
دۇردانىــــــلەر خـــــەزىىــــنىــــــسى ( 2)

ئەقىل - ئىدراك ياقۇتتۇر . ئەگەر ئۇنىڭغا كەمتەرلىك نەقىش چىقىرىلسا ، ئۇ كۆزنى تېخىمۇ قاماشتۇرىدۇ .

كىشلىك ھايات ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان بىر ئېقىن دەريا . ھايات ئۇنىڭ يۇقىرى ئېقىنى ،
ئۆلۈم بولسا تۆۋەن ئېقىنى .

ئەگەر چۆكمەس پاراخۇت بولالمىساڭ ياكى شامالغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان يەلكەن بولالمىساڭ ، ياۋاشلىق بىلەن دېڭىزچى بولغىنىڭ تۈزۈك .

ئۆزۈڭنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى بىلەلىگىنىڭ سېنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىڭدىن دېرەك بىرىدۇ .

باشقىلارنىڭ كەينىدىن سۆز - چۆچەك قىلىۋاتقان ۋاقتىڭ __ دەل شۇ كىشىگە سوڭدىشىپ كېتىۋاتقان چېغىڭ .

باشقىلارنىڭ شەپقەتسىزلىكىدىن ئاغرىنغۇچە ، ئۆزۈڭنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىدىن ئاغرىن .

ئاغرىقنى ھېس قىلساڭ ، بۇ سېنىڭ ھايات ئىكەنلىكىڭنى ئىسپاتلايدۇ .

ياش تۆكۈش بىچارىلىك ئەمەس . ئەكسىچە ، ياش تۆكەلمەسلىك ئەڭ بىچارىلىكتۇر .

ئادەمنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندىلا ئەقىل - پاراسەتنىڭ يۇشۇرۇن مەنبەلىرى ئېچىلىدۇ . ئەگەر شۇن بىلىپ يەتسەڭ ، سەن ئۇچرىغان ھەربىر قىيىنچىلىق سەن ئۈچۈن ئەمەلىي ساۋاتتۇر .

باشقىلارغا ھەددىدىن زىيادە يېقىنچىلىق قىلساڭ ھۆرمىتىڭنى يوقىتىپ قويىسەن .

كومپىيۇتېر ئالدىدا : شەرمى^^ ناز

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Xarminaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-14 12:05 AM