موللا مۇسا سايرامى بىلەن بىلال نازىمى
بىز«جۇڭگو تارىخى»دەرسىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە19 -ئەسىردە چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارىشى«تەيپىڭ تىيەنگو»ئىنقىلابىنىڭ بولغانلىقىنى ئوقۇغان ئىدۇق.مانا مۇشۇ دەۋىردە دىيارمىزدا تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى خوتەن،يەكەن،كۇچار،قەشقەر، ئاقسۇ،ئۈچتۇرپان،تۇرپان،ئۆرۈمچى ۋە ئېلى ... قاتارلىق جايلاردىمۇ ئارقى-ئارقىدىن خەلق قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلۈپ،مانجۇلارنىڭ ئىستىبىدات ھۆكۈمرانلىقى تەل-تۈكۈس ئاغدۇرۇپ تاشلانغان....قوزغىلاڭ جەريانىدا سادىر پالۋانغا ئوخشاش مىڭلىغان باتۇر ئەزىمەتلەر ۋە نىياز ھېكىمبەگدەك قىسمەن مىللىي مۇناپىقلار بارلىققا كەلگەن.شۇنداقلا يەنە بىر قىسىم ۋەتەنپەرۋەر،خەلقپەرۋەر ئەدىپلەر بارلىققا كەلگەن.
موللا مۇسا سايرامى بىلەن موللا بىلال نازىمى بىرى،تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدا،يەنە بىرى،تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدا ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان زامانداش يىتىۈك ئەدىب،ئازادلىق ۋە ھۆرلۈكنىڭ كۆيچىلىرىدور.
تېما جەھەتتىن ھەر ئىككىلا ئەدىب خەلقنىڭ ئازادلىق،ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتەك قەھىرمانلىق تارىخىنى مەدھىيلەش،دۈشمەنلەرنىڭ ياۋۇزلىقى،رەزىللىكى،ساتقىن-مۇناپىقلارنىڭ نومۇسىزلىقىغا نەپرەتلىنىش،نارازى بولۇش،پاش قىلىش ۋە قامچىلاشنى ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسلىق ئەكس ئەتتۈرۈش ئوبىيكتى قىلغان.
موللا مۇسا سايرامى ئاساسلىقى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدا خوتەن،يەكەن،كۇچار،
قەشقەر،ئاقسۇ،ئۈچتۇرپان،تۇرپان،ئۆرۈمچى…قاتارلىق جايلاردا پارتىلغان خەلق
قوزغىلىڭنىڭ باشلىنىشى،جەريانى،ئاقىۋىتى،ياقۇپبەگنىڭ يەتتە شەھەر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى،ھۆكۈمدارلىق يولى،يىمىرىلىشى…قاتارلىق ئەينەن تارخىي ۋەقەلەرنى‹‹تارىخىي ھەمىدى››ۋە‹‹تارىخي ئەمىنىيە››دېگەن نەسىرى داستانلىرىدا ئەكس ئەتتۈرۈپ،بىزگە يەتكۈزۈپ بەرگەن .
موللا بىلال نازىمى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدا-ئىلى رايۇنىدا يۈز بەرگەن خەلق قوزغىلىڭىنىڭ باشلىنىشى،جەريانى،ئاقىۋىتى،ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىمىرلىشى…قاتارلىق ئەينەن تارخىي ۋەقەلەرنى،ئوخششاش بولمىغان ئىككى دەۋىرنىڭ يىتۈك قەھىرمانلىرى بولغان نوزۇگۇم ۋە سادىر پالۋاننىڭ كۈرەشچان ھاياتىنى،قەھىرمانلىق روھىنى ‹‹غازات دەرمۈلكى چىن››،‹‹چاڭ موزا يۈسۈپخان››،‹‹نوزۇگۇم››قاتارلىق شىئېرىي داستانلىرىدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بىزگە يەتكۈزۈپ بەرگەن.
شۇنداق،بۇ ئىككى ئەدىب ئوخشاش بىر زاماندا،ئوخشاش بولمىغان ئىككى ماكاندا ياشىغان(ھەم ئۆزئارا تونۇشمىغان)بولسىمۇ ئوخشاش بىر تېمىنى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ بەرگەن ۋەتەنپەرۋەر،خەلقپەرۋەرلىرمىز،شۇنداقلا،ئەركىنلىك،ئازادلىق ۋە ھۆرلۈكنىڭ كۆيچىلىرى!
ئۇلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ قەلىمى ئارلىق تىرىلگەن قەھىرمان ئەجدادلىرمىزنىڭ ئۇلۇغۋار سىماسى ۋە تىز پۈكمەس روھى بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات!