مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1393|ئىنكاس: 31

ئاچچىق ھايات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 2057
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 23366
تۆھپە نۇمۇرى: 2264
توردا: 4310 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 01:03:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرىنجى بۆلۈم :
                          ئۆيدىن ئايرىلىش ...  

ئويلاپ باقسام شۇ يىلى دادام بىلەن سوقۇشۇپ ئۆيدىن ئايرىلىپ كەتكەنچە مانا خىلى يىللار بوپ قاپتۇ .
بەلكىم بۇنداق دىسەم باشقىلار دادىسى بىلەنمۇ سوقۇشامدۇ ، بالا دىگەن دادىنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ بىر قۇل ، دادىنى ھۆرمەتلەش كىرەك دەپلا چۈشۈشى مومكىن ، بىراق ھەممە ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ .
ئېنىق ئىسىمدە ، دۈشەنبە كۈنى ئىدى ، سەھەردىلا دادام ، ئانام ۋە مەن يېزىمىزدىكى ھەپتىدە بىر قىززىيدىغان يايما بازىرىغا ماڭدۇق . ئۆيىمىز بىلەن بازارنىڭ ئارىلىقى ئانچە يىراق بولمىغاچقا ئۇ كۈنى پىيادە ماڭغان ئىدۇق .
دادام تىز - تىز قەدەملەر بىلەن ئالدىمىزدىراق كىتىپ باراتتى ، ئانام بىلەن مەن پاراڭلاشقاچ كەينىدىراق ماڭغان ئىدۇق ، ئالاھەزەل ئون نەچچە مىنۇتلاردا بازارغا بېرىپ بولدۇق .
پاھ ، نىمىدىگەن قىززىپ كەتكەن ھە ؟ - مۇھىتىنىڭ سەل مەينەتلىكى ۋە قالايمىقانچىلىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا مانا بۇ ھاياتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى تونىتىدىغان يەنە بىر بارگاھ ھىساپلىناتتى .
بىز بازار ئىچىگە كىرىپلا يىراقتىن قاراشقا چۈمۈلە توپىغا ئوخشايدىغان ئادەملەر ئارىسىغا سىڭىىشپ كەتتۇق .
ئالا - يىشىل لەمپىلەر ئاستىدىكى دوغچى ، كاۋاپچى ، ناۋاي ، تاۋۇزچى ، قاسساپ ... ئىشقىلىپ چوڭ - كىچىك تىجارەتچى ۋە بازارغا كەلگەنلەردىن چىققان قالايمىقان ئاۋازلار بازارنى بىر ئالاتتى ، ئادەملەرمۇ بىر - بىرىگە سوقۇلۇشۇپ دىگەندەك بازار ئايلىنىۋاتاتتى .
بىز ئۇنى - بۇنى ئېلىپ قورساق توقلىۋالغاندىن كىيىن دادام بىلەن مەن تاۋۇزچىنىڭ يېنىدا تاۋۇز ئالغىلى قېپ قالدۇق ، ئانام ئازراق رەخىت ئېلىش ئۈچۈن يەنە بىر كوچىغا كىرىپ كەتتى ، بىر ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ئانام قايتىپ كەلدى ، يېنىمىزغا كىلىشىگە دادام ئانامدىن سورىدى :
-  ئۈلۈشكۈن مەن ساڭا بەرگەن ھۆججەت قېنى ؟
- ماۋۇ سومكامدا بار .
- ئالە ، ئاۋۇ يەردە روزان تۇرىدۇ ، بىرىۋىتەي ...
- ھە ... ۋۇي ، يوق تۇردىيا ؟
- نىمە يوق ؟
- ئاشۇ ھۆججەت ...
- نىمە دىدىڭ ؟ ئۇ يوق بولسا قانداق بولىدۇ ؟
- راس ، مانا يوق ، يوق تۇرىدۇ .
- ئۆيدە قالدىمۇ يا ؟
- ياق ، ئۆيدە ئەمەس شۇ كۈنىلا مۇشۇ سومكىغا سەپ قويغان . سومكىدىن ئالمىدىغان ئىدىم .
