نەدە ؟....
(ئايچىن ) بۇلبۇل ئۇ گۈلىستان باغلار كۈيچىسى، شۇ گۈلنىڭ ۋەسلىچۈن ياڭرار ناخشىسى، ساپ ھەم چىن بولغاچ گۈللەر ئەندازى، بولمىسا سايراشقا بۇلبۇلى نەدە...؟
كەمچەنلەپ قويولدى باھا بەزىدە ، تارازا پەللىسىدە بارمۇ پەزىلەت، بەزىبىر نادانلار قەدىمى مەغرور، ھەقىقىي ئىنساننىڭ قىممىتى نەدە...؟
ھاراقكەش ھاراقنى زەمزەم دەپ بىلدى، بىر يۈتۈم بىلەن ئۇ پەسكەشكە ئايلاندى، شۇ سەۋەپ ئايال ھەم پەرزەنت سارغايدى، ئەركەكلىك ، ئاتىلىق غورۇرى نەدە....؟
ياسانچۇق ئانىنىڭ غېمى بەك تولا، چاي ھەم توي تىزىمىدە يۇرەر ئالدىراپ، نە ئۇنىڭ خىيالىدا ئەر ھەم پەرزەنتى، ئايال ھەم ئانىلىق ۋىجدانى نەدە..؟
سايىلىق باغلاردا خۇشال يايرىدۇق، شەربەتلىك مىۋىدىن دىللار سۆيۈندى، لېكىن ئەشۇ باغۋەننى ئەسلەپ قويمىدۇق، بىزدىكى قەدىرلەش تۇيغۇسى نەدە...؟
ئۆم ياشايلى ، ئىناقلىق ھايات جۇلاسى، مۆجىزە ياراتقانمۇ ھەم كۆپنىڭ قۇدرىتى، يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى بولسىمۇ يوقتۇر ھىچ داڭقى، بولمىسائۇيۇشچانلىق قىممىتى نەدە....؟
مەنبە: ئايچىن يازمىلىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-15 04:38 PM
|