ئانامنىڭ خېتى
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: پالۋان
ئانامنىڭ پەقەتلا بىر كۆزى بار ئىدى، ئىككىنجى كۆزىنىڭ ئورىنىدا بوش بىر كامار بار ئىدى، شۇڭا مەن ئانامدىن نەپرەتلىنەتتىم، چۈنكى دوستلىرىمنىڭ ئالدىدا بىر كۆزى كۆرمەيدىغان ئانامدىن خىجىل بولاتتىم،
دادام كىچىكىمدە بىر قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى،دادامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئائىلىنىڭ پۈتۈن يۈكى ئانامغا يۈكلىنىپ قالغان ئىدى،ئائىلىمىزنى ياخشى بېقىش ئۈچۈن ئانام مەكتەپتە ئاشپەزلىك قىلاتتى، باشلانغۇچتا ئوقىۋاتقىنىمدا ئانام ماڭا سالام بەرگىلى كەلگەن ئىدى، لېكىن مەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا خىجىل بولۇپ يەرنىڭ تىگىگە كىرىپ كەتكۈدەك بولغان ئىدىم، ماڭا مۇشۇنداق چوڭ "يامانلىقنى" قىلىشقا قانداق پىتىنىدۇ دەپ ئىنتايىن ئاچچىقلانغان ئىدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئانامنى كۆرمەسلىككە سىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدىم، ئۇنىڭغا نەپرەت بىلەن بىر قاراپ قويۇپ ئۇنىڭ يىنىدىن قاچقان ئىدىم، ئەتىسى سىنىپتا بىرساۋاقدىشىم ماڭا:
- سىنىڭ ئاناڭنىڭ پەقەتلا بىر كۆزى بار ئىكەن، يەنە بىركۆزى نېمانداق قورقۇنۇچلۇق دەپ مازاق قىلدى، باشقا ساۋاقداشلىرىم بولسا كۈلىشىشكە باشلىغان ئىدى، شۇ چاغدا يەرنىڭ تىگىگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم، ۋە ئانامنىڭ بۇيەردىن دەرھال يوقىلىشىنى تىلىدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاشۇ كۈن ئانام بىلەن ئۇچراشقاندامەن ئۇنىڭغا:
- مىنى كۈلكىلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدۇڭ، ئۆلسەڭچۇ كاشكى! دېدىم.
ئانام پەقەتلا جاۋاپ بەرمىدى، پەقەت بىر كۆزى بىلەن قاراپ قويۇپلا كېتىپ قالدى، دېگەنلىرىم ھەققىدە بىر سېكىنۇتمۇ ئويلىنىپ باقمىغان ئىدىم، چۈنكى ئىنتايىن ئاچچىقلانغان ئىدىم، ئۇنىڭ ھېسىياتى بىلەن مىنىڭ پەقەتلا كارىم يوق ئىدى، ئۇنىڭ ئۆيدە بولىشى خالىمايتىم، لېكىن ئۆي ئۇنىڭ ئۆيى ئىدى.
كۆپ تېرىشچانلىق كۆرسىتىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغاكەلتۈردۈم، ۋە سىنگاپۇرغا ئوقۇشقا كەتتىم، بىر مۇنچە زامان ئۆتكەندىن كېيىن تويمۇ قىلدىم، تېرىشىپ-تىرمىشىپ بىر ئۆيمۇ سىتىۋالغان بولدۇم، ۋە بالىلىرىم تۇغۇلدى،ھاياتىم ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئۆتىۋاتاتتى، ئانامنى ئۇنتۇپلا كەتكەن ئىدىم. بىر كۈنى ئانام تۇيۇقسىزلا ئۆيگە زىيارەتكە كەلدى، چۈنكى بىر نەچچە يىلدىن بىرى مېنى كۆرمىگەن ئىدى، ئانامنى كۆرگەن بالىلىرىم، ئاۋال قورقۇپ كېيىن كۈلۈشكە باشلىدى،مۇشۇ سىلەرنىڭ چوڭ ئاناڭلار دېيەلمىدىم، ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن پۇرسەت تېپىپ ئانامغا:
- ئۆيۈمگە كىلىپ بالىلىرىمنى قورقۇتۇشقا نېمە ھەققىڭ بار، دەرھال ئۆيۈمدىن چىقىپ كەت! دېدىم.
ئانام بۇ ئىنكاسىمغا پەس ئاۋازدا:
- كەچۈرۈڭ، خاتا يەرگە كىلىپ قاپتىمەن، دېدى ۋە چىقىپ كەتتى. ئارىدىن يەنە ئۇزۇن بىر زامان ئۆتكەن ئىدى. بىر كۈنى ساۋاقداشلارنىڭ بىر ئولتۇرىشى بولىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر كەلدى، مەن ئايالىمغا شىركەتتىن چەتئەلگەبىر يىغىنغا قاتنىشىشىمنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى باھانە قىلىپ ئولتۇرۇشقا باردىم،ئولتۇرۇش تۈگىگەندىن كېيىن قىزىقىپ كونا ئۆيگە كىلىپ قالدىم، ئانام ۋاپات بولغان ئىكەن، مەن خوشال بولغاندەك بولدۇم، لېكىن بىر خىل ئىچىم ئىچىشىپ كەتتى، ماڭايەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ئانام بىرىگە بىر پارچە خەت يىزىپ بەرگەن ئىكەن، مەن ئۇخەتنى ئېچىپ ئوقۇدۇم، خەتتە مۇنداق دېيىلگەن ئىدى:
سۆيۈملۈك ئوغلۇم، ھەر زامان سىنى ئويلاپ تۇردۇم، سىنگاپۇرغا كىلىپ بالىلىرىڭنى قورقىتىۋەتكەنلىكىم ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن، ساۋاقداشلىرىڭنىڭ ئولتۇرىشىغا كىلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن، لېكىن سىنى كۆرۈش ئۈچۈن كارىۋاتتىن قوپۇپ يىنىڭغا بارالايدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم يوق، سىنى چوڭ قىلىش جەريانىدا بىر داۋاملىق بىر كۆز بىلەنلا يۈرۈپ بالامنى سۇندۇرماي دەپ كۆپ ئويلاندىم، باشقىلارنىڭ ئالدىداسۇندۇرغىنىمغا ئىنتايىن قايغۇردۇم، بىلەمسەن يۈرەك پارەم، كىچىكىڭدەك بىر قاتناش ۋەقەسى يۈر بېرىپ داداڭ ۋاپات بولۇپ كەتكەن ۋە سەن بىر كۆزۈڭدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدىڭ، بىر ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىنىڭ بىر كۆز بىلەن چوڭ بولىشىڭغا چىدىيالمايتتىم، شۇڭا داداڭدىن قالغان يەرلەرنى سېتىپ دوختۇرغا تۆلىدىم ۋە ئوپراتسىيە قىلىپ بىر كۆزۈمنى ساڭا بەردىم، ئوپراتسىيە غەلبىلىك ئاخىرلاشقان ئىدى، مىنىڭ ئوكۆزۈم بىلەن يۈرەك پارەم، بىر تاللا ئوغلۇم كۆرەۋاتىدۇ، دەپ ئىنتايىن خوشال بولغان ئىدىم، لېكىن ساڭا مىنىڭ كۆزۈم بىلەن كۆرەۋاتىسەن دېيىشكە يۈرىكىم چىدىمىدى، چۈنكى بۇ ئانا يۈرىكى ئىدى، نەتىجىلىرىڭنى كۆرگىنىمدە سىنىڭدىن شۇنچىلىك پەخىرلەندىمكى... ئاشۇ پەخىرلىنىش ماڭا بەختلەر ئاتا قىلغان ئىدى، سەن نېمە قىلساڭ قىل،بەرىبىر مىنىڭ ئوغلۇم سەن!
پۈتۈن مۇھەببىتىم بىلەن................
ئاناڭ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-17 10:07 AM