چۆكۈۋاتقان ئارالدىكى مۇھەببەت
خۇشاللىق، قايغۇ ، بىلىم ۋە مۇھەببەت بىر كىچىك ئارالدا بىللە تۇرىدىكەن.ئارالدا يەنە باشقا بىر خىل ھېسسىياتلارمۇ بار ئىكەن.بىر كۈنى ھېسسىياتلار ئارالنىڭ چۆكۈپ كېتىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ قاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن ئارالدىن كېتىش ئۈچۈن قېيىق تەييارلاشقا كىرىشىپتۇ.ئارالدا يالغۇز مۇھەببەتلا قاپتۇ،ئۇ بۇ ئارالدا ئاخىرقى مىنۇتقىچە تۇرماقچىكەن.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئارال راستىنلا چۆكۈشكە باشلاپتۇ.مۇھەببەت باشقىلاردىن ياردەم تىلەشكە مەجبۇر بوپتۇ.
بۇ چاغدا بايلىق بىر چوڭ كېمە بىلەن ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قاپتۇ.
- بايلىق، مېنى ئېلىۋالامسەن؟ - دەپتۇ مۇھەببەت.
- ئېلىۋالالمايمەن دەپتۇ ،- دەپتۇ بايلىق،- كېمەمدە نۇرغۇن ئالتۇن كۆمۈش بار،سەن ئولتۇرغىدەك ئورۇن يوق.
- مۇھەببەت شۆھرەتپەرەسنىڭ چىرايلىق بىر قېيىقتا كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ئۆتۈنۈپتۇ:
- شۆھرەتپەرەس، مېنىمۇ ئېلىۋالغىنا!
سېنى ئېلىۋالالمايمەن،ئۈستىبېشىڭ پۈتۈنلەي ھۆل بۇلۇپ كېتىپتۇ ،مېنىڭ بۇ چىرايلىق قېيىقمنى بولغىۋېتىسەن-، دەپتۇ شۆھرەتپەرەس.
- بۇ چاغدا قايغۇ كېلىپ قاپتۇ، مۇھەببەت ئۇنىڭدىن ياردەم سوراپتۇ:
- قايغۇ ، مېنىمۇ ئېلىۋالغىنا ، بىللە كېتەيلى.
-ھەي ...مۇھەببەت مېنى بەكمۇ قايغۇ بېسىپ كېتىۋاتىدۇ بىردەم ئۆزۈم يالغۇز تۇرغۇم بار ،-دەپتۇ.قايغۇ ، خۇشاللىقمۇمۇھەببەتنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئۇ بەك خۇشال بولغاچقا ،مۇھەببەتنىڭ ئۆزىنى چاقىرغىننى ئاڭلىماي قاپتۇ!
تۇيۇقسز بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ.
بۇ ياققا كەل، مۇھەببەت، سېنى مەن ئالغاچ كېتەي،ئۇ بىر مويسىپىت ئىكەن .مۇھەببەت خۇشاللىقىدا ئۇنىڭ ئىسمىنى سورىۋېلىشنىمۇ ئونتۇپتۇ.ئۇلار قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن ، مويسىپىت ئۈن- تىنسىز كېتىپ قاپتۇ .
- مۇھەببەت ئۇ مويسىپىتنىڭ مېھر – شەپقىتىدىن چەكسىز مىننەتدار بۇلۇپ، يەنە بىر مويسىپىت بىلىم دىن سوراپتۇ:
- ماڭا ياردەم قىلغان بايىقى ئادەم كىم بولىدۇ؟
- ئۇ ۋاقىت،- دەپتۇ بىلىم.
ۋاقتتىن- سوراپتۇ مۇھەببەت،- ئۇ نېمە ئۈچۈن ماڭا ياردەم قىلىدۇ؟
بىلىم كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋاپ بېرىپتۇ:
- چۈنكى ،مۇھەببەتنىڭ قانچىلىك ئۇلۇقلىقىنى بىر ۋاقىتلا چۈشىنىدۇ!
مۇھەببەت ۋاقتىنىڭ سىنىقىغا مۇھتاج.
سېنى سۆيىمەن دېگەن سۆزگە ھېچقانداق ۋاقىت كەتمەيدۇ، لېكىن ئۇ بىر ئادەمنىڭ بىر ئۆمۈر تەقدىم قىلىشىغا باغلىق.
تەرمىلەر ژورنىلىنىڭ 2005-يىللىق سانىدىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا .tuz. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-13 06:25 PM