بېسىمنى ئازايتىشتىكى 20خىل ئۇسۇل
1. ھەر قانچە ئازاپلىق ئىش بولسىمۇ، ئۆمۈرۋايەت داۋاملاشمايدۇ، شۇڭا ھەرگىز بىئارام بولماڭ.
2. ئىلگىركى ئازاپلىق كەچۇرمىشىڭىزنى، ئەينى چاغدا قانداق قىلىپ قەد كۆتۇرگەنلىكىڭىزنى، كىيىنكى كۆڭۇللۇك كۇنلەرنى ئويلاپ، بۇ قېتىممۇ تىنىچ-ئامان كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.
3. ئۆزىڭىزگە بۇ دىگەن كىشىلىك ھايات، كوپچىلىكنىڭ ھەممىسى تىرىشىۋاتىدۇ، دىيىشىڭىز كېرەك.
4. كۇندىلىك خاتىرە يېزىڭ، ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇپ، كۆڭلىڭىزدە ساقلىغانلىرىڭىزنى خاتىرلەش ئارقىلىق، كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەڭ.
5. بارلىق ئىشلارنى بىر چەتكە قايرىپ قۇيۇپ، تازا قانغۇچە ئۇخلاڭ. ئويغانغاندىن كىيىنچۇقۇم كەيپىياتىڭىز ياخشى بۇلۇپ قالىدۇ .
6. بەزى يۇمۇرلۇق، ھەجۋى رەسىملەر توپلىمى،كىتاپلار ياكى كومىدىيلىك فىلىمدىن بىرنى ئىجارىگە ئېلىپ، پۇتۇن زېھنىڭىز بىلەن كۇرۇپ چىقىڭ. كۇلكە بارلىق كۇڭۇلسىز ئىشلىرىڭىزنى ئۇنتۇلدۇردۇ.
7. ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇڭ. بۇمۇ كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلاشتىكى بىر ياخشى ئۇسۇل .
8. چېنىقىش كۇلۇبى ياكى ھوسۇن تۇزەش ئورنىغا بېرىپ، كەسپى ئۇۋلاشتىن بەھرىمان بۇلۇپ، پۇتۇن بەدىنىڭىزنى تەلتۇكۇس بوشاشتۇرۇڭ.
9. بالكۇندىن پايدىلىنىپباغۋەنچىلىك لەززىتىدىن بەھرىمان بۇلۇڭ. ھەر- بىر تەشتەكتىكى گۇلگە نام بېرىڭ. ھەر-بىر يۇپۇرمىقىنى كۇڭۇل قۇيۇپ سۇرتۇڭ. پۇتۇن زېھنىڭىز بىلەن بۇ ئۆسۇملۇكلەردىن بەھىر ئېلىڭ.
10. ھۆسۇن تۇزەش ئورنىغا بېرىپ گىرىم قىلىڭ. قاش، چاچ، تىرنىقىڭىزنى ياسىتىڭ.ئەتىۋارلىنىش ھىسىياتىدىن بەھرىمان بۇلۇڭ. ئادەم چىرايلىق بولغانسىرى، كەيپىياتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ياخشى بۇلىدۇ .
11. پۇتىڭىزنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ راھەتلىنىڭ. بەدەن راھەتلەنسە، كەيپىياتمۇتەبى ھالدا ياخشىلىنىدۇ. توڭلىغاقلار بۇ ئۇسۇلنى قولللانسا تېخىمۇ ياخشى.
12. يولدا ئۆتكەچ تۇرۇپ، باغچا ياكى دەرەخزارلىققا بېرىپ سەيلە قىلىڭ.
13. ئەڭ راھەت قىياپەتتە تۇرۇپ، قورساق بىلەن نەپەسلىنىڭ. بۇرۇن بىلەن كۇچەپ نەپەس ئېلىپ،ئاندىن ئېغىز بىلەن ئاستا- ئاستا نەپەس چىقىرىڭ. مۇشۇنداق تەكرار بىر نەچچە قېتىم نەپەسلەنگەندە ئادەمنىڭ كەيپىياتى تۇراقلىشىدۇ.
14. بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسۋابى بىلەن، بۇيۇن، غول، بەل ھەمدە پۇتۇن بەدەننى كۇچەپ ھەركەتلەندۇرۇڭ.
15. ياخشى سىردا دوستىڭىزنى تېپىپ ئۇزۇن ئولتۇرۇپ مۇڭدۇشۇڭ.
16. مەقسەتسىز مېڭىڭ، نىشان بەلگىلەشنىڭ ھاجىتى يوق . مەسىلەن ، بىكەتكىچىلا ماڭسام بۇلار دىگەندەك .
17. پۇتبول ياكى ۋاستىكبولدىن ئىبارەت ماھارەت بىلەن غەلبە قىلىدىغان تەنھەركەت مۇسابىقىلىرىنى كۇرۇپ، ئۆزىڭىزنى شۇنىڭغا سىڭدۇرۇڭ.
18. نەق مەيداندا ئۆتكۇزۇلگەن ناخشا كېچىلىكى ياكى تانسىخانىلارغا بېرىپ، قانغۇچە تانسا ئويناڭ، ياكى ناخشا ئېيتىڭ.
19. ئۆزىڭىز ياخشى كۇرىدىغان يىمەكلىكلەرنى يىيىشتىن يالتايماڭ . تاكى كەيپىياتىڭىز ياخشىلانغىچە يەڭ. ئۇرۇقلاۋاتقان بولسىڭىزمۇ ھىچقىسى يوق. ئۆزىڭىزگە بىر كۇن رۇخسەت بېرىڭ.
20. كەيپىياتىڭىز ناچار ۋاختىدا. ئىلگىرى سېتىۋالالمىغان كىيىم ياكى سومكىنى سېتىۋىلىپ ، ئۆزىڭىزگە داۋاملىق تىرىشقىن دەپ تەسەللى سۇپىتىدە سوۋغا قىلىڭ.
مەنبە : "تۇرمۇش" دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jinasta تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-16 01:25 PM