مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2065|ئىنكاس: 19

تىلەمچىنىڭ غايىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18880
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 11:53:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئاق كۆڭۇل دوستلىرىم ،سېخى قوللىغۇچىلىرىم ،مەن بولسام بىر تىلەمچى ،<< ساۋاب تاپاۋىتى >> قىلىمەن. يانچۇقۇمنىڭ تېگى يوق،يۈزۈمنىڭ تۈكى يوق.پۇل بەرگەندىن ساناپ ئالىمەن،پۇل بەرمىگەننى قارغاپ قالىمەن.كىشىدىن ياخشىلىق كۆرسەممۇ شۈكرى قىلمايمەن ،ماڭا ياخشىلىق قىلغاننى تىلىغا ئالمايمەن.ھەر قانچە يېسەممۇ تويمىغاندەك ،كىشىنى قويساممۇ قويمىغاندەك تۇرالايمەن.جەمىيەتكە نالەم،تىلەشكە چارەم تۇلا.
ھەممىڭىزلەرگە مەلۇم ،ھازىر خېلى داڭلىق ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇغان بەزىبىر ھاماقەتلەرئۆزىگە ئەمەس ،ئۆزگىگە ،نەپسىگە ئەمەس ،ھەۋىسىگە ئىشلەپ ،يانچىقىدا بەش تىزىقنىڭ تاينى يوق ،بېشىغا باكلاۋۇرلۇق،ماگىستىرلىق،دوكتۇرلۇق قالپىقىنى قوندۇرۇش كۇيىدا بەزلەنمەكتە.ئۇلارنىڭ غايىسى ئۇلۇغ ،سۇپىرسى قۇرۇق .ئۇلار شۇنچىلىك سېخيكى،گۆشتىن قىممەت كىتابلارنى ئىككى يېنىغا قاراپمۇ قويماي سېتىۋالىدۇ . تەتقىقات ئۈچۈن ،كۆز ئەينىكىنىڭ گىرادۇسى مىڭدىن ئېشىپ ،يۈزىنىڭ تېرىسى سويۇلۇپ كەتكۈچە كومپيوتېر ئالدىدا ئورانگۇتاندەك ئولتۇرىدۇ.ئۆزلىرىنىڭ ئىستىقبالىنى پارلاق ،ئالدى- ئارقىسىنى يايلاق ،مىنگەن ئېتىنى تايلاق چاغلاپ ،غازدەك غادىيىپ ،توزدەك كۆرەڭلەپ ،چاشقاندەك تىمىسقىلاپ يۈرۈشىدۇ-يۇ،مىنى <<قەلەندەر>> دەپ  يارتىشمايدۇ،لېكىن مىنىڭدەك ئوڭاي كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ،چونتىكىنى توملاشنى ئەسلا ئويلاپ قويمايدۇ.ئۇلارنىڭ بەزىلىرى دوختۇر،بەزىلىرى دوكتۇر تۇرۇپ ئۆمۇر بۇيى بىرەر يېڭىلىقنى بارىلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ،ئەمما مەن ئىسمىمنىمۇ يازالمايدىغان تۇرۇپ كۆپلىگەن يېڭىلىقلارنى بارلىققا كەلتۈردۈم .مەسلەن ،پۇتۇمنى تېڭىۋېلىپ توكۇر بولىۋالدىم ،قولۇمنى يېڭىمگە يوشۇرۋېلىپ چولاق بولىۋالدىم ،كۆزۈمگە قارا كۆزئەينەك تاقىۋېلىپ ئەمە بولىۋالدىم ،باشقىلارنىڭ باللىرىنى ئىجارىگە ئېلىۋېلىپ تىلەمچىلىككە سالدىم ،ئىشقىلىپ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئاق كۆڭۈل كىشلەرنىڭ ھېسىداشلىقىنى قوزغاپ ،ئۇلارنى ماڭا بەس-بەستە سەدىقە بېرىشىنى قولغا كەلتۈردۈم . مەن سەدىقىنى بەزىدە توردىن ،بەزىدە گۆردىن ئىزدەيمەن .سەدىقە ئېلىش ئۈچۈن لايغا مىنىمەنكى ،تايغا مىنمەيمەن ،سەدىقە بەرمىگەنلەرنى پۇتىغا ئېسىلىپ يالۋرىمەن ،،مەيدەمنى مۇشتلاپ يىغلايمەن  .ئىشقىلىپ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيمەن .
مىنىڭ <<تىلەمچى>>دىن باشقا ،<< قەلەندەر>> ،<< ساھىل>> ،<<ئابدال>>دىگەندەك ناملىرىممۇ بار،بىراق مىنى باشقىلارنىڭ<< ساھىل >> دېيىشىنى ياقتورمايمەن  ،چۈنكى باشقىلار بىلمىگىنى بىلەن ،تاپاۋېتىم ياخشى ،مېنىڭمۇ شۇنداق دوستلىرىم باركى،ئۆزى تىلەمچى بولمىسىمۇ،ئاتا-ئانىسىنى تىلەمچىلىككە سالىدىغان.
ئۇ دوستلىرىم ئۆزى ئۇرۇمچىگە جايلىشىۋېلىپ يۇرتتىكى قېرى ئاتا-ئانىلىرىنى قىشتا ئۇرۇمچىگە ئەكېلىپ تىلەمچىلىككە سېلىپ پۇل تاپقۇزىدۇ-دە،يازدا يۇرتلىرىغا ماڭغۇزىۋېتىدۇ.<< ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرالمىدىڭ ،مال-دۇنيا قالدۇرالمىدىڭ ،خۇتۇن ئېلىپ بەرمىدىڭ ،ياتلىق قىلالمىدىڭ ،ئۆلۈملۈكۈڭنى بولسىمۇ ئۆزەڭ تاپ ...>>دەپ ئۇلارنىڭ ئارامخۇدا جان ساقلىشىغا يول بەرمەيدۇ.پات-پات تىلەمچى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ تىلەپ تاپقانلىرىنى بىرمۇ بىر سۈرۈشتۈرۈپ  ئېلىۋالىدۇ،بىراق مەن ئۇنداق قىلمايمەن ،شۇڭا ئۆزەمنى ئۇلارغا قارىغاندا خېلى ۋىجدانلىق ھېساپلايمەن .مېنىڭ كەسپىم شۇنچىلىك ئومۇملاشقانكى،مېنى ئەجنەبىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ساياھەت ئورۇنلىرى  ،مەسچىتلەرنى ئالدى،ئۆتۇشمە يول ياكى يەر ئاستى يوللاردا ھەر ۋاقىت ئۇچىرتالىشىڭىز مۇمكىن.قىسقىسى،بازاردىمۇ مەن بار ،مازاردىمۇ مەن بار.ئەگەشكۇچىلىرىمىدىن ،ساختىپەز توكۇر ،قىزىل كۆز چوقۇر،يۇزى قېلىن كىسەل ،شېرىن سۆز گۈزەل قاتارلىقلار ماڭا ئوخشاشلا باشقىلارنىڭ ھېسىداشلىقىنى قوزغاپ ،يانچۇقىدىكى پۇللارنى ئۇڭايلا چونتىكىگە سېلىۋالالايدۇ .ئۇلارنىڭ كوچىلاردا ۋاقىراپ قىلغان نالىسنڭ ئاڭلىغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىماي قالمايدۇ.
يېقىندىن بۇيان ئانامنىڭ ئېغىر كىسەلگە گىرىپتار  بولۇپ قالغانلىقى، ئىشلەي دېسەم قۈربىم يەتمىگەنلىكى يېزىلغان مۇراجەتنامىنى ئالدىمغا قويۇۋېلىپ ،بىر كۆزۈمنى تېڭىپ يەكچەشمە بولۇۋېلىپ ،كىشلەرنىڭ گۇمانىدىن مۇستاسنا ھالدا تىرىكچىلكىك قىلىۋاتىمەن. بۇ كەسپىمنىڭ قاچانغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى ماڭا نامەلۇم  .بەلكىم بىر كۈنلەرگە كەلگەندە ،كىشلەر مەندەك يالغاندىن مېيىپ قىياپىتىگە كىرىۋالغان تىلەمچىلەرگىلا ئەمەس،بەلكى راستىنكلا قىيىنچىلىقى بارلارغىمۇ ئىشەنمەس بولۇپ كېتەر،  بىراق مېنىڭ بۇلارغا پەرۋايىم پەلەك،خىيالىم بۆلەك .مەن ئۆزەمنىڭ پادىشاھتىن تاج،باجگىردىن باج تالاشماي ئۆتىۋاتقىنىمغا خۇش.غايەم شۇكى،تىلەمچىلىك ھۈنىرىمنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ،ھازىرقىدەك زىمىستان قىش ،تۇمۇز ئىسىسقتا  توپىغا ئۆردەكتەك مىلىنىپ تىلەمچىلىك قىلىشتىن قۇتۇلۇش،چۇۋۇق چاچلىرىمغا يىلىم سۇركەپ ،بەتبۇيلاردىن نېرى قېچىپ ،كاستۇمۇمغا ماسلاشقان گالىستۇكلارنى تاقاپ،كاتىپ ياللاپ ،تىلەمچىلىك قىلش ئارقىلىق ،توللۇق كومپيتېرلاشقان زامانىۋى تىلەمچىگە ئايلىنىپ ،دۆلىتىمنىڭ زىيادە ،دۈشمەنلىرىمنىڭ پىيادە بولىشىنى قولغا كەلتۇرۇشتىن ئىبارەت.

  مەنبە : ئويلىغانلىرىم ۋە كۆرگەنلىرىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1670154432 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-18 12:03 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
رىشتەم + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
mosajan0997 + 30 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 80   باھا خاتىرىسى

ئاتۇش ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16888
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9272
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 890 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 12:51:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يانچۇقۇمنىڭ تېگى يوق،يۈزۈمنىڭ تۈكى يوق.پۇل بەرگەندىن ساناپ ئالىمەن،پۇل بەرمىگەننى قارغاپ قالىمەن.كىشىدىن ياخشىلىق كۆرسەممۇ شۈكرى قىلمايمەن ،ماڭا ياخشىلىق قىلغاننى تىلىغا ئالمايمەن.
__________________________
بۇ قۇرلاردىكى مەزمۇن نەق شۇلاردا بار بولغان پوزىتسىيە ، ياخشى كەلتۈرۈپسىز بۇ پارازىت قۇرتلارنى .

1 - ئىلىملىك بولماي تۇرۇپ ماختانما ...
2 - ئۆزۈڭدە بىر چېلەك سۇ بولغاندا ، ئاندىن كىشىگە بىر چىنە سۇ بېرەلەيسەن ... !
3- ئۆزۈڭدىن ھالقى ، بۈيۈكلۈككە يەت ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73020
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3120
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 01:06:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ساختىپەز تىلەمچىلەر قاچانمۇ ئۆزىنى بىلەر ؟
بۇ ماقالىڭىزنى ئوقۇپ قايسىبىر شېئىر يادىمغا كېلىۋاتىدۇ .( ئاپتورى ئېسىمدە قالماپتۇ ).
ساقال-بۇرۇت بولمىسىلا ئەر دېمىگۈلۈك ،
ئايال كىشى بولسىلا ئاجىز ئۇ دېمىگۈلۈك.
ۋىجدان ، غۇرۇر ، نومۇسنى بىلمىسە پەقەت ،
قوش پۇتلۇق مەخلۇق ئۈچۈن  غەم يېمىگۈلۈك.

ھاياتلىقتا ئالدىراش كېرەك

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 2209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14029
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7877 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 01:15:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇددىي شۇنداق قىلىپ باققانداق  بىلىدىكەنسىز ھە دوستۇم :qiray124
چاقچاق ھە ... ھەقىقەتەن توغرا ... بەزەن تىلەمچىلەر بار ... كىسىلى بار .. چۇشكەن پۇلدا  كىسىلى ساقىيىپ كىتىدۇ . لىكىن قارىسا كۇندە شۇ پىتى ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40223
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5023
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 2074 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2014-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 01:36:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
؛يانچۇقىڭىزدا پارچە پۇل يوق ۋاقلاردا موچەنگە تەۋە پۇل بىرىپ قالماڭ ،ئىنساپ قىلسا سىز كەتكەندىن كىيىن تاشلىۋىتىدۇ بولمىسا قەلەندە دەپ تىللايدۇ تېخى :qiray143

مېنىڭ تېرەمنى سويسىمۇ ، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بىلەن دوسىت بۇلالمايمەن .

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 2196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9810
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3377 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 02:22:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاھاھاھا....ۋاي نىمانداق قىزىقارلىق يىزىۋەتتىڭىز دەيمەن....
خۇددىي شۇلاردىنمۇ دوسىت -بۇرادەرلىرىڭىز باردەك ...ھاھاھاھاھا....
شۇنداق كىلىشتۈرۈپ ئوخشىتىۋېتىپسىزكى...قامچىلاپسىزكى....چاۋاك...
ئەمما ھەقىقىي تىلەمچىلەرگە يەنىلا ئىچ ئاغرىتساق بولىدۇ ، ساختىسىنى سۈر-توقاي قىلساق ...لىكىن، روھىي تىلەمچىلارنى بىرىنچى قەدەمدە داۋالاش كېرەك...
ئاتا -ئانىسىغا ئۇنداق كۈنلەرنى كۆرسەتكەن ئادەم ئىلگىرى كەلمەيدۇ،تارىتقۇلىقى بار.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mosajan0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-18 02:23 PM  


دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18880
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 02:24:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mosajan0997 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-18 02:22 PM
ھاھاھاھا....ۋاي نىمانداق قىزىقارلىق يىزىۋەتتىڭىز دەيمە ...

راست دەيسىز ،مەنمۇ شۇلارنى پەرىق قىلايلى دىگەن ئاساستا يېزىپ چىققان بۇ تېمىنى.

http://www.deathclock.com

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 824
يازما سانى: 1032
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13691
تۆھپە نۇمۇرى: 1124
توردا: 6727 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 02:46:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇنى قانونچىلىق گېزىتىنىڭ 6-يانىۋاردىكى سانىدا كۆرگەن(ئەسقەرجان ئەنۋەرئەلسۆيەر )نىڭ ‹‹ تىلەمچىنىڭ غايىسى›› دىگەن كۆلدۇرگىنى ئەسلى سىز يېزىپتىكەنسىزدە؟  ياخشى يېزىپسىز رەھمەت سىزگە ئەسقەرجان.

سۇ بۇيىدا سۇغا مەن تەشنا، لەۋ يالىسام ئاغزىمغا پەشۋا.

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18880
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 02:51:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qintax يوللىغان ۋاقتى  2012-1-18 02:46 PM
مەن بۇنى قانونچىلىق گېزىتىنىڭ 6-يانىۋاردىكى سانىدا كۆر ...

كەچۇرسىز ،مەن ئەسقەرجان ئەمەس بۇنى بىرسىنىڭ خاتىرىسىدىن ،قالغىنىنى ،ئۇنىڭ ئۇيلىغانلىرىدىن يازغان ئۇ بولسا قانداخكىن ؟

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 2196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9810
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3377 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 03:51:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1670154432 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-18 02:24 PM
راست دەيسىز ،مەنمۇ شۇلارنى پەرىق قىلايلى دىگەن ئاساس ...

ھەقىقەتەنمۇ دەل جايىغا تەگكەن تىما بوپتىكەن بۇ...
شۇڭا بىر ئوقۇپلا مەقسىتىڭىزنى بىلىۋاپتىمەن مەن...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش