!
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم!
بارچە مەدىھە سىنىڭ ۋە مىنىڭ قەلبىمدىكىنى بىلگۈچى يىگانە ئاللاھقا خاستۇر.سۈيۈملۈك پەيغەمبىرمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھەم ئۇنىڭ سۈننىتىگە تاكى ئاخىر تىنىقلىرىغىچە جانلىرى ، ماللىرىنى پىدا قىلىپ سادىقلىق بىلەن ئەرگىشىپ ماڭغان ھەم مېڭىشنى دىللىرىغا پۈكۈپ شۇ نىشانى ئۈچۈن ھاردىم تالدىم دىمەي تىركىشىۋاتقان بارلىق مۇسۇلمانلارغا-- مىھرىبان ئاللاھىمنىڭ سالىمى بولسۇن!
بۇ دۇنيادىن سەندىن بىرسى،مەندىنمۇ بىرسىلا بار!ئاللاھ ئىككەيلەننى شۇنداق ھىكمەت مۆجىزىسى بىلەن تۇنۇشتۇرۇپتۇكى،تۇنۇشۇش مۇمكىنچىلىكى مىنۇس بولغان دۇنيانىڭ 2قېتىدا ياشاۋاتقان ئادەملەر ئىدۇق!ئاللاھنىڭ دىللىرىمىزغا مۇھەببەت سالغىنىمۇ ئېنىق!بۇ كۈنلەردە مەن بىلەن بىر شەھەردە بول ياكى مەن ئىسمىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان يىراق جايلاردا بول،بىر سېغىنىش ھىسياتى ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلدى!ھەمدە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ خىل ھىسيات كۈندىن كۈنگە كۈچۈيۈپ چوڭقۇرلاشتى!ئىلگىرى دائىم ئىنسان ھاياتىنىڭ ئۆزگۈرشىگە سەۋەب بولالىغۇدەك بىر ئىنسان راستىنلا مەۋجۇت بولارمۇ دەپ ئويلايتتىم.ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى،ئىنسان ھاياتىدا شۇ ئىنساننىڭ بەخىتلىك كۈلكىسىگە، ئازابلىق ياشلىرىغا سەۋەب بولالايدىغان بىر ئنسان ھەقىقەتەن مەۋجۈت بولىدىكەن! ھەر قېتىم ئۈرۈمچىدىكى ئاچچىق تۇرمۇشتىن چارچاپ ھەممىنى تاشلاپ كىتىش ئويى تۇغۇلغاندا ياكى يېقىنلىرىم شۇ تەكلىپنى بەرگەندە،يۈرگۈمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدىن ئورۇن ئالغان ساڭا تارتىشىىش ھىسياتى مىنى قىينىدى! ئاللاھ قەلبىمدە ئويلىغانلىرىمنىڭ شاھىدى بولسۇنكى سەن مەن ئۈچۈن مۇھىم سەن! سەن نەدە بولساڭ،مىنىڭ يۈرگۈم شۇ يەردە! سەن ئوتقا كىرسەڭ ئوتقا،سۇغا كىرسەڭ سۇغا كىرىشكە تەييار!ئىنشائاللاھ قۇرۇلماقچى بولغان ئائىلىمىز ئۈچۈن ھەتتا سەن كىرەلمەيدىغان ئوت-سۇلارغىمۇ كىرىشكە ئىرادەم ھەم جۈرىتىمنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن!لىكىن بۇ مىنىڭ سېنى بەختىمنىڭ كاپالىتى دەپ ئويلىغىنىم ئەمەس،ئىنساننى ئىنسان بەخىتلىك قىلالمايدۇ،پەقەپ بەخىتلىك بولۇشىغا سەۋەبچى بولالايدۇ خالاس،خۇددى پەيغەمبەرلەر ھىدايەت قىلغۇچى ئەمەس، ھەقنى يەتكۇزگۈچى بولغىنىغا ئوخشاش! سەن بىلەن كىيىنكى ھاياتىمدىكى بوران-چاپقۇنلاردا بىرگە بولغۇم بار،دەردىڭ بولسا دەرمان بولغۇم ،يىغاڭ بولسا يىغلاشقۇم ،كۈلكەڭ بولسا كۈلۈشكۈم بار!سەن يېنىمدا،ئىككەيلەن ئاللاھقا ئىبادەتتە بىرگە،ماڭا ئىشەنچىڭ ۋە سۆيگۈڭ بىلەن مەن بەخىتلىكمەن!سىنىڭ يۈرۈگۈڭ،مىنىڭ يۈرگۈم بۇ بىر ئائىلە ئۈچۈن يىتەرلىكتۇر! ئەپسۇس سەن ماڭا توي قىلايلى دىگىنىڭدە چىن ئەقىدە نىمە ، ئائىلە نىمە بىلمەيتتىمكەن،بىلسەممۇ سەن چۈشەنگەندەك چوڭقۇر چۇشەنمەيتتىمكەن!بۇ تۈپەيلى ھەم ئۇقۇشماسلىقلار بولۇپ قەلبىڭگە ئازار بىرىپ سالدىم!لىكىن مۇشۇ جەرياندا مەن كۆپ چوڭ بولدۇم،بىر ئىنساننى ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن دائىرە ئىچىدە سۆيۈشنى ئۈگەندىم! ئىككىمىزدىن ھەم پەخىرلىنىمەن،ئۆز نەفسىمىزگە قۇل بولۇپ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمىدۇق! ئاللاھ سۆيگۈسى بىلەن بەندە سۆيگۈسىنىڭ چەك چىگرىسىنى روشەن ئايرىدۇق!
ئەمدى بولغاندا مەن بىلەن توي قىلىشنىڭ گىپى چىقسا بىزنى كىم قوللايدۇ دەپ ئەنسىرەمسەن؟يەنە قانداق روھى ئازابلارنى تارتىپ يۈرەرمىز دەپ ئويلامسەن؟ئىنشائاللاھ ئاللاھ بىزنى قوللايدۇ،ئاللاھ بىزگە يۆلەنچۈك بولىدۇ.قوشۇلمايدىغانلار قوشۇلغۇچە،توسىدىغانلار توسۇپ ھالسىزلانغۇچە ساقلىيالايمەن! بىر بىرىگە ھەقىقى باغلانغان يۈرەكلەرنى ۋاقىت،ئارلىق ھەتتا ئۆلۈمنىڭمۇ ئايرىۋىتەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!
بەلكىم كەينىمىزگە يانالمايمىز،بەلكىم سەن ئاللىقاچان ۋاز كىچىپ بولدۇڭ!لىكىن سىنىڭ ئاتا-ئاناڭ تۇنۇشتۇرغان بىلەن كۆرشۈپ باق،ياخشى بولسا ئويلىشىپ باق دىگەن جاۋاب بىلەن مۇھەببىتىمگە ھاقارەت قىلشىڭنى خالىمايمەن،بۇ ياخشى بولسا ئويلىشىپ ياخشىنىڭ كەينىدىن كىتىۋىردىغان مۇھەببەت ئەمەس!ۋە ياكى سىنى ئەمدى پەقەتلە سىڭلىم قاتارىدا كۆرىمەن دەپ بىر قىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىدىن ۋاز كىچىش ئۈستىگە قۇرلۇپ،قان ياشلىرى بىلەن تاۋلانغان مۇھەببىتىنى پەقەتلا سىڭلىڭ ياكى بىر ئاددى تۇنۇشۇڭ قاتارىدىلا مۇئامىلە قىلشىڭغىلا ئەرزىيدىغان نەرسە قاتارىدا كۆرشۈڭنى خالىمايمەن! "سىنى ياخشى كۆرىمەن،كۆڭلۈمدىن چىقىرىپ باققىنىم يوق .لىكىن توي قىلالمايمىز "دىيىشلىرىڭنىڭ مىنى قانچە ئازابلايدىغىنىنى بىلەمسەن!
مىنى ياخشى كۆرسەڭ قۇلۇمنى چىڭ تۇتقىن!بىلىمەن توي قىلمىز دىسەك بىزنى كۈتۈپ تۇرغىنى دەھشەتلىك دىڭىز دولقۇنلىرى،لىكىن بىر بىرىنى چىن ئەقىدە بىلەن سۆيگەن ئىككى ئادەمنىڭ بىرگە بولۇشى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن ئاشۇ تاغ-داۋانلارنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرى ئەرزىيدۇ!بۇنداق ئائىلە قەدىرلىك،قىممەتلىك مۇستەھكەم بولىدۇ!بىزمۇ بىر جان بىر روھ بولۇپ ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىپ باقساق،ئسلامى تۇرمۇشنى گۈزەل،شەرىئەتلىك تۇرمۇشنى لەززەت دەپ بىزنىڭ ئائىلە قۇرشىمىزغا گۇماندا بولغانلارغا جاكارلاپ باقساق،باللىرىمىزنى ئاللاھتىن باشقىدىن قورقمايدىغان قىلىپ تەربىيلەپ باقساق،ئاخىر تىنىقىمىزغىچە بىر بىرىمىزگە سادىق بولۇپ ياشاپ باقساق،جەننەتتە كۆرشۈپ ئاللاھ ۋىسالىغا يىتىپ باقساق!
ئەگەر مەن بىلەن قىيامەتلىك سەپەرداش بولۇپ جەننەتكە قول تۇتۇشۇپ كىرىشنى كۆڭلىڭگە پۈكمىگەن بولسىاڭ،مىنىڭ دۇنيارىمدىن تەلتۆكۈس ئايرىل مىنى ئۇنۇتقىن! مەنمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى دەپ سەبىر بىلەن قۇبۇل قىلاي،ساڭا مەندىنمۇ ياخشى ھەمراھ تىلەپ دۇئا قىلاي!لىكىن بۇنداق ئادەتتىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاقىلشىپ تۇرۇش مىنى قىينايدۇ،خۇددى ئادەم ئۆلتۈرمەيدىغان زەھەردەك ئەزالىرىمنى چىرىتىپ روھىمنى سۇندۇرۇپ قىينايدۇ!
مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىر قارار چىقىرىپ باقساق،توي قىلدىغان بولساق شۇ نىشانىمىز ئۈچۈن تىرىشىپ باقساق! توي قىلمايدىغان بولساق، ھەقىقى تۈردە ئايرىلساق!
بارچە نۇقساندىن پاك،تەۋبىلەرنى بەكمۇ قۇبۇل قىلغۇچى ئاللاھىم بەندىللىرىڭنىڭ بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلغىن! بىزگە دىنى-دۇنيالىقىمىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشىنى مۇيەسسەر قىلىپ بەرگىن! ئەمىين!
2012.1.11
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yusuf311 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-15 10:01 PM