مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10502|ئىنكاس: 83

كەم قالغان ۋىجدان....(زامانى)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پەقەت ئاپئاق كۆڭۈلنىڭ دوستمەن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 2084
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 58606
تۆھپە نۇمۇرى: 995
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 08:23:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ھەر تەبەسسۇمدا بىر مىھىر بار ئىدى،   زىمىن ئاتا قىلغان كائىناتنىڭ باھارى،ئىنسانىيەتنىڭ خۇشاللىقى ۋە مىھرى بىلەن يارالغان ئىدى،
<<پەقەت مۇھتاجلىقلا ھەقىقىي مىھر مۇھەببەت تۇغىدۇ>> ناملىق ھەقىقەت كىمىسى ئادىمىزات ئارسىدا لەيلەپ يۈرەتتى.
نۇربىلەن يارىلىپ ئۆلسىمۇنۇرى ئۆچمەيدىغان ئىنسانلارنىڭ بارلىقغا ئىشىنەتتىم، بەلكى بۇ مىنىڭ سەبئىي بۈيۈك خىيالىم بولۇشى مۇمكىن،بۇ خىيالىمنىڭ ھاياتتىكى ئەقىدەمگە ئايلىنشىنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلىمەن.
<<بىزباراۋەر ياراتقان بەندىلەرنىڭ قۇلى ئەمەسكەنمىز، ئۆزىمىزنىڭ قۇلى بولۇپ قاپتۇق، ئەسلى بىزنى ياراتقان ئىگىمىزنىڭ پەخرى ئىدۇق>> دىگەن مۇڭنى ئەركىن دۇنيادا،ئۆزىگىگە قۇل بولمىغان كىمگىمۇ ئېيتمەن.
ساختا ئىنساندىن پاناھ تىلەپ سەمىمىيلىكنى چىللىغان خورازنىڭ پۇتلىرىغا سۆيگۈم كىلەتتى،
تىكىلگەن ھەر بىر كۆزلەردىن مىڭ خىل يوللارنىڭ ئاياق ئۇچى كۆرنەتتى ،ھەر
پىچىرلانغان قەلىبلەردىن ئىنساننىڭ سۇبھىيدىكى تاڭ شەپقىدەك نۇرانە ئىقباللار جىلۋىنەتتى، سۆيگۈسىز تالاي يۈرەكلەر ئەسلى لىققىدە سۆيگۈ بىلەن نىقاپلانغان ئىدى،يارالمىشلار يىراقلاردا قالغان ئەمەس نەچچە دەقىقە ئاۋال تۈغۇلغان ئىنساندىن تەبەسسۇمنى كۇتەتتى،يىراقلارغا قول پۇلاڭلاتقان ياشلىق ، ئاپئاق چاچلارغا كۆز ئالىدىكى قىزغىن ھايات ئەسلىتەتتى ... ساپ ئەجىرلەر ھىممەتلەرگە باغلانسا مىليون قەلىب ئۇندىن مەمنۇنلۇق ئىچىدە ھەقىقىي چېھىرلىنىدۇ، پۈكۈلگەن زىمىننىدا ئوخچۇغان سۆيگۈلەر،تويمىغان تالاي بېقىشلار قوشۇلۇپ بىزنىڭ كەلگۈسىمىزدىكى مۇھەببەت كارۋانىمىزغا ئاپئاق يوللارنى ئاتا قىلاتتى.
دوختۇرخانا ئالدىدا بىر ئانا ھۇشسىزلانغان بالىسنى ئالدىغا قويۇپ قان يىغلاۋاتقانلىقغا نەچچە كۈن بولدى كىشلەردىن ساخاۋەت تىلەۋاتىدۇ،تۇغۇلغاندا ھەمراھىم بولۇپ چۈشكەن <<ساخاۋەتلىك مىھر>>ھەمرىيىم ئۇلارنى كۆرمەي قالسا قانداقمۇغورۇرۇم غورۇر مىھرىم مىھر بولۇپ ئاتالسۇن. ...
ۋاپا تۇيغۇمدىكى سەرسان ھېسلار ،يۈركۇم بىلەن ئوخشاش سىزىقتا بولسا ئىدى ،تالاي قاشلار ئارسىدىكى قاپقارا كۈلۈش ئۈچۈن يارالغان كۆزلەرگە ياش تولمىغان بولاتتى...
ياش ئانا كىسەل كارۋىتىدا ئىڭرىماقتا،2ياشلىق ئوغلى ئالمىنى ئانسىغا سويۇپ بەرمەكتە،دادسى ئايالىنىڭ بىرنەچچە ئايلا ئۆمۈرى قالغانلىق ئىسپاتىنى تۇتۇپ،يۈركى ئۆرتىنىۋاتىدۇ.
ئىللىق تەسەللىيگەقوشۇلغان مىھرلىك بىر تەبەسسۇمۇمدا بىر جاننى قۇتۇلدۇرۋالالىغۇدەك <<ئابىي كەۋسەر>>بارلىقىغا ئىشىنىمەن.
يامغۇرلۇقۇم يوق،تىترەپ يۈرىۋەرسەممۇ يۈركىدىكى چوغنى ئۆچۈرمىگەن ھاياتتىن ھالالىقنى تىلىگەن تىلەمچى بولۇشتىن قول ئۇزمىدىم.

ئۆز تەبئىيلىكىنى،ئىنسانىيلىقىنى،جاھاننىڭ گۆھىرى پەخرىنى،باشقا <<جاھان>>لارغا تالىتىۋەتكەنلەرگە بەخىت كۈلمەيدۇ،كۈلسىمۇ خىرە كۈلىدۇ يىراقتىن كۈلىدۇ، ...كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ئۇلارنىڭ كۆزدىكى ياشنىڭ قۇرغىنى ئالەمچە خۇشاللىق بولۇپ قالىدۇ....پاكلىق ئاقلىق، ساقلىق قەدىر-قىممىتى ئۈچۈن ياشايدىغانلارغا ھامان بەخىت يېقىندىن كۈلىدۇ ھەم ئۆز قوينىغا ئالىدۇ ئەلۋەتتە (ئۇلارغا كۈلۈپ ياشاشلار ھەمراھ بولسۇن)..... .يۈرۈكۈمنىڭ ھەربىر سىقىلىشى ماڭا، سوغۇقتا قالغانغا چاپان بىرەلىگۈدەك ۋىجدان تىلەيدۇ.  غەزەپ-نەپرىتىنى قويۋېتىپ تۇتالماي قوغلاپ يۈرگەنلەرگە بەكمۇ كۈلگۈم كىلىدۇ،ئۇلارنىڭ كىيىنكى كۈنلىرى بىر كومىدىيە بولىشى مۇمكىن. نەۋرىسى بىلەن مومىسى پەرىقلەنمەيۋاتقان بۇ جاھاندا قۇرۇق سۈپۈرگىگەئايلىنۋاتقان ئەركەكلىك نامىمغا پىچاق سۈرۈشنى نەچچە رەت ئويلاشتىم. جان تاتلىق كەلدى ئەمەس، ئەخمەقلىقنى ئۆزكاللامغا تىگشمەسلىكىم كېرەك دەپ ئويلىدىم ۋە يەنىلا شۇ ئەركەكلىك نامىمنىڭ ئەمەللىرى ئۈچۈن ياشاش يولىغا قەدەم قويدۇم.

توغرا قەدەملىرىم ئېزىپ ياكى تىرىشماي بىر قۇرتقا ئايلىنىپ قالغان چېغىمدا،باشقىلارنىڭ مىنى دەسسۋەتكەنلىكىدىن ئاغرىنمايمەن.
ياشلىقىدا تالاي ياشانغانلارنىڭ دۇئاسىنى رازىلىقىنى ئالغان ياشانغان بوۋاي بۈگۈن مانا ئاق بالداقلىق يولدىن ماشىنىلارنىڭ سىگنال ئاۋزىدىن ھودۇقۇپ تەمتىرەپ ماڭالماي قەدەملىرى ئاجىزلىق قىلۋاتىدۇ، بىر ئىللىق قولنىڭ بىللە ئېلىپ مېىڭشنى دىلىدا زىكىر قىلۋاتىدۇ.ئالدىراش كېتۋاتساممۇ ھۆرمەت تۇيغۇمىنى ئىزدەپ يۈركىمدىن چىقرىپ، قول سۇنسام ۋاقىت تۇيغۇم مەندىن رەنجىسە،ئىنسانىيلىق تۇيغۇم مىنى چىڭ قۇچاقلار ئىدى.
نەق ۋاقتىدا،ئۆزۋاقتىدا ئىشلمىگەن ۋىجدانىمنى ئادىميلىك سۈيىدە يۈيۈپ،چىڭ سىقىپ بەختسزلەرنىمۇ ئىللىتىۋاتقان زىمىن ئاپتىپىغا يېيپ قويغۇم كىلىدۇ،

دوسلۈرۈم ئالمانلىرىغا بەزىدە مەمنۇنىيەتتە كۈلۈپ بەزىدە ئاچچىق سۈكۈتتە يۈرسەم ئەتراپىمدىكى يېقىنلا يەردە يارالمىشتا ئەخلاقنى دۇردانە بىلمىگەن، كونا سايىۋەندىن قۇتۇلغان، يېڭى مەھەلىدە چۈشۈرۈپ قويغان بىرتۈركۈملەرگە ئەيدىز ئاتا قىلىنىپتۇ ،  نۇرغۇن يىرگىنىشلىك كىشلىرىمىزنى چۈچۈتكەن بۇ تىزگىن خارەكتىرلىك كىسەلگە رەھمەت ئېيتىم .ئەمما يەنە بىگۇناھلارغا يەنىلا رەھىم قىلىشىنى تىلىۋالدىم .تەن ساقلىقى ئۈچۈن ئاق خالات ئىچىدىكى مەن ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ ئېلشىشىم كىرەك ئىدى.  كۆزۈمنى يۇمۇپ ئۆزۈمگە زىكىر قىلدىم،  ،ئەخلاق نۇقتىسىدىن بۇ كىسەلگە مەڭگۈ داۋا چىقماسلىقىنى ئۆتۈندۇم....


ئاق يۆگەكتەيورۇغىنى كۆز،
ئاق سۆيگۈنى ئەمگىنى مىھر،
ئاق تىلەكتە كۆكلىگەن جانلار
ئاق قايتىشقاقەدەملەر مايماق،
ئەقىل كۆزى ئېتىلگەن كۈنى،
ئىچىلگەن يۇندىلارتېتىدى قايماق،


ئېزىتقۇ دۇنيا ئەتراپىمىدا ئايلىنىپ ، گاڭگىرشىمىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ جاپالاردا قۇيۇلغان مارجان تەرلەر، ساپ نىيەتلەردە ھاللانغان قوللار، توغرا يوللاردا بېسىلغان قەدەملەر، ئارمانلىرىمىزدا يالتىرىغان چەندان چەشمىلەر، چىن سۆيگۈدىن ياشارغان دىللار، مىھرلەردە تەبەسسۇم ئەيلىگەن چىھىرلەر ئۈچۈن ياشاش ئەقىدەمنى،  دادام ماڭا سوۋغا قىلغان‹‹ مەيلى كىم بول ھالال بول›› ناملىق كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ئەمما پۈتۈن جاھان سىغىدىغان قەلىب سېۋتىمگە توشقۇزۇشنى ئۇنۇتمىدىم.
بەختىمنىڭ چالا ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن، پۈتۈنلىكى ئۈچۈن تالاي خارلىق ۋە زۇلۇملارغا تىزىمنى پۇكمەيمەن، ئىزىمنى ئۆچۈرمەيمەن. جەسۇرلۇقۇم ھېلمۇ يادىمدا، قىيالاردا ئارقىغا قايرىلۋاتقان بۇركۈتنىڭ بالسىمەن،شەرىقتىكى ئايغا قاراپ زىمىننى تىترەتكەن ئاشۇ بۆرلەرنىڭ كۆزلىردىكى ئوت دەل مەن .... مىھرى ئاچچىقتا تولغۈشۋاتقان ،جېنى ئۈچۈن ئەمەس يېڭى جان ئۈچۈن بولۇۋاتقان،
ئەزىزلەر ئۈچۈن كۆكرەك كىرىپ چىقىپ نامەرتىلەر ئاتقان ئوقتا قۇياشنى سۆيۈپ يىقىلغان،
جەڭنىڭ شاھىدى ئاتامنىڭ ئوغلىمەن....


بەندە ئالدىدائۆزنى ئاقلاش ۋە ئاقلىنىش شەرىت ئەمەس،ئۇنىڭ كىيىنكى ھەربىر قەدىمىنىڭ ياخشىلىق ساۋاپقا،مەغپىرەتكە ماڭغانلىقى ئاللاھ تەرپىدىن كەچۈرلشى بىلەن ئىپادىلىندۇ، بەندە ئاجىز بولغاچقا يەنىلا ئاقلاش ۋە ئاقلىنىشتا ئۆز ئاجىزلىقى ئۈستۈن كىلىپ خاتالىششىى ،ھەتتا بەندە قولىدىكى ئادىللىق تارازىسى ۋىجدان يۆنلىشىدە ئارتۇق ھۆكۈم قىلنشى ۋە ياكى ئەقىلىسىزلىق يۆنلىشىدە كەم ھۆكۈم قىلنىشى مۇمكىن،... قاپقارا شەيئى ئاپئاق شەيئى يېنىدا پارقىراپ ئاق كۆرنىدۇ لىكىن ۋاقىتلىق بولۇشىنى تىلەيمەن ، ئاپئاق شەيئى بولسا بەكمۇ بىھىچارە ،چۈنكى قارلىق ئاقلىقنى مەڭگۈ ئاپئاقلىقىدىن ئايرىيدۇ ،ياخشىلىق ۋە يامانلىقمۇ دەل قارلىق ۋە ئاپئاقلىققا ئوخشايدۇ. كۆپ ھاللاردىكى ئېزقىشلار بۈيۈكلۈك بىلەن پەسكەشلىك پەرقىنى يارتىدۇ، ياخشىلارنىڭ بولۇشى ئۈچۈن يامانلارنىڭ بولماسلىقنى ئۈمۈد قىلمايمەن ، چۈنكى پەرۋەردىگارىمىز ۋەيلۇن دوزاقنىڭ يارتىلشىنى- بەندىلەر ئىچىدىكى ياخشلارنى پەرقىلەندۇرۇپ بېردىغان يامانلار ئۈچۈن ياراتتى.      بەندىنىڭ ئاجىزلىقى- بۇ دەل ئىنسان يارالمىشنىڭ قىسقا بولشى بولسا بەندىگە بېرىلگەن ئەقىل ئۇنى يېڭىشنىڭ جاۋابى ئىدى، بەندىنى بۈيۈك يارتىش -بۇ دەل بەندىنىڭ قىسقا يارالمىشىدىكى ئەڭ بۈيۈك پەخرى ئىدى.  نۇرغۇن بەخىتسىزلىك،ئىنسان ئەقىلسىزلىقنىڭ ئەڭ تىز ئىپادىسى كۆز يېشى ،قىسمەتلىك دۇنيالار ھەممىسى يارالمىشتىكى ئەقىل ۋە توغرا ئەقىدىدىن يىراقلاپ كەتكەن تالاي روھلارغا ھەمراھ ،بەلكىم بۇنى ‹‹بەندە راس ئاجىز ›› دەپ ئۆزۈىڭىزنى ئاقلىشىڭىز مۇمكىن، شۇڭا باشقىلار(ئىتقادلىق،ئىتقادسىز كىشلەر)غا ئوخشاش بىر-بىرسىنىڭ مەڭزىدىن ھەقىقىي تەبەسسۇمنى تاپالمىغان ئىنساندەك ئىنسان پېتى قېلىۋېرسىز-چۈنكى رازىلىق تەبەسسۈمى ئىنسانلارغا بېرىلگەن ئەڭ چوڭ نىئمەت ئىدى.....سىلەر ئىگەڭلاردىن بەخىت تىلەڭلار مەن تىلىمەيمەن ، مەن بەخىتىمگە ئەجىر ۋە سەۋەب تىلەيمەن قۇرغان بەختىمگە بىر تامچە ئەقىل سورايمەن ..خەيرىيەت تەڭشەلمىگەن سوئاللارغا تەڭشەلگەن جاۋاپلار بىلەن مەمنۇنىيەت

ئىلكىدە كۈلگۈم بار.



ئۇنىڭ بىلەن ئوچۇقلا پاراڭلاشتۇق.
ئۇ ئالدىراش سورىدى: ،سىزنىڭ پۇلىڭىز بارمۇ ؟
-پۇلۇم يوق .ئەجرىم، تېرىشچانلىقىم بىلەن تېرشىمەن.
:سىز كىلىشكەنمۇ؟قاماشتۇرۇپ كىينىپ بىللە تىك ماسلىشىپ يۈرەلەمسىز ؟
-ئۇنداقمۇ ئەمەس، قاملاشتۇرۇپ كىينەلمىسەممۇ تىك ياشاش ئۈچۈن پۈكۈلگەن ئەمەسمەن.
:مىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش رېتىمىمغا ماسلاشقۇدەك يۈرىكىڭىز بارمۇ ؟
-يوق، لىكىن ھەممىنى سۆيۈندۈرۈش ئۈچۈن سوقۇۋاتقان يۈركۈم بار .
:سىزدە مەن بىلەن پاراڭلاشقۇدەك ماركىلىق يانفۇن بارمۇ ،؟
- ئۇمۇ يوق. مەندە پەقەت پاك ئەقىدىلەرگە مىھىرلگە تەبەسسۇم ياغدۇردىغان ئىللىق قەلبىم، بۇغداي سۆزۇم بار
:ئىسىل ماشىنا ،سەلتەنەتلىك داچىڭىز بارمۇ ؟
- ئېسىل ماشىنام يوق، تېنىم سالامەت ساخاۋەتلىك قەدەملىرىم مەزمۇت، سەلتەنەتلىك داچام يوق سۆيۈملۈك كىشلىرىم ،ئىللىق دۇنيارىم بار.
ئەمدى ئۇ ئەزۋەيلەي كەتتى .
:مىنىڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈرگەن لۈكچەكنىڭ كەينىدىن بېرىپ پىچاق تىققۇدەك قوللىڭىزغۇ بارىدۇ ؟
-مەن دەل كەم قالغان ۋىجدانىم ئۈچۈن ياشايمەن.................................
:ھاھاھا .ۋىجدانڭىز بىلەن يۇمشاق ناننى ئىككى قىلالامسىز؟
ئۇنىڭ غالىبانە كۈلكىسى چېكىگە يەتكەندە مەن ئۇنىڭدىن سورىدىم .
:<< سىزنىڭ ماڭا مۇشۇ سۇئاللارنى قويالىغىنىڭىزدىكىدەك ماڭا بەرگىلى ھايا ۋە قىزلىق غورۇرۇىڭىز،قىممىتىڭىز بارمۇ بارمۇ ؟>> ،ئۇ داڭ قېتىپ تۇرپلا قالدى.      :<< ھازىرغىچە سىزنى ھەقىقىي سۆيۈپ باققان بىرەرسى بارمۇ ؟›› ئۇنىڭ بېشى ئىگىلدى.     ‹‹بەش سوملۇق لەغمەن بولسىمۇ چىن يۈرىگىدىن چىقىرىپ رازى بۇلۇپ ئېلىپ بەرگەنلەر بارمۇ ؟››، ئۇنىڭ چىرايى تېتىرىپ كەتتى،      <<سىزگە مەخسەتسىز ھىجايغانلار بارمۇ ؟ >>ئۇ يۈزلىرىنى چىڭ سىقىمدىغان ئىدى،    ‹‹ ئەتىلا ئۈلۈپ كەتكۈدەك بولسىڭىز جىنازىڭىزنىڭ كەينىدىن ۋاپادارلىقتىن مۇسىبەت تۇتۇپ،ھۆرمەت ئەقىدىسىدە
ئۆمۈرلۈك ئائىلىڭىزنىڭ قورغانى ھەمرايىڭىز بولۇپ جىناڭىزنىڭ كۆتۈرۈپ ماڭغۇدەك ئەركەكتىن بىرەرسى بارمۇ >> ئۇ پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى. مەن غەلىبە مارشىمنى توۋلىنىغىنمچە كەتتىم.

پۇشايمان ،كۆز يېشىمىز --- ئەقىلسىزلىقىمىز بىلەن ھەمراھ


ئابروي بىلەن بايلىق_ سۆيگۈ بىخلىرىغا ياغقان كىسلاتالىق يامغۇر،ھەقىقىي بەخىتنىڭ كىپەنلىكى.

       بۇرۇنلاردا ئوغۇل تەرەپنىڭ ئاتا-ئانسى كىلىننى توي كۈنسى كۆرەتتىكەن ،ئۇ چاغلاردىكى ئوغۇللاردا ۋاپا،مەرىتلىك ،ئەركەكلىك قىزلاردائەخلاق-ھايا،ھۆرمەت بالقىپ تۇردىكەن.  ئۇلار  سەمىمىيلىك، راسچىللىق، پاكلىق،بىر-بىرگەئىشەنچ،مەسئۇلىيەت بىلەن نىكاھنىڭ ھالاللىقى ئۈچۈن ياشايدىكەنتۇق . ئوغۇلنىڭ ئاتا-ئانسى ئوغلىنىڭ ياخشى كىلىن تاپالايدىغانلىقىغا ئىشنىدىكەن، ھەم ئوغۇلمۇ ئاتا-ئانسىنىڭ دىگەن يېردىن چىقىدىكەن، قىزمۇ شۇنچىلىك چىچەن ،ئەقىللىق،قەلىب گۈزەللىكى بىلەن يىگىت تاللايدىكەن. قىزنىڭ ئاتا-ئانسىمۇ رازى بولۇپ ئۇلارنى قوشۇپ مەڭگۈلۈك نىكاھى ئۈچۈن دۇئا قىلىدىكەن.    پەرھات-شىرىن داستانى پۈتۈلۈپ توپا بېىسپ تەكچىلەرگە ئېلىنغان بۈگۈنگە كۈندە  چوقۇم 4-5 بىلەن ئارلىشىپ 4-5 جى قول بولۇپ،ئەقىدىسى چىۋىنلەردىن ئاشقان كەبى قەدرى قالغاندا ئامالسىز  نىكاھ پەرھىزى ئۈچۈن توي  قىلىۋاتىدۇ،يەنە ئۇ توينىڭ ئۆمرىنى ‹‹ئاجرىشش ››ناملىق قەبرە تېشى يېپىۋاتىدۇ. ‹‹ئاھ، مۇھەببەت›› دەپ يىغلاۋاتقانلار مىليون، لىكىن ‹‹ئاھ، پاكلىق ››دەپ ئۈنچە پاكلىقى بىلەن كۈلگەنلەرنى ساناشقا بارماقلارمۇ خىجىل بولىۋاتىدۇ....جاھاندىكى مىھنەتكارلارنىڭ سىمۋولى بولغان ھەسەل -ھەرىسى چېغىدا ئەقىل پۇراقلىرى بىلەن تاللاپ ئەڭ چىرايلىق ،جۇلالىق سۈپسۈزۈك غۇنچىدىن بال يىغىپ شىرىن ئېسىل ھەسەل چىقىرىدىكەن. ئۇنىڭ ئەقىلىدىن ‹‹باشقىلار پۇراپ قويغان گۈلنىڭ پۇرقى قانچلىك بولماقچى ئىدى ›› دىگەن پۇراق گۇپۇلدەپ پۇراپ تۇراتتى.      بىر قانچە تېنىنى ساتقانلارنى مىليون دىلى ۋە ئەقىدە پاكلىقىنى ساتقانلار يىرگىنىشلىك تىللاۋاتىدۇ،ئەيىبلەۋەتىدۇ.    باشقىلار خاتا دىسە مەيلى ئۆزۈمگە توغرا بولغان قەدەملىرىم بىلەن بېرىپ مىليون دىلى -ئەقىدە پاكلىقىنى يوقتىپ مەن پاك دىگەنلەر ۋە نامەرىتلەرگەسوغۇق كۈلۈپ ئەگىپ ئۆتۈپ ،تەن ساتقۇچىلارنىڭ ئاھۇ زارىغا ئىككى ئېغىز سۆزۈم بىلەن گۇناھىنى تىلىۋالايچۇ ....    پۇل ئۈچۈن جان بېقىش ئۈچۈن قىز پائىشلىككە مۇھتاج بولغان بولسا مەن ئۇنىڭدىكى  راسچىللىق ۋە سەمىمىيلىكىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق ئۆزگىچە ھاياتتىكى ئۇنىڭغا مۇھتاج      كىممۇ مۇھتاجلىق قىسمەتلەرتاشلىرىغا قالمىغان!!!!

    ئېسىل ئىنسان مىنى تىللا؟ پائىشىنى ئاقلىغىنىم ئۈچۈن مىنى تىللا ؟ ئەجىبا تەن پاكلىقى بىلەن ئەقىدە پاكلىقىنى سېلىشتۇرغىنىم خاتامۇ؟



بىر دادانىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن،بىر ئوغلى ئۆزيۈرتىنىڭ دانىشمىنى يەنە بىر ئوغلى بولسائاتا مىراس داڭلىق گۈلچىسى ئىكەن، ئىككى ئوغۇل قۇللىرنى چىڭ تۇتۇشقىنىچە دادسىدىن ‹‹دادا،ئىككىمىزدىن قايسىمىزغا سەن ئەڭ ئامراق ؟››دەيدىكەن. دادسى‹‹ئېرىشىدىغان رىسىقلار ئوخشاش بولمىسىمۇ،رىسىقلار ئۈچۈن ماڭغان قەدەملەر توغرا بولسۇن،بۇ جاھاندا ئىككىلا خىل ئادەم بولىدۇ،بىرى گۈل ساتىدۇ،بىرى گۈل ئالىدۇ. بۇ ھاياتتىكى بارلىق ياشاشلار ھۈنەر بىلەن گۈل سېتىش ۋە بىلىم بىلەن گۈل ئېلىشلار ئۈچۈن،    تۇتۇشقان قوللىرىڭلاردىن كىم بالدۇر قولىنى قويۋەتسە شۇ دادام ماڭا ئامراق دىمىسۇن دەيدىكەن›› كۈنلەرنىڭ بىردە دادا ئىككى ئوغۇلنى ئېلىپ سەپەرگە چىقىپتۇ،سەپەر ئۈستىدە تۇيۇقسز بىر توپ قاراقچىغا ئۈچراپتۇ، ئۇلار قەبىھ ئىكەن، دادا ۋە ئوغۇللار ئاجىزلىق قىپتۇ، قاراقچى تاپانچىلىرنى دادىغا تەڭلەپ:
‹‹يا ئۆزۈڭ ئۆلىسەن ؟يا ئامراق ئوغلۇڭدىن بىرنى ئۆزۈڭ ئۆلتۈرسەن ››دەپتۇ.
دادا ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىدا ئۇلارغا يالۋۇرۇشنى راۋا كۆرمەپتۇ ۋە ئوغۇللىرىغا مۇنداق دەپتۇ: ئوغۇللۇرۇم ئۆمرۈمنى گۈل ساتقۇچى بولۇپ ئۆتكۈزدۇم،بۇلار گۈل ئالغىلى كەپتۇ ئەپسۇس،چەكسىز كائىناتتا چەكلىك ھايات ياشايدۇ .چەكلىك ھايات قوينىدىكى ئاخىرقى مەنزىلىمدىكى مەندە گۈل يوق،ھايات مۇشۇلارغا ئوخشاش قەبھىي، پەقەت بىرنىلا تاللايدۇ،تۇتۇشقا قوللىرىڭلار سىلەرنى بىر قىلالايدۇ››دەپتۇ ۋە تاپانچىدىكى ئوقنى ئۆزىگە قارتىپ ئۈزۈپتۇ.
دادىنىڭ ئۆلۈش بەدىلىگە ئىككى ئوغۇل ھايات قاپتۇ.
يىللار ئۆتۈپتۇ،توغرا قەدەملەر ئىزىنى توپا بېسىپتۇ.ئەسلىدە ھېلقى ئىككى ئوغۇلنىڭ بىرى ھالاللىق يەنە بىرسى ئەقىل ئىكەن.

ئاددىي ئائىلىنىڭ پەرزەنتىمەن، ئۆيىمىز چوڭ بولمىسىمۇ،ئۆيۈمدىكى ھەر بىر نەپسىم قىسىلماي،ئۆز رىسقىغا تويۇنۇپ چىقىدۇ ، ئىناقلىق، خاتىرجەملىك، شاد-
خۇراملىقلارنى تويۇنۇپ پۇراپ چوڭ بولدۇم،پۇل-مال دۇنيارىمىز كۆپ ئەمەس لىكىن دوسىت،ۋە بىزنى سۆيدىغانلار شۇنچە كۆپ، ئۆز ھاجىتىدىن ۋە باشقا ساخاۋەتلەردىن ئاشقىنىڭ ھەممىسى<< ھارام>> كۆز قارشى ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىساد ئىڭى بولغاچقا تۈرمۈشتىن ھازرغىچە بىرەر قېتىم بىللىپ بىلمەيمۇ زارلىنىپ باقمىغان ئىدۇق.يارالغان ئىكەنمىز ۋايىغا يەتكۈزۈپ ياششىمىز كىرەك  شۇكرى دەيدۇ ئاپام ، مۇشۇنداق گۈزەل ھاياتنىڭ گۈزەل داۋاملىشىشى ئۈچۈن قۇرۇق دۇئالاردا تىلەشلا ئەمەس،ئاپئاق يۈرەكتىن ئەجىر قىلىش كىرەك دەيتى دادام.
     ئاپامنىڭ ئىككى سېڭلىمغا كۈندە بېرىلگەن قىزلىق ئاياللىق ئانىلىق ئەقىدە ئىتقاتلىرى روھىيەت بىلىملىرى، دادامنىڭ ماڭا بەرگەن يىگىتلىك ئاتىلىق ئەركەكلىك بۇرچ تۇيغۇ ،ھېكمەتلىرى ئائىلىمىزنى گۈزەل قىلغان ئىدى ،ئاپامدىن مەمنۇنىيەت تۈيغۇسىغا چۈمۈلگەن زىمىن ئىنسانلار قۇچقىدىكى بەخىت تەبىرىنى سورىغىنىمدا
ئاپامنىڭ:
-گۈل ھۆسنى بىلەن ۋاقىتلىق گۈزەل ،ئىنسانلار ئارا مۇھەببەت ئەقىدە پاكلىقى بىلەن مەڭگۈلۈك گۈزەل ،ئۆمۈرلۈك بەخىت خانىسنىڭ ئىشكى مىليون يۈرەكلەرگە ھەمراھلىقى بىلەن بەخىت ئاتالغان. كائىنات باھارى زىمىن قۇياش بىلەن ئىللىق،ئىنسانلار ،مىھر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ۋە سۆيۈملىك...
مىھر-مۇھەببەت ئىنسانلار قەلبىدىكى سەمىمىيلىك،،ئاقكۆڭۈللۇك،مىھرىبانلىق،كۆيۈمچانلىق،ئىناقلىق ساپ ئەقىدە ئارقىلىق ئىپادىلنىدىغان ئەڭ نازۈك تۇيغۇ، بۇ تۇيغۇ ئادەملەر بىلەن ئادەملەرنى،تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ھاياتلىقنى بىر -بىرگە باغلاپ،پۇتۇن كائىناتنى مۇستەھكەم بىر گەۋدىگە ئايلاندۇردۇ،كىشلەرگە ياشاشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ھېس قىلدۇرىدۇ،ھەققىي ياشاش مەنىسىنى بىلگەن ئىنساننىڭ ئۆزى دەل بىر بەخىت..دىگەن ئىدى.
ئائىلىمىزدىكى ھەممىمىز بىر -بىرىمىزنىڭ بەختى ئىدۇق.
دادامدىن :نامەرىتلىك،مەنمەنچىلىك،شۆھرەتپەرەسلىك، كىبىر،دەستىدىن ئىنسانىيلىق بۇرچىنى ئىنسانىيلىك تەبىئتىنى يوقاتقانلار ئەبەدىيلىك كۈلۈپ ياشامدىغاندۇ؟ ۋە ياكى قىلغانلىرغا پۇشايمان قىلغۇدەك يېنىش پۇرسىتى بارمىدۇ؟؟ دەپ سورغىنىمدادادامنىڭ:
- نامەرىت بارجەننەت دوزاختۇرماڭا،نامەرىت بارجەننەتتىن ساقلىغىن خۇدا ، قۇش ھەر قانچە ئېگىز پەرۋاز قىلسىمۇ ئۇنىڭ ئۇۋسى بىلەن ئوزۇقى زىمىندا بولىدۇ،قۇشلارغا ئاسمان كىرەك،ئادەمگە رىسىق كىرەك.قىلغان ۋە قىلۋاتقان ئەمەلىرىمىزدىلغا پۈككەن نىيەتلىرىمىزگە باغلىق ،نىيەتلەر ۋە قىلۋاتقان ئەمەللەرگە قاراپ دىل ۋە ئەقىلنىڭ دەرىجىسى ئۆلچىنىدۇ. ئوخشاش جايدىن چۈشۈپ ئاپىرىدە بولىمىز لىكىن ھەرخىل قەدەملەر قايسى خىل يوللارغا ماڭسا مېڭىۋېرىدۇ،رىسىقلارمۇ ئۆز خىلى بىلەن پىشانىلەرگە پۇتۇلىدۇ. ئەمما ھەممىزىمىز بارىدىغان جاي ئوخشاش ئىككى مىتىرلىق جاي،جاھانغا پاتمىغانلارمۇ ئاشۇ ئىككى مىتىرلىق جايدا قىستالدىم دىمەيدۇ.يارالىمشىتىكى يۈرەكلەرگە باغلىق  >> دىگەن ئىدى...

مىنى ئۇنۇتمىغان،دادام ئۇنتۇلدى


رىسقىم بىرلە كۈلدۈرۈپ ياراتقان ئىدى،
ئۆزۈم كۈلگىنمدە،دادام ئۇنتۇلدى.
ھەردۇئاسىدا تىلىگىنى جەننەت،
ئۆزۈم جەننىتىمدە، دادام ئۇنتۇلدى.


قىزى ئىدىم چېچىمنى سىلىغان ئىدى،
سىلىغىدەك بولغىنىمدا،دادام ئۇنتۇلدى،
ئوغلۇم دەپ مۇشتۇمۇمنى تۇتقانتى ھەم،
تۇتقۇدەك بولغىنمدا،دادام ئۇنتۇلدى.


بارىنى ئاتىدى ماڭا ،بەردى بالام دەپ،
ئاۋال بالام دىدى ،ئاندىن كالام دەپ،
ياشىدى ھەم بالامغامەڭگۈسالام دەپ،
سالامنى ئۆگەنگىنمدە،دادام ئۇنتۇلدى.


قورسىقىم توق، جان بالام يەۋالغان سەن،
ھارمىدىم مەن،قوزام ئۇخلىۋالغىن سەن،
توڭلىمدىم ئەسلا،قېلىن كىيۋالغىن سەن،
دىگىنىنى ئەسلىگىنىمدە،دادام ئۇنتۇلدى،


يېڭى بەتىنكەم ئۈچۈن قالدى تاپانسىز،
ئۆكۈزبولدى مەن ئۈچۈن قالدى ساپانسىز،
ھالاۋىتى مەندە،ئۆزى قالدى چاپانسىز،
ئەجىرنى ئەسلىگىنىمدە،دادا ئۇنتۇلدى.


مەن ئۈچۈن كۆيدى بولۇپ كۈل،مۇكچەيتىپ بەل،
مەن ئۈچۈن كۆزىدىن ياش،بولدى قىيان-سەل،
نى قىسمەتكە جەم ،بولغانتى توققۇزۇم تەل،
قەدرىنى بىلگىنىمدە،دادام ئۇنتۇلدى،


نەئۈچۈن تۆكۈلەرسۆزلىرىڭدىن غەم-دەرىت،
نەئۈچۈن ئۆكۈنەركۆزلىرىڭدىن ھەسرەت،
نەئۈچۈن ئۆتۈنەر دۇئايىڭدا نۇسرەت،
ئەمدى جاۋاپ تاپقىنىمدا،دادام ئۇنتۇلدى.


ئامەت قۇشنى بېقىپ،قوندۇردى بېشىمغا،
مۈكچەيتىپ بەل،يەتكۈزدى قىران يېشىمغا،
نى قىسمەتلەرنى يوشۇردى،قاپقارا قېشىمغا،
ئىسىت،مىنى ئۇنۇتمىغان،دادام ئۇنتۇلدى،


باشلىقمەن،ھەركىشى ھۆرمەتلەيدىغان،
خوجايىنمەن،ھەممە خوش دەيدىغان،
سوزىسام قول،توققۇزۇم تەل دەيدىغان،
ھوقۇق تۇتقىنىمدا،دادام ئۇنتۇلدى.


ئۇ بارئاپئاق مەنزىلىم بولمىدى يىراق،
ئۇ بار يوللۇرۇم راۋان بولمىدى توزاق،
ئۇ بارئۆمۈركۈلكەمگە ياندى چىراق،
ھاياتتىن تەم ئالغىنىمدا،دادام ئۇنتۇلدى.


كۆزياشلىدىم،يۈركىدىن قانلارسىرغىدى،
بەختىم ئۈچۈن،بىرئۆمۈررىسىق ئىلغىدى،
ئەجىرىنى ئۇنۇتسام زىمىن تىترىدى،
ئەسلى ھۆرمەتلىك، دادام ئۇنتۇلدى،



ئۆتۈنەي مىنى تاشلاپ كەتمىگىن دادا

(چاچما شېئىر)


1.


ئۇپۇقلاردا ئىزدەيتىم،
شەپەقلەرگەھەمراھ ئۈنىڭنى،
تال چىۋىقلاردا ئاۋارە ئىدىم.
گۆدەكلىكتە بىلەلمەي،
كۈلگىنىڭدە كۈلەلمەي،
سۈرتۇپ قويالمىدىم.
تۆكۈلگەن ھەسرەت يېشىڭنى،
كۆزيېشىڭغا گۇۋاھچى زىمىندا.
تۇزكور ئاتالماي ھايات يۈرىمەن.


نادانلىقتىن ئالمىغىن قەرىز
قايتۇرىدۇ پەقەت كۆز ياش،
كىملا بولغىن مەيلى كىم،
ھالال بول،كەلگىنىڭگە ئوخشاش،
ھېكمەتلىرىڭ دۇرۇسلۇق ئىكەن،
توزكورئاتالماي ،ھايات يۈرۈيمەن،


ئاپەت بېشىمدا تاپمىدىم بىر دوسىت،
چاقسام ياڭاق ئولاشتى لىكىن،
مەن نادان‹‹جان››دوسىتلارنى،
بىلىپتىمەن مىھرىبان دادامدىن يېقىن.
سەكراتتىكى ئەقىل،نىمجان مىھىردە،
تۈزكورئاتالماي ھايات يۈرۈيمەن.



مۈنبەت مىھرىڭگە.
تەرگىنىڭ شۇنچە كۆپ ئىدى،
ئەتراپىمدا يۈرسەڭ يۈركۈم توق ئىدى.
مەن ئالدىم ھوسۇلىنى كۈلۈپ،
ھوسۇل چەشمىسىدە تۈراتتىم كۈلۈپ.
لىكىن ئەسلىيەلمىدىم ساڭا بەرگەن ھېچنىمەمنى.
ئەجىرنى ئۇنۇتقان ئاچچىق كۈلكەمدە.
تۇزكور ئاتالماي ھايات يۈرىمەن.


سەن بارئىدىڭ،
قەدەملەر بەرىكەتكەردە كۈچ
سەن بارئىدىڭ،
كۆزتەگمەس ئىناقلىقمىزدا
سۇلماس بەردەم قىيانلىقىمزدا
بارئىدى غايىبانە كۈچ.

سەن بارئىدىڭ،
قىزىل گۈل ئىدىم،
ھاياتقا خۇشبۇي تاراتقان.
باھارىم ئىدى كۈندە ھاياتلىق.
سىمايىمدىن قامەت ياراتقان.
ئەپسۇس سارغايغان كۈنۈم،
ئىزدىدىم.
يالۋۇردۇم.
خاربولدۇم.
كەلمىدىڭ بېشىمنى سىلاپ.
چىكىلەردىن توزۇپ كەتتىڭ.
مەرھەمەتلەر ئۇلۇغكەن ئەسلى،
تۇزكور ئاتالماي ھايات يۈرىمەن.


تۈۋرۈكۈم يىقىلدى،
بەندە بولۇپ مۈردىدىم ئۇنى،
ئاجىزلىق قىلدىم ئىسىت،
كۆزيېشىمدا كۈتتۈم ئۇنى،
يىقىلماس چاغدا،
يىقلىشنى بىلمەسكە سېلىپ،
بارىداكۈلدۈرەلمەي،
كەتكەندە كۆزياش تۆكۈپ،
تۇزكور ئاتالماي ھايات يۈرىمەن.


زىمىن سۈكۈتتە قالدى
مايسىلار تتىرەيدۇ،ئادەملەر ئۈنسىز.
سەن كەتتىڭ تاشلىدىم بەرگ
ياپرىقىم بىرەر خەۋەر.
ۋەلىكىن،
قاچان سۇلىمەن بىلمەيمەن،
ئەجىرسۈكۈتتە،مىھنەتلەر گۈنسىز،

تۇزكور ئاتالماي ھايات يۈرىمەن.


2.



قوي كۆز تەلمۈرەر،
ياشلانغان يۈرەك قانسىز،
سۆيگۈلەر قالدى خار پېتى،
قاينىغۇدەك ۋىجدانلار سەكراتتا،
قالدى پەقەت روھنىڭ ئۆلۈم خېتى.



ئاق نان سىزىقلىرىدا بار
رىسىقنىڭ باراۋەرلىكى
قۇياش نۇرىغاچۇمۇلگەن جاھان،
كۆزنۇرۇڭدابۆلۇنگەن چاغدا،
يالتىردى ئادىللىقنىڭ ساماۋىيلىقى.


كۈنلەر ئۇزۇن دەپ،خوش قىل ئۆزۈڭنى،
مەڭگۈلۈك چىقمايدۇ،كۆيۈم سەلكىنى،
كوھىقاپ ئېغزى ئىتىلەر بىر كۇنى
شىۋىرلاپ ھىجران تەلكىنى،
سۆيگەندە قەلبىمنى
باسقاندا قىسمەت يەلكىنى.
،چىشلىيەلەمەي قالغاندا،ئېغزىم رىسىقنى

ئاپئاق دىلىڭغا ھەمراھ،
مىھرلىك ئوغۇزۇڭغا قانمىغان ئىدىم.


ئالەم گۈزەل ئاڭابەردى قۇياش زىننەتتىن.
ئىنسان جەۋھەرلەندى،سۆيگۈ-ھىممەتتىن.
تاغلارئۇلۇغ،بۈيۈكلۈكتە جانلارئۇلۇغ.
بەندەخارقىلغاننى ئىگەم قىلمايدۇ خار،
كەتمە دادا تىلىگىم قالمىسۇن مۇزلاپ.
ئىلتىجا:ئۇلۇغلۇق بولسۇن ساڭا يار،



دۈشمىنىم مەسخىرسىنى كۆرمەي،
تۈۋرىكىم بار دەپ مەنمۇ كۈلەي،
دوستۈم ئالدىدا مەڭزىگە سۆيەي،
ئۆتۈنەي مىنى تاشلاپ كەتمىگىن دادا.


يالۋۇرۇپ سوراي،
كۆزيېشىم قان بولسۇن.
ئېيتىپ قوي خۇداغا دادا،
سىنى مەندىن ئايرىمسۇن،



سەن كەتتىڭ




سەن كەتتىڭ سىنىڭ قەدرىڭنىڭ يېشى كۆزلىرىمدىن سىرغىغان كۈنى قوللىرىمدا جىنازاڭ،مىڭ دەرىت پۇشايمان ئىچىدە،دۇمچە-دۇمچە قەبرىلەر ئارسىدىن قەدەملىرىمنى تەستە،يۆتكەپ

كىتۋاتقان ئوغلۇڭنى كۆرمەي كەتتىڭ.


سەن كەتتىڭ يۈركىم قىسىلدى دادا. ئېغىر ئىزتىراپ،تەنھالىقنىڭ،يالغۇزلۇقنىڭ يىتملىكنىڭ پىغان ھەسرەتلىرى ئۆرتەپ،تارام-تارام كۆزياش تۆكتۈم ھەممىزنى ئۆز قوينىغا ئالدىغان ئاخىرەتنىڭ كەڭ قۇچقى تۇپراققا كەتتىڭ.


سەن كەتتىڭ،ئارمانلىرىڭ بىلەن كەتتىڭ،بىزگە قىيماي كەتتىڭ،بىر ئۆمۈر بىزگە ھەمرا بولۇپ مۇش گۆشنى ئادەم قىلغۇچە ياشىدىڭ ئەمدى ئۆزۈڭ ئۈچۈن ياشاي دىگەندە كەتتىڭ.


سەن كەتتىڭ،كىلىدىغان يەرگە ۋاقىتسىز ئەمەس،كەلمەيدىغان يەرگە مەڭگۈلۈك كەتتىڭ،ھاياتنىڭ ئاچچىق ھىدىنى ئۆزڭگە قوشۇپ تاتلىق تەمىنى بىزگە قويۇپ كەتتىڭ.

سەن كەتتىڭ <<بۇ خۇدانىڭ ئۆيى، يىقىلغاننى مەڭزىگە سۆيۈپ يۆلە،بەخىتسىزنى بەخىتلىك قىل>>نى ماڭا قالدۇرۇپ ،
تالاي دىللارنىڭ قارچۇقىدا قېتىپ كەتتىڭ...


سەن كەتتىڭ <<مەيۈسلەنمە تىك ياشا، بىر ئۆمۈرگە خاتىرجەم بول، مەن بار>> دىگەن ئىدىڭ لىكىن بۇنچە بالدۇر كىتىدىغانلىقنى دىمەي كەتتىڭ.


سەن كەتتىڭ،ھايات ۋاقتىڭدايۈرەكلەرنى تولۇق كۈلدۈرۈپ،بىز ئۈچۈن يېنىپ تەبەسسۈمىمىز ئۆچمەس بولغاندا ئۆچتۈڭ.ئەمدى مەڭگۈ يانماس يەرگە كەتتىڭ.

مىھرىڭگە قانمىغانتۇق دادا



دادا مەن كىچكىپتىمەن نادانكەنمەن،ئەقىلسىزكەنمەن ، ياخشى -ياماننى ،دوسىت-دۈشمەننى ئايرىپ بەرسەڭمۇ ،ھاياتتىكى توغرا يولۇمنى مىھرلىك قوللىرىڭ بىلەن كۆرسىتىپ بەرسەڭمۇ بىلمەي ئېزىپ كىتىپمۇ قالارمەنمۇ؟
دادا ، مەئىشەتتە ئويناپ يۈردۇم. ئاتالمىش بەختىم ئىچىدە ئويناپ يۈرۈپتىمەن، لىكىن سىنىڭدىن ئارتۇق بەخىتنى بىلمەپتىمەن پۇل ئۈچۈن بايلىق ئۈچۈن مىھرىڭنى ،ئەجرىڭنى ئۇنتۇپتىمەن لىكىن سىنىڭ مىنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقىم ئىكەنلىكىڭنى سىنىڭدىن ئارتۇق بايلىقنىڭ مەڭگۈ بولمايدىغانلىقنى بىلمەپتىمەن.  مەئىشەتكە ئۆزۈمنى ئېتىپ كۈچۈك بولۇپ يۈرۈپتىمەن لىكىن سەندەك بۈيۈك زاتقا قاپاق تۈرۈپتىمەن... تالاي نازنىنلارغا يالۋۇرۇپ ئارقىسىدىن يۈرۈپتىمەن، سىنى بىرەر قېتىم ئاھ جېنىم دادا دەپ قۇچغۇڭغا باش قويماپتىمەن.    تالاي بايلىقلارنى توپلاپ يەنە چېچىپتىمەن، لىكىن بىرەر قېتىم<< دادا سىنىڭ ئەجرىڭ بىلەن مەن ھالا بۈگۈننى ياراتتىم ئەجرىڭگە رەھمەت >> دەپ باللىق پەسلىمدەك يىغلاپ يۈزلىرىڭنى سىليالماپتىمەن دەپ قەبرە بېشىڭغا پۇشايمەن ياشلىرىمنى تۆكەرمەنمۇ؟، تالاي رەت بالا مىھرىگە تەشنا كۆزۈلۈرۈڭنى ياشلىتىپتۇق، ئۆزىمىزگە تەلمۈرتۈپتۇق..... قىلغان ئىشلىرىمىز قاپاق تۈرگۈدەك ئىشلار بولسىمۇ سەن يەنىلا كۈلۈپ باغرىڭغا بېسۋاتىسەن سەن شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغسەن دادا........ بىز ئۇچۇرۇم بولىدىغان چاغدا ئەگەر سەن يىغلاپ تۆكۈلۈپ تۈرۈپ،پىشانىمزىنى سۆيۈپ ئامانلىقلارنى،ھالالىقلارنى، ھەر بىر قەدىمىمىزنىڭ ئوڭۈشلۇق بېسىشمىزنى تىلمىگەن بولساڭ ،ئەجىر سەۋەبلىرىنى بىلدۈرمىگەن بولساڭ،ئاللاھىدىن بىزنى سېغنىپ قىلغان دۇئالىرىڭ بولمىغان بولسا بىزنى بۈگۈنكۈدەك مىھنەتلەرنى يارتالامتۇق.
ئاھ دادا .....دىلمىزنى ئاغرىتماي كۆڭلى پۈتۈن قىلىپ ئادەم قىلغان ئىدىڭ ئەمدىلىكتە ئاشۇ بىغۇبار ئۆيدە سىمايىڭ يالغۇز ئولتۇرۇپتۇ، دىلىڭنى بىز ئاغرىتتۇق بىز ....
سەن بالام، باغرىم دىگەن ئىدىڭ مەنمۇ بالام باغرىم دەپ يۈرۈپتىمەن بالاممۇ بالسىنى شۇنداق دەيدۇ، سىنى دادا دىيەلمىگنىم ئۈچۈن بالاممۇ دادا دىيەلمەيدۇ ....


ئىلاۋە:

تۇپراققا ئادەم ئاتا چۈشۈرۈلگەندىن باشلاپ جانلىق پەيدابولدى ،شاتلىق قايغۇ تەقسىمى بىلەن ئىنسان يارتىلدى، شاتلىق ئىچىدە كىشىلىك دۇنيانىڭ گۈزەللىكى،قايغۇ ئىچىدە ئەقىل تېپىپ يارالمىشلار داۋام ئەتتى.
كەم قالغان ۋىجدانىم ،پۇل بىلەن مۇقەددەس قۇرئاننى قوللۇرۇمغا ئالغۇزدى .كۆزلۈرۈمنى چىڭ يۇمۇپ يەنە زىكىر قىلدىم :- ئاللاھ تەرپىدىن چۈشۈرۈلگەن مۇقەددەس<< قۇرئان كەرىم>> دىكى ھېكمەتلەردە،بەندىلەرنىڭ ھاللال ۋە ئۈزۈن ئۆمۈرلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن شەيئى ۋە ھادىسە ،ئىش،نەرسىلەر ھارام قىلىنغان ئىدى ،ئەپسۇس بۈگۈنكى كۈندە بەندە ياسىغان پۇل ھەممە نەرسىنى <<ھالال>>قىلىۋېتىپتۇ،گۇناھلىرىغا مەغپىرەت، ئەمەللىرى بىلەن قەدەملىرى ئىنسانىيلىق ۋە  ھىدايەتكە توغۇرلۇققا ماڭماي ،كۈنلىرىگە خاتىرجەملىك ،تەنلىرىگەن ساقلىق ،  دۇئالىرىدا جەننەت تىلەۋېتىپتۇ.


يۈرىكى نىمجانلارنى ئۇنتۇپ يۈركۈمنىڭ ئۆزۈم ئۈچۈن سوقۇۋاتقانلىقىنى ،نەپسى قىسىلغانلارنى كۆرمەي ئۆز جېنىم ئۈچۈن نەپەسلىنۋاتقانلىقمنى ،شەخسى مەنپەئەت بەدىلىگە ھايات جانلىق ئىكەنلىكىمنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان كۈنى مەن ياشماسلىقنى تاللايمەن، جاھانغا يەنە يۈك بولۇشۇمنى خالىمايمەن.چۇنكى مىھرلىك جاھانغا مىھرسىز ئىنسان كىرەك ئەمەس. گۈزەل جاھاندىن زارلانغان، تاتراڭغۇ ئۈمۈدلەر، ئەجىرسىز ئارمانلارغا قالغان كۈنۈم ئۆز قەبرەمنىڭ توپىلرىنىڭ بالدۇرراق توزۇپ كېتىشنى ئۈمۈد قىلىمەن ، ئەزىزلەرنى خار قىلغان كۈنۈم بۇندىن بۇرۇنقى ئالغان ھالال نەپەسلىرىمنى ھارام بولسۇن دىيەلەيدىغان تىل تىلەيمەن. جاھاننى جاھان قىلىش بەدىلىگە ئۆز ھەققىنى كۆرمىگەن قاپقارا كۆزلەر ئۆمرىدە بىرەر قېتىممۇ ئۆز رىسقى بويىچە تولۇپ بىر قېتىم بۇ ھاياتتىن خوش بولۇپ كۈلمەي تولدۇرۇپ تىنىق ئالالماي ئاستا كۆز يۇمسا مەن نە قىلاي مۇشۇنداق سىمالار قاراپ تۇرمايدىغان ۋىجدان تىلەيمەن.


ساخاۋەت-ۋىجدان دىمەكتۇر.
ئىناقلىق -ۋىجدان دىمەكتۇر.
سۆيۈندۇرۇپ ياشاش -ۋىجدان دىمەكتۇر.
ھۆرمەت-ۋىجدان دىمەكتۇر،
ۋاپادارلىق ،كۆيۈمچانلىق-ۋىجدان دىمەكتۇر،
ھالاللىق-ۋىجدان دىمەكتۇر،
سۇلماس ئەقىدە-ۋىجدان دىمەكتۇر،
پاكلىق،ئاقلىق -ۋىجدان دىمەكتۇر،
توغرائەقىل-ۋىجدان دىمەكتۇر،
مىھىر-مۇھەببەت-ۋىجدان دىمەكتۇر،
ئۈزۈلمەس ئۈمۈد-ۋىجدان دىمەكتۇر،
قەدىر-قىممەت-ۋىجدان دىمەكتۇر،
سۇلماس ئىرادە-ۋىجدان دىمەكتۇر،
ئەخلاق-ھاياــ ۋىجدان دىمەكتۇر،
جەسۇرلۇق،مەردۇ-مەردانىلىك--ۋىجدان دىمەكتۇر،
تەن-ساقلىق ــ ۋىجدان دىمەكتۇر.

مەسئۇلىيەت-ۋىجدان دېمەكتۇر.


ھالال ئەقلىمىز مېھىرلىك كۆزلىرىمىزنى قۇچاقلىسۇن...


جاھاننىڭ گەۋھىرى ئىنسانلىقىمىز باش بولسۇن..

پۈتۈن يارتىلغان ۋىجدانلىرىمىز كەم قالمىسۇن...



مۇزىكا ئاكورىتلاشتۇرغۇچى ،ئەسەرئاپتورى: ئۆزۈم





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-5 09:58 PM  


ھازىرغىچە 26 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aklala220 + 213 تەپەككۇرى كۈچلۈك
nawa0998 + 100 تەپەككۇرىڭىزغا قايىل.
野花413 + 155 ماختاشقا تېگىشلىك
نۇربىيە + 100
kimina + 111 يۈرەككە تەگدى.....
turkinaz0992 + 100 ئېسىل !
retimsiz + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
azgun110 + 500 ئەسەرلىرىڭىز ئادەمنى .
kaisar + 50
مەتو + 39 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
TURKIYE + 97
دەتمەن + 150 تەپەككۇرى كۈچلۈك
XERHAN + 222 دىدار غەنىيمەت
zulayha + 500 دىلى ئويغاق ئىنىم .
Dakyanos + 108 ئىسىل!
nim-japa + 155 ماختاشقا تېگىشلىك
YELAN + 200 نادىر تىما.
musilina + 500 ماختاشقا تېگىشلىك
131svkvt + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك
altunboxuk + 200 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 4918   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51030
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9849 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 08:54:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايات-ئۇ ئىنسان بېسىپ ئۆتىدىغان مۇساپە!جاھان مەئىشەتلىرى ئىنسانغا ئاپىرىدە قىلغان نېسىۋىنى تەڭرى ئۆز بەندىسىدىن ئاياپ باقمىغان،ئىنسانىڭ پالىيەت كاتۇگىرىيىسى بۇ كائىناتتا ياشاش قىممىتىنى تاپتى!ئىنسان دۇنياغا يىغلاپ تۇغۇلدى،بۇ ئىللىق ماكان دەپ تۇيۇلغان ئانا تەبىئەتتە ھەر كىشى ئىرادىسى،تىرىشچانلىقى،تەپەككۇرى بىلەن ئۆزىگە چۇشلۇق رىزق ۋە نېسىۋىنى يەپ كەلمەكتە.
يول-ئۇزاق بىر ماكان،تەبىئەت دۇنياسىنىڭ نۇرغۇن روھىيەت قايناملىرىغا چۆككەن،بىز ئۈچۈن سىرلىق تۇيۇلۇپ كېلىۋاتقان بۇ زېمىندا ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تىرىشىمىز!
ۋىجدان قۇياشى قارايغان شۇنداق بىر زامانلار بولغان،كىشىلەر مەزھەپكە بۆلىنىپ،ئۆزىنىڭ سەنىمىگە ئۇسۇل ئويناپ،نۇرغۇن ياخشى پۇرسەت،چوقۇم كېلىدىغان تەلەي ۋە ئامەتلەرنى يوق قىلغان،سۇ سەۋەبتىنمۇ،ئۇزاق يىللار مانەينىدە،بىز ئۆزىمىز يوقىتىپ قويغان،بارلىققا كەلتۈرمىسەك بولمايدىغان ،بىز ئۈچۈن بۈگۈنمۇ،ئەتىمۇ خىرىس ئېپ كېلىۋاتقان،ئىدىيىرىمىزدە تۇلۇقلاشقا تېگىشلىك بولغان بىر غايىبانە روھنى ئىزدەشكە تەمشىلىشكە باشلىدۇق!
تەرەقىياتنىڭ ئۆزگىرىشى،ئىنسان ئويلاپ باقمىغان رىقابەتكە دۇچار بۇلۇش سەۋەبلىك،تېڭىرقاش،تۇيۇق يولدىن قانداق بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىشنى بىز ئۇزاق يىللاردىن بېرى ئويلاپ كەلدۇق،زەنجىرسىمان بۇلۇپ تۇيۇلغان،بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ،روھىيەت قاينىمىزنى چۇلغىۋالغان بىرخىل كەمتۈكلۈك بىزنى يەنىلا بىچارە،سۇلغۇن كۆرسىتىشكە باشلىدى.
جاھان يۈكسەلدى،ئويلاپمۇ باقمىغان،تەسەۋۇرىمىزغا كەلمىگەن رېئاللىقلار بىر-بىرلەپ ئالدىمىزغا كېلىشكە باشلىدى،بىز شۇ سىرلىق ئەڭگۈشتەرنى تېپىش نىيىتىدە ئۇزاق مۇساپىلەرنى،نۇرغۇن داۋانلارنى،ھەرەجلەرنى باشتىن كەچۈردۇق،ئۆتۈپ كەتكەن،گۈل تېرىغان،قەلب ئاسمىنىمىزدا مەنىۋى بايلىقىمىزنى قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە تىرىشقان ئەقلى ئويغاق زىيالىيلار بىزنى قەلىمى ئارقىلىق ئويغاتتى،بىزنى ئۆزىمىزنى تۇنۇشقا،يىراق تەكلىماكان باغرىدىكى ئىللىق ماكان دەپ تۇيۇلغان بۇ زېمىندا قەدىرلىنىپ ياشاشنى بارغانسىرى ئۆگىنۋالدۇق.
شۇ ئىزتىراپ خىياللار،ئەتىكى نۇرلۇق ماياكنىڭ مېھىرلىك نۇرى بىزلەرگە جاھالەتلىك،نادانلىق ئېلىپ كېلىپ،نۇرغۇن قىسمەت بورانلىرىغا ئاپىرىدە بولغان شۇ ئۆتمۈشنى ئەسلەشكە،ئاچچىق رېئاللىقتىن ئالغان ئىبرەتلەرنى ئەتىكى پارلاق مەنزىلگە ئىشلىتىشكە باشلىدۇق!
بىزنىڭ بۈگۈنكى شۇ مۇقەددەسلىك،باياشاتلىق كۈلەرنىڭ كېلىشىنىڭ باش سەۋەبچىسى بولغان ،مېھنەت -تەرىنى ئۆمرىدە ئەڭ ئۇلۇغ ئىشلارغا ئىشلەتكەن،دەشت-باياۋان ئەتراپىدىكى مەزمۇت توغراقلارنىڭ ئارىسىغا ھەرخىل خۇشپۇراق گۈللەرنى تېرىغان ئادەملىرىمىز بىزلەرنى سۆيۈندۇردى،ئۇلار بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك،مېڭىشقا بولدىغان يولنى دادىللىق بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتتى.
تەكلىماكان ئەتراپىدىكى ئۇسسىزلاپ كەتكەن،قاغجىراشقا باشلىغان توغراقلارغا قايتا جان كىرىشكە باشلىدى،تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى قايتا ئۆركەشلەپ،بۇ ئانا دىيارنى يەنە جەننەتتەك گۈزەل تۈسكە كىرگۈزدى.
خانتەڭرى دەپ نام ئالغان تەڭرىتىغى شادلاندى،مانا بۇ ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈن ۋە ئەتىكى رېئاللىقنىڭ بىز ئۈچۈن پايدىلىق ئېلىپ كەلگەن تەرەپلىرى.
ۋىجدان -قەدىر-قىممەتنىڭ ئۇلى،ئۇنى ساقلىغان،ئۆزىنى تۇنىغان ئادەم دۇنياغا نېمە ئۈچۈن تۆرەلگەنلىكىنى،قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى تۇنۇيالايدۇ،شۇ سەۋەبتىن،ھاياتنى چۈشىنىش،قانداق قىلىپ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بەندىسى بولىدىغان ۋەزىپىنىمۇ ئۇنتىمايدۇ،ئۇنداق كىشىلەرنىڭ نېسىۋىسى ئىككى ئالەمدە راھەتلىكتۇر.شۇڭا،پەزىلەت ئىزگۈلىرى شۇنداق بايانلارنى تەلەپ قىلدى.
ئەسەردىكى يارقىن نۇقتا،ئىنسان ئويلىنىشقا تېگىشلىك،مەنىۋى دۇنيارىمىزنى ئىللەت چىرمىۋالغان،بىز تۆلەشكە تېگىشلىك ۋەزىپە،ئادەمىيلىك پەزىلەت بۇنىڭدا ئۆز قىممىتىنى تاپقان.
بۇنى ئۇقۇغان،سىڭدۈرەلىگەن ئۇقۇرمەنگە يېڭىچە زوق،مەنىۋى بايلىق ئاتا قىلىدۇ.
زامانى بۇرادەر،تەپەككۇر دۇنيارىڭىزغا ئاپىرىن!قەلەمدىن چىققان بۇ ئۈنچە مەرۋايىت قەلب ئاسمىنىمدا پەرۋاز قىلىشقا باشلىدى،سۈكۈتلۈك خىياللار قاينىمىغا باشلىدى،ئەسىرىڭىزنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىشقا باشلاۋاتىمەن،ئۆتۈپ كەتكەن مۇساپىلەردىكى ئۆتمۈش،ئەتىكى ئىزتىراپلىق ئارزۇ-غايىلەرنىڭ جۇلاسى كۆز ئالدىمدا جىلۋىلەنگەندەك قىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-17 01:52 AM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aklala220 + 155 ماختاشقا تېگىشلىك
turkinaz0992 + 100 تېمىغا ھۆسىن قوشقان ئ.
jasuryigit + 200 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 455   باھا خاتىرىسى

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 3485
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3952
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10833 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 09:05:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تىمىڭىزغا ئاپرىن ئىنىم.ھاياتتا ساپ ۋىجدانى بىلەن ياشايدىغان ئىنسانلار ھامان ئەلنىڭ قەلبىدىن ئۇرۇن ئالىدۇ.

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

باش سۇرەت ئۆزگەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36506
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16059
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 09:10:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زامانىينىڭ بۇ نادىر تىمىسىغا مۇبارەك.

0998ۋارىس

بۇ بەخىت شۇ قەدەر سۆيۈملۈك !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 968
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5959
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2881 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 09:13:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىڭىز بەك ئىسىل چىقىپتۇ زامانى ..مەن سىزنى  ‹ مېھىرلىك كۆزلەر يىغلايدۇ › دېگەن تىمىڭىز ئارقىلىق تونۇغان ھەمدە قەلەم كۈچىڭىزگە قايىل بولغان ئىدىم .
مەنمۇ بۇ تىمىنىڭ نادىرلىنىشىغا بىر بىلەت تاشلىدىم .

پەقەت ئاپئاق كۆڭۈلنىڭ دوستمەن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 2084
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 58606
تۆھپە نۇمۇرى: 995
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 09:17:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاڭگىرىت پېيىدەك قەدىرسىز  بولۇپ قېلىشتىن قورقۇپ ھودۇقۇپ يۈرگەن 22 ياشلىق سېرىق تۈك ھايات ئەقىدەمنى بىر يىغىنچاقلىغان بۇ يازمامدا يۈرەكتىكى سۆزلىرىمنى بايان قىلىدىم قېنى دوستۇم سىزمۇ ھايات ئەقىدىڭىزنى سۆزلەپ بېقىڭ ؟  قۇرۇق قىسقا دۇئالارنى ئەمەس ئەمەلىي ئەمەللەرگە باغلانغان يۈركۈڭىزدىكىنى ئېيتىڭ .
تەكلىپىم: بۇ ئەسرىمنى ئاۋازلىق  قىلىپ ئىشلەش ئۈمۈدۈم بار ئىدى،بىكەت باشلىقى ۋە تورداشلار قانداق قارايدىكىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زامانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-17 01:24 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mosajan0997 + 50 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

سىز ياتقان شۇ بۆ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26927
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20425
تۆھپە نۇمۇرى: 872
توردا: 901 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 09:38:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋىجدان ھەققىدىكى تەپسىلاتلىرىڭىز بەكمۇ ئەتىراپلىق ۋە جانلىق بوپتۇ. ئاخىرىدىكى مۇنۇ شېئىر تېخىمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ.
ساخاۋەت-ۋىجدان دىمەكتۇر.
ئىناقلىق -ۋىجدان دىمەكتۇر.
سۆيۈندۇرۇپ ياشاش -ۋىجدان دىمەكتۇر.
ھۆرمەت-ۋىجدان دىمەكتۇر،
ۋاپادارلىق ،كۆيۈمچانلىق-ۋىجدان دىمەكتۇر،
ھالاللىق-ۋىجدان دىمەكتۇر،
سۇلماس ئەقىدە-ۋىجدان دىمەكتۇر،
پاكلىق،ئاقلىق -ۋىجدان دىمەكتۇر،
توغرائەقىل-ۋىجدان دىمەكتۇر،
مىھىر-مۇھەببەت-ۋىجدان دىمەكتۇر،
ئۈزۈلمەس ئۈمۈد-ۋىجدان دىمەكتۇر،
قەدىر-قىممەت-ۋىجدان دىمەكتۇر،
سۇلماس ئىرادە-ۋىجدان دىمەكتۇر،
ئەخلاق-ھاياــ ۋىجدان دىمەكتۇر،
جەسۇرلۇق،مەردۇ-مەردانىلىك--ۋىجدان دىمەكتۇر،
تەن-ساقلىق ــ ۋىجدان دىمەكتۇر.



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73121
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3093
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-1-14
ئاخىرقى: 2012-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 09:43:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن  تەسىرلىك،نادىرلاشنى تەلەپ  قىلغانلا   قول  كۈتۈرۈڭلا،مەندەك

كۆڭلۈم &nbs

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14119
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8247
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 4682 سائەت
تىزىم: 2010-10-16
ئاخىرقى: 2014-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 09:45:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ظەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!!
مەن خوشامەت قىلىپ ماختاش ياكى مۇنبەر  پۇلى ئۈچۈن بۇ ئىنكاسنى يازمىدىم.
لىكىن چىن قەلبىمدىن سىزگە رەخمەت!!!
يۇتتۇرۇپ قويغان نەرسىلىرىمنى تېپىۋالدىم!!!
بىزنىڭ ئارلىقىمىز شۇنچە يىراق بولسىمۇ، قەلىب..................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68572
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3991
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 446 سائەت
تىزىم: 2011-12-5
ئاخىرقى: 2013-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 10:10:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۇڭقۇر تەپەككۇر يۇرگۈزۈشكە تىگشلك،ئادىميلك نۇقتسىدىن ئۇيلنپ كۆرسەك بۇلدىغان نادىر تېما.چنلىق ھەققى  ئەكس ئەتكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش