مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1769|ئىنكاس: 30

تەغدىرىڭىز ئۆز قولىڭىزدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68231
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7029
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2011-12-3
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 01:44:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1602184557185.jpg


تەغدىرىڭىز ئۆز قولىڭىزدا

(دىلنازئاي)

153.gif

       بىر تىلەمچى سەدىقە سوراپ كەپتۇ. ئۇنىڭ ئوڭ قولى مۈرىسىدىنلا يوق بولۇپ، قۇرۇق يېڭى بوشلۇقتا لەيلەپ تۇراتتى.ئۇنىڭ بۇ بىچارە ھالىتىنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەم ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭغا بىرەر نەرسە سەدىقە قىلىۋېتىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. لېكىن بۇ ئۆينىڭ ئايال خوجايىنى ھېچقانداق تارتىنماستىنلا:

__بۇ خىشلارنى ئۆينىڭ كەينىگە يۆتكىشىپ بەرسىڭىز قانداق؟__دەپتۇ.

__بىر قولۇم بىلەن خىش يۆتكىشىپ بېرىمەنما؟بەرگىڭىز كەلسە بېرىڭ،بولمىسا تولا ئەخمەق قىلماڭ،__دەپتۇ تىلەمچى ئاچچىقلىنىپ.

     ئەمما ئايال خاپا بولۇشتا يوق، ئەتەي بىر قولى بىلەن خىش يۆتكەشكە باشلاپتۇ ۋە دەپتۇ:

__قاراڭ،ئىككىلا قول بولمىسا ئىش قىلغىلى بولمايدۇ دەپ كىم دەيدۇ؟ مەن قىلالىغان يەردە سىز نىمە دەپ قىلالمىغۇدەكسىز؟

        تىلەمچى ئايالنى ئەمدىلەتىن كۆرىۋاتقاندەك ھەيرانلىق بىلەن تىكىلىپتۇ ۋە بىر نەرسىلەرنى چۈشەنگەندەك بولۇپ، ئېڭىشىپ خىش يۆتكەپتۇ. بىر قېتىمدا ئىككى دانىدىن يۆتكىسىمۇ، ئىككى سائەت ئىچىدىلا خىشلارنى پاك-پاكىزە يۆتكەپ بوپتۇ. بۇ چاغدا ئۇ چىلىق-چىلىق تەرلەپ،چىرايى قارىغۇسىز بولۇپ كەتكەن، ھېرىپ ھالىدىن كېتەيلا دەپ قالغانىدى. ئايال قاردەك ئاپئاق لۆڭگىدىن بىرنى ئۇزۇتۇپتۇ. تىلەمچى يۈزىنى سۈرتكەنىكەن، لۆڭگە قاپقارا بولۇپ كېتىپتۇ.

        ئايال ئۇنىڭغا 20 دوللار بېرىپتۇ. تىلەمچى ھەشقاللا- رەھمەت دىگىنىچە پۇلنى ئاپتۇ.

__نىمىگە رەھمەت ئېيتىسىز؟__دەپتۇ ئايال__بۇ ئۆزىڭىز ئىشلەپ تاپقان پۇل.

__مەن سىزنى ۋە قىلغان بۇ ياخشىلىقىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن،__دەپتۇ تىلەمچى ۋە لۆڭگىنى ئەستىلىك ئۈچۈن سورىۋېلىپ، چوڭقۇر ئېگىلىپ-پۈكۈلۈپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ كېتىپ قاپتۇ.

u=2944435469,2482354713&fm=0&gp=0.jpg

         ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ يەنە بىر تىلەمچى كەپتۇ. ئايال خوجايىن ئۇنىڭغا ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى خىشلارنى ئۆينىڭ ئالدىغا يۆتكەپ بەرسە 20 دوللار بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئىككى قولى ساپمۇ ساق بۇ تىلەمچى 20 دوللارنى ئاز كۆردىمۇ ياكى باشقا بىرەر سەۋەپ بارمۇ ئۆرۈلگىنىچە كېتىپ قاپتۇ.

       ئوغلى ئانىسىنىڭ قىلىۋاتقىنىغا ھەيران بولۇپ سوراپتۇ:

__ بىرىگە ئالدىغا يۆتكە دەيسەن، بىرىگە كەينىگە يۆتكە دەيسەن، سەن زادى خىشنى قەيەرگە قويماقچى؟

ئانىسى:

__ خشنى نەگە قويۇش مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى تىلەمچىلەرنىڭ خىشنى يۆتكەش- يۆتكىمەسلىكى،__دەپتۇ.

     شۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىر نەچچە تىلەمچى كەپتۇ. خىشلارمۇ ئۆينىڭ ئالدى-كەينىگە بىر نەچچە قېتىم يۆتكىلىپتۇ.

66.gif

   

       ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتكەن بىر كۈنى، ھويلىدا ناھايىتى سالاپەتلىك بىر ئادەم پەيدا بوپتۇ. ئۇنىڭ كېيىنىشى سالاپەتلىك، گەپ-سۆز، يۈرۈش-تۇرىشىدنلا ئۆزىگە ئىنتايىن ئىشىنىدىغان غالىپلارغا خاس تەمكىنلىك چىقىپ تۇراتتى. شۇغىنىسى ئوڭ قولى يوق، يېڭى بوش لەپىلدەپ تۇراتتى. كەلگۈچى ئېگىلىپ بىر قولى بىلەن قېرىلىق يەتكەن ئايال خوجايىننى يۆلىگەچ:

___ سىز بولمىغان بولسىڭىز، مەن ھازىرقى بىر شىركەتنىڭ مۇدىريەت باشلىقى ئەمەس، ھېلىھەم تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرگەن بولاتتىم،__دەپتۇ.

      ئايال بۇ ئادەمنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى.

__ھەممىسى ئۆزىڭىزنىڭ ئەمگىكى،__دەپتۇ ئۇ. مۇدىريەت باشلىقى ئايالغا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ شەھەرگە ئەكىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.

__ كەچۈرۈڭ، بۇلارنى قۇبۇل قىلالمايمىز،__دەپتۇ ئايال.

__نىمىشقا؟

__ھەممىمىز بىجىرىم ئادەملەرمىز.

__خانىم،__دەپتۇ مۇدىريەت باشلىقى قەتئىلىك بىلەن،__سىز ماڭا ئادەمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى ئۆگەتتىڭىز. شەھەردىن سىزگە ئاتاپ ئۆي ئېلىپ قويدۇم. ئۇ ماڭا بەرگەن تەربىيىڭىزنىڭ ھەققى بولسۇن.

      ئايال ئاخىرى كۈلۈمسىرەپتۇ ۋە شۇنداق دەپتۇ:

___ئۇنداق بولسا ئۇ ئۆينى بىر قولىمۇ يوق ئادەملەرگە  ھەدىيە قىلايلى.

u=1852793795,4228552745&fm=15&gp=0.jpg

بېل گېيتىس: كىشىلىك ھاياتتىكى نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى ئۆز ئارزۇلىرىمىزدىن ئۈنۈپ چىققان بىخلارنىڭ مەلۇم مەزگىلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. تەغدىرنىڭ بەلگىلەيدىغىنى بولسا ھەر بىرىمىزنڭ قارارىدۇر.

    تەغدىر ئۆزىمىزنىڭ قولىدا. مەيلى كىچىك ياكى چوڭ بولسۇن ھەر بىر تاللاش، قارار بىزنىڭ تەغدىرىمىزگە مۆلچەرلىگۈسىز تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. كىچىك-كىچىك تاللاش قارارلار، يىغىلىپ كېلىپ بىزنى غەلبە ياكى مەغلۇبىيەتكە سۆرەيدۇ.

u=2169369849,3258518594&fm=0&gp=0.jpg

     ئىنسان كىشىلىك ھاياتتا ئۇنداق ياكى مۇنداق بالا -قازا،بوران چاپقۇنلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. جاھاندا تۈپتۈز يول يوق. توققۇزى تەل بىر ئائىلىدە ئادەمنىڭ كېلەچىكى ئاللىقاچان باشقىلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۆز تەغدىرى توغرىسىدا باش قاتۇرۇپ ئىزدىنىشى،ھاياتنىڭ ئەقەللى يۈك-ئېھتىياجلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا ھاجەت قالمايدۇ.ۋەھالەنكى، ھەممە سەن ئۈچۈن تەل قىلىپ بېرىلگەن بۇ خىل ھاياتتا نە مەنە، نە لەززەت بولسۇن؟ ئىنسان پەقەت ئۆز كۈچى ئارقىلىق ئېرىشكەن غەلبە تەنتەنىسىدىنلا ھەقىقي بەخىتنى ھېس قىلالايدۇ.

      ئىنسان ئۆزىنىڭ رەنجى-بەختىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلمەيدۇ. شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ پاراغەت ئىچىدە غەپلەتتە قالغانلار تۇرمۇشقا،جەمىئەتكە مۇستەقىل يۈزلىنىپ، ھاياتنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى تەنھا ئۈستىگە ئېلىشقا توغرا كەلگەندە، ئۇ تىركىشىدۇ يۇ__ھالاك بولماي قالمايدۇ.

u=2568203526,128854311&fm=15&gp=0.jpg

  


  گېيتىس شۇنداق دەيدۇ:

   ھاياتتكى بەخىتسىزلىكتىن قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس، ئەمما ئۇ بالدۇر ياكى كېيىن بولسۇن ئۆتۈپ كېتىدۇ. ۋاقىت ئاشۇ ئازابلىق ھېسلارنى ھامان ئۇنتۇلدۇرىدۇ. << بۇ ھېچنىمە ئەمەس>> دىگەننى ھەر دائىم تەكرارلاپ تۇرۇڭ. بەخىتسىزلىكنىڭ زەربىسى تۈپەيلى ئۆزىڭىزنى يوقۇتۇپ قويماڭ. بەلكى يەنە شۇنداق ھەرىج تارتماسلىقىڭىز ئۈچۈن، دەس تۇرۇڭ__دە، ئۆزىڭىز قىلىشقا تېگەىشلىك ئىشقا يەڭ تۈرۈڭ.


مەنبە:<< بايقىساڭ توپىمۇ __ئالتۇن>>

ok (32).gif

ئاخىرىدا دىلنازئاينىڭ سوۋغىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىڭ:

0b66f7294d8293a2023bf65a.jpg


4845745_105048958952_2.jpg



2041817_77609.75.jpg



20090828101272036911.jpg



20090504_7f0b85cceb99e88f21b9unedgmhpgmft.jpg



4f5116d3ca1692e4a9ec9a9b.jpg



200868175051vkey.jpg



0215234N440.jpg










   



u=2168095141,1501999134&fm=15&gp=0.jpg
39.gif
ok (31).gif
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

دىلنازئاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68231
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7029
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2011-12-3
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 01:50:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


   ھاياتنى ھەمىشە تۈپتۈز، گۈزەل، ئىللىق بولىۋېرىدۇ دەپ قالماڭ. ھېچقايسىمىز ھاياتقا پۈتمەل قىلپ بېرىۋېتىلگەن ئەگرى- توقاي، مۈشكۈللۈك، ئامالسىزلىق، بالا-قازا، ئازاب مەغلۇبىيەتلەردىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز...

دىلنازئاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36126
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5137
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 1688 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 11:44:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭدىكى ئۇلۇغ كىشى كىم ؟ بۇ مۆجىزىنى كىم ياراتتى ؟

رەببىم ئاللاھ!كەچۈرگىن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 417
يازما سانى: 1043
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15340
تۆھپە نۇمۇرى: 476
توردا: 3267 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 11:59:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاياتنىڭ ئۆزى بىزگە ياشاشنىڭ ئۇنچىۋالا تەس ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ ، پەقەت بىزدە يۈكسەك غايە ، ئىشەنىچ ۋە تىرىشچانلىق بولغاندىلا ..........
..ماڭىزە ئاشۇ تىلەمچىنىڭ ھىكايسى بەك يارايدۇ، بۇرۇن بىر قېتىم ئوقۇغان يەنە بىر قېتىم بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگىنىڭىزگە رەھمەت.

قېلىچ تۇتقان قوللاردا دۇتار، تەمبۇر چېلىندى ، ئوقيا ئاتقان بۇ قوللار ئۇسۇل - ساماغا كۆتۈرۈلدى . ھەي بىچارە مىللتىم !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66853
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3403
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 234 سائەت
تىزىم: 2011-11-25
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 01:14:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا ھاياتتا داۋاملىق تۇز داغدام يول بولمايدۇ !!!!! ئادەم پەقەت تېرىشسىلا  قىلالمايدېغان ئېش يوق جاھاندا !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 2391
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3666
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10684 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 01:20:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايات يۇلى تۈپ-تۈز داغداملا بۇلىۋەرمەيدۇ.ھايات يۇلى نۇرغۇن ئەگرى-تۇقايلىقتىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ،ئادەم ھايات يۇلىدىكى ئۆتكۈنچى داۋانلارغا يۇلۇققاندا قەيسەر بۇلۇپ،ئۆزىنى يۇقىتىپ قويمىسا ئەگرى-تۇقايلىقلارغا تاقابىل تۇرۇپ،بۇ تۆتكۈنلۈك ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزەلەيدۇ.

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

ئوماق قوزام!!!

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1769
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9845
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 471 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2013-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 01:42:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەشۇ ئەگرى  توقايلىقى بىلەن بۇ ھايات يولى شۇنداق گۈزەلدۇر!!

ئىزدىمىگىن گۈزەللىكنى ھەر ياندىن ، گۈزەللىك ئۆز قەلبىڭدە...

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6643
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 37167
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2889 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 03:32:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى...
تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە  تېمىڭىزغا تەشەككۈر...
رومانتىك رەسىملەرنىمۇ بەك ياقتۇردۇم...

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ماڭا چاپلانغان بارچە تۆھمەتلەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3467
يازما سانى: 389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11385
تۆھپە نۇمۇرى: 625
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 04:50:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ئىنسان ھاياتلىقتا بەزىئىشلانى چۇقۇم ئۆزى تىرتىشىپ ئۆزگەرتىش كېرەك.ھەم بىرەر ئىشقا سەۋەپ قىلىش كېرەك ئىسلام بىزنى شۇنىڭغا ئۈندەيدۇ،،،لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى بىز ئۆزگەرتەلمەيدىغان ئىشلارمۇ بار

ماڭا چاپلانغان بارچە تۆھمەتلەر ئارىسىدا مەن گۇناھسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68231
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7029
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2011-12-3
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 06:28:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   ھايات__قىممەتلىك، ھايات__ئۇلۇغ.

دىلنازئاي
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش