تەخىت جىدىلى (چۆچەك)
قەدىم –قەدىم زاماندا بىر پادىشاھ بار ئىدى.ئۇ ئىشقىلىپ ئۆزى بىلىدىغانلىكى يەرلەرنى بويسۇندۇرۇپ ،زامان شاھى دەپ تەرىپلەندى.بۇ جاھاندا ئۇنىڭغا دۈشمەن بولغىدەك بىر ئادەممۇ قالمىدى.ئۇ ئەل يۇرتنى شۇنداق ئادىللىق بىلەن سورىدىكى ،پۈتۈن ئاۋام ئاسايىشلىققلا ،مەمۇرچىلىققا تولدى.شۇنىڭ بىلەن شاھنىڭ بارلىق غېمى تۈگىدى.بىر كۈنى تەخىتتە ئولتۇرۇپ قارىغىدەك بولسا ئۆزىنىڭ جەڭ ماھارىتى ئۇستازى قاۋۇل سۈباشىنىڭ چاچلىرى چاچ ساقاللىرى ئۇشتەك ئاقىرىپتۇ.ئۇزاق يىللاردىن بېرى دۆلەت ئىشلىرى بىلەن بولۇپ بۇلارغا دېھقەت قىلمىغان پادىشاھ بۇنىڭدىن ھەيرانلا قاپتۇ.ئۇ باشقىدىن كۆز ئالدىدىكى ئىشلارغا باشقىدىن دېھقەت قىپتۇ.قاراپ ئۆزىنىڭ ئەقىل خالتىسى ،ساۋاقدىشى ۋە قىيامەتلىك دوستى تېمەن ھاجىپمۇ قىرانلىق دەۋرىنى تاماملاپ،چىرايىدىكى ھەر دائىم بىلىنىپ تۇرىدىغان قىزىقىشنىڭ ئورنىغا،ئېغىر،بېسىقلىق،تەمكىنلىك ئالمىشىپتۇ.ئۇ بۇنىڭدىن چۆچۈپ ئۆزىنىڭ ئاغزىغا ئىلىم سالغان دۆلەت ئاتىسى سالىھ ھەزرەتكە قارىسا،ئۆمۇ مۇنەكتەك كىچىككىنىلا قاپتۇ.
ئۆزىنىڭ تەختىنىڭمۇ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەخىت ئەمدى
ئۇنىڭغا خېلىلا چوڭ كىلىپ قالغانىدى. بۇلارنى كۆرۈپ،چۈچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ ،ئوردىدىكىلەردىن:
-ۋەزىرلىرىم مەن قېرىدىممۇ؟،-دەپ سورىدى پادىشاھ ئوردىدىكىلەردىن.
ئەلەمدار ۋەزىرلەر رېتىدىن ئۆزەل تۈمەنباشى قولىنى كۆكسىگە ئالغاچ ئوتتۇرىغا چىقىپ.
-شاھىمىز تېخى ئوۋ ئىتلىرىدەك سەزگۈر،كالىدەك زەبەردەست
خۇدايىم شاھىمىزغا چوقۇم تاشپاقىدەك ئۇزۇن ئۆمۈر بېرىدۇ.،-دىيىشىگە ئادىل مىرزا قەلەمدار ۋەزىرلەرنىڭ رېتىدىن چىقىپ:
-شاھىم مۇمكىن بولسا مۇشۇ ئۆزەلنىڭ ئادەم جىق يەردە سۆزلىشىنى چەكلىسەك.بۇ بەرىبىر ئادەمدەك گەپ قىلالمىغاندىكىن،-دەپ قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ قويۇپ رېتىغا قايتىپ قاپىقىنى تۈرۈپ ئولتۇردى ئادىل مىرزا.بۇنى ئاڭلىغان ئۆزەل سەكرەپ چىقتى.
-ئوھوي ئادىل ،تۆت پارچە كىتاپنى مەندىن جىق ئوقۇدۇم دەپ تولا مىنى ئۇنداق بۇنداق دىمە.سالىھ ھەزرەتمۇ مىنى قورسىقىدا نىمە بولسا شۇنى دەيدۇ،قىلچە پەردازلىمايدۇ،بۇمۇ راستچىللىقنىڭ ئىپادىسى
دىگەن جۇمۇ.مەن گەپ قىلمايمىشمەن تېخى....،-دەپ ھەزرەتكە بىر قاراپ قويۇپ،چەكتىن ئېشىشقا جۈرئەت قىلالماي قاپاقلىرىنى تۈرۈپ جىم تۇرۇۋالدى.
-بوپتۇ مەن تۆتلا پارچە كىتاپ ئوقۇغىنىمنى تەن ئالدىم.،-دەپ قويدى ئادىل مىرزا مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپ.
ئوردىدا قاتتىق كۈلكە كۆتۈرۈلدى.جىقراق كۈلگەنلەر قەلەمدارلار رېتىدىكىلەر ئىدى. باتۇرلارنىڭ كۆپرەكى ئادىل مىرزىنىڭ بۇ سۆزىنىڭ نەرىنىڭ قىززىق ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەنىدى.كۈلۈۋاتقانلار بىر ئازدىن كىيىن ئادەتتە ئادىل مىرزا بىلەن ئۆزەلنىڭ بۇنداق قىلىقلىرىدىن كۈلۈپ دومىلاپ كىتىدىغان شاھىنىڭ يۈزىدىن غېرىپلىق تۇمانلىرىنىڭ تارقىمىغانلىقىنى كۆرۈپ بىر-بىردىن بېسىقتى.كۈلكە بېسىققاندىن كىيىن تېمەن ھاجىپ ئورنىدىن تۇرۇپ سالام قىلىۋەتكەندىن كىيىن:
-دىگىنىڭ راست بىز قېرىدۇق.لىكىن ئۆمرىمىزنى تارىختا داستان بولغىدەك ئۆتكۈزدۇق.مانا ئەمدى پۈتكۈل زىمىنغا باش بولۇپ ،پۇخرالارنى ئاسايىشلىققا ئىگە قىلدۇق.بىزنىڭ نامىمىز نەچچە ئەسىرلەرىچە قېرىمايدۇ.ئەل ئىچىدە يادلىنىدۇ.دىمەك بىز ۋاقىتنى قېرىتتۇق.بىز ۋاقىت ئالدىدا غەلىبە قىلغۇچى.شۇڭا بۇ ئىشلاردىن ۋايىم يىيىشىڭ ئورۇنسىز.ئەمدىكى ئىش مۇشۇ نەتىجىلىرىمىزنى قانداق قىلىپ كىينكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشتۇر.ئىسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى قازا غايىپتۇر.گەرچە پۈتكۈل جاھاننىڭ شاھى بولساڭمۇ مۇشۇ كەمگىچە جېنىڭنى نۇرغۇن سۈيقەستتىن ساقلىغان رەببىمىزگە جېنىڭنى ئالماق ئوڭايدۇر. شۇڭا مۇشۇ ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئويلىشىشىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن.ئەگەر خالىساڭ تەخىتنى شاھزادىلەرنىڭ بىرەرىگە ياكى مەلىكىگە تاپشۇر.ئۇنىڭغا نازارەتتە بولغاچ ئارام ئالساڭ.بۇرۇنقىدەك مۇشائىرە ئېيتىشىپ،ئو ئوۋلىشىپ ئۆمرىمىزنىڭ ئايىغىنى ئۆتكۈزسەك،ھېچ بولمىسا تەخىت ۋارىسىنى بالدۇرراق تەيىنلىشىڭ كېرەك.كىيىن قالسا نىزافەتكە دەسمايە بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بار.،-دىگەندىن كىيىن سالام بېرىۋېتىپ كۆزلىرىنى پادىشاھتىن ئۈزەي ئالدىرىماي ئولتۇردى.شاھ ئەمدى گەپ قىلاي دەپ ئاغزىنى ئۆمەللىشىگە ئەلەمدارلار رېتىدىن جەڭ مۇشاۋۇرى شاھنىڭ ئەڭ چوڭ پەرزەنتى بولغان زىبان مەلىكە ئوتتۇرىغا چىقىپ.
-تىمەن ئاتامنىڭ سۆزلىرىنىڭمۇ ئاساسى بار.لىكىن شاھ ئاتام ھازىر تېئىى ئىنتايىن ساغلام تۇرۇپتۇ.بۇ ئىشلارنى ئويلاشقا تېخى بالدۇر.نىزافەت مەسىلىسىگە كەلسەك.ئىككى ئىنىمنىڭ ۋە ئۆزەمنىڭ قېرىنداشلىق مىھرىنىڭ چوڭقۇرلىقىغا ئىشىنىمەن.بۇنداق ئىشلارمۇ يۈز بېرىپ كەتمەس،-دىيىشگىلا،ئىككى شاھزادە ئىككى تەرەپتىن چىقىپ:
-زىباننىڭ دىگىنىنى قوللايمىز،-دىگەنىدىن كىيىن، شاھزادىلەر ۋە مەلىكە ئورنىغا قايتتى.
شاھ بۇ مەسىلىنى ئەمدى تونۇپ يەتكەنىدى...شۇڭا ئۇ دەماللىققا نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي ،مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا دائىم ئىشلىتىدىغان ھەم دائىم ئەسقاتىدىغان ئامالىنى ئىشلىتىپ سالىھ ھەزرەتكە قارىدى.سالىھ ھەزرەت گېلىنى قىرىۋېتىپ سۆز باشلىدى:
-ۋارىس مەسىلىسى مۇھىم ۋە ھامان ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىدۇر.مەسىلىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش ئاقىلانىلىكتۇر.،-دىدى ئۇ قىسقىلا قىلىپ.ئۇ گەرچە شۇنچىلىك قېرىپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما ئاۋازى جاراڭلىق ،ۋەزمىن ئىدى.
-تەلىملىرى مەن ئۈچۈن قاراڭغۇنى يورۇتقۇچى مەشئەلدۇر ھۆرمەتلىك ئۇستاز.تەلىملىرىگە بىنائەن، بۇ مەسىلىنى چۇقۇم ياخشى ئويلىشىپ تېز بىر تەرەپ قىلىمەن.،-دىدى پادىشاھ ھۆرمەت بىلەن.
پادىشاھ يەتتە قات كۆرپە سېلىنغان شاھانە تۆشەككە كىرگەندىن كىيىن :
-گۈزەن ،تىمەننىڭ سەپ ئىلمىنى مەخسۇس ئۆگەنگەن.جەڭ سېپى تۈزۈشتە ئۇ ئەمدى 24ياشقا كىرگەن تۇرۇقلۇق ئۇستازى تىمەن ھاجىپنى بېسىپ چۈشتى.تۆھپىسىمۇ ناھايىتى كۆپ.لىكىن يامان يېرى ئۇ بىر ئاجىزە.ھامىنى توي قىلسا ھوقوقنىڭ باشقىلارغا ئۆتۈپ كىتىش خەۋپى بار.شۇڭا تازا لايىق كەلمەيدۇ.چوڭ ئوغلۇم ھىممەت،
قاۋۇل ئۇستازدا مەخسۇس جانبازلىق ۋە ئۇرۇش ماھارىتى ئۆگەندى.ھازىر ئوردىدا ئۇنىڭغا تەڭ كەلگىدەك بىر سەركەردە يوق.ئېيىقتەك كۈچلۈك ،مايمۇندىن چاققان.لىكىن بەك ئوڭاي غەزەپلىنىدۇ.
ئاچچىقىنى بېسىۋالالمايدۇ.شۇڭا ئۇمۇ ئانچە ماس كەلمەيدۇ.
كەنجى شاھزادە ئەمدى 16 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ سالىھ ئۇستازنىڭ ئالدىدا چوڭ بولدى.ئەدەبىيات پەلسەپە .ئىلمى نۇجۇم،ئالگىبراغا پىشىتى.ئەمما ئۇنىڭ سىياقى بەك سەت .ئۇنىڭ ئۈستىگە باغرى بەك يۇمشاق.ئەلنى ئىدارە قىلىشقا تېخىمۇ ماس كەلمەيدۇ...بۇ ئىشنى زادى قانداق قىلسام بولار.تىمەننىڭ ئوغلى كامالدەك ھەر جەھەتتىن يىتىشكەن بىرەر پەرزەنتىم يوقتە ئىسىت.بولدى ئوردا ئۆزى بىر كېڭىشىپ باقمىسۇنمۇ.-دىگەنلەرنى ئويلىغاندىن كىيىن كۆزى ئۇيقىغا ئىلىنىپ ،ئاستا-ئاستا ئۇيقىغا كەتتى.
ئەتىسى ئوردىغا چىققان شاھ سالامدىن كىيىن:
-ۋارىس ئىشىنى ئاخشام خېلى ئويلانغان بولساممۇ،ھېچ بىر مۇۋاپىق جاۋاپقا ئېرىشەلمىدىم،شۇنىڭ بىلەن يەنە بۇ مەسىلىنى خاندانلىقىمىزنىڭ قانىتى بولغان.ھەرقايسىڭلارغا مۇراجىئەت قىلىشنى ؛ايىق تاپتىم.كېنى مۇشۇ ئىش توغرىسىدىكى تەكلىپىڭلارنى بىر ئاڭلاپ باقسام.
ئوردىدىكىلەر بىر ئاز سۈكۈتتە تۇرغاندىن كىيىن،قاۋۇل سۈباشى ئورنىدىن تۇرۇپ:
-مەن چوڭ شاھزادىنى ۋەلىئەھدىلىككە كۆرسىتىمەن.چۈنكى چوڭ شاھزادە جاھاندا تەڭدىشى يوق باتۇر.نامى پۈتكۈل ئاۋامغا مەشھۇردۇر.ئۇنىڭ غەزىۋىدىن تىترىمەيدىغان تەن،شۈركەنمەيدىغان جان يوق.شاھزادە پادىشاھ بولسا ئەل ئىچىدىكى يامانلىقلار ئۇنىڭ سۈرى بىلەن بېسىقىپ دۆلەت تىنىچلىققا تولغۇسى،-دىگەندىن كىيىن
ئورنىغا ئولتۇردى.
چوڭ شاھزادە گەپ قىلاي دىدىيۇ ئۇستازىنىڭ سۆزىنى يىرالماي تۇرۇپ قالدى.ئۇنىڭ پەقەتلا تەخىتتە ئولتۇرغۇسى يوق ئىدى.چۈنكى ئۇ لەشكەرلەر ئارىسىدا يۈرۈپ كۆنۈپ قالغانىدى.ھەشەمەتلىك شاھلىق تۇرمۇشى ئۇنىڭغا پەقەتلا ياقمايتتى.ۋاقتىنى مەشىقتىن
باشقا ئىشلارغا ئىسراپ قىلغۇسى يوق ئىدى.ئۇنىڭ تەلىيىگە تىمەن ھاجىپ ئورنىدىن تۇرۇپ:
ھىممەت شاھزىنىڭ باتۇرلۇقىغا قايىل بولمايدىغان ئادەم يوق.ئەمما بىز بارلىق دۈشمەنلەرنى جېنىدىن جۇدا قىلىپ،پۈتكۈل مەملىكەتلەرگە فەتھى شارابىنى ئىچكۈزدۇق.شۇڭا ۋەلىئەھدىنىڭ قىلىشقا تىگىىشلىك ئەڭ مۇھىم خىزمىتى ئاۋامنى ياخشى ئىرادە قىلىش.شۇڭا مەن گۈزەن مەلىكىنى ۋەلىئەھدىلىككە كۆرسىتىمەن.گۈزەن مالىكە سەپ تۈزەش ماھارىتىدە كامالەتكە يەتكەن.ئەگەر ئۇ شاھ بولسا ھەر ئىشلارنى ئۆز رېتىدا ياخشى باشقۇرۇشقا ئىستىداتى يىتەرلىكتۇر.
مەلىكىنىڭمۇ ئاشزى ئۆمەللەندى.چۈنكى ئۇنىڭمۇ شاھ بولغۇسى يوق ئىدى.سەۋەبى سۈلىھ-كىلىشىم ئىشلىرىگە مەسئۇل ئادىل مىرزا بىلەن ئىككىسى ئاللىبۇرۇنلا ئۆمۈرلۈك جۈپ بولۇشقا كىلىشكەنىدى.
ئادىل مىرزىنىڭ كىلىپ چىقىشى تۆۋەن تەبىقىدىن بولغاچقا، ئۆزى بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سالاھىيەت پەرقنىڭ ئىككىسىنىڭ توي ئىشىغا توساق بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى.ئەگەر ئۇ شاھ بولسا بۇ ئەندىشىنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشى ئېنىقلا گەپ ئىدى.ئۇمۇ غەم قىلىپ ئولتۇرىشىغا سالىھ ھەزىرەت سۆز باشلىدى.
-تىمەننىڭ سۆزلىرى ئورۇنلۇق. ئەمما گۈزەنبىڭ تۆھپىسى زور بولسىمۇ قوشۇننىڭ سەپ ئىشلىرى بەك مەخپى بولغاچقا،مەلىكەمنىڭ
شۆھرىتى ئەل قەلبىگە غۇۋا.شۇڭا مەن كەنجى شاھزادىنى ۋەلىئەھدىلىككە كۆرسىتىمەن.كەنجى شاھزادە ياشلىق ئېتىغا ئەمدى مىنگەن بولسىمۇ،ئەقلى ئاللىقاچان بىلىم مۇساپىسىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىلىرىغا يىتىپ باردى.قەلىپ جامى ئىلىم شارابىغا تولدى.ئۇ شاھ بولسا ئەلدە ئادىللىق ،ئەخلات پەزىلەت راۋاج تاپقاي.
ھەزرەتنىڭ گېپى ئەمدى ئاياغلىشىشىغا ئۆزەل تۈمەنباشى ئوتتۇرىغا چىقىپ:
-ھەزرەتلىرىنىڭ قاملاشمىغان گەپ قىلغىنىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم،-دىيىشىگە ئادىل مىرزا ئوتتۇرىغا چىقىپ:
-تولا ھەددىڭدىن ئاشما گۈزەل، ھەزرىتىمنى جۆيلىدى دىيىشكە قانداق پېتىندىڭ ،-دىدى غەزەپ بىلەن.
-ئۇنى سۆزلىگىلى قويۇڭ مىرزا،-دىدى ھەزرەت سىپايىلىق بىلەن.
يەنە خاتا سۆزلەپ ھەزرەتكە تىل تەككۈزۈپ قويغىنىدىن خىجىل ببولۇپ ئۆزەل تۈمەنباشى،.ئادىل مىرزىغا مەغرۇرلۇق بىلەن قارىۋېتىپ.
-كەنجى شاھزادە بەك خېنىم مىجەز .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇۋۋال ھاتۋانلارغا ئىچى ئاغرىپ گۆش يىمەيدۇ.شۇڭا كۆچىمۇ يوق تۈزۈك،كىيىن دۈشمەنلەرگە تۇتۇلۇپ قالسا سوراقتىلا ئۆلۈپ كىتىشى مۇمكىن.
ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن يەنە بىر پادىشاھ تەيىنلەيمىز دەپ ئاۋارە بولىمىز.
ئوردا ئەھلى ھەزرىتىمنىڭ سۆزى بولغاچ ئۇنىڭ قاملاشمىغان گەپلىرىنى يىرمىدى.تۇنجى قېتىم ئوردىدا بۇنچىلىك ئۇزاق سۆزلەش شەرىپقگە ئېرىشكەن ئۆزەل باغانسىرى قىزىپ سۆزلەپ:
-مەلىكەمگە كەلسەك ،ئۇ سەپ تۈزەلىگەن بىلەن جەڭ قىلالمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك چىرايلىق .ئەگەر ئۇ دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ،دۈشمەننىڭ باشلىقى ئۇنى چوقۇم مەجبۇرى ئەمرىگە ئالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن مەلىكە ئۆلىۋالىدۇ.ئۇ چاغدا...
