|
|
|
|
شىنجاڭ مىڭ ئۆي خەلقئارا مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 2011- يىلى 12- ئاينىڭ 17- ۋە 25- كۈنلىرى ئۈرۈمچى خانساراي كىنوخانىسى زالىدا "ناۋا' سەنئەت كېچىلىكىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن جامائەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن شىنجاڭدىكى تالانتلىق ياش سەنئەتكارلارنىڭ ماھارىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن 2012- يىلى 1- ئاينىڭ 21- كۈنى 3- قېتىملىق "ناۋا" سەنئەت كېچىلىكىنى خانساراي كىنوخانىسى زالىدا ئۆتكۈزمەكچى. سەنئەت كېچىلىكىگە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايىدىن كەلگەن، يېڭىدىن ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ياش سەنئەتكارلار قاتنىشىپ، ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرماقچى. سەنئەت كېچىلىكىدە ئەڭ يېڭى نومۇرلاردىن ناخشا، ئۇسسۇل، ئېتوت قاتارلىق ئۇنۋېرسال يېڭى سەنئەت نومۇرلىرى بار. بۇ قېتىمقى نومۇرلار ياشلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كۆپىنچىسى ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ئەڭ يېڭى نومۇرلار. مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا. كۆرمەي ئارماندا قالماڭ! ھەر بىر مەيداندا ئۆزگىچە يېڭى نومۇرلار ياشلارنىڭ كۆرۈشىگە سازاۋەر بولىدۇ. شىنجاڭ مىڭ ئۆي خەلقئارا مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى "ناۋا" سەنئەت كېچىلىكىنى داۋاملىق ئۇيۇشتۇرماقچى. قاتنىشىشنى خالىغان ياش سەنئەتكارلار "ناۋا" سەنئەت كېچىلكىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئەسەرلىرىڭىزنى تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ!
تېلىفۇن؛ 13669994695 13899859793
بېلەت سېتىش ئورنى: ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازار، دولان ئۈن - سىن مەركىزى. (بېلەت سانى چەكلىك. تىزدىن سېتىۋىلىڭ)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kuktulpar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-14 10:25 PM
|
|
|
|
|
|