|
|
|
|
تۆمۈريول تەپتىش مەھكىمىسى يەرلىككە ئۆتكۈزۈپ بىرىلدى مۇخبىرنىڭ تەييۈەن شەھەرلىك سىياسىي – قانۇن كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە ، شەنشى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ، شەنشى ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسى 12 – يانۋار تەييۈەن تۆمۈريول ئىدارىسى بىلەن تەييۈەن تۆمۈريول تەپتىش مەھكىمىسىنى يەرلىككە ئۆتكۈزۈپ بىرىش كىلىشىمى ئىمزالىدى . بۇ دۆلىتىمىزدىكى يەرلىككە ئۆتكۈزۈپ بىرىلگەن تۇنجى تۆمۈريول تەپتىش مەھكىمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ھەيئىتى ، سىياسىي – قانۇن شۇجىسى ، ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى ۋاڭ جيەنمىڭنىڭ ئىيتىشىچە ، تەييۈەن تەپتىش ئورگىنى مەملىكەت بويىچە باشلامچى بولۇپ يەرلىكلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ ، تۆمۈريول تەپتىش ئورگانلىرىنى دۆلەتنىڭ ئەدلىيە سىستىمىسىغا كىرگۈزگەن . دۆلىتىمىز 2004 – يىلىدىن باشلاپ تۆمۈريول تەپتىش مەھكىمىلىرى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى باشلىغان بولۇپ ، ئىسلاھاتنىڭ مەقسىتىنى تۆمۈريول تەپتىش ئورگانلىرىنى دۆلەتنىڭ ئەدلىيە باشقۇرۇش سېستىمىسىغا كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت بولغان . 2010 – يىلى ئىچىلغان مەملىكەتلىك تۆمۈريول تەپتىش مەھكىمىلىرى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ ، بۇ يىل تەييۈەن تۆمۈريول تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئوموميۈزلۈك ئۆتكۈزۈپ بىرىلىشىگە ئەگىشىپ ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تۆمۈريول تەپتىش مەھكىمىلىرىنى يەرلىككە ئۆتكۈزۈپ بىرىش خىزمىتى يېقىندا ئىشلىنىپ تاماملىنىدىكەن . تور مەنزىلى : قانۇن بلوگى http://www.kanunblog.com/
|
|
|
|
|
|