ئۇنىڭ بۇ گېپىگە چىداپ تۇرالمىغان ئادىل مىرزا چىچاڭشىپ:
-شاھىم ئۇنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرغايلا،-دىدى شاھقا ئىگىلىپ.
-مەيلى سۆزلىۋالسۇن.ئۇنىڭ يامان نىيىتى يوقلۇقى ھەممەيلەنگە ئايان.ئۆزەل ماڭا ئەگىشىپ نۇرغۇن سەپەرلەردە بولغان .قان تۆككەن.مەملىكەتنىڭ ئاسايىشلىقىدا زور تۆھپىسى بار.شۇڭا ۋەلىئەھدى تاللاش ئىشىدا ئۇنى سۆزلەتمىسەك ئۇنىڭغا ئادالەتسىزلىك بولىدۇ.
گېپىنىڭ ھەقىقەەن چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئەمدىلەتىن ھېس قىلغان ئۆزەل،شاھنىڭ گېپىدىن روھلىنىپ،يەنە سۆزلەشكە باشلىدى.
-چوڭ شاھزادە چۈمۈلىدىك كۈچلۈك،چىۋندەك چاققان.كاللا ئېلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن مىشقىرىپ قويغاندەكلا ئاسان ئىش. كىيىن ئالىمادىس دۈشمەنلەر ئۇنى تۇتىۋالسىمۇ،ئەۋزرەز يولىدىن بولسىمۇ قېچىپ چىقىپ كىتەلەيدۇ.شۇڭا ئۇ تەختتە ئولتۇرسا ھابدالغا خوجۇن ياراشقاندەك يارىشىدۇ،-دىگەندىن كىيىن خۇددى ناھايىتى توغرا گەپ قىلىۋەتكەندەك گۈس-گۈس مېڭىپ جايىغا كىلىپ ئولتۇردى.
پادىشاھ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي پاراققىدە كۈلۈۋەتتى.باشقا ۋەزىرلەرمۇ ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ ئولتۇرغانىدى،ئوردىدا كۈلكە كۆتۈرۈلدى.ئۆزەل تۈمەنبېشى ھەممەيلەننىڭ كۈلگىنىنى كۆرۈپ نىمىش بولغىنى بىلمىسىمۇ بېشىنى قاشلاپ:
-ھى...ھى،،،ھى ،-دەپ ھىجىيىپ قويدى.
كۈلكە بېسىققاندىن كىيىن پادىشاھ :
-ۋارىس ئىشى توغۇرلۇق كۆڭلۈم بىر يەرگە توختىدى.لىكىن غۇلغۇلا بولۇپ،ئوردا ۋە پۇخرالار ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،ۋەسىيەتنامەمنى تىمەن ھاجىپقا تاپشۇرىمەن.ئەگەر ئۇ مەنچىلىك ھۇما كۆرەلمىسە ۋەسىيىتىمنى خەلقى ئالەمگە يەتكۈزۈشكە باشقا نامزات تەيىنلەيمەن.ئەگەر مەن بالدۇر كىتىپ
قالسام تەخت ۋارىسىنىڭ كىملىكىنى تىمەندىن ئۇققايسىزلەر.
شاھنىڭ بۇ گېپىگە ھېچكىم بىرنەرسە دىمىدى. بىردەم ئەل ئىچىدىكى مەسىلىلەر مۇلاھىزە قىلىنغاندىن كىيىن ،ئوردا كېڭىشى تۈگەپ،ھەممەيلەن خزىمەتلىرىگە تارقاشتى.
-----------------------------------------------
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە ئۆگۈنلۈككە يوللىنىدۇ.
مايماق ئىجادىيىتى