ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئىقتىدارلىق كالىندار يۇمشاق دىتالىنى ئىشلىتىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ( دىتالغا كىرىش نۇمۇرى 1974820 )
مۆچەل ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭ
ھاياتلىق پائالىيىتى مۇئەييەن دەۋرىيلىك ۋە قانۇنىيەت ئاساسىدا داۋام قىلىدۇ، مۈچەللەر ۋەكىللىك قىلىدىغان يىل - دەۋرلەر مۇئەييەن دەۋرىيلىكنى توغرا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بىز 12 مۈچەلگە ئىشىنىشكە ھەقلىقمىز ھەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر - بىرىنى تۇغدۇرۇش ۋە بىر - بىرىنى چەكلەش مۇناسىۋىتىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. كىم سىزگە ئۆمۈرلۈك تەقدىرداش بولالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن ھايات - ماماتتا بىرگە تۇرالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن غىل - پاللا دوست بولۇپ ئۆتۈشى مۇمكىن؟ كىم سىز بىلەن قاتتىق - يىرىك بولۇپ غىژ - غىژلىشىپ ئۆتىدۇ؟ سىز كىمگە سىر بەرسىڭىز بولىدۇ؟ كىمدىن نېرى تۇرۇشىڭىز كېرەك؟ مۈچەللەرنى تۆۋەندىكىدەك گۇرۇپپىلاش سىزگە پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى بېرىشى مۇمكىن ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا< دېگەندەك ئادەم ھەقىقەتەنمۇ چۈشىنىش ئەڭ تەس مەخلۇق. بولۇپمۇ بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، نام - مەنپەئەت قوغلىشىش ئىدىيىسى ھەممىلا ئادەمگە مەۋجۇت. شۇڭا كەسپىي شېرىك تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق پۇل - مال بىلەن بىۋاستە ئالاقىدار ئىشلاردا شېرىك تاللىغا ۋاقىتتا، كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تۇرمۇشتا باشتا ھەمشېرىكلەردىن بولۇپ، كېيىن ئەشەددىي رەقىبلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىشلار ناھايىتى تولا. كىشىلەر ھەمىشە: مۇشۇنداق بولارىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام، باشتىلا ئۇنداق قىلىپ يۈرمەس ئىكەنمەن، دەپ ھەسرەت چېكىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىز بۇنداق ئىشلارنىڭ تامامەن ئالدىنى ئالالايسىز. 12 مۈچەل ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئاساسىي مىجەز - خاراكتېرىنى بىلىۋالغىلى بولغاچقا بۇ جەھەتلەرگە دىققەت قىلىپ قويسىڭىز سىزگە زىيىنى يوق. مۈچەللەرنىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتىدىن مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولالايسىز. مۇۋاپىق تاپسىڭىز قوبۇل قىلىسىز، مۇۋاپىق تاپمىسىڭىز رەت قىلىسز. ئىش شۇنچىلىك ئاددىي
قېنى ئەمىسە بۇ ئىقتىدارلىق كالىندارنى ئىشلىتىپ كۈرۈڭ، بۇ كالىندار سىزگە سىز رازى بولغىدەك ماتېريال بىلەن تەمىنلەيدۇ
تارىختىكى بۈگۈن
يەر شارىدىكى ئەڭ سوغاق جاي شىمالىي قۇتۇپ ئىكەنلىكى كىچىك دوستلارغا مەلۇم، بىراق، سىلەر جۇڭگۇدىمۇ بىر >شىمالىي قۇتۇپ كەنتى< بارلىقىنى بىلەمسىلەر؟ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇما ناھىيىسىدىكى موخې دېگەن يەر ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ شىمالىغا جايلاشقان، بۇ يەرنىڭ قىشلىق ھاۋاسى بەك سوغاق بولۇپ، تېمپېراتۇرا دائىم نۆلدىن تۆۋەن 40 نەچچە گىرادۇس بولىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر بۇ يەرنى >شىمالىي قۇتۇپ كەنتى<دەپ ئاتىشىدۇ. 1969 - يىلىنىڭ بۈگۈنكى كۈنىدە، موخې كەنتىدە ھاۋا كىلىماتى نۆلدىن تۆۋەن 3.52 گىرادۇسقا چۈشكەن، بۇ ئېلىمىزنىڭ ھازىرغا قەدەر بولغان ھاۋارايى خاتىرىسىدىكى ئەڭ تۆۋەن سان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، مۇنداق ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا بىردەملىك ۋاقىت ئىچىدىلا يۈز بېرىدۇ، تېمپېراتۇرا مۇنداق بىردەم بەك تۆۋەن بولىدىغان جاينىڭ پۈتكۈل قىش ۋاقتى ئەڭ سوغاق جاي دەپ ھېسابلىنىشى ناتايىن. ھازىرقى ماتىرىياللاردىن قارىغاندا، ئېلىمىز بويىچە قىش پەسلى ئەڭ سوغاق بولىدىغان )1 - ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ئەڭ تۆۋەن( جاي ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ خولومبىر ئايمىغىدىكى گېنخې دېگەن جاي بولۇپ، بۇ يەرنىڭ 1 - ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 5.31 گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ. گېنخې بىلەن موخېنىڭ قىشلىق تېمپېراتۇرىسى خېلى بەك تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما يازلىق تېمپېراتۇرىسى خېلى ئىللىق، شۇڭا پۈتۈن يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا بويىچە قارىغاندا، ئۇ يەرلەر تېخى تېمپېراتۇرىسى ئەڭ تۆۋەن جاي ھېسابلانمايدۇ. بەزى ئېگىز تاغ، تۆپىلىك جاي )مەسىلەن، دېڭىز يۈزىدىن 2670 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان جىلىڭ ئۆلكىسى ئەنتۇ ناھىيىسىنىڭ بەيتۇشەن تېغىدىكى تيەنچى ناملىق ھاۋارايى پونكىتى تۇرۇشلۇق جاي(نىڭ 1 - ئايدىكى ھاۋاسى گەرچە ئانچە سوغاق ئەمەس، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 8.23 گىرادۇس ئەتراپىدا تۇرىدىغان بولسىمۇ، لېكىن يازدىكى تېمپېراتۇرىسى باشقا جايلاردىن تۆۋەن بولىدۇ، يەنى 7 - ئايدىكى تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن يۇقىرى 5.8 گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇپ، موخې، كېنخې دېگەن يەرلەردىن 10 گىرادۇس تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭا ئۇ يەرلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ئارانلا نۆلدىن تۆۋەن 4.7 گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇپ، موخې، گېنخې دېگەن يەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ تۆۋەن.
XX-ئاينىڭXX-كۈنى قەيەردە ، نىمە ئىشلار يۈزبەرگەن؟
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يەنىلا بۇ ئىقتىدارلىق كالىنداردىن تاپالايسىز
ياش ھىساپلاش
سىز قانچە ياشقا كىردىڭىز ؟ سىز تۇغۇلغىلى نەچچە ئاي، نەچچە ھەپتە ،نەچچە كۈن بولدى؟
بەلكىم سىز بۇلارنى ھىساپلاپ چىقىرىش ئۈچۈن قۇلىڭىزغا جىسەنجىنى ئېلىپ بىرقانچە ئون مىنۇت ھىساپلىسىڭىز ئاران چىقىرالىشىڭىز مۇمكىن ،سىزبۇ ئىقتىدارلىق كالىندار ئارقىلىق بىر كۇنۇپكا بىلەنلا بارلىق ئۇچۇرلارغا ئىرىشەلەيسىز. تۇغۇلغىنىڭىزغا نەچچەيۈز ئاي،نەچچە مىڭ ھەپتە،نەچچە ئونمىڭ سائەت بولغانلىقىنى . . . . مۇشۇنداق كۆپ ۋاقىتىزنى نىمە ئىشلارغا سەرپ ئەتكەنلىكىڭىزنى ،نىمە ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ ، كىيىنكى ئەۋلالارغا قانداق سوۋغاتلارنى قالدۇرغانلىقىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىشىڭىزغا
ياردەم بىرىدۇ
سىز قايسى قان تىپىغا تەۋە ؟ ئۆزىڭىزنىڭ مىجەز ئالاھىدىلىكىڭىزنى بىلەمسىز ؟
ئۆزىڭىزدىكى يۈشۈرۈن ئارتۇقچىلىقنى بايقىيالىدىڭىزمۇ؟
قان تىپى ۋە ئۇنىىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللارنى تۇلۇق تاپالايسىز تېخى . . . . . . . .
دىتال ھەر قېتىم ئاچقاندا كىرىش نۇمۇرى سورايدۇ دىتالغا كىرىش نۇمۇرى 1974820 بۇلۇپ يېزىپ ساقلاپ قۇيۇڭ.
دىتالنى چۈشۈرۈش ئادرىسى
http://kiyas.org/Download.asp?Ac ... ihanogli&Id=403