بۇگۇن بۇ مۇنبەردە يەنە ئالىمجاننىڭ ماتۇرى توغىرسىدىكى يوللانغان بىر تېمىنى كۆرۇپ، مەنمۇ بۇ تېمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
گەرچە بۇندىن بۇرۇنمۇ بۇ ھەقتە گەپ بەك جىق بولغان بولسىمۇ ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ گىپىىنى قىلىپ قاراش بىريەرگە كەلمىدى.بەزىلەر شەكسىز ئىشەندۇق باشقىچە پىكىرى بارلارنى خىلى تىللاپ ئەدىپىنىمۇبەردۇق.بەزىلەر ئىشەنمىدۇق،ۋە ئالىمجاننى خىلى كەمسىتكەنلەرمۇ بولدى.
ئۆزۇمگە كەلسەم ئالىمجاننىڭ ماتۇرى توغىرسىدا تورلاردا تۇنجى تەشۋىقات چىققاندا بىر تەرەپتىن باشقىلار بىلەن بىللە ھاياجانلانسام يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزۇمنىڭ بىر قىسىم گۇمانلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ نۇرغۇن سىسىق گەپمۇ ئاڭلىۋالغان ئىدىم.بەلكىم بۇ قىتىممۇ يەنە ئاڭلارمەن. لىكىن شۇ نەرسە ئىنىقكى مەن قىزىل كۆزمۇ ئەمەس،ئۇيغۇرنىڭ مۇۋاپپىقىيتىنى كۆرەلمەس مۇناپىقمۇ ئەمەس. مەنمۇ ئالىمجاننىڭ ئىزدىنىش روھىغائاپىرىن ئىيتقۇچى. چۇنكى ئەمەلگە ئاشمىغان بىر ئىزدىنىشمۇ ئىزدەنمىگەندىن ھامان قەدىرلىك.
مەن تۆۋەندە ئالىمجاننىڭ ماتۇرى توغىرسىدا ئىككى مەسىلە ئۈستىدە گۇمانىمنى ئوتتۇرغا قويىمەن.
بىرىنچى مەسىلە: بۇ ماتۇر راست، لىكىن ھىچقانداق ئېنىرگىيە سەرىپ قىلمايدۇ دىگىنى يالغان.
ئالىمجاننىڭ ماتۇرى راستنلا ھەركەتلەندى،بۇنىسى ساختا ئەمەس. ئۇنداقتا قانداق ھەركەتلەندى؟ ھەممىمىز بىلىمىز ھاۋانى ئېنىرگىيەقىلىپ ھەركەتلەندى. ھاۋانى قانداق ئېنىرگىيە قىلدى؟ بۇ ماتۇر ھاۋانى بىزنىڭ بۇرنىمىزغا ئوخشاش ئۆزى سۈمۈردىمۇ؟ ياق. بۇ ماتۇر يۇقىرى بىسىملىق گاز تۇڭىغاقاچىلانغان ھاۋانى ھەركەتلەندۇرۇش كۇچى قىلدى. ئۇنداقتا بۇ يۇقىرى بىسىملىق گازتۇڭىدىكى قىسىلغان ھاۋاغا قانداق ئىرىشىلدى؟
ھىچقايسىمىز ئالىمجانغا ياردەملىشىپ ھىچقانداق ئېنىرگىيە سەرىپ قىلماي، يۇقىرى بىسىملىق گاز تۇڭىغاماتۇرنى ھەركەتلەندۇرۇپ بىرىدىغان قىسلغان ھاۋانى يىغالمايمىز. بۇنداق يۇقىرى بىسىملىق ھاۋاغا ئىرىشش ئۇچۈن ئەلۋەتتە ئىنىرگىيەكېرەك. يەنى ئالىمجان ماتۇرنى ھەركەتلەندۇرشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن باشقا بىر ئىنىرگىيدىن پايدىلىنىپ يۇقىرى بىسىملىق گاز تۇڭىغا ھاۋا قاچىلاشقا ئىھتىياجلىق. شۇنداق بولغانىكەن بۇ ماتۇرھىچقانداق ئىنىرگىيەسىز ھەركەتلەنگەن ئەمەس،بەلكى بۇ ماتۇرنى ھەركەتلەندۇرۇش ئۈچۈن ئېنىرگىيە سەرىپ بولىدۇ.
ئىككىنچى مەسىلە: بىز يۇقىرى بىسىملىق گاز تۇڭىغاھاۋا قاچىلاشقا ئېنىرگىيەسەرىپ قىلدۇق. بۇ سەرىپ قىلىنغان ئېنىرگىيە بىلەن ماتۇرھەركىتىدىن ئىرىشكەن ئېنىرگىيە ئارىسىدا قانداق چوڭ-كىچىكلىك مۇناسىۋەت بار؟ ئەگەرماتۇر ئارقىلىق ئىرىشكەن ئېنىرگىيە گاز تۇڭىغا ھاۋا قاچىلاشقا كەتكەن ئىنىرگىيدىن چوڭ بولسا مانا بۇ ئالىمجاننىڭ غايەت زور مۇۋاپپىقىيتى. ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا بەلكىم نوبىل چۈشىمۇ ئەمەلگە ئىشىپ قالار. لىكىن ماتۇر ئارقىلىق ئىرىشكەن ئىنىرگىيە گاز تۇڭىغا ھاۋا قاچىلاشقا كەتكەن ئىنىرگىيدىن كىچىك بولسا ئۇنداقتا بۇماتۇر ھەركەتلەنگەن بىلەن،پاتنىت ھوقوقىغا ئىرىشكەن بىلەن پايدىلانغىلى بولمايدىغان بىر كاللەك تۈمۈرخالاس.
ئۈنداقتا ئالىمجاننىڭ ماتۇرىدىكى بۇ ئىككى ئىنىرگىيە ئارىسىدا قانداق مۇناسىۋەت مەۋجۇت بولار؟ بىر نەرسە ئىنىق، يەنى ئىنىرگىيەيوقالمايدۇ، يوقتىن پەيدا بولمايدۇ، لىكىن ئۇ بىر شەكىلدىن يەنە بىر شەكىلگەئايلىنىدۇ.ئىنىرگىيە بىر شەكىلدىن يەنە بىر شەكىلگە ئايلىنىش ئۇچۇن ئىش ئىشلەش جەريانىدىكى قارشىلىق سەۋەبىدىن مۇئەييەن دەرىجىدە خورايدۇ. يەنى بۇيەردىكى گاز تۇڭىغا ھاۋا قاچىلاش ئۇچۇن سەرىپ قىلغان ئىنىرگىيە گاز تۇڭىغا ھاۋا قاچىلاش،ماتۇرغا ھاۋا يەتكۇزۇپ بىرىش ۋەماتۇرنىڭ ئايلىنىشى جەريانىدىكى قارشىلىقتىن خورايدۇ، نەتىجىدە ماتۇردىن ئىرىشكەن ئىنىرگىيە ئەسلى سەرىپ قىلغان ئىنىرگىيدىن كىچىك بولىدۇ.دىمەك بۇ ماتۇر ئىشلىگەن ئىش ئۇنۇمسىز ئىش .يەنى بىز يۇقىرى بىسىملىق گاز تۇڭىغا ھاۋا قاچىلاش ئۈچۈن1يۇەنلىك ئىنىرگىيە سەرىپ قىلغان بولساق بۇ ماتۇرنى ئىشلىتىپ ئىرىشكەن ئىنىرگىيە نىڭ قىممىتى 1يۇەندىن ئاز بولىدۇ.
شۇنداق بولغانداگەرچە بۇماتۇر راستلاپاتنىتقا ئىرىشكەن تەقدىردىمۇ ئەمەلى قوللانغىلى بولمايدىغان تىخنىكاسۈپىتىدە قىلىۋىرىدۇ.چۇنكى پاتنىت دىگەن بۇرۇن يوق بىر نەرسىنى يىڭىدىن كەشىپ قىلسا بىرىلىدۇ.ھاۋا كۇچى ئارقىلىق ھەركەتلىنىدىغان ماتۇر بۇرۇن بولمىغان بولسائۇنداقتا ئالىمجان ھەقىقەتەن پاتنىت ھوقوقى ئالالىشى مومكىن. لىكىن بۇ كەشپىياتنىڭ ئەمەلى ئىشلىتىلىش-ئىشلىتىلمەسلىكى 1يۇەنلىك سەرپىيات بىلەن 1يۇەنگە ئىرىشش-ئىرىشەلمەسلىكى پاتنىت ھوقوقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.كەشىپ قىلىنغان نەرسىنىڭ ئۈنۈمىگە باغلىق.
ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ھازىرغىچە پاتنىت ھوقوقىغا ئىرىشىپمۇ ئەمەلى ئىشلىتىلمەي بىسىلىپ قالغان كەشپىياتلار پەيدا بولمىغان بولاتتى.(مىنىڭ بىر ساۋاقدىشىم سۇ قاچىلاپ سۇ پۇركۇش ئارقىلىق تىمپىراتۇرنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغان ھاۋا تەڭشىگۇچ ياساپ پاتنىتقا ئىرىشكەن. لىكىن بۇنىڭ توك سەرپىياتى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى،ھاۋاتىمپىراتۇرسىنى ئاپتۇماتىك تەڭشگىلى بولمايدىكەن،يۆتكەش،ئورۇنلاشتۇرۇش قولايسىزكەن دىگەن سەۋەبلەر بىلەن ھازىرغىچە سىتىۋالدىغانلار چىقماي، بۇ ساۋاقدىشىم پاتنىت كىنىشكىسىنى ساقلاپ يۇرگىلى 3يىل بولدى)
شۇڭا مىنىڭ خۇلاسەم ھازىرچە ئالىمجان ئىشلەتكەن قۇرۇلمىلاردىن پايدىلىنىپ ماتۇرنى ھەركەتلەندۇرۇشكە بولغان بولسىمۇ، تىخى تاراتقۇلاردا دىيىلگەندەك ھىچقانداق ئىنىرگىيە سەرىپ قىلماي ھەركەتلەنگەن بولماستىن ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ھەركەتلىنىشگە سەرىپ قىلغان ئىنىرگىيگىمۇ ئىرىشكىلى بولمايدىغان ھالەتتىكى ئۈنۈمسىز ئىش ئىشلەيدىغان ماتۇردىن ئىبارەت خالاس.
ئەگەر ئالىمجان يەنە ئىزدىنىپ يۇقىرى بىسىملىق گاز تۇڭىغا ھاۋا قاچىلاشقا كەتكەن ئىنىرگىينى ماتۇر ئارقىلىق ئىرىشكەن ئىنىرگىيدىن كىچىك ھالەتتە ساقلىيالىسا ئاندىن بۇ ھەقىقەتەن قوللىنىشقا بولىدىغان ئەڭ كاتتا تېخنىكا بولىدۇ . ھەم مەنمۇ ئالىمجاننىڭ شۇنداق قىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۇرىمەن.شۇنداقلا ئارىمىزدىن ئالىمجانغا ئوخشاش ئوت يۇرەك ئىزدەنگۇچىلەرنىڭ تىخىمۇ كۆپلەپ چىقىشىنى تىلەيمەن.
ئاخىردا تورداشلارغا دەيدىغىنىم مەن بۇيەردە ئالىمجاننىڭ كەشپىياتىنى يوققا چىقارماقچى ئەمەس، پەقەت مەندە پەيدا بولغان گۇماننى ئوتتۇرغا قويدۇم.ھەم بۇ تىمىنى تۇرلۇك ئىنكاسلاردىن ھوزۇرلىناي دەپ يازمىدىم،تىل ئاڭلىغۇممۇ يۇق. ئەگەر راستىنلامىنى تىللايدىغلار بولسا قارغۇلارچە ئۇيغۇرغا بولغان شەرەپ قارىشىنى چىقىش قىلىپ تىللىماي،مىنىڭ يۇقارقى ئىككى مەسىلە ھەققىدىكى گۇمانىمنى ئاغدۇرۋىتەلەيدىغان قارىشىنى سۆزلەپ بولۇپ تىللىسا. ھەرگىزمۇ شۇنچە ئادەم گاچىمۇ،ئۇيغۇرغا سەن نىمە ئىجاد قىلىپ بەردىڭ، دۆلەتلىك ئەقلى مۇلۇك ئىدارىسىمۇ ھىچنىمنى بىلمەمدۇ دىگەندەك گەپلەرنى دەستەك قىلمىسا (چۇنكى مەن بۇ ماتۇر ھەركەتلەنمەيدۇ ياكى پاتنىتقا ئىرىشەلمەيدۇدىمىدىم، ھەم پاتنىت توغۇرسىدا توختىلىپمۇ ئۆتتۇم).
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئېھسان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-13 09:37 PM