ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار،مەن يەنە يېڭى باش رەسىم ئەكەلدىم.ياقتۇرغانلار ئىشلىتەرسىلەر،چۈنكى لايھىلىگەن رەسىملىرىم سىلەرنىڭ ئىشلىتىشىڭلار ئارقىلىق ئۆز قىممىتنى تاپىدۇ.مەن مىسىرانىم مۇنبىرىنى ياخشى كۆرىمەن ،مەن بۇ ياخشى كۆرۈشىمنى ئاددىي بولسىمۇ مۇشۇنداق ئەمگىكىم ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى.ئالدىنقى قېتىم يوللىغان رەسىملەرنى مۇنبەرداشلار خېلى ياقتۇرغان ئوخشايدۇ،خېلى كۆپ دوستلار ئىشلىتىپتۇ،مەن بەك خۇش بولدۇم.مېنىڭ يەنىلا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم:باش رەسىملىرىمىز ئۆز كىملىكىمىزنى ۋە خاسلىقىمىزنى ئازىراق بولسىمۇ ئىپادىلەپ بېرەلىسە،مۇنبىرىمىزنىڭ قىياپىتىمۇ ئۆزگىچە ئىپادىلىنىپ تۇرسا دېگەن ئۈمىدتىمەن.سىلەرگە يەنە ئازىراق ئىمزا قىلسا بولغۇدەك ھېكىمەتلەرنى ئالغاچ كەلدىم،قېنى مەرھەممەت :
1.بىزنىڭ يولىمىز نېمىشقا تار؟چۈنكى بىرسىمىز ئاچقان يولغا مىڭىمىز كىرىۋالىمىز ئەمەسمۇ؟!
2.تورخانا -ئەقلى يوقلارغا گۆرخانا.
3.ھەقىقەتنى يۇشۇرۇش ئىپلاسلىق،مۇھەننەتنى يۇشۇرۇش ئىخلاسلىق.
4.سەھەردە تارتىلغان خورەك_شۇ بىر كۈننىڭ مەغلۇبىيەت مارشى.
5.بىر مىللەتنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قورقۇنچلىق تېراگىدىيە_قىزلارنىڭ تەربىيەسىز قېلىشى.
6.قوش تىللىق ،كۆپ تىللىق بولسۇن ،كۆپ دىللىق بولمىسۇن.
7.زېمىن بىرىنچى ۋەتەن ،تىل ئىككىنچى ۋەتەن.