مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1389|ئىنكاس: 10

دەقيانوس تارىخى يازمىلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4796
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 756 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 10:21:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تارىخى يازمىلىرىم ھەجىم جەھەتتىن قىسقا ، مەزمۇن جەھەتتىن يىڭى پىكىلەر ئۇتتۇرغا قۇيۇلمىغان بۇلۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ يازمىلاردا ئۇخشىمغان كۆزىتىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئۆز قارىشىمنى ئۇتتۇرغا قۇيۇپ باقتىم دەپ قارايمەن.

ئۇيغۇرنىڭ كونا ھىكايىسى: ئۇغۇزخان ۋە ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن
ئۇغۇزخان پەقەت ئۇغۇز سۇتىنىلا ئىمىپ توختاپ قالدى ،ئاندىن گۆش تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ تاپىنى ئىيىقنىڭكىدەك، بېلى يىلپىزنىڭكىدەك ئىدى. ئۇ خەلقى ئۈچۈن ياۋۇز مەخلوق قىئاتنى يۇقاتتى. مىسىر ،سىنىد،ھىندۇ،ساقلاپلارنى ئستىلا قىلدى. ۋە ئۆزىنى(مەن ئۇيغۇرنىڭ خاقانىمەن) دەپ جاكارلىدى. ئۇ كاتتا جاھانگىر ئىدى. ئەڭ ئاخىرىدا چوڭ مەرىكە ئۈتكۈزۇپ بارلىق زىمننى ئالتە ئوغلىغا بۇلۇپ بەردى. تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چېغىمدا ئەدەبىيات مۇئەللىمىز بىر قىتىم بىزگە مۇشۇ ئىپوسىنى قىسقارتىپ كىلش تاپشۇرۇقى بەرگەنىدى. مىنىڭ قىسقارتقىنىمنى كۆرۇپ مۇئەللىم ھەيران بولغانىدى. ئۇنىڭ ھەيران بولغانچە تۇرۇپ قالغان تۇرقى ھىلھەم ئىسىمدە.
ئىپوس قەھرىمانلارغا چۇقۇنىدىغان مىللەتلەردە مەيدانغا كىلىدۇ دىگەن گەپنى قايسى كىتاپتا كۆرگەنلىكىم ئىسىمدە يوق.بىراق ئۇغۇزنامىدىمۇ قىزغىزلارنىڭ (ماناس) مۇڭغۇللارنىڭ( جاڭغىر) ئىپوسلىرىغا ئوخشاشلا قەھرىمانلىق مەدھىيلەنگەن .
ئۇغۇزخان رېئال شەخسمۇ ياكى ئەپسانىۋى شەخسمۇ؟ ئۇ رېئال شەخىس بولسا زادى كىم؟ دىگەن تالاش-تارتىش تىخىچە داۋاملاشماقتا. ئوغۇزخان ئوبرازىنى تارىختىكى باتۇر تەڭرىقۇت دىگۇچىلەرمۇ ،ئۇبۇلقاسىم فىردەۋىسى شاھنامە دە تۇران شاھى دەپ تىلغا ئالغان ئەفراسىياپ، قاراخانلار سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتى ئۆز ئەجدادى دەپ بىلدىغان ئالىپ ئەرتۇڭا (بۇ ئىككىسى بىر شەخىس دەپ قارىلىدۇ)مۇ ئۇغۇزخاننىڭ ئۆزى دىگۇچىلەرمۇ بار.بۇ ئىپوس ئۇزۇن تارىخى جەرياندا مۇكەممەللەشكەن، چۇنكى ئۇنىڭدا ئۇۋچىلق دەۋرىدىكى سەرگۇزەشىتلەردىن تارتىپ ئون نەچچىنچى ئەسىرگىچە بولغان قىستۇرمىلارمۇ بار دىگۇچىلەرمۇ خىلى كۆپ.
بۇ ئىپوستىكى قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىزگە ئەينى زاماندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆزىنى بىلپلا قالماي، ئەتراپىدىكى ھىندىستان، روس ،ھەتتا مىسىرغىچە بولغان ناھايتىتمۇ كەڭ دۇنيا بىلش دائىرسىدە ئىكەنلىكىنى ،بىكنمە، ياۋايى قەۋىم بولماي مەدەنىي،پائالىيەتچان بىر مىللەت ئىكەنلىكنى بىلدۇرىدۇ.
ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ( ئالىكساندىر ماكدۇنىسكى) يىراق بالقاندىكى ماكدونىيەدە تۇغۇلغان بىر پادىشاھ،شۇنداق بۇلۇشىغا قارىماي مەھمۇد قەشقىرى ئۆز كىتابىدا بۇ شەخسىنى ئۇيغۇر دىگەن نام بىلەن باغلىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ بىزنىڭ كونا ھىكايىمىزنىڭ بىر قىسمى بۇلۇپ قالدى.بولمىسا ئۇ ئۇغۇزخان بىلەن بىر مەھەللىدە بىللە ئويناپ چوڭ بولغانمۇ ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىگەن نام مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچرىشىپ قىلىشى پەقەتلا مەۋھۇم ئىش خالاس.
ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ياۋرۇپادىكى كىچىك بىر دۆلەتنى دۇنياغا مەشھور قىلدى.ئۇنىڭ بىزگە بولغان تەسىرىنىمۇ خىلى زور دىيىشكە بۇلىدۇ.غەرپ ئىدىلوگىيسىنىڭ پىشۋالىردىن ئارىستوتىل، پىلاتون ،سوقراتلارنىڭ نامىنى مۇشۇ چوڭ جاھانگىرنىڭ سەۋەبىدىن ناھايتتى بۇرۇنلا بلىگەنىدۇق ھەم ئۇنىڭ ئىدىيلىرى بىلەن ئۇچراشقان،بۇگۇنكى كۇندە ئالىي مەكتەپلەردە پەلسەپە دەرىسىدە بۇلارنىڭ نامى ئىلىنماي قالمايدۇ.
ئەمدى بىز تۇنجى بۇلۇپ يۇمىلاق يەر شارىنى سىزىپ چىققان بۇۋىمىز مەھمۇد نىڭ مۇنۇ ھىكايىسىنى كۆرۇپ باقايلى: زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا تۇرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى توت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن، ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن.زۇلقەرنەيىن بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە ئىنان خۇدخۇراند ـ بۇلار باشقىلارغا موھتاج بولماي ئۆز ئوزۇقىنى ئوزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن. بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ »دەپتۇ. ئىنان خۇدخۇراند دىگەن گەپ كىيىن ئۆزگىرىپ ئۇيغۇر بولغان.تۆت مىڭ ئادىمى بىلەن ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندىن ئىبارەت بۇ داڭلىق ئىسىلاچىنى تۇسۇپ ،ئۇنى سۈلىھ ئۇستىلىگە باشلاپ كەلگەن تۈرك خاقان ئۇغۇزخان بۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟ بۇ خىل ئېھتىماللىق ئىنتايىن ئاز چۇنكى ئۇغۇزخان رېئال شەخس بولماسلىقى مۇمكىن بولغاندىمۇ، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن بىلەن زامانداش بۇلۇشى ناتايىن. يەنە كىلىپ ئەگەر ئۇ ئۇغۇزخان بۇلسا مەھمۇد قەشقىرى ئۇنى ئاددىيلا تۈرك خاقانى دىمگەن بۇلاتتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق ئۇتمۇشى ھەققىدە گەپ بۇلۇنسا ئۇغۇزخان ۋە ئسكەندەر زۇلقەرنەيىننىڭ ھىكايىسى تىلغا ئېلىنماي قالمايدۇ، بۇ بىزنىڭ يىلتىز ئىزدەش يۇلىمىزدا ئىلگىرلەشنىڭ ئىككى پەلەمپىيى بۇلۇپ قالدى

ھاجى مۇرات ۋە خۇجىنىياز ھاجى
لىۋ تولىستوي  (1828-1910 ) روسىيەنىڭ دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئىگە يازغۇچىسى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدە (ھاجى مۇرات) رومانى باشقا (ئاننا كارىننا) ۋە ( ئۇرۇش ۋە تىنىچلىق) رومانلىرىغا سىلىشتۇرغاندا ھەجىم جەھەتتىىن كىچىك بۇلۇپلا قالماي ئۇنچىلا مەشھۇرمۇ ئەمەس. كۆپىلىگەن ئادەملەر ئۇنىڭ بۇ روماننى بىلمەسلىكىمۇ مۇمكىن. مەن توردىن ئىزدەپ بۇ رومان ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىمۇ سەل تەستە تاپتىم. (ھاجى مۇرات) مەن  ئۇقىغان لىۋ تولىستوينىڭ بىردىنبىر رومانى، ئۇنىڭ باشقا رومانلىرىنى مەكتەپتە چاغلىرىمدا مۇقاۋىسىنلا كۆردۇم. ئۇقۇشقا كەلگەندە ھۇرۇنلۇق قىلغان بولسام كېرەك.
      ھاجى مۇرات رومانىنى تۇنجى ئۇقىغان چېغىمدا كىچىك بولغاچقىمۇ تەسىراتلىرىم بەكلا چىچىلاڭغۇ  ئىدى. روس تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن بىر چېچىن سەردارى، روس كىنەزلىرى بىلەن تۇرغان كۇنلىرى ۋە ئاخىرىدا پۇشايمان بىىلەن ئارقىغا قايتاشىدا روسلارنىڭ ئۇقىدا ئۆلگەنلىكىدەك ۋەقەلەر غۇۋا ئىسىمدە قالغانىدى ، كىيىن ( ئۇيغانغان زىمىن) رۇمانىنى ئۇقىغاندىن كىيىن ھاجى مۇراتنى ئەسلەپ قالدىم ۋە مەكتەپ كۇتۇپخانىسدا يەنە بىر قىتىم ئۇقۇدۇم.
      كاۋكاز تاغلىقلىرىدا نۇرغۇن مىللەتلەر ياشايدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە جەڭگىۋار چېچىن خەلقى  نۇپۇسى 1مىليوندىن ئارتۇقراق نۇپۇس بىلەن خىلى چوڭ مىللەت ھىسابلىنىدۇ. ھاجى مۇرات دەل مۇشۇ مىللەتنىڭ چارروسىيە قۇشۇنلىرىغا قارىشى ئۇرۇشتا سەردارلىق قىلۋاتقان شەخىس. لىۋ تولىستوينىڭ دۇنياۋىي شۆھرىتى ھەقلىق ئىكەنلىكنى مانا بۇ روماندىن بىلۋالغىلى بۇلىدىكەن دەپ ئويلىدىم. چۇنكى ئۇ بىر روس تۇرۇپمۇ چېچىن مىللىتى مەيدانىدا تۇرۇپ ئەسەر يازدى. بۇ چېچىن سەردارىنى ئارتۇقچە كەمسىتىش ۋە روسلارنى ماختاشتىن خالىي ئىدى.
       ھاجى مۇرات بىلەن خۇجىنىياز ھاجىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى باردۇ؟ بۇ سۇئال بەلىكم تېمنى كۆرگۇچىلەردە پەيدا بولغان بۇلۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق. ئىككى مىللەتتىن بۇلغان يازغۇچىلارنىڭ رومانلىرىنىڭ باش قەھىرىمانى بولغان بۇ رېئال ئۈتكەن شەخىسلەر بىر-بىرىدىن تۇلىمۇ يىراقتا، بىرى تەڭرىتاغلىرىنىڭ شەرقىدە ياشىغان بولسا بىرى كاۋكاز تاغلىرىدا ياشىغان. ئەمما بۇلارنىڭ ئۇخشاپ كىتىدىغان تەقدىرى بولغانلىقى ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. يۇقىرىدا ھاجى مۇرات ھەققىدە ئازراق سۆزلەندى ئەمدى خۇجىنىياز ھاجى ھەققىدىمۇ بىر-ئىككى ئېغىز سۆزلەپ باقايلى.
      خۇجىنىياز ھاجى 30-يىللاردىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىسى. مەشھور يازغۇچىمىز ئابدۇرىھىم ئۈتكۈر ( 1923-1995) نىڭ  ( ئۇيغانغان زىمىن ) رومانى  بۇ كىشىگە بېغىشلانغان. خۇجىنىياز ھاجى باشچىلقىدىكى قوزغىلاڭ پۇتۇن شىنجاڭغا تەسىر قىلغان ۋە ئاخىرى سۇۋىت تەرەپنىڭ دەۋىتى بىلەن ئۇ شىڭ بىلەن بىرلىشىپ ئۆلىكىگە مۇئاۋىن بولغان. بىراق ئاخىرىدا يوق بەتناملار بىلەن ئۆلتۇرۇلگەن.
ئۇنداقتا بۇ ئىككى شەخىسنىڭ قانداق ئۇخشاشلىق تەرەپلىرى بار؟ ئۇلارنىڭ خاراكتىر ۋە كەچۇرمىش جەھەتتكى سېلشتۇرمىسىغا ئاشۇ ئىككى پارچە روماننى ئاساس قىلساق تۆۋەندىكىدەك ئۇخشاشلىقلارغا ئىگە ئىكەنلكىنى ھىس قىلالايمىز.
1. ئۇلار ئىزىلگۇچى خەلىقنىڭ زۇلۇمغا قارىشى قۇزغىىڭىنىڭ يولباشچىلىرى. ھاجى مۇرات چېچىنلارنىڭ چارروسىيەنىڭ باسمىچى قۇشۇنلىرىغا قارىشى قوزغىلىڭنىڭ، خۇجنىياز ھاجى بولسا چىرىك جىن شۇرىن يەرلىك ھاكىميىتىنىڭ دەھشەتلىك ئىزىشىگە قارىشى قوزغىلىڭىنىڭ سەردارى.
2. ئۇلار قارىشى تەرەپ بىلەن مۇرەسسەلەشكەن. ھاجى مۇراتمۇ، خۇجىنىياز ھاجىمۇ  قارىشى تەرەپ بىلەن مۇرەسسەلەشكەن ، ئەلۋەتتە بۇنىڭ سەۋەبى بىر-بىرىگە ئۇخشىمايدۇ.
3. ئۇلار ئۇخشاشلا قارىشى تەرەپنىڭ قولىدا ئۆلتۇرۇلگەن. ھاجى مۇرات قايتىپ كىتىۋاتقان  يولدا ئاخىرقى ئۇقى تۈگىگىچە ئىتىشىپ ئۆلدى. خۇجىنىياز ھاجى شىڭ شىسەي تەرىپىدىن تۈرمىدە ئۆلتۇرۇلگەن.
4. ئۇلارنىڭ قوزىلاڭچىلار ئىچىدىكى ئابرويى ئۇلارنىڭ دىنى ئورنىدىن باشقا باتۇر،  مەرگەنلىكى، ھەر قىتىمىلق ئۇرۇشتا ئالدىدا ماڭىدىغان قورقۇمسىزلىقىدىن كەلگەن. ئۇلار باشقۇرغۇچى ئەمەس يولباشچى ئىدى.
خۇجىنىياز ھاجى تۇغرسىدا ھەرخىل تالاش-تارتىش قىلغۇچىلار مەۋجۇت ئىكەن. مىنىڭچە ئۇنى مۇئەييەنلەشتۇش ئاساس بۇلۇشى كېرەك. ھاجى مۇراتنى بىر روس يازغۇچىسى مۇئەييەنلەشتۇرەلىدى. ئۇ ھەقىقەتەن تەلەيلىك ئىكەن. بىراق خۇجىنياز ھاجىىنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۇرگىننى كۆرمىدىم. بۇنىڭدىن ئەجەپلەنگىلىمۇ بولمايدۇ چۇنكى بىر مىللەتداش بولغان بىزلەردىنمۇ ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلار بار تۇرسا، باشقىلاردىن ئاغرىنغىلى بولسۇن؟

ئۈرۈمچى ۋە ئىستانبول
ئاسىيا قىتئەسىنىڭ مەركىزى قىسمىغا جايلاشقان ئۈرۈمچى بىلەن يىراق ياۋرۇپانىڭ شەرقى دىڭىز بۇيىغا جايلاشقان ئىستانبولنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا ماۋزو ئادەمنى ئازراق ھەيران قالدۇرىدۇ. بەزىلەر ھەتتا بۇنى زورلاپ كۆڭلنى خوش قىلش، ئۈرۈمچى بىلەن ئىستانبولنى سىلىشتۇرغىلى بۇلامدۇ؟دەپ ئويلاپ قىلشى مۇمكىن. ئۈرۈمچى دىگەن نامنىڭ كىلىپ چىقىشى بىلەن ئىستانبول شەھىرىنىڭ مۇناسىۋىتى بار دىيىلسە پەيدا بولغان ھەيرانلىق بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئىشىپ كىتىشى مۇمكىن.
    تۈركىيە چاتما تېلۋىزىيە فىلىمى ( كوردلار ۋادىسى ياكى بۆرىلەر ماكانى) ئۇيغۇر كۆرۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۇشكەندىن كىيىن، تەسىرى كۈچلۈك بولدى. كورىيە، ھىندىستان فىلىملىرىدىن كىيىنكى يىڭى قىزىق نۇقتا بۇلۇپ قالدى. ھەم يىقىندا مۇنبەردىمۇ تۈرك تىلغا بولغان قىزغىنلىقنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكنى ھىس قىلدىم. راستىنى دىگەندە مەنمۇ قىزىقىپ قالدىم. بىراق مىنىڭ ئەمدى دىمەكچى بولغانلىرىم بۇ فىلىم بىلەن مۇناسىۋەتسىز، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ باشقا فىلىملىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتسىز. ھەتتا تۈرك تىلى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتسىز.
    ھەممىمىزگە مەلۇمكى ئۈرۈمچى  شەھىرى، 20مىليوندىن ئارتۇق نۇپۇسقا ئىگە  ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى. ئۈرۈمچى دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى تۇغىرسىدا كۆپلىگەن ھىكايىلەر بار. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر ئىتراپ قىلىشقا ئېرىشكىنى بولسا، ئۈرۈمچى مۇڭغۇلچە سۆز بۇلۇپ، ( گۈزەل يايلاق ) دىگەن مەنىدە دىگەندىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا ئۈرۈمچى ئۇيغۇرچىدىن كەلگەن گەپ بۇلۇپ، ئەسلى ئۆرۇمچى- يەنى سۆگەت، تېرەك چىۋىقىدىن سېۋەت، زەمبىل دىگەندەك نەرسىلەرنى تۇقۇيدىغان ئادەم دىگەن مەنىدە بۇلۇپ ،كىيىن ئۇ تەلەپپۇز جەھەتتىن ئۆزگىرىپ ئۈرۈمچى بولغان دىگەن قاراشمۇ بار. ئالدىنقىسى كۆپىنچە خەنزۇچە ماتىرىياللاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ، كىيىنكىسى سەل مەھەللىۋىي بۇلۇپ ، يازما ماتېرياللاردا ئاساسەن ئۇچرىمايدۇ.
يىقىنقى زاماندىكى زور ۋەقەلەر ئەكىس ئەتتۇرۇش ئاساس قىلىنغان (تارىخى ئەمىنىيە) (تارىخى ھەمدى) قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى مۇللا موسا سايرامى بولسا ئۈرۈمچى دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى ھەققىدە باشقىچە بولغان قاراشنى ئۇتتۇرغا قويغان. ئۇ يۇقارقى كىتاپلىرىدا: ئۈرۈمچى دىگەن سۆزنىڭ تۇمۇرى رۇم بۇلۇپ، ئۇنىڭغا كىچىك دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدىغان چە قۇشۇمچىسى قۇشۇلۇپ، رۇم+چە=رۇمچە بولغان. ئۈرۈمچىنىڭ دەسلەپكى ئىسىم رۇمچە- يەنى كىچىك رۇم شەھىرى دىگەن مەنىدە، كىيىنچە  ئالدىغا ئۇ ھەرىپىنىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن ئۇرۇمچە بولغان. ۋاقىتنىڭ ئۇتۇشى بىلەن ئېغىزغا قۇلايلىق بولۇش ئۈچۈن تەلەپپۇز جەھەتتىن ئۆزگىرىپ، ئۈرۈمچى بولغان دەپ چۇشەندۇرىدۇ.
     رۇم دىگەن بۇ شەھەر دەل ھازىرقى ئىستانبولدىن ئىبارەت. مىلادى 4-ئەسىرلەردە بۈيۈك رىم ئىمپىرىيسى شەرىق ۋە غەرپ دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەندە، بۇ شەھەر شەرقى رىمنىڭ مەركىزى بولغان. ئىتالىيەدىكى رىم شەھىرى بولسا غەربىي رىمنىڭ مەركىزى بولغان. بۇ ئىككى شەھەر خىرىستىيان دۇنياىسدىكى ئىككى چوڭ مەزھەپ- كاتولىك ۋە پىراۋىسلاۋىيە نىڭ مۇقەددەس شەھەرلىرىدىن بۇلۇپ قالدى. ئىسلامىيەت ئالمىلىرىنىڭ كىتاپلىرىدا ھازىرقى ئىستانبولنى مەركەز قىلغان شەرقى رىم ئىمپىريىسى رۇم ئىمپىرىيىسى دەپ ئىلىندى. ئەمما ياۋرۇپالىقلاربۇلسا بۇنى ۋىزانتىيە ئىمپىريىسى، پايتەختىنى كۇنىستانتىنپول دەپ ئاتىدى. كىيىن ئۇسمان تۈركلىرى بۇ شەھەرنى پەتىھ قىلىپ نامىنى ئىستانبولغا ئۆزگەرتتى.
      مۇللا موسا ئۆز دەۋرىنىڭ ئۆلىمالىرىدىن بولسىمۇ ، ئۇ يەنىلا قەدىمقى دەۋىر ئىسلام تارىخچىلىرىنىڭ يۇلىدىن ماڭغان، كىتاپلىرىغا كىرگۇزگەنلىرى ئۆزى كۆزىتىش ۋە دەللىلىگەنلىرىدىن باشقا بىر قىسىمىلرىنى كونا تارىخى ئەسەرلەردىن ئالغان، ئۆزى دەپ ئۇتكەندەك كۆپرەك ( تارىخى رەشىدى) دىن ئالغان. ئۇنىڭدىن باشقا رۇم دىگەن نام ئۇ ياشىغان دەۋىرلەردە ئاللىقاچان تارىخى نام بۇلۇپ قالغان بولسىمۇ،بىراق ئۇ يەنىلا مۇشۇ نامنى ئستانبولنىڭ ئورنىغا ئىشلەتكەن. مەسلەن: ئۇ ياقۇپبەگنىڭ ئۇسمان تۈرك ئىمپىرىيسىگە ئەلچى ئەۋەتكەندىكى بايانلىرىدا ئىزچىل رۇم دىگەن نامنى ئىشلەتكەن.
شۇ دەۋىرلەردە ئۇسمان تۈركلىرىنىڭ خەلپىسى ئابباسىيلاردىن كىيىن بارلىق مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ  دىنى رەھبىرى بولدى. دۇنيادىكى بارلىق چوڭ –كىچىك مۇسۇلمانلار ئۆزىنى مۇشۇ خەلىپنىڭ ھىمايىسىدە دەپ قارايتتى. مۇللا موسامۇ ( تارىخى ھەمدى) ناملىق ئەسىرىنى خەلىپە ئابدۇلھەمىدكە بېغىشلاپ ( تارىخى ھەمىدى) دىگەن نامنى قويغان. ئەلۋەتتە چوڭ ئوردىلاردا ، چاقناپ تۇرغان تاقلارنى تاقاپ، ھۇقۇق سۇرىۋاتقان خەلىپە ئابدۇلھەمىد  يىراق تەكىلماكان بويىدىكى ياشانغان ئەدىبنىڭ ئۆزىنىڭ نامىغا بېغىشلىغان بىر كىتابى بارلىقىنى بىلمەي ئۈلۈپ كەتكەن بۇلۇشى مۇمكىن.
    مۇللا موسا سايرامى نىمىگە ئاساسەن ئۈرۈمچى دىگەن سۆزنى رۇم- يەنى ئىستانبولغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ؟ باشقا كىلاسسىك تارىخى ئەسەرلەردىمۇ مۇشۇنىڭغا ئائىت بايانلار بارمۇ؟ بۇلارنى بىلمەيدىكەنمەن. ئەمما رىۋاياتلەرگە قارىغاندا ئەسھابۇلكەب دەل رۇم شەھرىنىڭ يىقىن ئەتراپىدىكەن.  بۇ رىۋايەتكە ماس كەلگىنى پىچان ناھىيسىنىڭ تۇيۇق يېزىسىدا بىر ئەسھابۇلكەب بار. ئۈرۈمچىنىڭ يېنىدىلا بىر ئەسھابۇلكەبنىڭ بۇلۇشى ئادەمنى ئۈرۈمچى-رۇمچە بايانىغا قىزىقتۇرۇپ قۇيىدۇ.  بىراق مۇللا موسا سايرامى (تارىخى ھەمدى) ناملىق  ئەسىرىدە بۇ ئەسھابۇلكەب نىڭ يالغانلىقىنى خىلى كۆپ ئىسپاتلار ئارقىلىق دەلىللىگەن. بىزمۇ ھازىر بۇ ئەسھابۇلكەبنىڭ يالغانلىقى ھەققىدىكى باشقا ئىسپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز.
    مۇللا موسا دەپ ئۈتكەن ئۈرۈمچى- رۇمچەدىن ئۆزگەرگەن دىگەن قاراشنى توغرا دىگىلى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ بىزنىڭ ئىزدىنىپ بىقىشمىزغا ئەرزىيدىغان بىر تىما ئىكەنلىكى ئىنىق. تاققا- تۇققا مۇلاھىزىلىرىمنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي.

