爱情杀手 يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 04:56 PM 
مەن دىمەكچى بۇ يەردە سىز زادى ئامرىكا ئېراننى مەغلۇپ ...
1979-يىلى 20-نويابىر كۈنى :200گە يېقىن شىئە قوراللىق ئۇنسۇر ھەرەم مەسچىتىنى ئىگەللىۋالدى.بۇ ۋەقەدە تەخمىنەن 600كىشى يارىلانغان.
1987-يىلى 31-ئىيۇل كۈنى :ئىرانلىق ھاجىلار قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ ،400دىن ئوشۇق كىشىنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. (مەسجىدى ھەرەمدە قانلىق ئېتىشش بولدى)
1989-يىلى 9-ئىيۇل كۈنى مەسجىدى ھەرەمدە:ئككى بومبا پارتلاپ ،بىر كىشى ئۆلدى،16كىشى يارىلاندى.سەئۇدى ھۆكۈمىتى 16 شىئە مۇسۇلمانلارغا ئۆلۈم جازاسى بەردى،بۇ ۋەقە ئىرانلىق تىرورىستلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان دەپ قارالدى
مانا بۇلار شىئەلەر
14 . ھۇمەينى تەسەۋۋۇپ باسقۇچىنى تۆتكە بۆلۈپ مۇنداق دىگەن:
بىرىنچى باسقۇچ فەنا مەقامىدا تاماملىنىدۇ. بۇنىڭدا: سىر، خەفى، ئەخفا... لار بار. بۇ چاغدا ئاشقۇنلۇق سادىر بولىدۇ،(باشقىلار ئۇ ھالەتنى) كۇپرىگە ھۈكۈم قىلىشىدۇ. ئەگەر شۇ چاغدا ئىلاھىي ئىنايەت تېپىلسا... رۇبۇبىيەت زاھىر بولغاندىن كىيىن بەندىچىلىك قارار تاپىدۇ.( ھۇمەينى: مىسباھۇلھىدايە 148 - بەت )
ئىككىنچى باسقۇچ ۋىلايەت تاماملانغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ . بۇ جەرياندا ئىنسان ئۆزىنى، سۈپەتلىرىنى، پائالىيەتلىرىنى ئاللاھنىڭ زاتى، سۈپەتلىرى، ئەفئالىغا نەفى(يوق) قىلىدۇ. بۇنىڭدا مەقامى ئەخفادىكى فەنادىن فەنالىق ھاسىل بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ۋىلايەت دائىرىسى تامامنىلىدۇ.( ھۇمەينى: مىسباھۇلھىدايە 148- 149 - بەتلەر)
ئۈچىنچى باسقۇچتا تولۇق ئاڭ ھاسىل بولىدۇ. ئاللاھ ئېلىپ قالغاچقا قېلىپ قالىدۇ. ئۇ جەبەرۇت، مەلەكۇت، ناسۇت ئالەملىرىنى كېزىدۇ. ئۇنىڭغا بەلگىلەنمىگەن بىر نەبۇۋۋەت(پەيغەمبەرلىىك)تىن نەسىۋە تىگىدۇ. بۇ چاغدا ئۈچىنچى باسقۇچ تاماملىنىدۇ ۋە تۆتىنچى باسقۇچقا قەدەم باسىدۇ.( ھۇمەينى: مىسباھۇلھىدايە 149 - بەتلەر)
تۆتىنچى باسقۇچقتا بەلگىلەنگەن پەيغەمبەر بولىدۇ.( ھۇمەينى: مىسباھۇلھىدايە 149 - بەتلەر)
دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى ھۇمەينىنى: كاززاب، دىدى.
دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى ھۇمەينىنىڭ: << بارلىق پەيغەمبەرلەرمۇ ئادالەت ئاساسىنى تۇرغۇزۇشقاكۈچەپ باقتى، بىراق ئۇلار غەلىبە قىلالمىدى. ھەتتە ئىنسانىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن كەلگەن، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى بولغان مۇھەممەدمۇ ئۇ(ئادالەتنى) تۇرغۇزالماي مەغلۇب بولدى. ئەمدى ئۇ ئادالەتنى بىز كۈتىۋاتقان مەھدىيلا بەرپا قىلالايدۇ >> ، دىگەن سۆزىگە قارىتا ھىجرىيە 1400 - يىلى رامىزاننىڭ 9 - كۈنى چىققان دۇنيا ئىسلام خەۋەرلىرى گىزىتىدە بۇ ھەقتە مەخسۇس توختۇلۇپ: شەئباننىڭ 15 - كۈنىدىكى مەھدىي مەۋلۇد كۇنىدە قىلغان سۈزى ئىسلام ئەقىدىسىگە، ئىسلام ئاساسىغا شۇنداقلا قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسكە ۋە بارلىق ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئىجمائىغا قارشى.
دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى يەنە: بۇ كاززاپلىق، پۈتۈنلەي ئويدۇرما، دىدى ۋە قۇرئان، ھەدىس، ئىجمائى ئۇممەت شۇ ھۈكۈمدىكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئىسلاھاتچىسى، قۇرئان ۋە ھەدىستە : <<بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم، >> رەسۇلۇللاھ: سىلەرگە كىچىنىمۇ كۈندۈزدەك يۇرىتىدىغان نۇرلۇق يولنى قالدۇردۇم. ئۇنىڭدىن تېيىپ كەتكۈچى ھالاك بولىدۇ.( ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ ھەدىس)
دىيىلگەندەك پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئەڭ تولۇق ئادا قىلغان پەيغەمبەرگە تېھران بۇنداق ھۆرمەتسىزلىكنى قىلماسلىقى كىرەك ئىدى،دىدى.
دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى مۇسۇلمانلارنىڭ ھۇمەينىڭ يۇپۇرۇلۇپ كەلگەن بۇ (ئىسلامغا زىت) پىتنىسىدىن يىراق تۇرىشىنى، توغرا يولدا مېڭىشىنى ئاللاھتىن تىلىەەن ھالدا سۈزىنى تۈگەتتى.
بۈيۈك ئالى ئاللاھتىن باشقا يۈلەنچۈكىمىز، تايانچىمىز يوق