|
|
|
|
ياپونىيە كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىمى < >
بۇ فىلىم 1997-يىلى8-ئاينىڭ4-كۈنىدىن باشلاپ ھازىرغىچە قويۇلىۋاتىدۇ.ھازىر جەمئىي 530قىسىم قويۇلدى.پەرەزلەرگە ئاساسلانغاندا ئەمدى يېرىم بوپتۇمىش.بۇ گەپلەرنى قويۇپ سىلەرگە فىلىم مەزمۇنىنى بىر چۈشەندۈرۈپ قوياي.
بۇ بىزنىڭ دۇنيارىمىزغا ئوخشىمايدىغان بىر فانتازىيىلىك دۇنيا بولۇپ،ئاساسەن دېڭىز ۋە نۇرغۇن ئاراللاردىن تەركىپ تاپقان .پۈتۈن دۇنيانى <<دۇنيا ھۆكىمىتى>>سورايدۇ.ئۇلارنىڭ پەقەت دېڭىز ئارمىيىسىلا بار.ئۇلار جاھان سوراپ يۈرگەن بىر كۈنلەردە شەرقى دېڭىزدىن چىققان بىر دېڭىز قاراقچىسى پۈتكۈل جاھاننى ئايلىنىپ چىقىدۇ.يولدا نۇرغۇن ئىشەنچىلىك ھەمراھلارنى يېنىغا توپلايدۇ.ھەتتاكى دۇنيا ھۆكىمىتىمۇ،ئۇنىڭغا ئامال قىلالمايدۇ.ئاخىرىدا ئۇ نام،كۈچ،مال-دۇنيانىڭ ھەممىسىگە ئېرىشىپ <<دېڭىز قاراقچىسى شاھى>>دىگەن نام بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ.شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ تايىنى يوق بىر سەۋەپ بىلەن تۇتۇلۇپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ.ئۇنىڭ ئۆلىمىگە نۇرغۇن ئادەم توپلىشىدۇ.ئۇ كاللا كىسىش سۇپىسىسغا چىققاندا پەستىكى كىشىلەرگە قاراپ:<<مىنىڭ بايلىقىمغا ئېرىشكۈڭلار بارمۇ؟مەن ھەممە نەرسىنى <> قا قويۇپ قويدۇم>>دەپ توۋلايدۇ.شۇنىڭ بىلەن دېڭىز قاراقچىلىرى ھەسسىلەپ كۆپىيىپ ،ئۆزىنى ئەركەك چاغلايدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئىزدەشكە ئاشلىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن <<بۈيۈك دېڭىز قاراقچىسى >>دەۋرى باشلىنىدۇ.
مانا بۇ ئۇنىڭ رەسىمى.
شۇ ئەركەكلەرنىڭ ئىچىدە رېزىنكە مىۋىسى يىگەن رېزىنكە يىگىت رۇففى مۇ بار. ئەمدۇ بۇ رېزىنكە مىۋىسى دىگەن نىمە دەپ سورالغاندا، بۇنداق مىۋىنىڭ ئومۇمى
ئاتىلىشى <<يالماۋۇز مىۋىسى>>.قانداق مىۋە يىگەن ئادەم شۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە بولىدۇ.مەسىلەن ئوت مىۋىسى
يىسە پۈتۈن بەدىنى ئوتقا ئايلىنالايدۇ.ۋە ئەتراپىدىكى ئوتتىن پايدىلىنالايدۇ.قۇمنى يىسىمۇ شۇنداق.تۈرى نۇرغۇن.باھاسى ناھايىتى قىممەت.ئالاھىدىلىكى :ئوخشىشى يوق.يەنە رېزىنكە مىۋىسىدىن ئىككىسى يوق.
ئەگەر بىرنى ئىككى ئادەم يىسە،پەقەت بىرىلا ئىقتىدارغا ئىگە بولىدۇ.بىر ئادەم ئىككىنى يىسە ئۆلىدۇ.ھەجەپ
ياخشى نىمىكەن دەپ قالماڭ بۇنى يىگەنلەر سۇ ئۈزەلمەيدۇ....
مانا بۇ بىزنىڭ باش قەھرىمانىمىز يىگەن رېزىنكە مىۋىسىنىڭ رەسىمى.
مانا بۇ بىزنىڭ باش قەھرىمانىمىز رۇفى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى.
ئەمدى مەن سىلەرگە ئۇلارنى بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرۇپ قوياي.
باش قەھرىمان رۇففى.لەقىمى سامان شىلەپە تۇتۇش بۇيرىقىنىڭ ئاستىدىكى دۇنيا ھۆكۈمۈتىنىڭ ئۇنىڭ كاللىسىغا ئاتىغان مۇكاپات.
(ھەراس ئۇلارنىڭ پۇل بىرلىكى بېررى.پۈتۈن دۇنيادادىكى بىردىنبىر قەغەز پۇل.)
بۇ بالىنىڭ بەكلا دېڭىز قاراقچىسى نامىنى ئالغۇسى بولغانلىقتىن دېڭزغا چىققان.مىجەزىگە كەلسەك بۇ قىپقىزىل بىر تەلۋە.لىكىن دوستلۇقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدۇ.ئىنتايىن قەيسەر.لوغىتىدە قورقۇش دىگەن گەپ يوق.رېزىنكە مىۋىسى يىگەنلىكى ئۈچۈن تاياق تەسىر قىلمايدۇ.ئوقنى قايتۇرىۋىتەلەيدۇ.ئۇزىرىيالايدۇ،كۆپەلەيدۇ.ئەممە چاناشتىن سانجىشتىن قورقىدۇ.پېرسۇناج ئوبراز تەۋەلىكى ياپونلۇق.كىيىنىشىگە كەلسەك ئۇنىڭ دوپپىسىنى ھەرگىز
تىلغا ئالماي بولمايدۇ.ھەتتاكى ئۇ كاپىتانلىق قىلغان ئەترەتمۇ<<سامان شىلەپە دېڭىز قاراقچىسى ئەترىتى >>
دىگەن نام بىلەن مەشھۇر.
بۇياقنىڭ ئىسمى زورو.لەقىمى دېڭىز قاراقچىسى ئوۋلىغۇچى .كاپىتانىمىزنىڭ قېلىشچىسى.مىۋە يىمىگەن .ئۈچ قېلىچنى تەڭ ئىشلىتىدىغانلىقى ،ۋە قېلىچۋازلىق ماھارىتىنىڭ ئۈستۈنلىكى بىلەن جاھانغا مەشھۇر.قېلىشۋازلار پىرى دىگەن
نامنى ئېلىش ئۈچۈن رۇففى غا ئەگىشىپ دېڭىزغا چىقىدۇ.رۇففى تەلۋە دىيىلسە بۇ قىپقىزىل ساراڭ.ھەرقانداق دۈشمەندىن قورقمايدۇ.جېنىنى قەتئىي ئايىمايدۇ.ئاجىزلىقى دائىم يولدىن ئېزىپ قالىدۇ.ئوبراز تەۋەلىكىنى دىمىسەممۇ ئىسمىدىن كىم ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ .ئۈچ قېلىچنى قانداق تەڭ ئىشلەتكىلى بولىدۇ دەپ قالماڭلار.
سەتكەن بۇ ئىككىسى دەپ قالدىڭلار ھەر قاچان...مانا ئەمدى بۇ نازىنىننى سىلەرگە تونۇشتۇرىمەن.
بۇقىزنىڭ ئىنئام پۇلى ئون ئالتە مىليون.تۇتۇش بۇيرىقىغا بەك سەت چۈشۈپ قالغاچقا يوللىمىدىم.
بۇ چاچلىرى ئاپلىسىن رەڭلىك قىزنىڭ ئىسمى نامى،لەقىمى ئوغرى مۈشۈك.كاپىتاننىڭ دىېڭىزدا يول باشلىغۇچىسى .
كومپاس دىگەننى خەرىتە دىگەننى يىرتىۋىتىدۇ.پۇل دىگەننى ھەممىدىن ئېزىز كۆرىدۇ.ئەمما تېخنىكىسىغا گەپ كەتمەيدۇ.ئوبراز تەۋەلىكى گوللاندىيە.بۇمۇ مىۋە يىمىگەن.
بۇياقنىڭ ئىسمى ۋۇسۇپپۇ.لەقىمى مەرگەن.كاپىتاننىڭ توپچىسى.ئاقسا تۇرسا بەك يامانمىكىن دىمەڭلار.بۇ سېوى ئۆزىدىن قورقۇنچاق ئۇنىڭ ئۈستىگە پوچى.لىكىن ئاتقان ئوقى زايا كەتمەيدۇ.ئوبراز تەۋەلىكى ئەرەپ.ئادەتتىكىدەك رەسىمىدىن بىرنى كۆرۈپ بېقىڭلار ھە.
بەك قىززىق ئىشقىلىپ بۇ.ئەمدى قامەتلىك يىگىتكە كىلەيلى
راستلا قاملاشقان بالا ئىسى لىكىن نىمىشقىكىن رەسىمگە مۇشۇنداق چىقىدىكەن.
بۇنىڭ ئىسمى سانجى.قارا پەشۋا.بۇنىڭ پەشۋاسىنىڭ ئالدىدا چىن جىن ھېچگەپ ئەمەس.ئەمما لىكىن يامان ئاشپەز.ئاجىزلىقى قىز بالىنى كۆرسە جايىدا تۇرالمايدۇ.بەكلا شاپاق.لىكىن قىز بالىغا قول تەككۈزمەيدىغان،قىزلارنى
ئەركەكلىك بىلەن قوغدايدىغان يەرلىرىمۇ كۆپ.زورو بىلەن پەقەت چىقىشالمايدۇ.ئاغزىدىن زىيان چۈشمەيدۇ.
ئادەتتىكى رەسىمىدىن بىرنى كۆرۈڭلار ھە.ئوبراز تەۋەلىكى فىرانسىيە.
ئادەتتە قارىلا كىيىم كىيىدۇ.بۇ شىيۇشەن ۋاقتى.ئەمدى سىلەرگە ئەڭ ئوماق دېڭىز قاراقچىسىدىن بىرنى تونۇشتۇرىمەن.
ئىسمى تونى تونى چوپپا.لەقىمى ئەرمەك دوختۇر.كاپىتاننىڭ دوختۇرى.
ئەسلى بۇ بىر بۇغا بولۇپ ،ئادەم مىۋىسىنى يىگەن.سۆزلىيەلەيدۇ.دوختۇرلۇقتا كامالەتكە يەتكەن.لىكىن بەرىبىر ھايۋان بولغانلىقتىن ھېسياتىنى يوشۇرالمايدۇ.ئوبراز تەۋەلىكى روجىستىۋا بوۋاينىڭ بۇغىسى.
بۇ چوكان كىمىدىكىلەر ئىچىدە مەن ئەڭ ياقتۇرمايدىغان ھەم كىمىدىكى ئەڭ بىلىملىك ئەزا.
ئىسمى نىكو روبىن.لەقىمى يالماۋۇز ئەۋلادى.كاپىتاننىڭ ئارخولوگى،پىشقان جاسوس.گۈل مىۋىسى يىگەن.كىچىك
ئەسكەرلەرنى جايلاشقا يامان.ئوبراز تەۋەلىكى يەھۇدى.
بۇ ياقنىڭ ئىسمى فىرانكى.لەقىمى تۆمۈر ئادەم.كاپىتاننىڭ رېمۇنچىسى.بەدىنىنىڭ بېشىدىن باشقا ھەممە يېرى تۆمۈر
ئۇستا تېخنىك.مىجەزى ھەددىدىن زىيادە ئوچۇق.ئوبراز تەۋەلىكى ئامرىكا.ئەمدى نۆۋەت ئەڭ چىرايى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق دېڭىز قاراقچىسىغا كەلدى.
بۇياقنىڭ ئىسمى بىرۇككۇ(ياپونچە)لەقىمى خاڭرۇق ناخشىچى.كاپىتاننىڭ مۇزىكانتى.لەيلەش مىۋىسى يىگەن.ئىسكىرىپكىنى
سويىدۇ.پۈتۈن بەدىنى ئىسكىلىتلا.لىكىن بەك ئەسكىمۇ دەپ قالماڭ بۇ ئىسكىلىت سېپى ئۆزىدىن بىر ماز.توختىماي
يۇمۇر ئېيتىدۇ ئەمما بىر خىللا.ئوبراز تەۋەلىكى ئايرىيالمىدىم.ئېيتىشلارغا قارىغاندا مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر
ناخشىچى بارمىش.مانا بۇ پۈتۈن سۆرىتى.
ئەلۋەتتە ھەرقانداق دېڭىز قاراقچىسىنىڭ ئىككى ھەمرىيى چوقۇم بولىدۇ.بىر بايراق بىرى كېمە.بۇ ئىككى تۆھپىكارنىمۇ سىلەرگە كۆرسىتىتپ قوياي.
بۇ كىمىنىڭ ئىسمى تۈمەن چاقىرىمدىكى قۇياش نۇرى.بۇكىمىنىڭ ئىقتىدارىغا گەپ كەتمەيدۇ.
----------------------------------------------------------------------------
بۇنىڭ نىمە ئەھمىيىتى يەي دىگەن گەپلەر بولمىسۇن.بۇ خۇددى ھوللىۋوتنىڭ كىنولىرىغا ئوخشاشلا داڭلىق فىلىم.
ياپونىيىنىڭ بۇ كارتون فىلىمدىن قىلىدىغان كىرىمىلا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۇمۇمى كىرىمىدىنمۇ كۆپ.ھەپتىدە بىر قىسىم چىقىدۇ.يەنى ھەر يەكشەنبە سائەت ئوندا مەملىكىتىمىزنىڭ تور بەتلىرىدە كۆرەلەيمىز.ئەمما كارتون فىلىمنىڭ
ئاۋازىنى بەكلا ياخشى بەرگەن.ئەسكەرتىپ قويۇشقا تىگىشلىك بىر ئىش بۇ فىلىم ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرىشىگە قەتئىي ماس كەلمەيدۇ. قىلغان ئەجرىمگە بولسىمۇ مۇنبەر پۇلىنى ئاياشمىغايلا....
رەسىم مەنبەسى تور.كىرىشتۈرگۈچى مەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-14 09:59 AM
|
|
|
|
|
|