دەل شۇ چاغدا مىنىڭ ۋە ئەتراپىمىزدىكى ئادەملەرنىڭ ئالدىدا دادامنىڭ شاپىلىقى تىز سۈرئەتتە ئانامغا تەگدى . ۋاراڭ - چۇرۇڭنىڭ دەستىدىن بۇ شاپىلاقنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمىغان بولسىمۇ لىكىن كۆز بىلەن كۆرگىلى بولاتتى ، بىر شاپىلاقتىن ئوڭايسىزلىنىپ كەتكەن ئانام بىر قولىدا يۈزىنى تۇتقىىچە تۇرۇپلا قالدى .
تاۋۇزچى بىلەن مەن دادامغا تەنە قىلدۇق ، ئەمما گېپىمىز ھىچ ئۆتكەندەك ئەمەس ، دادام ئالغان تاۋۇزلارنى تاشلاپ قويۇپ قالغان گەپ سۆزنى ئۆيگە بارغاندا دىيىشىدىغانلىقى دەپ قويۇپ كەتتى ، تاۋۇزنى مەن كۆتۈردىم باشقا ئۇششاق - چۈششەك نەرسىلەرنى ئانام كۆتۈرۈپ ئۆيگە ماڭدۇق .
يولدا كىتىپ بارغىچە ئانام يىغلاپلا ماڭدى ، مەن بىر قانچە ئېغىز گەپ سورىغان بولساممۇ يەنىلا ئىچىدە ئىسەدەپ يىغلاپلا كىتىپ باراتتى ، تاۋۇزنى ھېلى ئوڭ مۆرەمدە ھىلى سول مۆرەمدە ئالامشتۇرۇپ يۇدۇپ ماڭاتتىم ، قوللىرىم خالتىنى بىردەم تۇتسىلا تاۋۇزنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئارقىغا سىرغىپ كىتەتتى ، شۇندىمۇ يەردە قويۇپ ئارام ئېلىۋىلىپ مېڭىشتىن ۋاز كىچىپ ئانامغا يىتىشىپ ماڭاتتىم ، ئارقىدا قالسام ئۆيدە جىدەل چىقىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرىكىم دەككە دۈككە ئىچىدە ئاخىرى ئۆيگىمۇ كەپ بولدۇق .
دەرۋازىدىن كىرىشىمىزگە دادامنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا < ھۆججەتنى تاپە > ؟ دىگەن گېپى ئاڭلاندى . ئانام قولىدىكى نەرسىلەرنى قويۇپلا ھېلىقى ھۆججەتنى ئىزدەشكە كىرىشىپ كەتتى ، مەنمۇ ئۇ يەر - بۇ يەرلەرنى ئىزدىدىم ئەمما بىر ھازاغىچە تاپالمىدۇق .
مەن نىمە ھۆججەت ئىكەنلىكىنى بىلمەيىتتىم ، شۇ تاپتا دادامدىن گەپ سوراشنى ، گەپ قىلىشنى لايىق كۆرمىگەن ئىدىم ، مەن يەنىلا ئانامدىن نىمە ھۆججەت ئىكەنلىكىنى سورىدىم ، ئىچىدە ئۇھسىنىپ يىغلاۋاتقان ئانام ئۇنىڭ نىمە ھۆججەت ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيىتتى ، بىز تاكى ناماز شام ۋاختىغىچە ھېلىقى ھۆجقەتنى ئىزدىگەن بولساقمۇ ئەمما تاپالمىدۇق .
دادامنىڭ ئاۋازى تېخىمۇ يۇقىرلاپ كەتتى :
- ھۆجقەت قېنى دەيمەن ؟
- ئۇقمىدىم ، سومكامدىن چۈشۈپ قالغان ئوخشايدۇ .
- ئەمدى قانداق قىلىمەن ، يېزا باشلىقنىڭ يىڭى ئۆيىگە ئاپارغان ياغاچنى ئەمدى نەدىن كىسىمەن؟ ئەترەتتىن ۋەزىپە قويغان كىپىنەكنى قاچان تۇتۇپ بولىسەن ؟ ...
- دەپ باقسىڭىز قايتا خەت قىپ بىرەمىكىن يا ؟
- نىمىنى خەت قىپ بىرىدۇ ؟ ئاناڭنىڭ ئىرىمىتى يېزا باشلىقى ؟ روزەك دىگەن ئالاۋاش بىلەن سوقىشىپ قاغان تۇرسام كىپىنەكنىڭ خېتى بولمىسا نىمە دەيمەن ئۇنىڭغا ؟...
- نىمە ئانامنى چىشلەپ تارتىسىز ؟ ئانام نىمە گۇناھ قىلغان ؟...
- تاپە قېرى ... دىگەن بىلەن تەڭ ئانامنىڭ قاتتىق توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندىن ، ئۆيدە ھېلىقى ھۆججەتنى ئىزدەۋاتقان ئىدىم ، يۈگىرەپ چىقىپ قارىسام ئانام ئوڭدىسىغا يېتىپتۇ ، يۈز - كۆزى تاۋۇزنىڭ چاچراندىسى ئەتراپىدا بولسا تاۋۇزنىڭ ئەت - شاپاقلىرى ...
ئانام ئىڭىراپ ياتاتتى ، دەردى چىقمىغان دادام بولسا بىلىكىدىن تۇتۇپ ئانامنى قوپۇرۇپ يەنە ئۇرۇشقا تەمشىلىشىگە مەن تىزلىكتە بېرىپ دادامنى ئىتتىرۋەتتىم . مىنىڭ بېسىمىمدىن سۈرۈلۈپ كەتكەن دادام قايتا كىلىپ يۈز ، دۈمبە قىسىملىرىمغا ئۇردى .
قانداق بولۇپ ياش چىقىپ كەتتى ، بىر چاغدا قارىسام كۆزۈمدىن ئاققان ياش ياقىلىرىمنى ھۆل قىلىۋىپتۇ ، داداممۇ مىنى ئۇرۇپ بولۇپ نەلەرگىدۇ غايىپ بولۇپ كەتتى ، مەن بىر ھازادىن كىيىن ئىسىمگە كىلىپ ئانامنى يۆلەشتۈرۈپ سۇپىدا ياتقۇزدۇم ، ئانام بولسا تېخىچە بىھۇش ئىدى ، مەن نىمە بولغىننى بىلمەيىتتىم ، ئۇ چاغدا يېشىم كىچىك بولغاچقىمۇ ئىشقىلىپ ئادەتتە دادام ئاناملار سوقىشىپ قالسا ئارىسىغا كىرمەيىتتىم ، بىراق ئاشۇ كۈنى ھەقىقەتەن ئانامغا ئىچىم ئاغرىدى ، بولۇپمۇ بازاردىلا سالغان بىر تەستىكى ئانامغا ئەمەس مىنىڭ يۈرىكىمگە بېرىپ تەككەن ئىدى .
ئالاھەزەل ئىككى ئۈچ سائەتلەردىن كىيىن ئانام ئاستا ھۇشىغا كەلدى ، مەن ئانامنىڭ يېنىدا ياتقان ئىدىم ، ئۇنىڭ ئاستا قىلغان گەپلىرىدىن يۈرىكىم ئېچىشىپ كىتىپ باراتتى :
- بالام ، بىز ساڭا يۈز كىلەلمەيمىز ، سىنى ئۇۋاللىققا قويدۇق ...
- ئۇنداق دىمەڭ ئانا ، نەرىڭىز ئاغرىۋاتىدۇ ؟
- ھىچيېرىم ئاغرىمىدى ، ئۇسقانلىرىم سەل تېلىۋاتىدۇ شۇ ... ساڭا دەيدىغان گېپىم با بالام .
- نىمە گەپ دەۋىرىڭ ، ئاڭلاۋاتىمەن .
- بالام ، ھازىر سەن خىلى ئەقلىڭنى تاپتىڭ ، راس ئىش ھامان راس ئىش ، يالغاننى راس قىلىش مۇسۇلماننىڭ ئىشى ئەمەس ، بۇنداق دىسەم داداڭ بىلەن ماڭا ئۆچ بولۇپ قالارسەنمۇ جېنم بالام .
- ۋاي ياق ئانا ، قانداقسىگە ئۆچ بوپ قالاي ؟
- بالام ، سىنى بىز بېقىۋالغان ، كىچىكىڭدە بېقىۋالغان ... ئاچاڭنىمۇ بېقىۋالغان .
- نىمە ؟ ... بۇ راسمۇ ؟
- شۇنداق ، مەن داداڭ بىلەن توي قىلىپ ئۈچ - تۆت يىلغىچە تۇغمىدىم ، شۇنىڭ بىلەن ئاچاڭنى ، كىيىن سىنى بېقىۋالغان ئىدۇق .
ئانامنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئۈستىمگە بىر چىلەك سوغۇق سۇ قۇيغاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم ، ئەمما ئانامنىڭ ئالدىدا قىلچە چاندۇرمىدىم ھەم ئانامنى داۋاملىق سۆزلەشكە دەۋەت قىلدىم ، بېقىۋالساڭلارمۇ مەن يەنىلا سىلەرنىڭ بالاڭلارغۇ ئانا .
- شۇنداق ، جېنىم بالام ، بىز سىلەرنى راھەت - پاراغەت تۇرمۇشقا ئىرىشتۈرەلمىدۇق ، ئاچاڭنىڭ تويى بولغىچىلىكمۇ تۈزۈكراق كىيىم - كىچەك ئىتىپ بىرەلمىدۇق ، جېنىم بالام بىزدىن كىيىن قالساڭلار ئاچاڭنى ئىزدەپ تۇرغىن ، مىڭنى قىلسا سەن ئوغۇل بالا ئاچاڭغا قېرىنداشلىق مىھرىنى يەتكۈزۈپ تۇرغىن جېنىم بالام .
ئانام بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا كۆزلىرىدىن ئۈزۈلمەي چۈشىۋاتقان ياشلىرى ئارقا - ئارقىدىن سىرغىپ چۈشىۋاتاتتى ، مەنمۇ يىغلاپ سالغان ئىدىم . بىراق ئانامغا تەسەللى بىرىش بىلەن ئۆزۈمنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە تۇتىۋىلىپ يېنىدا ياتقان ئىدىم .
ئانام شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ ئۆزلىكىدىن مەندىن رازىلىق سورىدى ، مەنمۇ ئانامنىڭ مىنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىغا رازىلىق بەردىم ھەم رازىلىق ئالدىم ، بىراق يېشىم كىچىك بولغاچقىمۇ ئانامنىڭ كۆڭلىنى يەنى تۇيقسىز يۈز بىرىدىغان كىلىشمەسلىكنى ئويلىيالماپتىمەن .
ئانام ئۇندىن كىيىن چولپان رىۋايىتىنى سۆزلەپ بەردى مەن ئانامنىڭ يېنىدا يېتىپ ئۈنتىنسىز ئۇنىڭ ئاجىز ھەم تىترەڭگۈ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ياتقان ئىدىم  :
- بالام ئاسمانغا قارىساڭ ھەر قاچان باشقا يۇلتۇزلاردىن ھەم چوڭ ھەم يورۇق چاقناپ تۇرىدىغان بىر يۇلتۇز بار ، ئۇ يۇلتۇز ئەسلى بىر ئايال ئىكەنمىش ، بۇرۇن بىر زالىم پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ ئۇ پادىشاھنىڭ نۇرغۇن ئايالى ھەم ھەمشىرىلىرى بار ئىكەن ، بىر كۈنى دالىغا شىكارغا چىقىپ بىر چىرايلىققىنە ئايالنى كۆرۈپ قېلىپ ئۇنى ئوردىغا ئېلىپ كىتىپ توقال قىلىش قارارىغا كەپتۇ ، بىراق ئۇ ئايال ئۆيىدە قېرى بىر ئانىسى بارلىقى شۇ ئانىسىنى دەپ تاكى شۇ ياشقىچە ئەرگە تەگمەي ئانىسىنى بېقىپ كىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ پادىشاھنىڭ تەلىپىنى رەت قىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن غەزەپكە كەلگەن پادىشاھ  ئۇ ئايالنى مەجبۇرى يۇسۇندا ئېلىپ كىتىپتۇ .
ئانىسىغا چىدىمىغان ئايال دەرت - پەرياد بىلەن ئوردا ئىچىنى بىر ئاپتۇ ھەمدە دۇنيانىڭ تەڭسىزلىكى ھەم ئىنسانلارنىڭ مۇشۇنداق ناپاكلىقىدىن يىغلاپ تۇرۇپ ئاھ ئۇرۇپتۇ . دەل شۇ چاغدا ئاسماندىن كۆك رەڭلىك بىر نۇر چۈشۈپ ئۇ ئايالنى ئېلىپ چىقىپ كىتىپتۇ ، شۇ كۈنى ئاخشىمى ھېلىكى كۆك رەڭلىك نۇر چۈشكەن جايدا ئاجايىپ نۇرلۇق ھەم چوڭ بىر يۇلتۇز پەيدا بوپتۇ ، ئۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ئەتراپتىكى كىنىزەكلەر < چولپان ئاسمانغا چىقىپ كەتتى > دىيشىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يۇلتۇزنىڭ ئىسمى چولپان يۇلتۇز بوپ ئاتىلىپتۇ .
ھېلىقى پادىشاھ ... ئانامنىڭ سۆزى شۇ يەرگە كەلگىچە كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئاڭلىغان ئىدىم ، ئۇنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا چىدىماي ئۇخلاپ قاپتىمەن .
ئەتىسى ئەتتىگىنى ئانامنىڭ شۇنداق چىرايلىق ياتقانلىقىنى كۆرۈپ ئويغىتىشقا چىدىماي مەكتەپكە كەتتىم ، ئالدىنقى كۈنى بولغان ئىشلارنى ۋە ئانامنىڭ دىگەن گەپلىرىنى  ساۋاقدىشىم ئادىلغا دەپ بەردىم ، ئادىل ئانامغا بىرەر شۇملۇق يەتكەن يەتمىگەنلىكىنى ئىسىمگە سېلىپ ئۆيگە بېرىپ بېقىشىمنى تەكىتلىدى .
مەن ئۈچۈنجى سائەتلىك دەرىس ۋاختىدا مۇئەللىمدىن رۇخسەت ئېلىپ ئۆيگە يول ئالدىم ، يولدا بارغىچە تىز ماڭغانلىقتىن تەرلەپلا كەتكەن ئىدىم ، ئۆيگە باردىم ئانام يەنىلا شۇ جايىدا ياتقان ئىكەن ، ئانام ئادەتتە ھەر قانچە ئىش بولسىمۇ ئەتتىگىنى مەن قوپۇپ بولغۇچە تاماق ئىتىپ ماڭا يىگۈزۈپ مەكتەپكە ماڭغۇزغاندىن كىيىن ئاندىن باشقا ئىشلارنى قىلاتتى ، ئانامغا يىقىنلاشقانچە يۈزلىرىم قىززىپ بىر خىل ئۇھسىنىش ھىسىياتى قاپلاپ كەتكەن ئىدى .
ئانامنى يۈزىنى تۇتتۇم ، شۈنچە ئىسسىق ياز كۈنىدە ئانامنىڭو يۈزى مۇزدەك ئىدى ، قايتا - قايتا توۋلىغان بولساممۇ ئانامدىن ئۈ چىقىمىدى ، دەل شۇ چاغدا  ئاخشىمى ماڭا دىگەن گەپلىرىنىڭ تىگىگە يەتتىم ھەم ھېلىقى < چولپان رىۋايىتى > نى ئاخىرىغا چىققىچە ئاڭلىمىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم ، ئۆيدە دادام يوق ئىدى .
مەن نىمە قىلىشىمنى بىلمەي كۆزلىرىمدىكى ياشلىرىمنى قولۇمدا ئېيىتقىنىمچە قوشنىلارنىڭكىگە چىقىپ ئەھۋالنى دىدىم ، قوشنىلار كىرىپ ئۆيلەرنى رەتلىگەچ ئانامنىڭ ئىڭىكىنى چېتىپ يۈزىگە ئاق چۈمبەل ئارتىپ قويۇشتى ، يىغا زار ئاۋازى ئۆينى بىر ئالغان ئىدى ، ماتەم كىيىمى كىيگەن ئەر ئاياللار ئىچىدە ئاچاممۇ بار ئىدى ، قانداق چاغلاردا كەلدى مەنمۇ بىلمەي قاپتىمەن . داداممۇ بىر چاغلاردا پەيدا بولۇپ قاپتۇ .
شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن ئانامنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ يەرلىككە قويۇشتى ، تاكى ئانامنى كۆمۈپ قويۇپ ئۆيگە يانغىچە بولغان ئارلىقتا كاللامدا ئانامنىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى دادامدىن شاپىلاق يىگەن كۆرىنىشى ۋە يىغلاپ تۇرۇپ ماڭا دىگەن گەپلىرى ئەگىپلا تۇدى .
شۇ كۈندىن باشلاپ دادامغا بولغان ھۆرمىتىم ۋە ئامراقلىقىم ئاستا - ئاستا سۇسلىشىقا باشلىغان ئىكەن ، ئۇنى كىيىن ھىس قىلىپ يىتىپتىمەن  .
ئاچام مىنى ئۆز ئۆيىدە يېتىپ قوپۇپ مەكتەپكە بېرىشىمنى شۈنچە ئېيىتقان بولسىمۇ ئەمما زادىلا قوشۇلمىغان ئىدىم ، ھەچ كۈنى ئەتتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئانام ئاش تاماق ئىتىپ ھور چىقىپ تۇرىدىغان قازان ، قاچىلارنى كۆرسەملا ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بولۇپ ئۆزۈمنى يوقىتىپلا قوياتتىم ، شۇ مەزگىللەردە بەزى كۈنلىرى قوشنىلار تاماق ئەكىرىپ بىرىشتى ، بەزىدە ئاچام تاماق ئىتىپ بىرىپ كەتتى ، شۇنداق قىلىپ بىر قانچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى .
بىر كۈنى ئاچام قول ھارۋىسىنى سوراپ كەلدى ،ئۆيدە يالغۇز ئىدىم شۇڭا ئاپىرىپ ئىشلىتىۋىرىشنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا بەردىم ، ئەتىسى ئاچام ھارۋىنى ئەكىلىپ بەردى بىراق بىر چاقىغا مىخ كىرىپ كىتىپ يېلى قالمىغان ئىكەن ، دادام كۆرۈپلا قايناپ كەتتى :
- كىم ئاپا دىگەن ساڭا ، خەخكە ھارۋا تۆلەيدىكەنمەندە ئەمدى ؟
- شۇ مىخ كىرىپ كىتىپتۇ ، ئوڭشىتىپ بىرەرمىز ئەمدى .
- نىمىنى ئوڭشىتىپ بىرىسەن ، ئوڭشاتقىدەك پۇلۇڭ بامۇ ؟
دادامنىڭ ئۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى تۇتالمايلا ئارىغا چۈشتۈم :
- پۇل سىز ئۈچۈن شۈنچە مۇھىمما ؟ ئانامنىمۇ شۇنداق قىلىپ ئۆلتۈرگەن ئىدىڭىز ، ئەمدى ئاچامنى بولسىمۇ ياشىغىلى قويسىڭىز نىم بولىدۇ ؟
- ما كۇكىنەكنىڭ دىگەن گېپىنى ... دادام شۇ گەپ بىلەن تەڭ ماڭا قول تەككۈزدى ، ئۇ چاغدا ئانامنىڭ ئاشۇ كۈنىدىكى بىچارە قىياپىتى تېخىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمىگەن بولغاچ دادامغا قانداق بولۇپ يېنىپ سالدىم ئۆزۈممۇ ئۇقماي قاپتىمەن ، بىر چاغ بولغاندا ئۆزۈمنى تۇتۋالالماي دىيىشكە تىگىشلىك بولمىغان گەپلەرنى دەپ ساپتىمەن :
-  سەنمۇ دادىمۇ ؟ ئانامنى قىيناپ ئۆلتۈرگىنىڭ ئاز كەلگەندەك ئەمدى بىزگە ھۇجۇم قىلماقچىمۇ ؟ ئۆز بالاڭ بولغان بولساقمۇ مۇشۇنداق ئۇرۇپ - تىللامتىڭ ؟...
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئاچام تۇرۇپلا قالدى ، دادام بولسا مىنى چىڭ قۇچاقلىۋىلىپ تۈۋرۈككە باغلاپ قويدى .
ئارقىدىن ئاچامنى ئۆيدىن چىقىرۋىتىپ مەندىن بۇ گەپلەرنى كىمنىڭ دىگەنلىكىنى سورىدى ، مەن ھەممىنى ئەينەن دەپ بەردىم ، كىيىن  دادام مىنى قاتتىق ئۇردى ئۇرۇپ بولۇپ تالاغا چىقىپ كەتتى .
كۆز ياشلىرىم يەنە بىر قېتىم ئازاپ ۋە نەپرەت ئىچىدە تېشىپ چىقتى . بىر چاغلاردا ئاچام پەيدابولۇپ مىنى يىشىۋەتتى مەن ئاچام بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە كەتتىم ھەم يولدا بارغۇچە ئاچامغا ئانامنىڭ ئۆلۈپ كىتىش ئالدىدا ماڭا دىگەن گەپلىرىنى ھەممىسىنى دەپ بەردىم ، ئاچام بىر ئىشىنە بىر ئىشەنمەي قالدى ، ئەمما مەن ئانامنىڭ ئۇ گەپلىرىگە شەكسىز ئىشنەتتىم .
شۇ ئارىلىقتا ئاچامنىڭ ئۆيىدە بىر قانچە كۈن تۇردۇم ، بىر كۈنى مەكتەپتىن مىجەزىم يوقلىقىنى باھانە قىلىپ بۇرۇنلا قايتىپ كەلدىم ، ئاچامنىڭ ئۆيىگە كىلىپ ئىشىك ئالدىدىكى سۈپسۈزۈك ئېرىق سۈيىدە يۈزۈمنى يۇيۇپ بولۇپ دەرۋازىنى ئاچاي دەپ تۇرۇشىمغا ئۆي ئىچىدىن ئاڭلانغان مۇنى گەپلەر بىلەن تەڭ قەدىمىم توختاپ قالدى :
- ئىنىڭىز قاچانغىچە تۇرىدىكەن بىزنىڭكىدە ؟
- مەنمۇ ئۇقمايمەن ، ئانام بولمىغاندىكىن تۇرا ئەمدى ...
- قاچانغىچە تۇرا دەيمەن شۇ ، بىزنىڭمۇ ھال كۈنىمىز دىگىدەك بولمىغاندىكىن ئۇنىڭدىن كۆرە دادىڭىز باشقا خوتۇن ئالسا ئىش ئوڭ بولاتتى .
- نىمە دىگىنىڭىز بۇ ؟ بىر ئۇكام نەچچىلىك ئېغىر كىلىدۇ بىزگە ؟
- شۇنداققۇ دەيسىز ، ئېغىر كەلدى دىمىدىم لىكىن شۇ ئادەم گەپ - سۆز ، كىرىپ - چىقىشتا ئەركىن بولغىلى بولمايدىكەن .
- پۇت - قولىڭىزنى ئۇكام تۇتۋالمىغاندىن كىيىن مېڭىۋىرىڭ ، ئېغىڭىز ئوچۇق بولغاندىن كىيىن گەپ بولسا قىلىۋىرىڭ ئۇكام سىزگە بېسىم بولۇپ قالغان بولسا مەنمۇ تۇرماي ئەمسە بۇ ئۆيدە ...  
- ئۇنداق ئويلىماڭ !...
مەن ئۇلارنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا بەرداشلىق بىرەلمىدىم ، قولۇمدىكى كىتاپ - دەپتەر سېلىنغان سۇلياۋ خالتىنى جايىمغا تاشلاپ قويۇپ ، بىزنىڭ مەھەللىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يار لىۋىگە بېرىپ تازا يىغلىغان ئىدىم ، يىراقلاردىكى توپ - توپ بولۇپ ئوتلاۋاتقان پادىلار ۋە سۇغا چۆمىلىشۋاتقان چوڭ  - كىچىك ئادەملەر شۈنچە غەمسىز ھەم خۇشال كۆرىنەتتى . ئاسمان ۋە يەردىكى بارچە مەۋجۇداتلار مىنىڭ ئۇ چاغدىكى ھالىتىمنى چۈشەنمەي ماڭا بىپەرۋا قاراۋاتقاندەك قىلاتتى .
شۇ كۈنى كىچىسى مەن ئاشۇ يار بويىدا قۇمسىمان توپا ئۈستىدە تاڭ ئاتقۇزدۇم ، كىچكىچە ئانام سۆزلەپ بەرگەن ھېلىقى رىۋايەتتىكى چولپان يۇلتۇزغا قاراپلا ياتقان ئىدىم ، سەھەر ئورنۇمدىن تۇتۇپ ئۈستى بېشىمنى يۇيۋەتكەندىن كىيىن مەكتەپكە بارغۇم كەلمىدى ، ئۆي بولسا مەن ئۈچۈن گويا دوۋزاقتەكلا بىلىنىپ كەتتى . ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن بازاردىن كىسىپ ئۆتىدىغان ئۆلكە تاش يولىغا كەلدىم ، ئاندا - ساندا ئۆتۈپ كىتىپ بارغان ماشىنىلارغا قاراپ شۈنچە ھەۋىسىم كەلدى ،ئۇ مىنۇتلاردا مەنمۇ ئاشۇ ماشىنىلاردەك يىراق - يىراقلارغا بېرىپ كۆڭلۈمدىكى بارچە ئازاپلىرىمنى تۆكىۋىتىپ كەلسەم دەپ ئويلايىتتىم .
ئۇيان ئويلاپ - بۇيان ئويلاپ ئاخىرى ئۆيدىن چىقىپ كىتىش قارارىغا كەلدىم ، بىراق يېنىمدا پۇلنىڭ يوقلىقى ، يېشىمنىڭ كىچىكلىكى ماڭا ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇپ قالغان ئىدى . ئاخىرى بولماي يولۇچىلار ئاپتۇبۇسىنى توسۋاتقان بىر ياشانغان ئايالنىڭ يېنىغا بېرىپ تۇردۇم .
خىلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ھېلىقى ئايال توسقان ماشىنىلاردىن بىرسى توختىدى ، مەن ئۇ ماشىنىنىڭ ناھىيەگە بارىدىغانلىقى ئالدىدىكى تاختىسىغا يېزىلغان خەت ئارقىلىق بىلەتتىم . ھېلىقى ئايال ماشىنىغا چىقتى مەنمۇ كەينىدىنلا ئەگىشىپ چىقتىم ، ئۇ چاغلاردا مەن دىمەتلىك بالىلاردىن پۇل ئالمايىتتى ، ماشىنىدىن چۈشىدىغان ۋاقىتتا ھېلىقى ئايالدىن بىر كىشىلىك پۇل ئالدى ، تاكى ناھىيە مەركىزىگە بېرىپ بولغۇچە ھېلىقى ئايال ماڭا ، مەن ئۇ ئايالغا گەپمۇ قىلىشمىدۇق ، شوپۇرمۇ سورىمىدى ، شۇنىڭ بىلەن يېنىمدا بىر مو پۇلمۇ يوق ئەھۋالدا ناھىيەگە يىتىپ كەلدىم .


داۋامى بار ...
ئاخىرى داۋاملىق يېزىلىپ  يوللىنىدۇ ، توغرا چۈشۈنىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .

مەنبە : ئۆزۈم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-29 01:12 AM  


ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40223
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1880
تۆھپە نۇمۇرى: 160
توردا: 1987 سائەت
تىزىم: 2011-5-10
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 12:13:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە خېلى ياخشى چىقىۋاتىدۇ ئاخىرىنى تىزراق يوللاسىز .ساقلاۋاتىمىز:qiray18

مېنىڭ تېرەمنى سويسىمۇ ، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بىلەن دوسىت بۇلالمايمەن .

ھايات گۈزەل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 786
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6664
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 715 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 01:03:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسىرلىك چىقىپتۇ .بۇ بالا ئەمدى ياقا يۇرتلاردا نىمە كۈنلەرنى كۆرەركىن ؟

بۇ گۈزەل ھەم رەزىل دۇنيا، ئۆتەر ئۆمۈر چۈشتەك گويا...

بىز ھەممىمىز قايتقۇچىلارمىز !!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 654
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12756
تۆھپە نۇمۇرى: 1359
توردا: 420 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 01:14:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارماڭ قېرىندىشىم......داۋامنى ساقلاۋاتىمىز.......................

ئىلىم باشقا،تالانت باشقا . غورۇر ۋىجدان يەنە باشقا .
بۇلۇر ساھىبقىرانلىق ئۈچ پەزىلەت كەلسە بىر باشقا  .

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4984
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 48441
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 2082 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 02:38:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېشى ياخشى باشلىنپىتۇ،داۋامى چىققاندا ئاندىن بىرنەرسە دەي...

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73286
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 03:37:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز. ئاخىرىنى تىزرەك يىزىڭ.

mivisiz  darahning nima kiri

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13585
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2951
تۆھپە نۇمۇرى: 564
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 04:04:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ ، نىمىدىگەن قىززىپ كەتكەن ھە ؟ - مۇھىتىنىڭ سەل مەينەتلىكى ۋە قالايمىقانچىلىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا مانا بۇ ھاياتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى تونىتىدىغان يەنە بىر بارگاھ ھىساپلىناتتى .

   




    شۇچاغلاردا   مەينەت تۇيۇلامتى يېزا بازىرى؟

ئەل يۇرت ئۇچۇن ئىزدېنەيلى

mivisiz  darahning nima kiri

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13585
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2951
تۆھپە نۇمۇرى: 564
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 04:05:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز يەكەننىڭ نەرىدىن.

ئەل يۇرت ئۇچۇن ئىزدېنەيلى

مەن بۇرۇنقى بۇلبۇلناز شۇ .

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72983
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 163
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2012-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 04:36:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمە قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرغاندۇ ئەمدى ئۇ بالىنى ؟! داۋامىغا تەشنامەن !

بىز تىرىك مېڭىپ يۈرگەن مۇردىلارمىز .

ئانا تىل مېنىڭ پەخرىم ، ئىملاغا دىققەت قىلىڭ !

قەدىرلىگىن سىنى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26265
يازما سانى: 709
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7636
تۆھپە نۇمۇرى: 477
توردا: 7019 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 05:11:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق چۇچۇگى دىگەن مۇشۇدە! شۇندىن كىيىن نەلەردە سەرگەردان بۈلغانسىز، سىلەر ئاتا - بالا ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق بۇلۇپ كىتەر ئەمدى.

كۇكۇيۇن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش