ج خ مېنىستىرلىكى «6-يانۋار» بۇلاڭچىلىق دىلوسىنى 1 – نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار دىلوسى قىلىپ بىكىتتى
12- يانۋار خۇنەن ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنى ئېچىپ ، چۇڭچىڭ ، چاڭشا ، نەنجىڭلەردە يۈز بەرگەن بىر قاتار قۇراللىق بۇلاڭچىلىق قىلىش ، قاتىللىق قىلىش دىلوسىنىڭ رازۋىتكا قىلىش ئەھۋالى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تونۇشتۇردى .
2012 – يىلى 6 – يانۋار ، جاڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرى شياگۈەن رايونىدىكى بىر يېزائىگىلىك بانكىسىدا بۇلاڭچىلىق قىلىش دىلوسى يۈز بەردى . بىر ئەر جىنايەت گۇاماندارى قۇرال بىلەن مەلۇم شىركەتنىڭ پۇل توشۇش خادىمىنى ئۆلتۈرۈپ ، 19 مىليون 900 يۈەن نەق پۇلنى بۇلاپ قىچىپ كەتكەن . ج خ مېنىستىرلىكى رازۋىتكا قىلىش ئارقىلىق ، بۇ جىنايەت گۇماندارىنىڭ چوڭچىڭ ، چاڭشالاردىكى قۇراللىق بۇلاڭچىلىق قىلىش ، قاتىللىق قىلىش دىلوسىنىمۇ سادىر قىلغان جىنايەت گۇماندارى ئىكەنلىكىنى بىكىتتى .
نەنجىڭدىكى قۇراللىق بۇلاڭچىلىق قىلىش دىلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، خۇنەن ساقچى دائىرلىرى دەرھال خىزمەت گورۇپپىسى تەشكىللەپ نەنجىڭگە دىلونى پاش قىلىش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىشقا ئەۋەتتى ھەمدە مۇشۇ بىر قاتار دىلودىكى ئىگىلىگەن دىلونىڭ ئۇچۇرلىرى ۋە جىنايەت گۇماندارىغا مۇناسىۋەتلىك سىن ماتېريالىنى نەنجىڭ ساقچى دائىرلىرىگە تەمىنلەپ بەردى .
خۇنەن ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى جىنايى ئىشلار باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ئاۋ پىڭياڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، 9 – يانۋار ج خ مېنىستىرلىكى نەنجىڭدە 6 – يانۋار دىلوسىنى پاش قىلىش ماسلاشتۇرۇش يېغىنى ئېچىپ ، نەنجىڭ ، چوڭچىڭ ، چاڭشالاردا يۈز بەرگەن بۇ قېتىملىق بىر قاتار قۇراللىق بۇلاڭچىلىق قىلىش ، قاتىللىق قىلىش جىنايى ئىشلار دىلوسىنى «1- نومۇرلۇق» دىلو قىلىپ بىكىتكەن . شۇنداقلا جاڭسۇ ، خۇنەن ، چوڭچىڭ ساقچى دائىرلىرىنىڭ رازۋىتكا قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىشنى ، باشقا ئۆلكىلەردىكى ج خ ئورگانلىرىغا جىنايەت گۇماندارىنىڭ شۇ ئۆلكىلەرگە قىچىپ بىرىپ يوشۇرنىۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى .
ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنىدىن ئىگەلىنىشىچە ، جىنايەت گۇماندارىنىڭ تەققى – تۇرقى ھالىتى : ئەر ، 40 ياش ئەتراپىدا ، ئىگىزلىكى 170 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ، ئوتتۇرا بوي ، تىرىسى بىر قەدەر قارىراق ، ئۆلچەملىك بولمىغان ئورتاق تىل ئىشلىتىدىكەن .
تور مەنزىلى : قانۇن بلوگى
http://www.kanunblog.com/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-13 11:34 AM