جاڭگالدىن ئوتۇن ئېلىپ چىقىش
بۇبىر تارىخ دادامنىڭ مەندەك چېغى ،
ئېرىق ئۆستەڭ توپىلارنىڭ پاك بىرچېغى .
بۇردا ناننى ئېتىپ قويۇپ ئېرىق بېشقا ،
ئاخىرىدا دۇم يېتىپ سۇ ئىچكەن چېغى .
بۇچاغلاردا ئادەم لەرمۇ ئاز ئىمىشكەن ،
تىجارەتنىڭ كۆپ يولىمۇ يوق ئىمىشكەن .
ئاخشاملىرى شەھەرنى بىر كىسىپ ئۆتسەڭ ،
كۆپ ئۇچرىسا ئىككى ئادەم ئۇچرارمىشكەن .
شۇزاماندا ئاتامنىڭ ياش جۇشقۇن چېغى ،
خىلۋەت ئىسسىق بىر يېزىدا ئۆتكەن چېغى .
شۇماكاندا باشتىن ئۆتكەن كەچمىشلەرنى ،
سۆزلەيتتى گاھ ئىلھام كەلگەن ھەر ئاخشىمى .
شۇزاماندا ئەڭ چوڭ ئۇلاق ئىشەك ئىكەن ،
بۇماكانغا يىراق جاڭگال رىسىق ئىكەن .
قىران ياشلار ھەمدەم بولۇپ ئون بەش كۈندە ،
شۇجاڭگالدىن ئۇتۇن كىسىپ ساتقان ئىكەن .
بۇسەپەرمۇ خەتەرلەردىن خالى ئەمەس ،
خېيىپ خەتەر بىربىرىدىن خېلىلا تەس .
ئەقلىڭ بىلەن ھۇشيار بۇلۇپ ساق تۇرمىساڭ ،
ھاياتىڭدىن ئۈمۈت كۈتمە بولدى قىل بەس .
ئەڭ يامان ساي بەشتوغراقنىڭ سېيى ئىكەن ،
بۇسايدىن ئۈچ تۈتكۈنلەردە چىقماق ئىكەن .
تىچ ئامانلىق بەرسە خۇدا بۇ تۆتكۈندە ،
مەنزىلىڭ شۇ خېدىشخاننىڭ دېڭى ئىكەن.
بۇخېدىشخان ياشانغان بىر موماي ئىكەن ،
شۇ جاڭگالدا جىندەك يالغۇز ياشار ئىكەن .
ھەرتەرەپتىن كەلگەن كارۋان ئات ئۇلاقلار ،
ئىسسىق ئاشنى مۇشۇ دەڭدە ئوتلار ئىكەن .
بۇدەڭدە بىر سىرلىق بۇلاق بولارمىشكەن ،
توغراق نىڭ بىر شېخىدىن سۇ چۈشەرمىشكەن .
قاپاقلارغا سۇنى لىقلاپ كۈمەچ سېلىپ ،
ئەتىسىلا يەنە سەپەر قىلارمىشكەن .
بۇتېخى بىر باشلىنىشمىش يەنە يول بار ،
بۇيوللاردا يىرىتقۇچ لارنىڭ چىش ئىزى بار .
پىچاق شەمشەر قوراللارغا تايانمىساڭ ،
نۆۋىتىدە ھەربۆرىنىڭ توپلىرى بار .
يۈرەك پوك -پوك بۇچېغىر دىن ئاران چىقساڭ ،
مىسا داۋان ساڭا كەڭرى قۇچاق ئاچقان .
بۇداۋاندىن چىقارغۇچە ئات ئىشەكلەر .
بىر تۇمۇردا جېنى ئاران - ئاران قالغان ،
،
بۇداۋاندىن ئاشتۇق دەيلى سۇ ئۇزۇق يوق ،
مەنزىلىمىز ئەڭ ئاخىرقى سېسىق قۇدۇق .
بۇقۇدۇققا ئامان ئىسەن يىتىۋالساق ،
ئوتۇن كىسىش مۇرادىغا يىتىۋالدۇق .
ئىشەكلەرمۇ ئۇسسۇزلۇقتىن ئاران ماڭار ،
شۇقۇدۇقنىڭ بارلىقىنى بىلگەچ ماڭار .
مىڭ بىرتەستە يېتىپ كىلىپ بۇقۇدۇققا ،
بىزدىن بۇرۇن ئۆزىنى ئاتار بۇجانىۋار ،
تىزەك قۇرۇت لەيلەپ تۇرار بۇزەمزەمدە ،
ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بۇ ساپ كەۋسەردە .
گۈپۈلدىتىپ قېنىپ ئىچىپ يايراپ بۇجان ،
ماڭاركەنمىش ئەڭ ئاخىرقى شۇسەپەرگە .
.............................................
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يېزىلىدۇ !
ئاپتورى : ئۆزۈم !!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-15 05:27 AM