىز. كۆز قارچۇغۇمغا سىڭىپ كەتكەن ئۇماق، تاتلىق بىر ئەزگۈلىك بىلەن مېنىڭ روھى دۇنيارىمغا شاتلىق ئاتا قىلىدىغان مەۋجۇتلىغىڭىز، مېنى ھېلىدىن - ھېلىغا بىر مەسئۇلىيەت قوينىغا سۆرەپ ماڭاتتى. سىز مەكتەپتىن كەلگىچە ئەندىشە قىلىپ ۋاقىتنىڭ سەل-پەل ئۈتۈپ كىتىشى بىلەن ھەر-خىل خىياللار بىلەن ئۆزۈمنى قورقۇتۇپ ئارامىمدا تۇرالماي قالاتتىم. دېرىزدىن بىردەم -بىردەم يولىڭىزغا قاراتتىم. سىزنىڭ قارىڭىز كۆرۈنگەندە دىلىم يايراپ، گويا مىنىڭ يۈرىگىم يىراقتىن ماڭا قاراپ پۇلاڭلاۋاتقاندەك، بۇ جىسمىمنىڭ بارلىق مۇھازىنتىنى تەڭشەيدىغان، بارلىقىم سىزنىڭ كۆز قارچۇغۇمدا ساقلانغان ئاشۇ سىما بىلەن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرشىڭىزدا ئىكەنلىكىنى بەكمۇ چوڭقۇر ھىس قىلاتتىم. دەل شۇ چاغدا مېنى بىتاقەت بۇلۇپ دەرۋازا ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان ئانام كۆز ئالدىمغا كېلەتتى. بۇنداق ساقلاشلارغا كۆنۈك بولساممۇ ئانامنىڭ مېنىڭدىن بىھۇدە ئەنسىرەپ يۈرشىنى ئارتۇقچە دەپ ھىس قىلاتتىم. شۇڭا بەزىدە غۇدۇراپمۇ قۇياتتىم. مانا دەل ئاشۇ ۋاقىتتا مېنىڭ پەرۋاسىزلارچە سۇزۇلۇپ مېڭىپ ئويگە كېلىۋاتقان ۋاقىتىمدا، ئانامنىڭ مىنى قانچىلىك تەققازالىق ھەم غەم ئەندىشە بىلەن ساقلىغىنى، چېھرىدىكى ئەندىشە، غەملەر تۈپەيلى پۇت - قوللىردىمۇ مادارى قالمىغىننى چوڭقۇر ھىس قىلاتتىم -دە، بىچارە ئانامنىڭ دىلىغا غەم ئەندىشنىڭ سايىللىرنى تاشلاپ قويغان بىپەرۋالىقىم ئۈچۈن: « ئانا، شۇ تاپ بۇ ھالەت مىنىمۇ يوقلاپ ئۆتكەندىلا سىزنىڭ ئەندىشىڭىزنىڭ، سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزغا بوي سۇنمايدىغان، ھېلىدىن - ھېلىغا سىزنىڭ خاتىرجەملىكىڭىزنى بۇزدىغان، تەخىرسىز ئازاپ ئىكەنلىگىنى ئەمدى ھىس قىلدىم » دىگۈم كىلەتتى. شۇ چاغلاردا مېنىڭ بالىلارچە دۇنيارىم بەكمۇ قۇرغاق ئىدى، چۈنكى ئانام « كوزىنىڭ كۈنىدە، سۇنۇپ قېلشى » دىن ئەنسىرەپ، مىنى مۇكۇشمەك ھەم رېزىنكە سەكرەپ ئويناۋاتقان شۇ جايلاردىن يالۋۇرۇپ ھەر-خىل سەۋەپ بىلەن قۇلۇمدىن يېتىلەپ ماڭاتتى، مەن بولسان كۆزۈم ئارقىدا، سۆرەلگىنىمچە ئانامغا ئەگىشەتتىم. بىردەم ئوينىغانغا نىمە بۇلاتتى دەپ، زادىلا نارازى بۇلاتتىم. ئەمما ئانا بۇلۇش شەرىپى مىنى يوقلاپ ئوتكەندە بولسا ،مەنمۇ شۇ ئەندىشلەر ئىسكەنجىسىدە، ئانامدەكلا خاتىرجەمسىز بولغىنىم ئۈچۈن « قىزىم بىردەم ئوينىغانغا نىمە بۇلاتتى » دەپ يول قۇيالمىدىم. سەلكىن شامال سۈيۈپ ئوتكەن، سەبى چېھرىڭىزدىكى جىلۋىڭىزنىڭ ۋۇجۇدىڭىزغا مەڭگۈلۈك بەختىيارلىق ئاتا قىلشىنى، شاتلىقنىڭ ئۆكسۈپ قالماسلىغىنى بەكمۇ خالايتتىم. بارلىق ئانىلارغا ئوخشاشلا مەن سىز ئۈچۈن بەدەل تولەشكە ھەم قۇربان بېرىشكە رازى ئىدىم. دەل شۇ چاغدا مەن، ھەرخىل خىرىسلار ئىچىدە، تەبىئىلىكى يىتىمسىراپ، ئۆز رەڭگىنى يۇقاتقان، ئېتقاتسىزلىق، يۈزسىزلىك، نائەھلىلىك، شەخسىيەتچىلىك ۋابادەك تارقالغان پاجىئە بىلەن تۇلۇپ كەتكەن مەۋجۇدىيتىمىزنىڭ چىركىنلىكى ئىچىدە ئۆز خاسلىقىنى، ساقلاپ قېلۋاتقان مېھىر - مۇھەببەتنىڭ پەقەت ئاتا-ئانا ۋۇجۇدىدىلا تۇتىيا بۇلۇپ ساقلىنىپ قالغىنىنى، ئاتا-ئانىنىڭ، پەرزەنتكە بولغان مېھرىنىڭلا مەڭگۈلىك ئوبراز سۈپىتىدە تۇرۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ قالدىم. چۈنكى بۇ ھىچقانداق شەخسى غەرەزدىن خالى بېغىشلاش ئىدى.
قىزىم ، سىزنىڭ مەۋجۇتلىقىڭىز ماڭا تەسەللى رىغبەت، ئۆزۈمگە ئىشەنچ ئاتا قىلاتتى. يۈرگىمنىڭ سۇقۇشلىرىمۇ ،ھەركەت ھەم بەخت ئۈچۈن ئىزدىنىشىممۇ سىزگە تەئەللۇق ئىدى. سىزنىڭ مەۋجۇتلىقىڭىز ماڭا ئانىلىق سۈپەت ئانىلىق ۋەزىن ئاتا قىلىپ قالماي مەسئۇلىيەت سوتىدا دائىم سوتلاپ تۇراتتى. سىزلا ماڭا ھاياتلىقنىڭ گۈزەللىكىنى، ئوزىنى بېغىشلىيالايدىغان ئەڭ ئېسىل پەزىلەتنىڭ ۋۇجۇدىدا بىخ ئۇرۇشنىڭ نىمدىن دېرەك بېرىدىغىننى ھىس قىلدۇردىڭىز. سىز مېنىڭ ھاياتلىقتا مەۋجۇت بوپ باققانلىغىمغا شاھىت ئىدىڭىز، مېنىڭ ئانىلىق سالاپىتىمنى، مەسئۇليتىمنى نامايىش قىلدىغان مەيدان، ئۆزىمنى چېنىقتۇردىغان كۈچ – قۇۋەت ئاتا قىلغان ئىدىڭىز. سىزنى مەن چەكسىز ئارزۇيىمنى روياپقا چىقارغۇچى ھەم ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرغۇچى ئۈمۈدۈم دەپ قارىغان ۋاقتىمدا، سىزنىڭ قانداق ئانىغا مۇھتاج ئىكەنلىكىڭىزنى تېخىمۇ ئويلاشقا باشلىدىم. سىزگە قالايمىقان ۋەدە بىرىپ قۇيۇشتىن قورقاتتىم، ۋەدە قىلغان ئىكەنمەن چۇقۇم ئەمەل قىلشىم كېرەك ئىدى. سىزگە ئائىىلىدىكى ئىللىقلىقنىڭ ئاجايىپ جەلىپكارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشقا ئۇرناتتىم ... ئانىلىق يىغلاڭغۇ مېھرىمگە قاراپلا، ئانا بۇلۇش سۈپتىمگە خاس ھۆرمەتكە ھەم ئېتراپ قىلىشقا ئېرشىمەن دەپ ئولتۇرۇشنىڭ بىر بىخۇتلۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلاتتىم. سىزگە ئادى-ساددىلىقنى ئۆگۈتىشنى ئويلىساممۇ، باشقىلاردا بولغان نەرسىنىڭمۇ سىزدە بۇلشىنى ئارمان قىلاتتىم، شۇڭا تەربىيىدىكى بۇ بىر پۈتۈنلىكنىڭ نوقسانلىرىغا ئوزۈم يېشىل چىراق يورتۇپ بىرىپ قالاتتىم .
ئېسىڭىزدىمۇ قىزىم، بىر كۈنى بىز بىكەتتە ماشىنا ساقلاۋاتقان ئىدۇق، يېنىمىزدا بىر مەجروھ، مەجروھ بولغاندىمۇ ئورنىدىن قوپالمايدىغان ئەمما سۆرلۇپ، يۆتكۈلۈپ يورۈپ سەدىقە تىلەيدىغان بىر ئايال بار ئىدى. بۇنداق چاغلاردا سىزنىڭ « ئانا بۇ ئاناشقا پۇل بىرەيلى » دىيشىڭىز مىنى بەكمۇ سۈيۈندۈرەتتى. ئەمما ئۇ ئايال ئۈيىگە قايتماقچى بولسا كېرەك، بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ئۈچ چاقلىق كىرا موتوسېكىلتىغا چىقماقچى بولدى، بۇ ئايال بۇ ھالىتى بىلەن ھەرگىزمۇ چىقالمايتى، راس دىگەندەك كۆپ ئۇرۇنغان بولسىمۇ يەنىلا چىقالمىدى، ئەتراپتا ئادەم كوپ ئىدى، لېكىن ئاشۇ تاماشا كۆرۈپ تۇرغانلار قاتاردا مەنمۇ تۇرىۋەرسەم بولمايتتى. چۈنكى مەن قەلبىڭىزدە مېھىر – مۇھاببەت، ئىللىقلىقنىڭ پەقەت ماددى جەتتىكى سەدىقە بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ نەق مەيداندىكى دەرسنى داۋاملاشتۇرشۇم كېرەك ئىدى. مەن باردىم ئۇ ئايالنى يۆلىدىم، كىم بىلسۇن تاس قالدىم، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا كى بۇ مانىۋىرنى مۇۋاپپەقىيەتلىك تاماملىيالماي قالغىلى. سىز يۈگرەپ كىلىپ ماڭا ھەمكارلاشتىڭىز، ئۇ ئايالنىڭ كىيمى ئارقىلىق كىيىملىرىمگە يۇققان تۇپىلارنى قاقتىڭىز. بىلەمسىز قىزىم، بۇ مېيىپلىقنىڭ پەقەت جىسمانى جەھەتتىكى مېيىپلىق ئىكەنلىگىنى، روھى جەھەتتىكى مېيىپلىقنىڭ ئىنساننىڭ روھىنى ئىكەكلەيدىغان غايىللىرىنى، ئارمانلىرىنى كۆپۈككە ئايلاندۇردىغان پاجىئە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلشىڭىز كېرەك قىزىم.
جىسمانى جەھەتتىكى مېيىپ كىشىلەر يول مېڭىشنى نۇرمال داۋاملاشتۇرالمىغان بولسا، روھى جەھەتتىكى مېيىپلار ھاياتتا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن باشقا ھېچقانداق بىر غەلىبە ھەم مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئۇچرىشالمايدۇ. كىر باسقان روھى چىرگىنلىك، قاششاقلىق، ئېتقادسىزلىق، مېھىر – ۋاپانى تەرك ئەتكەن قارا قورساقلىقتىن سىزنى ئاللا ئوز پاناھىدا ساقلىغاي قىزىم. مانا بۇ روھى مېيىپلىقنىڭ جۈملىسىدىن بولغان ۋابا ھايات مۇساپىڭىزدە سىزنى چۆرگىلەپ سىزگە ئاراملىق بەرمەيدۇ، ھايات مۇساپىڭىز ئۇزۇن تېخى، مەن ھاياتلا بولسام سىز بىلەن تالاي ئۆتكەللەردىن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئۈتۈمىز قىزىم، ناۋادا بىر كۈنلەردە قانۇنيەت بىلەن داۋاملىشىۋاتقان ھايات سىناقلىرى، بىزنى ھاياتلىق سەھنىسىدە تەڭ كۈلۈش بەختىدىن مەھرۇم قىلىپ مەن تۇپراق ئاستىغا كۈمۈلگەندىمۇ، سىز ھاياتتىكى تالاي مۈشكۈلاتتىن بىخەتەر ئۈتۈشكە تۇلۇق تەييارلىق بىلەن تۇرشىڭىز كېرەك . سىزنىڭ بەردەملىكىڭىز مىنىڭ خاتىرجەملىكىم.
ئېسىڭىزدە بولسۇن قىزىم « ئانا » بولغۇچىنىڭ كۆڭلى، پەرزەنتىنىڭ مەۋجۇتلىقى، ھەم ئۇنىڭ ئۆزىگە، ھاياتلىقنى داۋام ئېتىۋاتقانلىقنىڭ نىشانى بولغان نەۋرىلەرنى بۇ دۇنياغا ئاپرىدە قىلالىغىنى ئۈچۈنلا تەسكىن تاپمايدۇ. چۈنكى بۇنداق مەۋجۇتلۇق ھەم تولۇقلىنىپ تۇردىغان قانۇنيەت ھايۋانلاردىمۇ بار. سانغا قارىغاندا سۈپەت مۇھىم بولغۇنىدەك، بىزنىڭ نام – نىشانسىز 100 يىل ياشىغىنىمىزدىن، ئادىمىيلىكىمىز ھەم، ئېتقادىمىز بىلەن 50 يىل ياشىساق شۇ بىزنىڭ غەلبىمىز قىزىم. بۇ سوزلەر بىلەن يەنە مېھرىبان ئانامنى ئەسلەپ قالدىم. دۇنيادا پەقەت ئانىلا ھاياتتا بىر تېمىم، بىر تېمىمدىن ئېرىپ تۈگەيدىغان شام ئىكەن. ئانامنى پەقەت بەدەل تۆلەشكە يارالغاندەك، مەڭگۈ بەردەم ھەم يۇقالماس ھالىتى بىلەن بىر ئىلاھى سىمادا كۆز ئالدىمدا نامايەن قىلىپ كۆڭلىمنى تولىمۇ توق تۇتاتتىم. سىز بىلەن ئانامغا خوش دەپ قايتقىنىمىزدا باغرى بىزگە مەڭگۈ قانمايدىغان دادام بىلەن ئانام ئارقىمىزدىن ئۇزاتقىنىچە خېلى يەرگە بىللە چىقاتتى. ئۇ قىيالماسلىقنىڭ ئۇ ۋاقىتلىق ئايرىلىشنىڭ نەقەدەر ئېغىر بۇلدىغىنىنى بارغانچە ھىس قىلماقتىمەن. نۆۋىتى كەلگەندە شۇنىمۇ ئايانماستىن دەي قىزىم، مېنىڭ باشقۇرشۇمغا كۆنمەي بالىلارچە ئەركىلەشلىرىڭىز بىلەن، مېنى رەنجىتكەن ۋاقتىڭىزدا بىر چاغلاردا، ئانام بىلەن تالىشىپ ئۆز پىكرىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرنۇپ رەنجىتكەن ۋاقتىم ئېسىمگە كىلىدۇ، جېنىم ئانام شۇ چاغدا قانچىلىك ئازاپلانغان بۇلاتتى، چۈنكى بۇ پىكىرلەرنىڭ ئېتۋارسىز قالغىنىدەك بىلىندىغان بەكمۇ بىاراملىق ئىچىدىكى تۇيغۇ ئىكەن ئەمەسمۇ؟ بۇنى پەقەت ئانا بۇلۇش پۇرسىتى كەلگەندىلا ئاندىن چوڭقۇر ھىس قىلدىم. شۇڭا سىزنى ھاياتتا مۇكەممەللىكنى ئىزدىسىكەن. بەزى نەرسىلەرنى ماڭا ئوخشاش ئانا بولغاندىلا ئەمەس، بالا ۋاقتىدىمۇ چۈشنەلىسىكەن دىگەن ئۈممۈتتىمەن.
قىزىم قاراڭە! شۇنچە كۆپ خىياللارنى قىلىپ تۈگەتكۈچە سىز تېخى تۇيمىدىڭىز، شۇ تاپ قولۇمدا بىر ژورنالنى تۇتقانچە ئولتۇرۇپتىمەن، بەت ئارقىسىدا بىر ھەجۋى سۆرەت بار ئىكەن. بىر جەسەت ساندۇقىنىڭ ئالدىدا بىر كىشى قاتتىق مۇسىبەت ئىچىدە باشلىرىنى ئىگىپ تۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا ۋەكىلىك قىلدىغان قارا كولەڭگىسى دەل ئۇنىڭ ئارقىدا تۇرۇپ دوپپىسنى ئاسمانغا ئېتىپ، بۇ ئۆلۈم ئۈچۈن تەنتەنە قىلغىلى تۇرۇپتۇ. قاراپ كۈلۈپ كەتتىم. قېنى قىزىم سىز خاتىرجەم ئۇخلاڭ ئەتە تاڭ ئاتسا بۇ سۈرەت ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىمىز. ھاياتتا سىزگە كۈلۈپ باققانلارنىڭ ھەممىسنىڭ سىزگە دوستلۇق قۇلىنى، چىن مېھرىنى بىرەلىشى ناتايىن قىزىم، ياخشى چۈش كۆرۈڭ.
گۈلباھار ئەزىزنىڭ <<يۈرىكىڭنى ئوقۇپ باققۇم بار>>ناملىق نەسىرلەر توپلىمىدىن ئېلىندى.
كومپىيوتېر ئالدىدا : لەيلى