مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1421|ئىنكاس: 21

دەقيانوس ھەققىىدە رىۋايەتلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دەقيانوس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3874
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 580 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 05:44:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلگىرى كۆپلىگەن تورداشلار مەندىن تور نامىمنىڭ مەنىسى ھەققىدە سوراشقان ئىدى. مەن ئەينى چاغدا  ئۇلارغا قىسقىچە چۈشەنچە بەرگەن ئىدىم، ھەم شۇنىڭدىن   كىيىن بۇ  نام ھەققىدە تىخمۇ كۆپرەك ئويلاندىم، مۇنبەر بۇ سېستىمىغا كۈچۈشتىن بۇرۇن بۇ ھەقتە بىر تېما يوللاشنى ئويلاشقان بولساممۇ ۋاقىت چىقىرالمىغان ئىدىم. يىڭى سېستىمىغا كۈچكەندە بولسا كونا يىزىقتكى ئۇئىسمىمنىڭ ئۇزۇنلىقى سەۋەبلىك يىڭى مۇنبەر بىناسىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئىشكىدىن پاتماي قاپتۇ. ئەمدىلىكتە مەن مىسرانىم ئەپەندىنىڭ ياردىمى بىلەن قايتىپ كەلدىم.دىمەك بۇ قىتىم مەن ھەم يىڭى ھەم كونا ئەزا بۇلۇپ قالدىم، شۇڭلاشقا بۇ ئەزالىق نامىم ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ قۇيۇشنى لايىق تاپتىم.
مەن دەسلەپ مىسرانىمغا دەقيانوس دىگەن نام بىلەن كىرىشتە مۇللا موسا سايرامىنىڭ ( تارىخى ھەمدىيە) ناملىق كىتابىدا ئۇچرايدىغانلىقى  ئۈچۈن  ۋە يەنە دەقيانوس ھەققىدىكى تۆۋەندىكى رىۋايەتتىن ئىلپ ئىشلەتكەن ئىدىم.
بىرىنچى رىۋايەت
بۇندىن ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى يالقۇنتاغ ئېتىكىدىكى دىياردا، دەقيانۇس ئىسىملىك بىر پادىچى ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ نۇرغۇن مال - ۋارانلىرى بار بولۇپ، ئۆزى بېقىشقا خۇشتار ئىكەن.  بۇ پادىچى خاسىيەتلىك  كۈنلەرنىڭ بىرىدە قوي بېقىپ يۈرۈپ بىر پارچە خەت پۈتۈلگەن قەغەزنى تېپىۋاپتۇ. خەتكە شۇنچە سىنچىلاپ قارىغان بولسىمۇ ئۇنى ئوقۇيالماپتۇ.   ئۇ خەتنى قوينىغا سېلىپ تاغ ئۆڭكۈرىگە بېرىپ،شۇ  دەۋىدىكى مەشھۇر دانىشمەن بوۋاينىڭ ئالدىغا بېرىپ خەتنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپتۇ.   دانىشمەن بوۋاي شۇنداق قېرى ئىكەنكى، ئۇنىڭ چاچ  ساقاللىرى، قاشلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان، بەللىرى يادەك ئېگىلگەن، كۆزلىرى قېرىلىقتىن پۈرلىشىپ يۇمۇلغانىكەن.   بوۋاي خەتنى ئالغاندىن كېيىن كۆزىنىڭ چاناقلىرىغا ياغاچنى تىرەك قىلىپ ئۇنى ئوقۇپ كۈلۈپ كېتىپتۇ.  دەقىيانۇس بوۋاينىڭ كۈلگىنىگە ئەجەبلىنىپ، كۈلۈشنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ. بوۋاي ئۇنىڭغا :«ئوغلۇم، ساڭا بەخت يار بوپتۇ.  خەتتە يېزىلىشىچە، سەن ياشايدىغان ئاشۇ ماكاندىكى يوغان جۈجەمنىڭ ئۆسكەن غولىغا ئۇدۇل تۇرۇپ دەسلەپ شىمالغا 364 چامدام، ئۇندىن كېيىن شەرققە 12 چامدام مېڭىپ شۇ يەرنى كولىساڭ، بىر خەزىنىگە ئېرىشىدىكەنسەن. قېنى بەختىڭنى سىناپ كۆرەرسەن ئوغلۇم!» دەپتۇ.  دەقيانۇس بوۋايغا تەزىم بىلەن  رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن خوشلىشىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. ئۇ ئەتىسى ئۈچ - تۆت ئاغىنىسىنى چاقىرىپ بوۋاينىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يەرنى كولاشقا كىرىشىپتۇ. يەتتە - سەككىزمىڭ مېتىرچە كولىغاندىن كېيىن ئۇلار بىر ھەشەمەتلىك ئالتۇن ئىشىككە دۇچ كەپتۇ.   يەنە بىر ئاز كولىغاندىن كېيىن يوغان بىر تاش چىقىپتۇ. تاشنى قومۇرۇپ تاشلىغانىكەن. ئۇنىڭ ئاستىدىن پارقىراپ تۇرغان يوغان ئالتۇن ئاچقۇچ چىقىپتۇ.   ئۇلار ئاچقۇچنى ئېلىپ ئاتنىڭ بېشىدەك يوغانلىقتىكى قۇلۇپقا سالغانىكەن، شۇ ھامان يەتتە قېتىم داراڭلىغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ئاندىن كېيىن ئىشىك ئېچىلىپتۇ.   ئۇلار قىزىل، يېشىل ، ھالرەڭ. . . ھەرخىل نۇرلار چېچىلىپ تۇرغان ھەشەمەتلىك ساراينى كۆرۈپتۇ. نۇر چېچىپ تۇرغان گۆھەرلەرنىڭ يۇرۇقىدا ئۇلار ھېچىبىر قىنالماستىنلا سارايغا كىرىپ ئۇنىڭ ئىچىدە ئالتۇن - كۈمۈش، ياقۇت قاتارلىق مەدەنلەر بىلەن تولغان قىرىق بىر ھۇجرىنى كۆرۈپتۇ.   بۇ ئەھۋالنى بوۋايغا مەلۇم قىپتۇ.   بوۋاي ئۇلارغا ئەھمىيەتلىك مەسلىھەت كېڭەشلەرنى بېرىپتۇ. دەقيانۇس شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بوۋاينىڭ كۆرسەتمىسىگە بىنائەن  ئالتۇن - كۈمۈش تېپىۋالغان جايغا ھەشەمەتلىك ئوردا ساپتۇ. شەھەر قۇرۇشقا كىرىشىپتۇ.   دەقيانۇس شۇ شەھەرگە شاھ بوپتۇ. دانىشمەن بوۋاينى ئۆزىنىڭ بىرىنچى قول ۋەزىرى قىپتۇ.   شۇنىڭدىن كېيىن دەقيانۇس ئەتراپىتىكى كەڭ زېمىنلارنى ئۆزىگە قارىتىپتۇ. . . . «مەشھۇر ئىدىقۇت دۆلىتى»نى قۇرۇپتۇ.  بۇ جاينىڭ نامى شۇنىڭدىن باشلاپ تەرەپ - تەرەپلەرگە تارقىلىشقا باشلاپتۇ.
مانا بۇ دەقيانوسنىڭ ئىدىقۇت قەدىم شەھىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان رىۋايىتى، ئۇنىڭدىن  كىيىن  باشقىلاردىن مۇنۇ رىۋايىتىنى ئاڭلىدىم.
ئىككىنچى رىۋايەت:
«تويۇق» نامى توغرىسىدا  رىۋايەتلەر ئېقىپ يۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپنچىسى دەقيانۇس زامانى بىلەن «ئەسھابۇلكەھف» توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرگە باغلىنىدۇ.   قەدىمدە، تۇرپاندا ياشىغۇچى ئاۋام خەلقلەردىن ئۆز دىنىدىن گۇمانلانغۇچى يەملەيخا، ماكسىلمىنا، ئازارپەتيۇنۇس، كاشاپەت يۇنۇس، يۇۋايۇنۇس، قاتارلىق ئىخلاسمەن مۇخلىسلار  ھەقىقىي تەڭرىنى ئىزدەپ تېپىش كويىغا چۈشۈپتۇ. ئۇلار بۇرۇن قۇياش، ئاي، ئوت قاتارلىقلارغا چوقۇنۇپ كەلگەن بولسىمۇ ، ھېچ قانائەت ھاسىل قىلالماي، پۈتۈن دۇنيانى ئىدارە قىلىۋاتقان  قانداقتۇر بىر قۇدرەتلىك تەڭرى بار ،ئۇ پۈتكۈل كائىناتنى ،مەخلۇقاتنى ياراتقان، ئۇنىڭ بۇيرۇقىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ، دەپ قىياس قىلىدىكەن. ئۇلار ھەقىقىي تەڭرىنى ئىزدەش يولىدا  خېلى جايلارنى كېزىپ ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ، ئاخىر دەقيانۇس  شەھرىگە كەپتۇ. پادىشاھىنىڭ ئىسىمىمۇ دەقيانۇس ئىكەن. پادىشاھ ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئاپتۇ. ئۇلار شەھەردە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ قاپتۇ. پادىشاھ بىر كۈنى ئۇلارنى ئالدىغا چاقىرىپ :   _ ھەي جاھانكەشتىلەر، سىلەر نېمە مەقسەت بىلەن بۇ يۇرتقا كەلدىڭلار؟ - دەپ سوراپتۇ. ئۇلار:   _ بىز ھەقىقىي خۇدانى ئىزدىگۈچىلەرمىز، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.   _ ھەقىقىي خۇدا مەن بولىمەن، -دپتۇ دەقيانۇس ھېچ تارتىنماستىنلا، - ئىشەنمىسەڭلار مانا بۇ جەننەت ۋە دوزاخ، - دەپ سۈنئىي ئورۇنلارنى، مەخسۇس ياساتقان چاھار باغلارنى، تېگىدە گۈلخانلار يېنىپ تۇرغان زىندان ۋە ئوتتەك قىزىپ تۇرغان قۇملۇق جازا مەيدانلىرىنى بىر - بىرلەپ كۆرسىتىپتۇ. ئۇلار ئامالسىز، يالغاندىن ئۇنىڭ خۇدالىقىغا ئىشىنىپتۇ. دەقيانۇس خۇشال بولۇپ، ئۇلارنى ئۆز ھۇزۇرىدا بىر قانچە ۋاقىت تۇرۇشقا ئىجازەت بېرىپتۇ.   دەقيانۇس قىمارئويناشقا بەك ھېرىسمەن بولۇپ، كۈندۈزى ئۆزىنىڭ خۇدالىقىنى تەشۋىق قىلسا، كېچىسى قىمار ئوينايدىكەن. ئۇنىڭ مەخسۇس كۆندۈرۈلگەن ،بېشىدا چىراغ كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان مۈشۈكى بولۇپ، قىمار ئوينىغاندا ئىتائەتمەنلىك بىلەن  بېشىدا چىراغ كۆتۈرۈپ جىم تۇرىدىكەن.  بۇنى كۆرگەن ھېلىقى كىشىلەر ، بىر تەرەپتىن ھەيران بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ خۇدالىقىدىن گۇمانلىنىپتۇ.  راست - يالغاننى ئايرىش ئۈچۈن، ئۇلار چاشقاننى تىرىك تۇتۇپ، قىمار سورۇنىغا يۇشۇرۇن ئېلىپ كىرىپ، قىمار راسا ئەۋجىگە چىققاندا دەقيانۇسقا تۇيدۇرماي، چاشقاننى مۈشۈككە كۆرسىتىپ قويۇپ بېرىپتۇ. مۈشۈك خۇدىنى يۇقىتىپ چاشقانغا بىر ئېتىلغانىكەن، بېشىدىكى چىراغ يەرگە چۈشۈپ چېقىلىپ كېتىپتۇ.  سورۇن پاتپاراقچىلىققا تولۇپتۇ. پادىشاھنىڭ خۇدالىقى چېنىپ قاپتۇ.  پادىشاھ دەقيانۇس ئىشنىڭ تېگى - تەكتىنى بىلىپ ئىنتايىن غەزەبلىنىپتۇ. ئۇ بۇ مۇخلىسلارنى تېز كۆزدىن يۇقاتمىسا،  ئۆزىنىڭ ئاۋام ئارىسىدىكى «خۇدا» لىق ئابرۇيىغا قاتتىق تەسىر يېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇلارنى ئۇجۇقتۇرۇۋەتمەكچى بوپتۇ. بۇ ئىشنى ئاللىبۇرۇن سېزىۋالغان يېگىتلەر شۇ كېچىسى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ  قېچىپ كېتىپتۇ. دەقيانۇس دەرغەزەبكە كېلىپ چاپارمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ ئارقىدىن قوغلاپ تۇتۇپ  كېلىشكە بۇيرۇپتۇ.  يىگىتلەر بىر قويچىغا يولۇقۇپتۇ. قويچى ئۇلارنى ئۆزى دائىم دەم ئالىدىغان بىر ئېغىزى بار ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇپتۇ. بۇ ئۇلارنىڭ دەل ھازىرقى تويۇققا كەلگەن ۋاقتى ئىكەن. دەقيانۇسنىڭ چاپارمەنلىرى ئۇلارنى شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالماپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۆڭكۈر ئېغىزىنى سىرلىق يەر، تۇيۇق يەر دەپ تونۇپ، «تۇيۇق »دەپ ئاتىشىپتۇ .
بۇ رىۋايەت ئارقىلىق بەزىلەر ماڭا دەقيانوس دىگەن خۇدالىق دەۋاسى قىلغان پادىشاھنىڭ ئىسمى ئىكەنغۇ دىيىشتى ۋە ماڭا بۇ ئىسىمنى ئىشلەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلدى. تۇيۇقتىكى ئەسھابۇلكەفنىڭ ھەقىقى ئەسھابۇلكەف ئەمەسلىكى ھەممىمىزگە ئايان، بۇنى يۈز نەچچە يىل بۇرۇن مۇللا موسا سايرامى دەلىللەر ئارقىلق ئىسپاتلاپ ئۇتتۇرغا قويغان. شۇڭلاشقىمۇ بۇ نامنى مەن يەنىلا ئىشلىتىۋەردىم.
ئۇنىڭدىن كىيىن مەن توردا ئىزدەش ئارقىلىق دەقيانوس ھەققىدە يەنە بىر رىۋايەتنى ئۇچراتتىم.
ئۈچىنچى رىۋايەت:
قەدىمكى زاماندا دەقيانۇس دېگەن بىر پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ دۆلىتىنىڭ چېگرىسى كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقىچە بولغان يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇنىڭ دۆلىتىدە بايلىق ھەددى - ھېسابسىز كۆپ ئىكەن. ئادالەت ۋە مېھرىبانلىق ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىدە ئۇرۇن ئالغان بولۇپ، پادىشاھتىن پۇقرالارغىچە ئىجىل - ئىناق ئۆتىدىكەن.   دەقيانۇس پادىشاھ ئۆزىنىڭ پايتەختىنىڭ ئولانباينىڭ يېنىدىكى تۆپىلىككە قۇرۇپ، ئەتراپنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇپتۇ، شەھەرنى يەتتە قەۋەت سېپىل بىلەن دائىرىلەپ، ئۇنىڭ چۆرىسىنى ئېقىن بىلەن قورشاپ، مۇستەھكەم قورغان  ھالىتىگە كەلتۈرۈپتۇ. دۆلەتنىڭ تىزگىنىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەلنى ياخشى باشقۇرۇپ مىڭ يىل سەلتەنەت سۈرۈپتۇ. دۆلەتنىڭ ھەرقانداق ئىشىنى پادىشاھ دەقيانۇس ئانىسىنىڭ كۆرسەتمىسى  بويىچە بىر تەرەپ قىلسا نەتىجە چىقىدىكەن.  بولمىسا نەتىجە چىقمايدىكەن. ئانىنىڭ شاراپىتى  بىلەن دەقيانۇس دۆلىتىدىكىلەر مىڭ يىلغىچە پاراۋان، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.  ھەرقانداق ياۋۇز رەقىبلەرمۇ بۇ ئەلگە ئالىيىپ قارالمايدىكەن.   كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى، دەقيانۇس ئانىسىنى ئېلىپ ئوردا جامائەتچىلىكى بىلەن ساياھەت قىلىش مەقسىتىدە، ھازىرقى ئۈرۈمچىنىڭ ئورنىدىكى يايلاققا كەپتۇ. ئۇلار كېلىپ قارىغۇدەك بولسا، بۇ يەر بەكمۇ گۈزەل يايلاق ئىكەن. يايلاقنىڭ ئوتتۇرىسىدا  سۇلار شارقىراپ ئېقىپ تۇرغان، ئەتراپىدا بۈك - باراقسان ئورمان ياشناپ تۇرغان،  خىلمۇ خىل قۇشلار سايرىشىپ، قوي، كالا، يىلقىلار يايلىشىپ يۈرگەن ئارامبەخىش جاي ئىكەن. ئۇلار بۇ يەردە خېلى ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ قاپتۇ.  شۇنداق كۈنلەرنىڭ  بىرىدە چاچ - ساقاللىرى ئاقارغان، يۈزلىرىنى قورۇق باسقان، بەللىرى مۈكچەيگەن ھالدا ھاسسىغا تايىنىپ،  ئۆزى بىلەن تەڭتۇش موماينى ۋە نەۋرىسىنى يېتىلىگەن بىر بوۋاي ئاسماندىن چۈشكەندەكلا دەقيانۇسنىڭ بارگاھىنىڭ ئالدىدا پەيدا بوپتۇ. دەقيانۇسنىڭ بارگاھىنىڭ ئالدىدا پەيدا بوپتۇ.  دەقيانۇس بوۋاي - مومايلارنى ئىززەت - ئىكرام بىلەن  كۈتۈپ بارگاھىغا باشلاپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ نام - شەرىپى، ھال - ئوقىتىنى سوراپتۇ. بوۋاي سۆز باشلاپ شۇنداق دەپتۇ:   _ بىز ئاتا - بوۋىمىزدىن تارتىپ مۇشۇ  زىمىندا تىرىكچلىك قىلىپ كەلگەن. بىز پادىچىلىق قىلىمىز ھەم زىرائەت تېرىمىز.  ئەمما،  پۈتۈن ئۆمرىمىز دەككە - دۈككىدە ئۆتىدۇ. باشقا جايغا كۆچۈپ كېتەيلى دېسەك ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن  جايدىن زادى ئايرىلغۇمىز كەلمەيدۇ. سىلەر بۇ يەرگە كەلگەن كۈندىن باشلاپلا سىلەرگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. سىلەر بىزنىڭ يەر - جايىمىز، مال - مۈلكىمىزگە غەيرىي نىيەتتە بولىمىدىڭلار، سىلەر ئاجايىپ ئەدەپ - ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك ئىكەنسىلەر. شۇڭا، سىلەرنىڭ ماڭا مەڭگۈ ھەمراھ بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلاتتىم.  ئەپسۇسكى، سىلەر خاتىرجەم تۇرمۇشۇڭلار، ھېسابسىز مۈلكىڭلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ۋەيران بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىد. شۇڭا، دەرھال ئالدىڭلارغا  كېلىپ، سىلەرنى بۇ ئىشتىن خەۋەردار قىلىشنى لايىق كۆردۈم.   دەقيانۇس پادىشاھ بوۋاينىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي  ئانىسىغا قاراپتۇ. ئانا بوۋايدىن گەپنىڭ تېگى - تەكتىنى ئېيتىشنى ئۆتۈنۈپ سوراپتۇ. بوۋاي دەپتۇ:   _ بۇ يەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاشۇ ئېگىز قىزىلتاغدىكى غاردا يەتتە باشلىق يالماۋۇز ئۇخلاپ ياتىدۇ. ئۇ قىرىق يىلدا بىر قېتىم ئويغىنىپ سىرتقا چىقىدۇ. ئۇ ئاغزىنى ئاچسا ئۈستۈنكى كالپۇكى كۆككە، ئاستىنقى كالپۇكى    تەھتى سەھراغا تېگىدۇ. تىلى قىرىق مىڭ  گەز ئۇزۇن، كۆزى شور دەريادەك يوغان، قويرۇقى يەتمىش مىڭ  گەز،  پېشانىسىدە بىر پارقىراق كۆزى بولۇپ، كۆزىنى ئاچسا يەر يۈزىدىكى  جانلىقلار كۆزىنى ئاچالماي قالىدۇ. يالماۋۇز ھەر قېتىم سىرتقا چىقسا يەر يۈزىدىكى بارلىق  جانلىقلارنى يوقىتىپ ، جاھاننى قىرىق كېچە - كۈندۈزگىچە  توپا - چاڭ قاپلاپ  تۇرىدىغان، نەچچە ئون يىلغىچە ھاياتلىق قەدەم باسالمايدىغان قىلىۋېتىدۇ.  ئۇنىڭ ئويغىنىپ سىرتقا چىقىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى. سىلەر دەرھال بۇ زېمىندىن كېتىڭلار، مالمانچىلىق ئاياغلىشىپ ، جاھان ئىزىغا چۈشكەندە يەنە كېلەرسىلەر.   دەقيانۇس بوۋايدىن:   _ سىلەر بۇ جايدا قانداق ھايات كەچۈرۈپ كېلىۋاتىسىلەر؟- دەپ سوراپتۇ. بوۋاي:   _ بىزنىڭ ئاتا - بوۋىمىزدىن ئۇدۇم بولۇپ كېلىۋاتقان بىر خىل سېھىرگەرلىك ھۈنىرىمىز بار. شۇنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق يالماۋۇزنىڭ بالايىئاپىتىدىن ساقلىنىپ كېلىۋاتىمىز، - دەپتۇ.   _ ئۇقانداق ھۈنەر؟ بىزگە ئېيتىپ بېرىشنى خالامسىز؟ -  دەپ سوراپتۇ پادىشاھنىڭ ۋەزىرى. بوۋاي:   _ بۇ مەخپىي سىر ئىدى. ئەمما سىلەردەك ئېسىل ئادەملەرگە ئېيتىپ بەرمەي مەخپىي ساقلاپ نېمە قىلارمەن، - دەپتۇ  -دە،ئۆزلىرىنىڭ بىرقانچە ئاق ۋە پارقىراق تېشى بارلىقىنى، ئۇنىڭغا قاراپ ئەپسۇن ئوقۇپ ئاغزىغا سېلىۋالسا، يالماۋۇز ھەرقانچە دەم تارتقن بىلەنمۇ ئۇلارنى سۈمۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ.   دەقيانۇسنىڭ ئانىسى بوۋاينىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، چوڭقۇر خورسىنغان ھالدا شۇنداق دەپتۇ:   _ بىچارە بوۋاي، موماي، ئاتا - بوۋاڭلارنىڭ مىڭ ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە ھايات كەچۈرۈشكە سەۋەبچى بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن تولىمۇ خىجىل بولۇپ ئۆكۈنىۋاتىمەن. بۇ ياۋۇز ئىبلىس ئەسلى مېنىڭ ئاتا - بوۋامنىڭ شەھرىنىڭ شىمالىدىكى تاغدىكى غاردا ياشايتتى. ئۇ ئەجدادلىرىمىزنى خۇددى سىلەرنى بوزەك قىلغاندەك بوزەك قىلغانىكەن. مەن ئەقلىمنى تېپىپ يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى بۇ يالماۋۇزنىڭ ئويغىنىدىغان ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ.  پۈتۈن ئەل ساراسىمگە چۈشۈپ پاتپاراق بولۇپ كېتىشتى. مەن دەرھال ئانامنىڭ ئاق ئېتىغا مىنىپ،  بىر قولۇمغا قىرىق غۇلاچ سالغا، بىر قولۇمغا توققۇز غۇلاچلىق  نەيزىنى ئالدىم - دە، غارنىڭ ئاغزىغا بېرىپ ئۇنىڭ ئويغىنىشىنى كۈتتۈم. ئۇ ئويغىنىشى بىلەن ئۇنىڭغا قارشى ئاتلاندىم. ئۇنىڭ بىلەن قىرىق يىل ئېلىشىپ ئۇنىڭ كۆكسىگە ئەمدى نەيزە سانجاي دېگەندە، يالماۋۇز ئۆكسۈپ يىغلاپ، شىمال تەرەپكە يۆتكىلىپ كېتىپ، ھالال مېھنەت بىلەن تىرىكچىلىك قىلىپ باشقىلارغا زىيان سالماي ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يالۋۇغانىدى. مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ  ئۇنى قويۇپ بەرگەنىدىم. بۇ ئىبلىسنىڭ مېنىڭ چاڭگلىمدىن قۇتۇلۇپ، يەنە كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن  بولىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن، ئۆزۈم بېرىپ ئۇنىڭ ئەدىبىنى بەرمىسەم بولمىغۇدەك.   دەقيانۇس ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ:   _ ئانا، مەن سىزنىڭ تەربىيلەپ چوڭ قىلغان ئوغلىڭىز، سىز ياشىنىپ قالدىڭىز، مەن سىزنىڭ ئورنىڭىزدا بېرىپ، ئۇ يالماۋۇزنى ئۇجۇقتۇرۇپ كېلەي، - دەپتۇ. كۆپ تالاشلاردىن كېيىن دەقيانۇس ئانىسىدىن ئىجازەت ئېلىپ، ئاق ئېتىنى مىنىپتۇ. قولىغا ھىلال ئاي شەكىللىك زۇلپىقارىنى ئېلىپ بوۋاي كۆرسەتكەن  تاغ تەرەپكە يۈرۈپ كېتىپتۇ.   قىزىلتاغقا چىقىپ غارغا قارىغۇدەك بولسا، يالماۋۇز ئۇيقۇدىن  ئەمدى ئويغنىپ كۆزىنى ئۇۋلاۋاتقۇدەك، دەقيانۇس بار ئاۋازى بىلەن توۋلاپتۇ. يالماۋۇز قولىقىغا بىر ئىشىنىپ - بىر ئىشەنمەي  سىرتقا چىقىپ قارىسا، ھەيۋەتلىك بىر ئاتلىق يىگىتنى  قولىغا قېلىچ تۇتقان ھالدا  تۇرغۇدەك.  يالماۋۇز بۇ يەردە ياشىغان مىڭ يىل جەريانىدا ھەرقانداق كۈچلۈك مەخلۇقمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا توغرا تۇرمىغانىكەن.   يالماۋۇز ئۆزىنى راۋۇرۇس ئوڭشاپ بولغاندىن كېيىن چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ سىرتقا ئېتىلىپ چىقىپتۇ. ئىككىسى ئېلىشىپتۇ. شۇ ئېلىشقانچە يەتتە كېچە - كۈندۈز ئېلىشىپتۇ. يىگىت يالماۋۇزنىڭ ئالتە كاللىسىنى چېپىپ تاشلاپتۇ.  يالماۋۇزنىڭ تىللىرى ساڭگىلاپ، بارغانسېرى ئۇزىراپ، ھالسىزلىنىپتۇ. دەقيانۇس پادىشاھنىڭمۇ پۈتۈن بەدەنلىرى چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمۈپ، ھالسىزلىنىشقا باشلاپتۇ. دەل مۇشۇ چاغدا دەقيانۇسنىڭ ئانىسى يېتىپ كەپتۇ. ئۇ ئوغلىنىڭ بەرداشلىق بېرىشىنىڭ قىيىنلىقىنى ھېس قىپتۇ. ئانا دەرھال يالماۋۇزغا يېقىنلاپ كەپتۇ.   يالماۋۇز باشلىرى ئاقارغان، بەللىرى مۈكچەيگەن، ئەمما ئاتتا مەزمۇت ئولتۇرۇپ، قولىدا قىلىچنى ئوينىتىپ كېلىۋاتقان بىر موماينى كۆرۈپ، غەيرىيلىك ھېس قىپتۇ، لېكىن ئۇن تونۇيالماپتۇ.   ئانا سالاپەتلىك قىياپەتتە يالماۋۇزغا قاراپ:   - ياۋاشلارنى بوزەك قىلىشقا ۋە ئوغلۇمدەك باھادىر بىلەن ئېلىشىشقا قانداقمۇ جۈرئەت قىلدىڭ؟ سەن ۋەدىلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشىمامسەن؟  دەرھال قانلىق قولۇڭنى تارت!- دەپتۇ. يالماۋۇز قانداقتۇر بىر تونۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ، سەل ئىككىلىنىپ قالغان بولسىمۇ ، لېكىن مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي ھۆركىرەشكە باشلاپتۇ.   ئانا غەزەپ بىلەن كەلگىنىچە يالماۋۇزنىڭ شىللىسىغا سەكرەپ چىقىپ،  كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ قىلىچىدىن ئۇنىڭ گېلىغا تەڭلەپ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپتۇ. يالماۋۇز بىردىنلا سولىشىپتۇ، قىلغان گۇناھىغا توۋا قىپتۇ ھەم قايتا بۇنداق  شۇملۇق بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ يېلىنىشقا باشلاپتۇ. ئانا ئۇنىڭ بۇنداق گەپلىرىگە زادى قۇلاق سالماي، ئۇنى شۇ مىنۇتتىلا جەھەننەمگە يولغا ساپتۇ.   ئانا، مۇبادا يالماۋۇز يەنە تىرىلىپ قالسا، ئۇنىڭ دەرھال جاجىسىنى بېرىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشىغا ئوغلىدىن ئىجازەت سوراپتۇ. دەقيانۇس دەمالىققا بىر قارارغا كېلەلمەي بىر مەزگىل ئانىسىغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇ يەردىمۇ تۇرۇپ قاپتۇ، كېيىنچە پايتەختكە قايتىپ ئۇ يەردىمۇ تۇرۇپتۇ.   ئايلار، يىللار شۇ تەرىقىدە ئۆتۈۋېرىپتۇ. ئانىنىڭ  چاچلىرى ئاقىرىشقا، بەللىرى مۈكچىيىشكە، چىشلىرى چۈشۈپ،  يۈزلىرىگە قورۇق چۈشۈشكە باشلاپتۇ.  ئۇ ھەم مېھرىبان  ئانىسىغا تەشەككۈر بىلدۈرۈش،  ھەم ئۇنىڭ دۆلەتنىڭ داۋاملىق مۇقىم، باياشات تۇرۇشى ئۈچۈن تۈۋرۈك بولۇپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلىپ، ئۇيان ئويلاپ - بۇيان ئويلاپ بىر تەدبىر ئېيتىپتۇ. ئۇ پايتەختىتىن قىرىق مىڭ قەدەم شىمالىغا بېرىپ ئۇ يەردىن بىر تۈز يەرنى تاللاپ، بىر  شەھەر بىنا قىلدۇرماقچى بوپتۇ. شۇ بويىچە قىرىق مىڭ قەدەم بېسىپ ئۆلچەپتۇ. بۇ دەل ئۈرۈمچىنىڭ ئورنى ئىكەن. بۇ خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە پۈتۈن شەھەرگە يېيىلىپتۇ. قىرىق مىڭ بىناكارلىق ئۇستىسى  بەل باغلاپ شەھەر قۇرۇش ئۈچۈن بارىدىغانلىقىنى مەلۇم قىپتۇ.   دەقيانۇس پادىشاھ قۇرۇلۇشچىلارغا ئۆزى باش بوپتۇ، ئۇلار قىرىق يىل كېچە - كۈندۈز جاپالىق ئىشلەپ  تۆت قوۋۇقلۇق بىر كاتتا شەھەر بىنا قىپتۇ ۋە ئۇ شەھەرنى «ئۈرۈمچى » دەپ ئاتاپتۇ. شەھەر بەكمۇ ئېسىل بولغاچقا، پادىشاھ پۈتۈن مەمىلىكەت خەلقىگە زىيارەت قىلىپ كېتىش ھەققىدە پەرمان جاكارلاپتۇ. پادىشاھنىڭ قول ئاستىدىكى قىرىق شەھەردىكى نەچچە مىڭ ئادەم ئۈرۈمچى شەھرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن تۇشمۇتۇشتىن كېلىشكە باشلاپتۇ.   خەلق ئەلمىساقتىن بېرى مۇنداق كاتتا شەھەرنى كۆرۈپ باقمىغانىكەن. ئۇلار پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئانىسىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بۇ شەھەرنى بىنا قىلدۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ،  شۇ ئۇلۇغ ئانىنى بىر كۆرۈپ تاۋاب قىلىپ قايتىش ئارزۇسىنى پادىشاھقا بىلدۈرۈپتۇ. پادىشاھ شۇنچىۋالا كۆپ ئادەمگە ئانىسىنى قانداق كۆرسىتىپ بولۇش ھەققىدە  بىناكارلىق ئۇستىلىرىدىن مەھلىھەت سورىغانىكەن، نەققاش بەگ، جەنۇبىي قوۋۇقنى ئالاھىدە ياساپ، شەھەرگە كىرگەن - چىققانلار كۆرۈپ بولغۇچە ئانىنىڭ شۇ قوۋۇقنىڭ  ئۈستىدە تۇرۇپ تۇرۇشى ھەققىدە مەسلىھەت  بېرىپتۇ. ئانا بۇ يېڭى شەھەرگە كېلىپ، جەنۇبىي قوۋۇققا چىقىپ، قوۋۇقنىڭ ئىككى ياقتىكى يان ياغىچىغا دەسسەپ جەنۇپقا قاراپ تۇرۇپتۇ. پۈتۈن خەلق ئانىنىڭ ئايىغىغا يېقىلىپ كۆز يېشى قىلىپ تاۋاپ قىلىپ ئۆتۈشۈپتۇ. كىشىلەر شۇ تەرىقىدە ئۈچ ئايدا ئاران ئۆتۈپ بۇپتۇ.  ئانا كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى دەپ، يەرگە چۈشۈپ ئارام ئېلىۋېلىشنى ئويلىماپتۇ. كىشىلەرنىڭ ئانىغا چىن قەلبىدىن تاۋاب قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن دەقيانۇسمۇ ئانىنى ئارام ئېلىۋېلىشقا دەۋەت قىلىپ ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ. توپتوغرا ئۈچ ئاي توشۇپ ئەڭ ئاخىرقى  بىر ئادەم تاۋاب قىلىپ ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن دەقيانۇس ئانىسىنى پەسكە ئالاي دەپ بېلىدىن كۆتۈرسە يەردىن زادىلا ئۈزەلمەپتۇ. سىنچىلاپ قارىغۇدەك بولسا، ئانا ئەۋلىيا قىياپىتىگە كىرىپ تاشقا ئايلىنىپ قالغانىكەن. دەقيانۇس داڭقېتىپ تۇرۇپ قاپتۇ، ئەتراپتىكىلەر دەقيانۇسنى مىڭ تەسلىكتە شەھەرگە قايتۇرۇپ كەپتۇ. ئۇ دۆلەت سوراش ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.

دەقيانوس ھەققىدىكى مەن بىلىدىغان رىۋايەتلەر مۇشۇنچىلىك. بۇ ئىسىم ھەققىدە ئىزاھ بۇلۇشقا كۇپايە قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-15 05:49 PM  


سەن ۋەتەن، مىللەت دىسەڭ، تارىختا نامىڭ قالغۇسى،
بول جەسور، ئالىي نىشان ،كۆلچەك بۇلاققا قانمىغىل!

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1730
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13980
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7873 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2013-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 07:26:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇرۇن دەقيانۇس دەپ  ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى  كىتابىدا كۆرگەن...رىۋايەتلەردا  ئانچى مۇنچە ئۈچرايدۇ...ئەمدە تەپسىلى ئوقۇپ چىقاي  يازغانلىرىڭىزنى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2199
يازما سانى: 1254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14071
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 2812 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2013-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 07:41:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىران پادىشاھلىرىنىڭ بىرسىنىڭ ئىسمى دەقيانۇسقۇ دەيمەن.

بالىنى ياخشى تەربىيلەش تەربىيلىمەسلىك ئاتا-ئانىدىكى سەۋەپ.قىيامەتتە ئاتا-ئانىلار ئاللاھنىڭ سۇئاللىرىدىن قانداقمۇ ئۆتەر

يۈرەك ۋىلىقلاپ كۈلدى

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72523
يازما سانى: 705
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10105
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1210 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2013-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 07:43:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر قىرىندىشىم .دەقيانۇس ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى بىلىۋالدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-15 07:43 PM  


بىز ھەممىمىز قايتقۇچىلارمىز !!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 892
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11366
تۆھپە نۇمۇرى: 1449
توردا: 818 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2013-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 07:45:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە ئەسلى مۇنداقكەندە ،،،،،،،بىلىۋالدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1043
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13170
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5683 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2013-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 08:35:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا زە بەزىلەرنىڭ بەزىدە ،ساڭا غايىپتىن دەقيانۇسنىڭ غەزىنىسى ئۇچىرغانمىتى دەپ ئوخشىتىكەندە.
1-رىۋايەتتىكى ھىلىقى دانىشمەن بۇۋاينىڭ دەقيانۇس ئۇچۇن خوش بۇلۇپ كۇلۇپ كىتىشىنى ،ئۇنىڭ ھەم شۇچاغلاردىكى كىشىلەرنىڭ شۇنچە كەڭ قۇساق باشقىلارنىڭ بەختىگە خۇشاللىقىغا تەڭ خۇشاللىنالايدىغان خاراكتىرىنى ھازىرقى زامانىمىزدىكى باشقىلارنىڭ بەختىگە ئىچى ئاداپ كىتىدىغانلارغا كۆرەلمەسلەرگە سېلىشتۇرۇپ قالدىم.

تۈمەن ئۆركىشى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 1972
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18254
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10282 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2013-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 10:17:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6661
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 35479
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2908 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-15 10:37:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەقەيانۇس توغرىسىدا  ئاڭلىمىغان بىرنەچچە چۆچەكنى بىلىۋالدىم....
خېلى كۆپ ئىزدىنىپسىز،ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر...

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 6829
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 75999
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7651 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2013-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 06:52:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي توۋا....رىۋايەتلەردە يىل، ئاي ،كۈنلەرنىڭ ئېتىۋارى يوقمىدۇ؟ ياكى راسمىدۇ؟-كۈنلەرنىڭ پەقەت بەرىكىتى يوقمىكىنە شۇ ۋاقىتلاردا. 40 مىڭ يىل، 40 يىل، نەچچە مىڭ كېچە-كۈندۈز، دىگەندەك گەپلەر يەنە مىڭ يىللارچە ياشىغانلىق ... رىۋايەتلەرنى توقۇلما دەيمىز. لېكىن  يەنە ئۆزىمىزنى ئىشەندۈرۈشنى ئۈمۈت قىلىمىز. بۇرۇنلاردا ھەقىقەتەنمۇ ئەشۇنداق يالماۋۇزلار ، بىر كۆزلۈك ئادەملەر ئۆتكەن بولغىيمىدى؟ ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى راسلا شۇنداق ئۇزۇن بولغىيمىدى ؟ ئىنشائاللا ،بەزى ئىشلارنى بىلىپ ، چۈشۈنەلىگۈدەك ئىدراك ئاتا قىلغايلا. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zulayha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-16 06:53 AM  


her sey guzel olacak...!

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 2048
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27959
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 7868 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-16 11:37:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەدىمىڭىزگە مەرھابا دەقيانوس، كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولۇپ كىتىپتۇ، ئىسمىڭىزنىڭ مەنىسىگە بۇرۇنلا قىزىقاتتىم،بۈگۈن تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم،جىسمىڭىز ئىسمىڭىزغا لايىق بولۇپ كەتكەي ئىلاھىم(كۈلۈمسىرىگەن چىراي ئىپادىسى)

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش