ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئەزىز قېرىنداشلار،كەمىنە يۇلتۇز710 دىن سىلەرگە سالام مەن بۇ مۇنبەرگە يېڭى ،بۈگۈن ژورناللارنى ئارىلاۋېتىپ،بۇ مەزمۇننى كۆرۈپ قالدىم ،شۇنىڭ بىلەن تورداشلارنىڭ سىناپ بېقىشى ئۈچۈن سۇندۇم،بەلكىم نۇرغۇن تورداشلار كۆرۈپلا ئاۋارىچىلىق ھىس قىلىشى مۇمكىن ،بىراق تەن سالامەتلىكىمىز ئۈچۈن،ھەممەيلەننىڭ سىناپ بېقىشىنى تەۋىسيە قىلىمەن،بەلكىم تامامەن توغرا چىقماسلىقى مۇمكىن،لېكىن ئاخىرغىچە ئوقۇپ ،سىناپ باقارسىلەر!
تېنىڭىزنىڭ قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى بىلەمسىز؟
ئەنگىلىيە <<پوچتا گېزىتى >>تەننىڭ نەچچە ياشقا كىرگەنلىكىنى ئۆلچەشنىڭ سەككىز خىل ئۇسۇلىنى يىغىنچاقلاپ چىققان.
چوڭ مىڭە:يەتتىنى بىرلىك قىلىپ،100دىن باشلاپ كەينىگە ياندۇرۇپ ساناڭ(100دىن 7نى ئېلىش،مۇشۇ ئۇسسۇل بۇيىچە داۋاملاشتۇرۇڭ)40 ياشتىن تۆۋەن كىشىلەرنىڭ ساناش ۋاختى 20 سېكىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.40ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان كىشىلەرنىڭ 40سىكونىتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.ئەگەر ،بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن ساناپ بولسىڭىز ،ئۇنداقتا يېشىڭىزدىن 2ياشنى ئېلىۋېتىڭ؛ئەگەر ،بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتكەن بولسىڭىز ،ئۇنداقتا يېشىڭىزغا 2ياش قۇشۇڭ.
تېرە:ئالقىنىڭىزنى ئۈستەلگە قۇيۇپ،ئالقىنىڭىزنىڭ دۈمبىسىنى چىمداپ،بىر مىنۇت تۇرۇپ،ئاندىن قۇيۇپ بېرىڭھەم تېرىڭىزنىڭ قانچىلىك ۋاقىتتا نورمال رەڭگىگە قايتىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ.ئەگەر تىرىڭىزنىڭ ئەسلى رەڭگىگە قاتىپ كىلىش ۋاقتى بىر سىكىنۇتقىمۇ يەتمىسە،ئۇنداقتا يېشىڭىزدىن ئۈچ ياشنى ئېلىۋېتىڭ؛بىر سىكۇنىتتىن ئىككى سىكۇنىتقىچە بولسا يېشىڭىزدىن ئالماڭ ھەم قوشماڭ؛ئۈچ سىكۇنىتتىن تۆت سىكۇنىتقىچە بولسا،يېشىڭىزغا بىر ياش قۇشۇڭ؛ بەش سىكۇنىتتىن 10 سىكۇنىتقىچە بولسا،يېشىڭىزغا ئىككى ياش قۇشۇڭ،1؛سىكۇنىتتىن 30 سىكۇنىتقىچە بولسا،يېشىڭىزغائۈچ ياش قۇشۇڭ.
مۇسكۇل:بىر پۇتىڭىز بىلەن ئۆرە تۇرۇپ،يەنە بىر پۇتىڭىز نى ساغرىڭىزغا قارىتىپ ئېگىپ،كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تۇرغاندا ،قانچىلىك ۋاقىتتا تەڭپۇڭلىقىڭىزنى يۇقىتىدىغانلىقىڭىزنى سىناپ بېقىڭ.ئەگەر بىر مىنۇت بەرداشلىق بېرەلىسىڭىز ،يېشىڭىزدىن تۆت ياش ئېلىۋېتىڭ؛30 سىكۇنىت بەرداشلىق بېرەلىسىڭىز ،يېشىڭىزدىن ئىككى ياش ئېلىۋېتىڭ؛پەقەت بىر نەچچە سىكۇنىتلا بەرداشلىق بىرەلىسىڭىز ،يېشىڭىزغا ئۈچ ياش قۇشۇڭ.
كۆز: سىزغۇچنىڭ بىر ئۇچچىنى كۆزىڭىزنىڭ ئاستىدىكى مەڭىز سۆڭىكىگە تەككۈزۈپ،بىر پارچە گېزىتنى ئېلىپ ،ئاستا-ئاستا سىزغۇچنى بويلاپ كۆزىڭىزنى يىراقلاشتۇرۇڭ.گېزىتتىكى خەتلەر سۇسلىغاندا،يېنىڭىزدىكى كىشىگە سىزغۇچتىكى رەقەمنى ئوقۇتۇپ بېقىڭ،ئەگەر ئارلىق 15 سانتېمىتىردىن ئاز بولسا،يېشىڭىزغا قوشماڭ ھەم ئالماڭ؛16 سانتېمېتىردىن 30 سانتېمېتىرغىچە بولسا، يېشىڭىزغا بىر ياش قۇشۇڭ؛31سانتېمېتىردىن 60 سانتېمېتىرغىچە بولسا، يېشىڭىزغا ئىككى ياش قۇشۇڭ؛61سانتېمېتىردىن 90 سانتېمېتىرغىچە بولسا، يېشىڭىزغا ئۈچ ياش قۇشۇڭ؛90سانتېمېتىردىن ئېشىپ كەتسە،يېشىڭىزغا تۆت ياش قۇشۇڭ.
ئاڭلاش ئىقتىدارى:رادىئو پىروگىراممىسىنىڭ دائىم سىز ئاڭلايدىغان پىروگىراممىسىنى تاللاپ،رادىئونىڭ ئاۋازىنى ئادەتتە ئاڭلايدىغان ئاۋازنىڭ 4تىن بىرىچىلىك تەڭشەڭ،ئىنىق ئاڭلىيالمىسىڭىز ،يېشىڭىزغا بەش ياش قۇشۇڭ؛پەقەت مۇزىكا بىلەن قىسمەن سۆزلىرىنىلا ئاڭلىيالىسىڭىز،يېشىڭىزغا ئۈچ ياش قۇشۇڭ؛مەزمۇنىنى ئاساسى جەھەتتىن چۈشەنسىڭىز ،بىر ياش قۇشۇڭ؛ھېچقانداق تۇسالغۇسىز ئاڭلىسىڭىز،يېشىڭىزدىن ئىككى ياش ئېلىۋېتىڭ.
چىش:چىش مىلىكىڭىز قانىسا ،يېشىڭىزغا تۆت ياش قۇشۇڭ؛ئاغزىڭىز پۇرىسا بىر ياش قۇشۇڭ.
يۈرەك:ساغرا ئايلانمىڭىز بىلەن بەل ئايلانمىڭىزنى ئۆلچەپ،ئاندىن ساغرا ئايلانمىڭىز بىلەن بەل ئايلانمىڭىزنىڭ نىسپىتىنى ھىساپلاپ چىقىڭ.بۇ نىسپەت قىممەت 0.7دىن كىچىك بولسا،يېشىڭىزدىن بىرنى ئېلىڭ؛0.85تىن 1گىچە بولسا،يېشىڭىزغا ئۈچ ياش قۇشۇڭ؛1دىن ئېشىپ كەتسە،يېشىڭىزغا بەش ياش قۇشۇڭ.
بۇ سەككىز خىل ئۇسۇلدا كىلىپ چىققان ياش ئەمەلىي يېشىڭىزدىن كىچىك بولسا ،بۇ تىنىڭىزنىڭ ناھايىتى ساغلاملىقىنى كۆرسىتىدۇ.
مەنبە:ساغلاملىق ۋاختى گېزىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-14 11:51 PM