مەنبە:
http://www.artedge.cn/portal.php?mod=view&aid=4866
ئىلاۋە:
كوچا خەۋەرلىرى،تەشۋىقاتلارىدىن بۇ تاغنى خۇددى بىر دۆۋە ئەخلەت دۆۋىسىدەك ،ئۈرۈمچى
شەھىرىگە يېپىشقان يېغىر دەپ ئاڭلاپ تۇرىمەن.بۇ چاغدا مەن ئۇنداق دىگەندىن كۆرە
بۇ شەھەرنى توختىماستىن زورۇيۋاتقان خام خىياللار دۇنياسى دىگەن تۈزۈك .
ئەمەلىيەت بىلەن خام خىيال ئەزەلدىن بۇ يەردىكى كىشلەرنى ئەگىپ كەتمەيدۇ .
يامالىق ،بۇ سۆز مۇڭغۇل تىلىدا «ئۆچكىلەر ماكانى› دىگەن مەنىدە،ئۇ شەرىقتىن كېلىپ
غەربى شىمال تەرەپتىكى ئۈرۈمچىگە سوزۇلغان تاغ تىزمىسى ،ئۇ سەرسانلارنىڭ ماكانى .
كېيىن بۇ يەرگە يىغىلغان سەرسانلار ئىككى تۈمەن ئائىلىك كەپىلىكلەر رايونىنى شەكىللەندۈردى
تىيەنلىن بۇ يەردە ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ رەسىمگە تارتتى.ئۇ تەمكىن ھالدا ئاپىراتىدا چەكسىز سۆيۈنۈش ھېسياتى بىلەن يامالىق تېغىدىكى ۋەيرانە ۋە قاقاسلىق ،ئۇنىڭدا ھايات كەچۈرۋاتقان كىشىلەر توپىنىڭ (بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ) تەرتىپسىز ھەمدە نام نىشانسىزلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈردى .خۇددى تىيەنلىن دىگەندەك ،بۇ يەردىكى بالىلار خۇددى شامالغا ئەگىشىپ
ئەسەبىي چايقىلىدىغان ،ئاستا –ئاستا ئاستا چوڭ بولۇپ ،ئاخىرى جىمجىتلىشىپ كېتىدىغان
ئوت –چۆپلەرگە ئوخشايتتى .بۇ بەلكىم ھەقىقى يامالىق تېغىدور .
تىيەنلىن،ئۇ 1971-يىلى شىنجاڭ ۋۇجىيا چۇ بىڭتۈەن ئېچىش مەيدانىدا توغۇلۇپ ،ئاشۇ
قاقاسلىقتا چوڭ بولدى .1994-يىلى شىنجىياڭ مالىيە ئىقتىساد ئوقۇلىنى پۈتتۈرۈپ ،خىزمەتچى بوپباقتى ،قوي يۇڭى يىغىپ باقتى ،ماگىزىن ئېچىپ باقتى ،تەنزە بەيلەپ باقتى ،ئەڭ ئاخىرىدا
سەرسانلىقنى تاللاپ 2000-يىلى فوتوگرافلىقنى ئۆگەندى ،2004-يىلدىن ھازىرغىچە
مەخسوس يامالىق تېغى نامدا رەسىم تارتىپ كېلىۋاتىدۇ .
مەن بىر ئۆزەم جاھان كەزدىلىكنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم .بەزىلەر مېنىڭدىن ،
سەن زادى نەگە بارىسەن دەپ سورىشىدۇ .مەن ھېچيەرگە بارمايمەن ،پەقەت ئۇچىرغان
يەرنى كۆرىمەن دەپ جاۋاپ بىرىمەن .مەن دائىم ئوخشىمىغان سەھەردە ،چۈشتە ۋە كەچتە
ئوخشىمغان يەرلەرگە بېرىپ ئاپراتىم بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى ئادەملەر ،ئىشلار ،ھىسياتىمنى
خاتىرلەپ چىقىمەن .قىش كىلەي دىگەندە ،ئولانباينىڭ سايلىقىدا ئالماس ئىسىملىك
بىر بالا بىلەن تونۇشۇپ قالدىم ،ئالماس ئۇچ ئاغىنىسىنى كەينىگە سېلىپ بەڭباشلىق
قىلىۋېتىپتۇ .مەن ئۇلارنى رەسىمگە تارتىۋالدىم .ئاندىن ئۇلار قاردا بىر بىرى بىلەن
چېلىشىپ كەتتى .ئاخىرىدا ۋارقىراشقىنىچە قىيغېتىشىپ كەتتى .مەن يىراقتىن ئۇلار بىلەن
خوشلاشتىم .مەن ئۇلارنىڭ بىر تەرەپتىن مېنىڭ بىلەن خوشلىش ئۈچۈن قول پۇلاڭلىتىۋاتقانلىقىنى
بىر تەرەپتىن بۆكىنى ئاسمانغا ئېتىشقىنىنى كۆردۈم .
ئاپىرىل ئېيى،يامالىق تېغى .
ئاشۇ بالىلارنىڭ مەندىكى خاتىرىسى مېنى ئاخىرى بۇ يەرگە باشلاپ كەلدى .
باھاردىكى شاماللىق كەچقۇرۇندا مەن خۇددى بىر توپ سەرسان ئەرۋاھلاردەك،قۇم بورىنى
بىلەن بىر يولدا ئاشۇ ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان كوچىدىن،كىسەك ئۆيلەردىن ،تۆپىلىكلەردىن
ۋە ئەخلەت دۆۋىلىرىدىن سىپاپ ئۆتتۈم .ئۇ بالىلار خۇددى ئەزەلدىن باردەك ،بۇ چىرايلار
بەلكىم يامالىق تېغىنىڭ ھەرقانداق بۇلۇپ پۇشقاقلىرىدىن تۇيۇقسىز پەيدا بولاتتى .ئۇلار
خۇددى مېنىڭ ئىلگىرىكى چۈشلىرىمدەك تونۇش ،يېقىملىق بولۇپ،مېنى ئوتتۇز يىل
ئىلگىرىكى باشقا بىر جايغا ئېلىپ بارغاندەك ھىسياتقا كەلتۈردى .ئىشىكلەر قاتتىق ئىتىلىپ،مېنى
مەڭگۈ سىرتتا قويۇپ ،بار ئەتراپقا سەرسان بولۇشقا مەجبور قىلدى .ھەممە نەرسە لەيلىگەندەك
ھەمدە ئىنتايىن يېقىملىق تۇيغا بىرەتتى .مەن تەبىئىي ئۇسول بىلەن بۇ سەبىي چىرايلارنى
،خۇددى يەنە بىر دۇنياغا كەڭ ئېچىلغان دەرۋازىغا ئوخشايدىغان كۆزلەرنى رەسىمگە تارتتىم .
2006年
تەرجىمىدە :
مەن