لۇكچۇن ۋە يەركەن: بىر پادىشاھنىڭ ھاياتى

لۈكچۈن
لۇكچۇن پىچان ناھىيىسىنىڭ بىر بازىرى، ئەتراپىدا تۇيۇق،دالانكارىز،دىغار قاتارلىق يېزىلار قوشنا بۇلۇپ،لۇكچۇن بازىرىغا مەلۇم باغلىنىشقا ئىگە. ھازىر بازاردىن ئىبارەت مەمورى سالاھىيەتكە  ئىگە بۇ  يۇرت قەدىمدە ئاۋات شەھەر ئىدى،تۇرپان ۋاڭلىقى(ئىنانچى خان) دەۋرىدە تۇرپان ئويمانلقىنىڭلا ئەمەس لوپنۇر رايونىنىڭ مەمورى مەركىزى بولغانلىقى پەقەت يىقىنقى زاماندىكى ئىش. يارغول ۋە ئىدىقۇت شەھىرى ،خىزىر خۇجا زەربىسىدە يىمىرلىگەن قۇچۇ خانلىقى (ئىدىقۇت خانلىقى) بىلەن تەڭلا زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ خاراپلاشقاندا لۇكچۇن شەھىرى تورپان ئويمانلىقىدا باش شەھەر بۇلۇپ قالدى.شۇنىڭدىن كىيىن لۇكچۇننىڭ تۇرپان تارىخدىكى مۇھىم سەھىپىلىرى يىزىلدى.

سەئىدخاننىڭ دەسلەپكى ھاياتى
دەل تۇرپانغا ئىسلام تارقاتقان خىزىر خۇجا خاننىڭ ئەۋلادى ،كىيىنكى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سەئىدخان لۇكچۇن شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ پايتەختى بۇلۇپ تۇرغان مەزگىللەردە، ئەلسشىر ناۋائى ھەزرەتنىڭ ۋاپاتىدىن 10يىللارچە ئىلگىرى  مۇشۇ شەھەردە تۇغۇلغان. ئاتىسى ۋە تاغىسى مەخمۇت خان ۋە ئەخمەت خانلارغا ئەگىشىپ ئۆزبىك شەيبانى خانغا قارىشى جەڭگە ئاتلانغاندا بەخىتكە قارىشى ئۇلاردىن ئايرىلىپ سەرگەردان بۇلىدۇ، ئىرادىسدىن قايىتمىغان سەئىدخان ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇزۇن مەزگىل ھەركەت قىلدۇ،بىراق نەتىجىسى ياخشى بولمايدۇ، نەۋرە ئاكىسى ،ھىندىستاندىكى بۇيۇك مۇغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى بابور شاھ( بۇچاغدا تىخى بابور ھىندىستانغا كىرمىگەن ئىدى) قىشىغا بېرىپ پاناھلىنىش ئۈچۈن كابولغا باردى. بۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كىيىن ،قايتىدىن غەيرەتكە كىلىپ ئازغىنە ئەسىكىرى بىلەن شۇ چاغدا قەشقەرنى ئىدارە قىلۋاتقان زالىم ھۇكۇمرانغا ھۇجۇم قىلىدۇ.

يەركەنگە كىرىش

1514-يىلى 20 نەچچە ياشلاردىكى سەئىدخان مىڭغىمۇ يەتمەيدىغان ئەسىكىرى بىلەن كورلىنىڭ جەنوبىنى باشقۇرۇپ كىلىۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان بەكرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ ،مۇستەھكەم دەپ قارىلىدىغان قەشقەر قەلئەسىنى قولغا كىرگۇزگەندىن كىيىن دۇشىمىنىگە قوغلاپ زەربە بېرىپ يەركەن خوتەننى بىسىپ ئۇتۇپ ئۇزۇل- كىسىل يۇقىتىدۇ. ھاكىميەتنى قولغا ئالغاندا يەركەننى پايتەخىت قىلدى ۋە ئۇزۇنغا بارماي لۇكچۇندە تۇرۋاتقان تاغىسى مەنسۇرخاننى قايىل قىلىپ ئۇلارنىمۇ ھامىليىقىغا ئالدى. شۇنىڭدىن كىيىن 160يىلدىن ئارتۇق دەۋىر سۇرگەن خاندانلىقنىڭ پادىشاھلىرى مانا شۇ يەركەندە تەخىتتە ئولتۇرۇپ، تەڭرى ئاتا قىلغان تاجۇ –تەخىت ۋە ئۇلۇم –قەسىتلەشلەرنى  كۇتۇۋالدى.

يەركەن
گەپنىڭ راسىتىنى دىگەندە يەركەنگە بېرىپ باقمىغىنىم ئۈچۈن بىۋاستە تەسىراتىم يوق دىيەرلىك، پەقەت كىتاپلەردىن كۆرگەنلىرىم ۋە باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىرىم ئاساسىدا يەركەن تۇغىرسىدىكى قاراشلىرىم تىكلەنگەن دىسەكمۇ بۇلىدۇ.

يەركەن –قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بىر ناھىيە ،ئۇنىڭ شانۇ –شەۋكەتلىرى ئۇتمۇش تۇزانلىرىدا كۇمۇلۇپ قالاي دىگەن بۇلۇپ بۇرۇن پايتەخىت بولغان بۇ شەھەر ھازىر بىر ناھىيە ئىدى. لىكىن يەركەن يەنىلا 600مىڭدىن ئارتۇق نۇپۇسى بىلەن ھەقىقەتەن چوڭ ناھىيە ھىساپلىنىدۇ، شەرقى شىنجاڭدىكى مەيلى قۇمۇل بۇلسۇن ياكى تۇرپان بولسۇن بۇ ۋىلايەتلەرنىڭ نۇپوسىمۇ 500مىڭدىن ئارتۇقراق چىقىدۇ، دىمەك بىر ناھىيەنىڭ نۇپۇسى ۋىلايەت نۇپۇسىدىنمۇ ئارتۇق، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدا ئۇقىغان ئاغىنىلىرىمنىڭ دىيىشىچە، يەركەننىڭ بازىرى قەشقەرنىڭ بازىرىدىن قىلشمايدىكەن.ھەتتا تىخى مۇبالىغە قىلىپ ،بىر ئادەمنى قەشقەردە كۆزىنى يۇمدۇرۇپ يەركەنگە ئىلىپ بارسا ، ئۇ ئۆزىنىڭ يەركەنگە كىلىپ قالغانلىقىنى بىلمەيدۇ دىگەن گەپ بار دىدى. بۇ گەپلەردىن قارىغاندا يەركەن شەھەر رايوننىڭ كۇلىمنى كىچىك دىگىلى بولمايدۇ.
سەئىدخاننىڭ كىيىنكى ھاياتى ۋە سەئىدىيە خانلىقى
سەئىدخان جاسارەت بىلەن ھاكىميەتنى قولغا ئىلىپ بىر مەزگىل ئۈتكەندىن كىيىن نۇرغۇن پادىشاھلارغا ئوخشاش ئەيىش –ئىشرەتكە بېرىلىپ قالدى،بىراق ئۇزۇنغا قالماي ئۆزىنى ئۇڭشىۋالدى،ياشلا بىشىدىن نۇرغۇن ئىشلارنى كەچۇرگەن بۇ شاھ دانالىقى بىلەن يەنە ئەل غىمىگە چۇشتى، ھاكىميەتنى مۇستەھكەملەش ۋە زېمىن ئستىلا قىلش ھەركىتىنى داۋاملاشتۇردى. 1533-يىلى بىر قىتىلمىق تىبەت يۇرۇشىدە ئىگىز تاغ يۇرۇشىدە كىسەل بۇلۇپ ياشلا قازاقىلدى. ئۇنىڭدىن كىيىن ئابدۇرىشىت خان تەخىتكە چىقتى. ھەممىمىزگە مەلوم بولغىنىدەك يەركەن سەئىدىيە خانلىقى قاراخانىلاردىن كىيىنىكى گۇللەنگەن بىر خانلىق بۇلۇپ ،ئۇنىڭ تەسىرى ھەقىقەتەن زور.ئەمما خانلىقنىڭ ئۇتتۇرلىرىدىن باشلاپ بىر شۇملۇقنىڭ ئۇرۇقى ئۇتتۇرا ئاسىيادىن كىرىپ ئاستا-ئاستا بىخلىنىپ ،ئۇسۇپ كىيىنكى دەۋرىدە غايەت بىر شۇمبۇيغا ئايلاندىكى ،خانلار ئۇنى يۇلالماي ئۇ خانلارنى يۇلۇپ تاشلىدى ۋە خەلىقنىمۇ ئىككىگە پارچىلۋەتتى.
سەئىدخاننىڭ ئىلگىرىكى ھاياتى ۋە ئەجداتلىرى شىمالى شىنجاڭ ،شەرقى شىنجاڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا ،ئۇنىڭ كىيىنكى ھاياتى ۋە ئەۋلاتىلرى جەنۇبى شىنجاڭدا ياشاپ ئۇتتى.  
يازغانلىرىم ئاددى ۋە چولتا بۇنىڭغا مۇندسىۋەتلىك ماتىرياللارنى قىزىقىدىغانلارغا (تارىخى رەشىدى) ۋە (تارىخى ئەمىنيە) نى تەۋسىيە قىلىمەن.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ظارئف + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

پــىــيــاز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9538
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 960 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 10:39:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنتايىن چۇشىنىشلىك ، ئىسىل يىزىپسىز !!

پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5541
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6547
تۆھپە نۇمۇرى: 327
توردا: 1000 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 11:19:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
نوپۇس كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما ئادەملەر كۈنسىرى كەملەپ كېتىۋاتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64976
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3385
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 849 سائەت
تىزىم: 2011-11-14
ئاخىرقى: 2014-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 11:28:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزنى  يۈزەكى بىر ئوقۇپ چىقتىم . لىكىن ئاخىرىغا تازا قوشۇلمايمەن. ئىلى تارىخ نامىلىرىدە سەئىدىيە خانلىرىنىڭ خان جەمەتىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئاپپاق خۇجا تەرپىدىن ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. بۇ ئۇيغۇر تارىخ ناملىرىدىمۇ ئىنىق يىزىلغان . تىيىپچان ھادى يازغان تارىخ نامىدە ئەنە شۇنداق يىزىلغان . بىزنىڭ جەمەتىمىزمۇ شۇ دەۋىردە يەكەندىن سۈرگۈن قىلنىپ ئىلىغا چىققان . بۇ توغرىدا ياخشىراق ئىزدىنىپ بىقىڭ. بۇلار مەن دەۋالغان گەپلەر ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64976
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3385
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 849 سائەت
تىزىم: 2011-11-14
ئاخىرقى: 2014-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 11:30:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ ۋاقىتتا قانچە ئۆيلۈك چۆچۈپ چىققىنى ئىسىمدە قالماپتۇ. ئەمما خېلى كۆپ!

پاكىز قەلبتىن پا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33767
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23105
تۆھپە نۇمۇرى: 2917
توردا: 4060 سائەت
تىزىم: 2011-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 11:46:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاجى مۇرات ۋە خۇجىنىياز ھاجى ھەققىدىكى سېلىشتۇرما مۇلاھىزە مېنى قىزىقتۇردى.مەنمۇ مۇشۇنداق سېلىشتۇرما ماقالىلەرنى يېزىشقا ئامراق.ئىلىگىرى‹‹جاھالەت دەۋىردىكى ئاپاق خوجاۋەمەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىكى ماۋزېدۇڭ››،‹‹شىياڭگاڭدىكى يۈكسەك ئاپتونۇمىيە ۋە شىنجاڭدىكى مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونۇمىيە››...
دەك بىر قاتار  ماقالىلىرىم بىلەن شەبنەم مۇنبىرىنى قىزىتقان ئىدىم.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-17 11:50 PM  


جان نېمە،جانان نېمە،ۋەتەن نېمە؟ ھەر كىشىنى ئادىمىي ئەتكەن نېمە؟ يانمىسا كۆڭۈل ئۆيىدە بىر چىراغ، گۆش-تېرە،سۆڭەك بىلەن بۇ تەن نېمە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1036
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11265
تۆھپە نۇمۇرى: 665
توردا: 8099 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 10:09:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلاپ قوياپ كەچتە ئوقاي......

ئەتە ئۆلۈپ كىتىمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73020
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3120
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 12:43:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماقالىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ . تەكلىپىم : بۇ تۈردە يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىپ باقسىڭىز .
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

ھاياتلىقتا ئالدىراش كېرەك

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 2196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9810
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3377 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 02:45:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنتايىن چۇشىنىشلىك ، ياخشى يىزىپسىز !!!...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4796
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 756 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-18 06:43:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oxkantag يوللىغان ۋاقتى  2012-1-17 11:28 PM
تىمىڭىزنى  يۈزەكى بىر ئوقۇپ چىقتىم . لىكىن ئاخىرىغا تاز ...

سىز دىگەندەك ئىسمايىل خان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغانلىقى راسىت ، ئەمما ئاپپاق خۇجا تەرىپىدىن ئەمەس، جۇڭغار خانى تەرىپىدىن سۈرگەن قىلىنغان. يەنە بىر مەسلە، مىنىڭ  ئاخىرقى يازمامدا  سەئىدخان ئەۋلادلىرى خان بۇلۇپ تۇرغان دەۋىرلىرىنى ئۆلچەم قىلىپ  ئېيتىلغان،  ئىسمايىل خان سۈگۈن قىلىنغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى قايتا باش كۈتۈرۈپ چىقالمىدى، شۇنداقلا سەئىدىيە خانلىقىمۇ ھالاك بولدى.

سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش