كەچكۈزنىڭ يامغۇرلۇق سالقىن ئاخشىمى،
ئۇيقۇنىڭ باغرىغا چۆكتۈم مىڭ تەستە.
ئويغۇنۇپ چۈشۈمنى ئالغاندا ئەسكە،
دوسلارغا يادىكار بولدى گۈلدەستە.
كۆڭۈللۈك توي -مەشرەپ قىلماقتا داۋام،
گۈللەرگە پۇركەنگەن ئالمىزار باغدا.
ئەۋجگە چىققاندا كۈلكە -چاقچاقلار،
مىسرانىمدىن بۇيرۇق كەلدى بىر چاغدا.
پەرمان قىپتۇ :زامانى ،ئەركىزات،
مارشال ،سەزگۈرى ،نۇرزات،پالۋان.
بولسۇن دەرھال مەشرەپتە ھازىر،
قېنى رافىت،ئاشكار،شىرخان.
توققۇز قىزنىڭ گۈلى -مۇسلىنە،
فاتىمە،ئەتتىرگۈل،مەلىكە،تۇركىناز.
بارمۇ سىلەر غۇنچە ،سۈبىخان،
فىرۇزە،شاتئاي،نازىنە،شەرمىناز.
بىز تەييار دېگىنچە قىز-يىگىتلەر،
بىلىنى چىڭ باغلاپ چۇشتى مەيدانغا.
زۇلەيخا،ھىكمەت ،چىچەكقىز ،نۇرزات،
جۈپ-جۈپى بىلەن كەلدى جەۋلانغا.
بىر چاغدا دەرتمەن، ئۆز تۇرۈك ،كەچمىش،
شاقۇرنى يىتىلەپ كەلدى ئارىغا.
يامغۇردەك ياش تۆكۇپ بىچارە شائىر ،
بىر غەزەل ئوقىدى ئاتاپ يارىغا.
ئارقىدىن ،ئاپتاپ،چوڭقۇرچاق،ئايچىن،
ئەپ كەلگەن سوۋغاتنى قىلىشتى ئىزھار.
،نىم جاپا ،نازىگۈل،كارۋان ،ئارسىلان،
ئوقۇغان شېئىردىن كۆكلىدى باھار...
نۆل،ئىسيانكار،ئىدىرىس،شاھمەردان،
لەتىپە ،يۇمۇردىن قويىۋەتتى ئوت.
ئوغۇز،ئىپار ،ساباھەت،كۇرەشچان،
تاس قاپتۇ كۇلكىدىن بولغىلى بىخۇد..
يىشۇ ،سادىق،زەپەر ،ئاق يۇپۇرماق،
مۇستافا ئايشەنى تارتتى ئۇسسۇلغا.
ئەپەندىم،پاۋىل ،مىليۇنىر شۇ ھامان،
ساماغا چۇشتى پىقىراپ ئوڭ-سولغا.
لەيلى،رىزۋانگۈل،نۇرىيە ،ئەسمەتخان،
مۇقامدىن ئارىيە ئوقۇغان چاغدا.
نىچۈنكى يۈرەكلەر جىم بولدى بىر پەس،
قۇشلارمۇ سايراشتىن توختىدى باغدا.
كۆڭۇللەر قېتىغا ئۆچمەس ئوت سىلىپ،
كۆكتە ئاي تۇققاندا توختىدى مەشرەپ.
يادىكار بولسۇن دەپ قەدىردانلار،
گۈلدەستە راسلىدىم،سىغىنىپ ،ئەسلەپ...!
مەنبە:مەن
ئىسمى چىقمىغان دوسلىرىمنىڭ رەنجىمەسلىكىنى ئۇمۇد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-14 06:20 PM