چىچىنىيەدىكى دۇنيادىكى تۇنجى ۋە بىردىنبىر (جىن قوغلاش دوختۇرخانىسى) ئىشىكىنى تۈنجى قىتىم تۈرك ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاچتى.
(جىن قوغلاش دوختۇرخانىسى)غا كىرگەن مۇخبىر جىن يىپىشۋالغانلارنىڭ قانداق داۋالىنىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى.دوختۇرخاندىكى ئىشلەيدىغان خادىملار قۇرئاندىن ئايەتلەرنى ئوقۇپ جىنلار بىلەن سۆزلىشىدىكەن ۋە ئۇلارنى يۇقۇشۇۋالغان كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىن چىقىپ كىتىشكە قايىل قىلىشقا تىرىشىدىكەن.
چىچىنىيەنىڭ مەركىزى گروزنى شەھرىدە قۇرۇلغان (ئسلامچە داۋالاش دوختۇرخانىسى) يەنە بىر ئىسمى ( جىن قوغلاش دوختۇرخانىسى) كىشىلەرگە ئاڭلىماققا ئەقىلگە سىغمىغاندەك بىلىنىدۇ.دوختۇرخانا بىناسى تۆت قەۋەتلىك بۇلۇپ كىرىشىڭىزگىلام تامدىكى (شىپاسىز ھىچقانداق كىسەل يارىتىلغان ئەمەس)،(چۈشۈرۈلگەن قۇرئان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن شىپالىقتۇر) دىگەن ئايەتلەرنى كۆرىدىكەنسىز.ئىچىگە كىرىشتىن بۇرۇن چۇقۇم ئايقىڭىزنى يىشىۋىتىشىڭىز كېرەككەن.يالاڭ پۇت ئىچىگە كىرگەندىن كىيىن ئاجايىپ بىر جىمجىتلىقنى ھېس قىلىسىز لىكىن بىر ئاز ۋاقىتتىن كىيىن بۇ جىمجىتلىقنىڭ ئورنىنى قورقۇنۇشلۇق نالە پەرياد،چىقىراشلار ئىگەللەيدىكەن.بۇ (جىن قوغلاش دوختۇرخانىسى) ئۈچ يىل ئىلگىرى چىچىنىيە زۇڭتۇڭى Ramzan Kadirov نىڭ تەلىماتى بىلەن قۇرۇلغان ئىكەن.مۇتەخەسىسلەر كونىلىققا ئىشىنىدىغان خەلىقنىڭ جىنكەشلەرگە،داخەنلەرگە پۇل بىرىپ يالغانچىلارنىڭ ھىلىلىرىگە ئالدىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغاندىن كىيىن زۇڭتۇڭ Ramzan Kadirov مۇ (قۇرئاندا جىنلارنىڭ بارلىقى، ئىنسانلارغا تەسىر قىلدىغىنى) يىزىلغان،خەلىق بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بولسا،بۇ نى كاززاپ،ئالدامچىلارنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزۇپ قويمايلى،بۇ خىل كىسەللەرنى دىنگە ماس كەلگەن ئۇسۇل بىلەن داۋالايدىغان روھى كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدىن بىرنى ئاچايلى،دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن.دوختورخانىغا كەلگەنلەر ھەقسىز داۋالىنىدىكەن.دوختۇرخانىنىڭ پۈتۈن چىقىملىرىنى Ramzan Kadirov نىڭ دادىسى يەنى سابىق زۇڭتۇڭ ئاخمەت ھاجى كادىروۋ فوندى جەمئىيتى ئۈستىگە ئالىدىكەن.دوختۇرخانا بىناسىنىڭ يەر ئاستى قەۋىتىدە مۇخبىرنى مايىر بەكىر كۈتۈۋالغان.ئىلاھىيەت كەسپىنى پۈتۈرگەن ماھىر ئۆزىنىڭ دىنى داۋالاش جەھەتتىن بىر مۇتەخەسىس ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە مۇخبىرنى كىسەللەرنى بىرىنچى بۇلۇپ قۇبۇل قىلىدىغان ئۆيگە باشلاپ ئەكىرگەن.
قۇرئان ئاڭلىتىپ سىناق قىلىندىكەن
دوختۇرخانىغا تۈنجى بۇلۇپ كەلگەن بىمارلار دەسلەپ بۇ ئۆيدە سىناق قىلىنىدىكەن.جىن كىرۋالغان ياكى باشقا ئاغرىقى بار ھەتتا ھىچقانداق ئاغرىقى بولمىغانلارمۇ ئۆزىنى كۆسىتىپ باققىلى كىلىدىكەن.سىناق قىلىش ئارقىلىق جىن كىرۋالغان ياكى كىرۋالمىغانلىقىغا ھۈكۈم قىلالايدىكەن.كۆسەتكىلى كەلگەنلەرنى ئالدى بىلەن ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ كۆزىنى ئىتىپ قۇيىدىكەن.كىيىن قۇرئان كەرىمنى ئاڭلىتىدىكەن.20 مىنوتتىن كىيىن قۇرئان كەرىمنى ئاڭلاپ نىمىنى ھېس قىلغانلىقىنى سورايدىكەن.بىرىلگەن جاۋاپلارغا قارىتا ئۇ كىشىنىڭ جىن كىرۋالغان ياكى ئوقۇتىۋىتىلگەن ۋە ياكى پىسخولوگىيەلىك راھەتسىزلىقى بارلىقىغا ھۈكۈم قىلىدىكەن.
كۆز قاپاقلىرى تىتىرىسە ئېنىق جىن كىرۋالغان بولىدىكەن
جىن كىرۋالغان كىرۋالمىغانلىقىنى مۇنداق بىلگىىلى بولىدىكەن: ئەگەر كۆزى ئىتتىك ھالەتتە قۇرئان ئاڭلاۋىتىپ كۆز قاپىقى تىترىسە،كۆز قارچۇقى ئوڭغا سولغا ھەرىكەت قىلسا،يىغلىسا،بەدىنى ئاغرىق ھېس قىلسا،ھۇشۇدىن كەتسە،ياكى بەزىدە ئوقۇماڭلار! دەپ ۋاقىراپ كەتسە،بۇ ۋاقىتتا بۇ كىشىگە ھەقىقەتەن جىن كىرىۋاپتۇ دەپ دىئاگنوز قۇيۇلىدىكەن.ئەگەر قۇرئان ئاڭلاۋىتىپ بەدىنىدە بۇلۇپمۇ باش قىسمىدا ھىس قىلغۇدەك دەرىجىدە ئىسسىق سىزىم پەيدا بولسا،قۇلى ۋە ياكى بەدىنىنىڭ ھەرقانداق بىر يىرىدە ئۇيۇشۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە ۋە يىغلىغۇسى كەلسە،بۇ كىشىگە باشقىلار تەرىپىدىن ئوقۇتۇلغان دەپ ھۈكۈم چىقىرىدىكەن.