ئۇيغۇر پويىز بىلىتى ساتقۇچى
ئېلان ئارقىلىق دوختۇرخانا ئۇقۇشۇپ دورا ئالغىلى يېزىدىن بىر تۇققۇنىمىز ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئىدى. دورىسىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، پويىزدا قايتماقچى بولۇپ، بۇرۇنراق بېلەت ئېلىپ قۇيايلى دەپ پويىز ئىستانسىغابېلەت ئالغىلى بىللە باردۇق. بېلەت ئېلىش زالى ئۇزۇن ئۆچرەتكە تولغان ئىدى. قايسى تەرەپ چاققان بولسا شۇنىڭدا ئالارمىز دەپ ئىككىمىز ئىككى رەتتە ئۆچرەت تۇردۇق. بىر كەملەردە ئۇنىڭ ئۆچرىتى ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىنىڭ ئورنۇمغا كېلىپ بىلەتنى سىز ئېلىپ بېرىڭ دەپ قالدى. بېلەت ئىلىشنى ئۆگەنسۇن دەپ ئۆزىڭىز ئېلىۋېرىڭ دىدىم. ئەمما ئۇ خەنزۇچە بىلمەيدىغان تۇرسام، خاتا ئېلىپ قۇيۇمەنمىكىن دەپ تۇرىۋالدى. مەن ياندا تۇرۇپ قارىسام ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىكى بېلەت ساتقۇچى ئۇيغۇر ئىدى. مەن ئۇنىڭغا ئەنسىرىمەڭ، بېلەت ساتقۇچى ئۇيغۇركەن، شۇڭا ئۆزىڭىز ئېلىۋېرىڭ دەپ ئورۇن ئالماشمىدىم. دىگەندەك ئۇ نەگە، قاچان قايسى ۋاقىتتا، قانداق بىلەتنى ئالىدىغانلىغىنى ئېنىق دىيەلىدى. بۇلۇپمۇ ياندا ئاڭلاپ تۇرسام ئۇيغۇر بېلەت ساتقۇچى ناھايىتى ياخشى مۇلازىمەت قىلدى. ئىللىق چىراي بىلەن كۈتىۋېلىپ بېلەت ئېلىش ئەھۋالىنى تەپسىلى سوراپ، شۇ تەرەپكە ماڭىدىغان بىر نەچچە پويىزنىڭ ماڭىدىغان ۋە بارىدىغان ۋاختىنى، بېلەت باھاسىنى تۇنۇشتۇردى. بىلەتنى كىسىپ بولۇپ ئۇنىڭغا كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ بىلەتتىكى ۋاقىتنىڭ بېيجىڭ ۋاختى ئىكەنلىكى، ئۈرۈمچى ۋاختى قاچان سائەت نەچچىدىن نەچچە مىنۇت ئۆتكەندە ماڭىدىغانلىغى، پويىز كۈتۈش زالىنىڭ قايسى تەرەپ نەچچىنچى قەۋەتتە پويىزغا چىقىدىغانلىغى، پويىز ئىستانسىغا مۇددەتتىن بۇرۇنراق كىلىشى كېرەكلىگى توغرىسىدا ناھايىتى ياخشى چۈشۈنچە بەردى، بېلەت ئالغۇچى ھەقىقى رازى بولغىدەك خىزمەت قىلدى. مۇلازىمىتىدىن قايىل بولۇپ قاراپ تۇرسام، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بېلەت ئېلىش نۆۋىتى كەلگەن خەنزۇ يولداشقىمۇ ناھايىتى راۋان خەنزۇ تىلى بىلەن شۇنداق ياخشى مۇلازىمەت قىلدى. ئەمما ياندىكى بىر ئۆچرەتنىڭ بېلەت سېتىش تۆشىكىدە تۇرقىدىن يېزىدىن كەلگەنلىگى بىلىنىپ تۇرىدىغان بىر ئۇيغۇر ئەركىشى تۆشۈكنىڭ ئىچىدىكى خەنزۇ بېلەت ساتقۇچىغا گېپىنى ئۇقتۇرالمىغاندەك ھايال بولۇپ قالغان ئىدى.
تۇققۇنۇم ئاسانلا بېلەت ئېلىۋالغانلىغىدىن خوشالدەك تۇراتتى. بېلەت سېتىش زالىدىن چىقىپ كىتىۋاتقاچ ئۇ مۇنداق دېدى. ئۇيغۇرلار بېلەت ساتسا نېمە دېگەن ياخشى بىلەت ئالغۇچىلار قىينىلىپ قالمايدىكەن. ئۇيغۇر بېلەت ساتقۇچىلار خەنزۇچىنىمۇ بىلىدۇ، ئەمما خەنزۇ بېلەت ساتقۇچىلار ئۇيغۇرچىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر بېلەت ساتقۇچىلار ئەڭ مۇۋاپىق كەلگىدەك.
بىر ھىساپتا يېزىدىن كەلگەن بۇ دېھقان تۇققۇنىمنىڭ ھېس قىلغانلىرى خاتا ئەمەس. دىمىسىمۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىمىزدا خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، غۇلجا قاتارلىق ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپ رايۇنلارغا قارىتا ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلىپ ئارقا- ئارىدىن تۆمۈريول قاتنىشى يولغا قۇيۇلدى. نۆۋەتتە قاتناش مۇلازىمىتىدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئەلا مۇلازىمەتنى يولغا قويۇش تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا مەيلى پويىز بېلىتى سېتىش جەھەتتە بولسۇن ياكى باشقا مۇلازىمەتلەردە بولسۇن خەنزۇ تىلى بىلمەيدىغان يولۇچى-ئىستىمالچىلارغا ھەم ئۇيغۇرچىنى ھەم خەنزۇچىنى بىلىدىغان ئۇيغۇر خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ،( چۈنكى، ئۇيغۇر خىزمەتچىلەر خەنزۇچىنى بىلگەن بىلەن خەنزۇ خىزمەتچىلەر ئۇيغۇرچىنى بىلمەيدۇ.) مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشتىكى كەمتۈكلىكنى ئوڭشىشا كۆپ تەرەپلىمە ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر بېلەت ئالغۇچىلار بېلەت ئېلىش جەريانىدا ھەم ئۆزىنى ھەم بېلەت ساتقۇچىنى قىينىمايدۇ، تىل ئۇقۇشالماي بىلەتنى خاتا ئېلىپ قۇيۇشتىن، بىلەتنىڭ خاتا ئېلىنىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىق، ئىقتىساد-ۋاقىت زىيىنىدىن ساقلىنالايدۇ. ئىككىنچىدىن، مۇشۇنداق قولايلىقتىن شەكىللەنگەن تۆمۈريول مۇلازىمىتىدىن ھەر مىللەت يولۇچىلىرى ناھايىتى رازى بولىدۇ. بۇلۇپمۇ خەنزۇ تىلىنى بىلمەيدىغان بېلەت سېتىۋالغۇچىلار ئۆ ئانا تىلىنى ئىشلىتىپ ھەم ئاسانلا ھەم خاتالاشمىغان ھالدا بېلەت سېتىۋالالىغىنلىغىدىن جەمئىيەت ئىللىقلىغى ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نىمىشقا بىزنىڭ مىللىتىمىزدىن بولغان بېلەت ساتقۇچىلار يوق دەپ ئويلايدىغان نارازىلىق ھېس-كەيپىياتلىرىغا ئورۇن قالمايدۇ. بۇنداق قولايلىق-قايىللىقنىڭ ئىتتىپاقلىققا پايدىسى بولماي قالمايدۇ.
ئۈچۈنچىدىن، مۇشۇنداق مۇلازىمەت ۋە قولايلىق ئېھتىياج- ئالاھىدىلىكى نۇقتىسىدىن ئويلانغاندا، ئالى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپالماي يۈرگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنى پويىز بىلىتى سېتىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ مۇۋاپىق خىزمەت پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىك بولماي قالمايدۇ. چۈنكى، ئالى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالماي يۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئەگەر كۆپلەپ پويىز بېلىتى ساتقۇچىغا ئايلانسا ئۇيغۇرچە خەنزۇچە قوش تىللىق بۇلۇپلا قالماستىن يەنە قازاق، قىرغىز مىللىتىدىن بولغان بېلەت ئالغۇچىلار بىلەنمۇ بىۋاسىتە تىل ئالاقىلىشالايدىغان ئارتۇقچىلىغىنى ئىشقا سالالايدۇ. يەنى ئۇلار ئاز دىگەندە تۆت خىل تىل بىلەن مۇلازىمەت قىلالايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئارتۇقچىلىغى ھىساپلىنىدۇ. مۇشۇ تۆت خىل تىل ئىشلىتىلىدىغان رايۇنلاردا نۆۋەتتە كۈندە پويىز قاتناۋاتىدۇ. ھەم مۇشۇ تۆت خىل تىلنى بىرىنچىلەپ ئىشلىتىدىغان كىشىلەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىمىز ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدۇ.
دىمەك، مۇلازىمەت، ئېھتىياج، ئەۋزەللىك نۇقتىسىدىن چىققاندا دېھقان تۇققۇنىمنىڭ ئويلىغانلىرى ھەقىقەتەن ئەمىلىي قىممەتكە ئىگە بۇلىدىغان پىكىر ئىدى.