Google 地球 دىگەن بۇ يۇمشاق دېتال ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولسا كېرەك. ئەمما بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ دۇنيادىكى چوڭ شەھەرلەرنى، مەسىلەن: نېيۇيورك، ۋاشنگتون، لوس ئانجېلىس، توكيو، پارىژ، رىم، مادرىد، لوندون...قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنى كوچىمۇ كوچا كىرىپ كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا بەزى شەھەرلەرنى كىچىك تاركوچا ۋە ئارقا كوچىلارغىچە كىرىپ كۆرگىلى بولىدىغان ئىقتىدارىنى بىرقىسىم دوتلار بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تاركوچىلىق مەھەللىرىنى(شەھەر ئەتراپىدىكى مەھەللىلەرنى) شۇنداق ئېنىق كۆرگىلى بولىدىكەن. چەتئەللەرگە چىقىپ ساياھەت قىلىش ئارزۇسى بار دوستلار چوقۇم قىزىپ كۆرۈشى مۇمكىن. ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى رەسىملەردىكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ باقايلى.
1. بۇ يۇمشاق دېتالنى قوزغاتقاندىكى كۆرۈنۈشى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
2. مەلۇم جاينى نىشانلاپ، شۇ ئورۇنغا مائوسنى قوش چەكسىڭىز، سىز كۆرمەكچى بولغان جاي بارغانسىرى ئوچۇق كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. ھەتتا ئۆيىڭىزنىمۇ تاپالايسىز. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىسى ئاۋسترالىيە.
3. بەزى شەھەرلەردە داڭلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ 3D ھالىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن، يۇمشاق دېتالدا شۇخىل ھالەتكە تەڭشەيدىغان يېرى بار. شۇ يەرنى تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمنىڭ سول تەرەپتىكى 3D دىگەن خەت بار تاللاش تۈرىگە قارىسىڭىز بولىدۇ. شۇ ئورۇندا يەنە باشقا نۇرغۇن تاللاش تۈرلىرى بار، ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن ئۆزىڭىز تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى بۇ دىتالنىڭ خەنزۇچە نۇسخسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.
4. ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى يۆنىلىش سىترىلكىلىرى تۇرغان ئورۇندىن يەرشارىنىڭ يەر يۈزى كۆرۈنۈشىنى تەكشى كۆرۈنۈش ھالىتىگە ( ئۈستى تەرەپنى تۆۋەنگە بېسىپ، ئاستى تەرەپنى يۇقىرىغا كۆتۈرسىڭىز بولىدۇ) ئەكىلىپ كۆرسىڭىز، راستتەكلا تۇيغۇ بېرىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.
5. چوڭ شەھەرلەرنىڭ كوچىلىرىغا كىرىپ ساياھەت قىلىش ئۈچۈن، سىز يەريۈزىنى داۋاملىق يېقىنلاتسىڭىز، يېقىنلىتىش ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەندە ، يەريۈزى خۇددى يېنىمىزدىكى يەريۈزىگە ئوخشاش تەكشى ھالەتتە كۆرۈنۈش ھالىتىگە ئۆتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوڭ تەرەپ يۇقىرى بۇرجەكتە كىچىك بىرتال بىنانىڭ شەكلى ۋە ئادەمنىڭ شەكلى رەسىمى چىقىدۇ. سىز ئادەمنىڭ شەكلى بار كونۇپكىنى بېسىپ، سەل ساقلىسىڭىز، ھەممە يەر ئوچۇق كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ.
قالغانلىرىنى ئىشلىتىش جەريانىدا بىلىۋالالايسىز.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
چۈشۈرۈڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Yurtum07 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-13 07:58 PM